ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خوش كەپسىز
دەرسلىك كىتابلار
پەلسەپە، پىسخولوگىيە ۋە لوگىكا
ئۇنىۋېرسال ئەسەرلەر
ئەدەپ ـ ئەخلاق، پەندى ـ نەسىھەت
تېبابەت ۋە ساغلاملىق
ئارخېئولوگىيە
ياش-ئۆسمۈرلەر
قانۇن-سىياسەت
رەشكى - ھەسەت

رەشكى ـ ھەسەت

تاھىرجان ئابباس


قەغەز ـ قەلەمگە يات بىرى بولمىغان بولساممۇ قانداقتۇ بۇ قېتىم قولۇمغا قەلەم ئالغىنىمدا تەمتىرەپ تۇرۇپ قالدىم. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى. بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە نېمە ھەققىدە يېزىش ۋە تېمىسىنى قانداق تاللاش ئۈستىدە كۆپ ئويلاندىم. بىر قانچە ماتېريال كۆردۈم. ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ئىمىننىڭ ”يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت“ ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇپ تاماملىغىنىمغا بىر قانچە كۈن بولغان بولسىمۇ، بۇ ئەسەرنى يەنە قايتا ئوقۇپ چىقىش قارارىغا كەلدىم ـ دە، قولۇمغا كىتابنى ئېلىپ مۇندەرىجىسىگە نەزەر سالدىم. كۆردۈمكى، ”روھنى ساغلاملاشتۇرۇش مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەددىمىسى“ دېگەن ماقالە كۆز ئالدىمدا جۇلالىنىپ تۇرۇپتۇ. كىتابنىڭ باش بېتىگە تىزىلغان بۇ ماقالە ئۆز ئىچىگە ئالغان تېمىلارغا كۆز تىكتىم؛ ”ھەسەتخورلۇق – مىللەتنى خارابلاشتۇرىدىغان خەتەرلىك روھى ئىللەت “ دېگەن تېما دىققىتىمى تارتتى. بۇ تېمىنى قايتا، قايتا ئوقۇپ چىقتىم، ئاخىرىدا بىر قانچىلىغان ئىللەتلەر ئىچىدىن ”رەشكى ـ ھەسەت“ تىن ئىبارەت بۇ روھى ئىللەتنى سۈزىۋالدىم ـ دە، ئۆزۈمگە سۇئال قويۇپ: ”زادى بۇ ئىللەتنىڭ بىزدىكى ۋەزىن ئېغىرلىقى قانچىلىك؟“ دەپ قەلبىمنىڭ جاھان ئەينىكىگە قاراپ ئۆزىمىزنىڭ ماكان سەتھىدىكى قىياپىتىمىزگە نەزەر سالدىم. نېمە ئامال، مېنىڭ، سىزنىڭ ئۇنىڭ ھەتتا ھەممىمىزنىڭ روھىيىتىمىزدا ”مايلىق قۇرت“ تەك ئۆمىلەپ تۇرغان تالاي روھى ئىللەتلىرىمىزنىڭ ”مەنلىك“ ھالقىسىغا چېتىلغان مەزكۇر ئىللەتنىڭ ھاكاۋۇر گەۋدىسىنىڭ ”سەمىرىۋالغان ئەرۋاھ “ قا ئوخشاش مەغرۇرانە ھالەتىنى كۆردۈم. ئاخىرى قاپ يۈرەكلىك قىلىپ بۇ خىل ”سېمىز ئەرۋاھ“ نىڭ ئۇ خىل ”ئورۇق ئەرۋاھ“ نى غاجىلاپ يەپ، سەمىرىپ غاپىللىق خامۇشلىقى ئىچىدە ئۆزىنى بىلمەس، ئەدەپكە قايتماس، ئادەمىيلىكتىن ئۇزاق روھى خەستىلىككە مۇبتىلا قارا دىلىنى مەنەۋىي ئوپېراتسىيە پىچىقى ماھىيىتىدىكى قەلەم تىغىم بىلەن يېرىپ تاشلاش مەقسىتىدە، ناھايەت بۇ تېمىغا پىكىر ئايۋىنىمنىڭ تۆر بېشىدىن ئورۇن بەردىم.
رەىشكى ـ ھەسەت، مىللەتنىڭ قەلبىنى تىلىدىغان روھى ئىللەت ۋە پارچىلىنىپ كېتىش ھالاكەت تراگېدىيىسى. رازى رەشكى ـ ھەسەت توغرىسىدا: ”ھەسەت بىر خىل يامان ئادەت، ئۇ ئىچى تارلىق ۋە بېخىللىقنىڭ بەلگىسى. ھەسەتخور ئۆزى ئېرىشەلمىگەچكە، باشقىلارنىڭمۇ ئېرىشىشىنى ھەرگىز خالىمايدۇ“ [1] دېگەن بولسا،  ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ئىمىن ئۆزىنىڭ يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت ناملىق ئەسىرىدە بۇ روھى مەرەز ھەققىدە مۇھاكىمە خاراكتېرلىك يەكۈن چىقىرىپ، ھەسەتخورلۇق روھىيتىنىڭ ھەقىقى قىياپىتىنى مۇنداق ئېچىپ بەرگەن: ”مەلۇمكى، رەشكى ـ ھەسەت روھى ئازادىلىك، ئەركىن دېمۇكراتىك روھنىڭ دەل ئەكسىچە مىللەت روھىيىتىدىكى جۈملىدىن، ھەسەتخور ۋۇجۇدىدىكى ئەسەبى ئىللەت. رەشك ـ ھەسەت ئەپسانەۋىي چۆچەك شەكلىدىكى دوزاخ بولماستىن، دەل رېئال، ھەقىقى جەھەننەم. ئۇنىڭ ئوتلىرى نەپسانىيەت ۋەسۋەسىسى بىلەن يانغان. ئۇنىڭ ئاپەتلىك يالقۇنلىرى ئۆزىنىڭ ناقابىللىقى ۋە بەخىتسىزلىكى بىلەن باشقىلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە سائادەتمەنلىكىنى دۇم يېتىپ سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەن. بۇ خىل ھەسەت يالقۇنلىرى ئۇنىڭ ئىقتىدارىغا ۋە بەخىتكە ئېرىشىش مۇمكىنلىكلىرىنىڭ باش كوزىرى بولغان ئەقىل جەۋھىرىنى كۈل قىلىپ، ئۇنى تەپەككۇر، روھىيەت، خۇلق ـ مىجەز ۋە جىسمانى جەھەتتىن خورىتىپ خاراپلىق توپىسىغا يېقىنلاشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ تىرىكلەر ئارىسىدىكى پائالىيەتلىرى ھەسرەتتە ئۆلگەن ھەسەتخور ئەرۋاھنىڭ قىساسكار تەلۋىلىكلىرىگە ئوخشاپ كېتىدۇ. ھەسەتخور باشقىلارنىڭ سۈرىتىنى تامغا ئېسىپ قويۇپ، ئۇنىڭ بەدىنىگە چاڭگال سېلىپ، گۈشىنى تىتىپ يېگەندەك خىيالى كۆرۈنىشتىن ئۆزىنى بەزلەپ، ئەمەلىييەتتە ھەر دەقىقە ئۆزىگە چاڭگال سېلىپ، ئۆز گۆشىنى ئۆزى يېگۈچىدۇر " [2]

ئەسلىدە ئىنسانلارنىڭ يارتىلىشى كائىناتنىڭ ئەڭ گۈزەللىك سىمۋولى بولسىمۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن ئىستېدات، قابىلىيەت ۋە ئەقىل نۇرلىرىنىڭ پەرقلىق بولۇش سەۋىبىدىن ئۇلار تەشكىل قىلغان جەمئىيەتمۇ شۇ جەمئىيەتنى شەكىللەندۈرگۈچى شەخىسلەرنىڭ مەدەنىيەت مۇستىۋاسى، كەشپىيات -  ئىختىراسى، تەپەككۇر رەھنەماسى، ئەخلاق ئۆلچىمىگە قاراپ پەرقلىك گۈزەللىكلەر بىلەن بېزەلگەن. جۈملىدىن غەرب ئەللىرىنىڭ ياۋروپا ـ ئاسىيا قۇرۇقلىقىدا ئۆز ئارا ئۇچرىشىش بەلبېغى مەركىزى ئاسىيادا ياشاپ كەلگەن بۈگۈنكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى ئاتا بوۋىلىرىمۇ، تەخمىنەن مىلادىدىن 5 ، 6 ئەسىر ئىلگىرى باشلىنىپ ئىككى مىڭ يىلدەك داۋاملاشقان يىپەك يولى ئالاقىلىرى ۋاستىسى بىلەن، ئۆز دەۋرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىدە ئۆزىگە خاس جاھانساز مۆجىزە يارىتىپ، ئىنسانىيەت ئالىمىنىڭ گۈللىنىشىگە ئۆزلىرىنىڭ زور تۆھپىلىرىنى تەقدىم قىلغان. زاماننىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ ئىنسانلارنىڭ ئاڭ ـ ساپاسىنىڭ كۆتۈرلىشى، مائارىپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەتلىرىنىڭ گۈللىنىشى، دېڭىز ـ ئوكيان ۋە قۇرۇقلۇق يوللىرىنىڭ تەرەققى قىلىشى، پەن ـ تەرەققىيات سانائەتلىرىنىڭ ئۇچقاندەك ئىلگىرلىشى نەتىجىسىدە بەش ئەسىردىن بېرى چۆلدىرەپ تەدرىجى قۇم بېسىپ كەتكەن قەمدىكى يىپەك يولى بىلەن بىللە مىللىتىمىزنىڭ بىقىياس ”شانلىق ئۆتمىشى“ شۇ قۇم ئاستىغا كۆمۇپ تاشلاندى. بۇنىڭدىكى ئاساسلىق ئىللەتنى مۇقەددەس ۋەتىنىمىز باغرىدا خۇددى كەۋسەر ئېقىتىپ نەچچە مىڭ يىل ئاققان قەدىمكى يىپەك يولىنى قۇم ئاستىدا قويۇپ كەتكەن شۇ بەش ئەسىرنىڭ مابەينىدىكى ۋاقىت تىزمىسىنىڭ تارىخ سەھىپىلىرىدىن ئىزدەيدىغان بولساق، ھەر بىر سەھىپىدە ئۆزگىنى غاجاپ ئۆزىنى بوداش، تۆھمەت تېشى ئېتىپ پىتنە تۇغدۇرۇش، گۇرۇپلۇشۇپ باشقىلارنى سەھنىدە ئۇرۇش، مەنسەپ ـ ماقام ھېرىسمەنلىكى ئوچىقىدا ئۆزگىنىڭ بېشىنى ئۈكلەش، يۇرت، مەھەللە ۋە گوروھۋازلىق غېمىدا ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىگە قىزىل كۆزلۈك قىلىش، تەمەخورلۇق يۈزىنى تەڭلەپ دىۋانە بولۇش، خۇشامەتچىلىك قىلىپ ئىنسانى غۇرۇرىنى دەپسەندە قىلىش، ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىپ نامەردلىك قىلىش، چېقىمچىلىق قىلىپ خائىنلىق قىلىش، ساتقىنلىق قىلىپ دۇستۇم، ئۇستازىم دېمەي ئاسىيلىق قىلىش، ھاماقەتلىك قىلىپ پىتنىگە يول ئېچىش، شۆھرەت پەرەستلىك قىلىپ مەمەدان بولىۋېلىش، خۇمسىلىق قىلىپ تالانت ئىگىلىرىنى ئارقىدىن ئۇرۇش، ھورۇنلۇق قىلىپ ئومۇمنىڭ ئىشىغا قاتناشماسلىق قاتارلىق بىر تۈركۇم ھالاكەت ھالقىسىغا چېتىشلىق سەلبى ھالەت  قېلىپلىرىنى شەرەپ تاختىسى قىلىپ بوينىغا ئېسىۋالغان رەشكى ـ ھەسەت ۋە مەنلىك  قەھرىمانلىرىنىڭ تىغىدا قۇربان بولغان بابا رەھەىم مەشرەب، مۇھەممەد سىدىق زەلىلى، مۇھەممەد بىننى ئابدۇللاھ خاراباتى، ئابدۇقادىر داموللام، مەمەت ئېلىي ئەپەندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللاھ مۇتەللىپكە ئوخشاش قانچىلىغان ئىرپان بۇلاقلىرىمىزنىڭ [3] ئىسسىق قانلىرى بىلەن بويالغانلىقىنى كۆرىمىز.

ئۆز ۋاقتىدا جانابى ئاللاھ ھەزرىتى ئادەم ئەلەيھىسسالامنى تۇپراقتىن يارىتىپ، ئۇنى ھۆرمەتلەش يۈزىسىدىن پۈتۈن پەرىشتىلەرنى ئۇنىڭغا سەجدە قىلىشىغا بۇيرىغاندا، شەيتان ئۆزىنىڭ ئوتتىن يارىتىلغانلىقىغا تەمەننا قىلىپ ھەسەتتىن مەنلىك ھاكاۋۇرلىقى ئېشىپ ئادەم ئەلەيھىسسالامغا سەجدە قىلىشتىن باش تارتىپ، جانابى ئاللاھنىڭ رەھمەت دائىرىسىدىن قوغلانغان، ئاندىن جانابى ئاللاھنىڭ ئادەم ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئايالى ھەۋۋانى جەننەتتە تۇرغۇزۇپ ئۆزىنىڭ نېمىتىدىن بەھرىمەن قىلغانلىقىغا چىدىماي ھەسەت قىلىپ ئۇلارنى ئازدۇرۇپ نەتىجىدە ئۇلارنىڭ جەننەتتىن چىقىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان. ھەزرىتى ئادەمنىڭ ئوغۇللىرى ــ ھابىل بىلەن قابىل، ئۆز ۋاقتىدا ئاللاھ ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇلغان، نەتىجىدە ھابىلنىڭ قۇربانلىقى قوبۇل بولۇپ قابىلنىڭ قوبۇل بولمىغان، بۇنىڭغا چىدىمىغان قابىلنىڭ دىلى ھەسەت ۋە مەنلىك ئوتىدا كۆيۈپ ئاقىۋەت ئۆز قېرىندىشىنى ئۆلتۈرۈش بىلەن يەر يۈزىدە تۇنجى قېتىم ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتىنى سادىر قىلغان.

دېمەك رەشكى ـ ھەسەت ۋە مەنلىك پەقەت بىز مىللەتنىڭ ئىختىراسى ياكى نوقۇل مەھسۇلىمۇ ئەمەس. بەلكى، ئۇنىڭ ئۇرۇغىنى كۆكتە ئىبلىس سالغان بولسا، قابىل يەردە كۈچىتىنى تىككەن. مەلۇم مەنىدە بۇ ئىللەت باشقا مىللەت ـ خەلقلەر روھىيتى ۋە ئىجتىمائى تورمۇشىدىمۇ كۆرۈنىدۇ. لېكىن شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى، بۇ ئىللەتلىك كۈچەتنىڭ يىلتىز تارتىپ كۆكلەپ باراقسانلىشىشىدا نىياز ھېكىم بەگ، مەھمۇد پوچى، يۈسۈپ چاڭموزا، ھېلىم مەزىن ( تاز مەزىن ) ۋە ئابدۇغۇپۇر داموللا شاپتۇلدەك [4] ”ئۇستا باغۋەنلىرىمىزنىڭ“ جاپالىق ئەمگىكىنىڭ مىھنەت ئەجرى باشقا ئەللەردىكى باغۋەنلەرنىڭ ئەمگەك مەھسۇلىنى ھەسسىلەپ بېسىپ چۈشكەن.

شۇ ئاچچىق ھەسرەتكى، مەزكۇر باغۋەنلىرىمىزنىڭ زەققۇم مېۋىلىرىدىن يەپ رەشكى ـ ھەسەت ۋە مەنلىك ئىللەتلىرىنى بۈگۈنكى تەرەققىيات ۋە ئۇچۇر دەۋرىگە ئۇيغۇن تۈركۈملەشتۈرۈپ پائال ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئادەم سۈرەت، ئىبلىس تەبىئەت مەخلۇقلار بۈگۈنمۇ يوق ئەمەس. يوق ئەمەسلا ئەمەس؛ بەلكى تەرەققى قىلىپ گوروھ، گوروھ، پىرقە، پىرقىگە بۆلۈنۈپ سايلام ھەسەتلىرى، مۇكاپات ھەسەتلىرى، ئەسەر نەشىر قىلىش ھەسەتلىرى، ئىلمى مۇۋەپپىقىيەت ھەسەتلىرى، ئۇنۋان باھالاش ھەسەتلىرى، ئەمەل ـ دەرىجە ھەسەتلىرى، توي ـ تۈكۈن ھەسەتلىرى، ئۈلپەت ـ مەشرەب ھەسەتلىرى، يۇرتۋازلىق ھەسەتلىرى، قەددى ـ قامەت ھەسەتلىرى، بەختى ـ ئامەت ھەسەتلىرى [5] گە ئوخشىغان رەشكى ـ ھەسەت ۋە مەنلىكنىڭ ھەر خىل شەكىل ـ نۇسخىلىرىنى كەشىپ قىلىپ تەنزە ئاچماقتا. تەنزىسى بازا تاپمىسا كۇسۇلدىشىپ دوستلىشىپ، سوكۇلدىشىپ شېرىكلىشىپ، بۇرۇن يالىشىپ ئۈلپەتلىشىپ غايىۋانە ھەسەتخورلۇق، ۋاكالىتەن ( ھاۋالە خاراكتېرلىك ) ھەسەتخورلۇق، ئۆزىنى نەس باسقانلىقنىڭ ئۆچىنى چىقىرىۋېلىش خاراكتېرىدىكى ھەسەتخورلۇق، ئۆزىدىن بىر ـ ئىككى زامان كېيىنكىلەرگە قارىتىلغان ھەسەتخورلۇق، ئۆزىدىن پىشقەدەملەرنى پۇتلىكاشاڭ سانايدىغان ھەسەتخورلۇق قاتارلىق تېخىمۇ غەلىتە، ئاجايىپ، غارايىپ رەشىك ـ ھەسەت تۈرلىرىنى [6] ئىختىرا قىلىشىدۇ. بۇ مەخلۇقلارنىڭ نەزىرىدە ئاجىزلارنىڭ ئاچچىق نالىسى ئۆزىنىڭ ھۇزۇر خوشلىقى، زالالەت ئىڭرىشى ئۆزىنىڭ ھالاۋەت مۇڭى، جاھالەت يارىسى ئۆزىنىڭ يېتىك دورىسى،  كۈلپەت قىسمىتى ئۆزىنىڭ بەخىت ئامىتى...

ئەسلى ھەقىقەت ۋە چىن ئىنسانلىق كۈنىمىزدە بولۇپمۇ بىزگە ئوخشاش ئۆز تەقدىرىنى باشقىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ پەرىيات چېكىۋاتقان دىلى سۇنۇق، كۆزى ياش، روھى ئىزىك خەلقنىڭ رېئالىيەتتىكى تەقەززاسى رەشكى ـ ھەسەت، مەنلىك ـ ئۆزمەنلىك، شەھۋەت ـ ھەۋەس كەبى مەرەز ـ ئىللەتلەرگە قارشى مۇجادىلە ۋە كۈرەش ئىرادىسىگە ئىگە ھەقىقى ۋىجدان ئىگىسى، ئىسمى جىسمىغا لايىق ۋەتەن ئوغلانىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئۇ شۇنداق ئەركسۈيەر ۋەتەن ئوغلانىكى، ھەقىقەت يولىدا پۇچۇلۇنۇپ تۇرىدىغان، باشقىلار ئۈچۈن پىداكار، چامىنىڭ يېتىشىچە سەبر ـ تاقەتلىك ۋە تەمكىن، چوڭ سۆزلەپ لاپ ئۇرۇشتىن كۆپرەك ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن ياشايدىغان، باشقىلارغا ئۆرنەك ھەرىكەت ئوغلانىدۇر. ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى مۇقەددەس دىنى، ئەزىز خەلقى، مۇبارەك ۋەتىنى يولىدا ھەر زامان يالقۇنلۇق تونۇر كەبى كۆيىدۇ، ئەمما ئۇ ”كۆيدىم“ دەپ ئەسلا نالە پەريات چەكمەيدۇ، بەلكى ئۆزىنى بىلمەي تەمتىرەپ قالغۇچىلارنىڭ زەئىپ روھىغا دىنى چۈشەنچە، ۋەتەن مۇھەببىتى، مىللى ئاڭ جۇلالىنىپ تۇرىدىغان نۇرانە ئېنىرگەيە تەقدىم قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ھەرىكەت لايىھىسىنى دائىم تارىخنىڭ ئىبرەتلىك ئەسلىمىلىرىگە قاراپ تۈزىدۇ. ئۇ شۇنداق بىر ئوغلاندۇركى، پۈتۈن تىنىقى ”دىن، ۋەتەن، مىللەت“ دەپ سۇقىدۇ، بۇ يولدا ھەرقانداق بىر ۋەزىپە ئاساسلىق تېما بولغاندا خۇشاللىق بىلەن پۈتۈن ئارزۇ ـ ئىستەكلىرىدىن ۋاز كېچەلەيدۇ، ھەممىگە باغرىنى ئاچالايدۇ، ھەممىنى قۇچاقلىيالايدۇ، ھەممە كىشى بىلەن قېرىنداشلارچە سەمىمى دوست، ۋاپادار يولداش بولالايدۇ، ھېچ كىم بىلەن جىدەل ـ ماجراغا كىرمەيدۇ ، ھېچكىمگە قارشى دۈشمەنلىك قىلمايدۇ. ئۇ ئۆز كۆز قارىشى، ئۆز چۈشەنچىسى، ئۆز مەسلەك ۋە ۋەزىپىسىگە كۆرە بىر قىسىم تاللاش ۋە ئىختىيارلاردا بولغان بولسىمۇ، قەتئى باشقىلار بىلەن رىقابەتكە، سۈركىشىشكە چۈشمەيدۇ. بەلكى دىنى، ۋەتىنى، خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولىدىكى ھەممە كىشىنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن مۇسبەت ۋە بولۇشلۇق پائالىيەتلىرىنى قىزغىن ئالقىشلايدۇ، ھەمدە ئۇلارنىڭ رەيى، كۆز ـ قارىشى، پىكىر ۋە خىزمەت پىرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىدۇ. بىر يولدا يۈرۈپ، بىر پىكىردە ئورتاقلاشقانلار بىلەن ئەسلا رىقابەتكە كىرمەيدۇ، ئۇلانىڭ ھەر قانداق ئارتۇقچىلىقى ۋە ئۇتۇقلىرىغا قەتئىي قىزغانمايدۇ، بەلكى قولىدىن كېلىشىچە ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ تۆھپە يارىتىپ قابىلىيەتلىك تالانت ئىگىلىرىدىن بولۇشىغا ياردەملىشىدۇ. ئۇنىڭ ئېڭىدا ماقام، مەنسەپ، شان ـ شۆھرەت، نۇپۇز ۋە ھەيۋەت دەيدىغان نەرسە مەۋجۇت ئەمەس. ئۇ ئۆزىنىڭ يولداشلىرىنى، مەسلەكداشلىرىنى ۋە سەپداشلىرىنى ئومۇمەن ھەر ئىشتا ۋە ھەرقانداق يەردە ئۆزىدىن ئارتۇق كۆرىدۇ. دىن، ۋەتەن، مىللەتكە خىزمەت قىلىش ئېڭىغا مەنسۇپ ھەرقانداق مەزھەب، جامائەت، تەشكىلاتلارنىڭ مۇسبەت ئۇتۇقلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ، ئۆزىنىڭ ھەر قانداق ئۇتۇق ۋە مۇۋەپپىقىيەتلىرى مۇقابىلىگە باشقىلاردىن تەنتەنە، ئالقىش ـ ساداسى كۈتمەيدۇ. بەلكى بۇ دۇنيانىڭ خىزمەت، ۋەزىپە، ئىش ـ ھەرىكەت ئورنى ئىكەنلىك ئېڭى بىلەن ئۆزىنى چىن ئىنسانلىق مەسئۇلىيىتىنى مۇكەممەل ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر ۋەزىپىدار بىلىپ، ئەجىرىنى پەقەت جانابى ئاللاھتىن كۈتىدۇ.

ئەپسۇسكى، بەش ئەسىرلىك قىسمەت ـ تەقتىرىمىزنىڭ زاۋاللىق قوينىدا يېتىشكەن تالاي ئاسى ـ جاپى، قاباھەت ئەرۋاھلىرىنىڭ ئۆتكۈر ھەسەت تىغى بىزدە مەزكۇر خىسلەتلەرگە يولداش بولالايدىغان، مىللەتنىڭ ئىستىقبالىغا پارلاق نۇر چاچالايدىغان ئەركسۈيەر ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ تۇخۇمىنى قۇرۇتۇپ تاشلىدى. شۇ سەۋەپلىك، ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ئىمىن ئۆزىنىڭ”يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت“ ناملىق كىتابىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىدەك، بۇ مۆجىزىدار زېمىندا بۆلۈنمە ھاكىمىيەتچىلىك ئۇرۇشلىرى، ئىشانچىلىق ئەسەبىيلىكلىرى، كىتاب كۆيدۈرۈش، ئىنسان پەرۋەر مۇتۇپەككۇرلارنى دارغا ئېسىش، نەچچە ئونلاپ كاللا مۇنارى ياساش، ئابدۇقادىر داموللامغا قەست قىلىش، مەمتىلىي ئەپەندىنى كۆيدۈرۈش، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا قازا چىللاش ۋە زىيالىلار خۇسۇمەتخورلىقىدىن باشقا بىزدە بىر نادىر چېچەك ئېچىلمىدى. شۇڭا ھازىرغىچە ئىچىمىزدە بىر نوپۇزلۇق رەھبەرلىك يادرۇسى يوق.

ئەمدى بىزچۇ؟ يەنە بۇ قاباھەت ئەرۋاھلىرىنىڭ قۇربانلىرى سۈپىىدە تۆگە قۇشىدەك بېشىمىزنى قۇمغا تىقىپ ياتامدۇق ياكى ”تۇرۇقۇڭنى تۈزەي دېسەڭ ئەينەككە قارا، ساۋاق ئالاي دېسەڭ تارىخقا قارا، پۇتلاشماي دېسەڭ نادانغا قارا“ [7] دېگەن ھېكمەت شامىدا ئۆتكەن ئەسىرلەر قوينىغا نەزەر تاشلاپ تارىختىن ئىبرەت ئالامدۇق؟ بۇ ھەقتە ھەممىمىز ئەتراپلىق ئويلاپ ئىنساپ بىلەن ۋىجدانىمىزنى سىلاپ كۆرەيلى!  بۇ جەھەتتە ئويلانماسلىق كامالەت روھىدىن چەتنىگەن روھى خۇنۈك، ئەقلى مەجرۇھ، پەيلى بۇزۇقلۇق كېسەلدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بىزنىڭ بۈگۈنكى ھال ـ ئەھۋالىمىزنىڭ يەنە بۇ كېسەلگە بوغۇلۇپ تەرسا رەشكى ـ ھەسەت بىلەن ۋىجدان مۇختارىيىتىگە ناباب تېرىقتەك چېچىلىپ، قۇمدەك قۇلىشالماي ”ئۇچى - بۇچى“ دىيىشىپ يۇرت، جامائەت تۈركۈملىرىگە ئايرىلىپ بېشى بوش ھايۋانلاردەك ئۆز بېشىمچە يۈرىۋېرىشكە تاقىتى يوق. بۇ جەھەتتە كۆزى ئۇچۇق، ئەقلى ئويغاق ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسى ئىنساپ بىلەن ئۆزىنى ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈپ كۆرۈپ،  مىللەتنى ئەقىل بىلەن سۆيىشى، ھەر بىر قەدىمىنى ھېرس ياكى ئۈزەكى سەتىھى نەزەر بىلەن ئەمەس ھېكمەتلىك پىكىر ۋە ھېممەتلىك غەيرىتى بىلەن بېسىشى،  ”ئويلىنىپ بېسىلمىغان ھېرىس قەدىمى مەھرۇملۇق مەنزىلىگە يەتكۈزىدۇ“ [8] دېگەن ئۇلۇغ ئىبارىنى ئۆزىنىڭ ھايات لەۋھەسىگە نەقىشلەپ ئېلىشى لازىم.

تاھىرجان ئابباس

2004 ، قاھىرە



موسا موساۋى: " ئەرەب تىلىدا يېزىلغان پەلسەپە "، ئويغۇرچە تەرجىمىسى 91 ـ بەت.
[2] . ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ئىمىن: " يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت "، 45 ـ 46 ـ بەت.
[3] . ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ئىمىن: " يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت " ، 146 ـ بەتكە قاراڭ .
[4] . ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ئىمىن: " يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت "، 146 ـ بەتكە قاراڭ .
[5] . ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ئىمىن: " يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت "، 42 ـ بەتكە قاراڭ .
[6] . ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ئىمىن: " يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت "، 44 ـ بەتكە قاراڭ .
[7] . " ئەلنى ئىدارە قىلىشقا پايدىلىق ئومۇمى ئإرنەكلەر "، 196 ـ جلد.
[8] . " كەلىلە ۋە دېمىنە "

ئىنكاسلار
ئىنكاس يوللاش