ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خوش كەپسىز
دەرسلىك كىتابلار
پەلسەپە، پىسخولوگىيە ۋە لوگىكا
ئۇنىۋېرسال ئەسەرلەر
ئەدەپ ـ ئەخلاق، پەندى ـ نەسىھەت
تېبابەت ۋە ساغلاملىق
ئارخېئولوگىيە
ياش-ئۆسمۈرلەر
قانۇن-سىياسەت
ئۈمىد نۇرى

ئۈمىد نۇرى

 

تۈن قانچە قاراڭغۇلاشسا، يۇلتۇز شۇنچە رۇشەنلىشىدۇ. تۈننىڭ زۇلمەت قوينىدا چاقنىغان ھەر بىر يۇلتۇز، ئۇ تۈن قاراڭغۇسىنىڭ باغرىغا سانچىلغان بىر خەنجەرگە ئوخشايدۇ. ھەر تەرەپتىن سانچىلغان خەنجەر زەربىسىدىن ھالسىرغان ۋەھشى زۇلمەت، ئاخىرى ئاستا ـ ئاستا نۇرغا چۆمىدۇ - دە، كۆك يۈزى شائىرانا ئىلھام دولقۇنىدا چايقىلىپ، نۇر دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ.

تارىخنىڭ سىترېلكىسى 21 ـ  ئەسىرنىڭ باشلانغۇچ توچكىسىنى جاراڭلىتىپ چېكىۋاتقان بىر پەيتتە، بىز ھەم جۈملىدىن پۈتۈن مۇسۇلمانلار كۇپرى، زالالەت،  جاھالەت ۋە نادانلىقنىڭ زەنجىرىدە پۇت ـ قولىمىز باغلىنىپ مەھكۈملىقنىڭ زۇلمەت قوينىغا تاشلاندۇق. چالا بوغۇزلۇنۇپ تاشلانغان توخىدەك تىپىرلاپ ئەتراپقا سقۇلۇپ پۈتۈن بەدىنىمىز زىدىلەندى. چارىسىزلىكتىن زۇلمەت زەنجىرى يۆگىمەچ ئوتتەك يۆمىشىپ گېلىمىزغا كەلدى، خاقىراپ جان تالىشىۋاتىمىز. ئاۋاق مۆرىلىرىمىزگە، تال ـ چىۋىقتەك ئىنچىكە بەللىرىمىزگە  يۈكلەنگەن زاماننىڭ بۇ قاتمۇ قات  پالاكەت تېراگىدىيسى ئالدادا ئاچچىق ئىڭراپ  قان يىغلاۋاتىمىز.

بېشىمىزغا كەلگەن بۇ كۈلپەتلىك ئاپەتلەر بەلكىدە بىزنىڭ ھايات ئوچىقىدا تاللىنىپ، تۇرمۇشنىڭ چوڭ كىچىك بازغان ۋە بولقىلىرىدا سوقۇلۇپ، قايتىدىن ئىنسانلىق سۈپىتىگە لايىق پىششىقلىنىپ چىقىشىمىزنىڭ باشلانغۇچى بولسا كېرەك؟ چۈنكى ئىنسان ئۆز بېشىغا كەلمىگىچە غەپلەتتە ئۆزىنى بىلمەيدۇ، نىشانى، غايىسى ۋە مجبۇرىيىتى ئۈستىدە باش قاتۇرمايدۇ. غاپىللىق ئىچىدە ھەممىنى ئۇنتۇپ ھايات ھەلەكچىلىكىدە نەپسىگە قۇل بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھەممىدىن قۇرۇق قېلىپ، تېرىك مۇردىغا ئايلىنىپ قالىدۇ – دە، گەپ قىلىدۇ چۈشەنمەيدۇ، كۆرىدۇ پەرقەتمەيدۇ، ماڭىدۇ يولىنى بىلمەيدۇ. لېكىن باشقىلار بۇنى پۇرسەت بىلىدۇ، غاپىللىقىمىزىدىن، جاھىللىقىمىزدىن ئاجىزلىقىمىزدىن پايدىلىنىدۇ. دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بۇنىڭ ئەدىبىياتىنى، پەلسىپىسىنى ئۆز مۇددىئاسىغا مۇناسىپ چۈشەندۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ھۆرىيىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى دۇنيا تەرورچۇلۇق تىزىملىكگە قاتىدۇ - دە، ئاندىن سەن ئۆزەڭنىڭ ھەق ۋە قانۇنلۇق گىپىڭنى قىلساڭمۇ ئاقمايدۇ. ھەممىسى ساڭا سوغۇق نەزەر بىلەن قارايدۇ. ھەتتا قان قېرىنداشلىرىڭمۇ ۋاقتى كەلگەندە سەندىن قاچىدۇ. چۈنكى سەندە مال دېسە مال يوق، كۈچ دېسە كۈچ يوق، ئىلىم دېسە ئىلىم يوق، ئادەم دېسە ئادەم قاتارىغا قويغۇدەك ئادەم يوق ...

خىتايلارنىڭ مۇنداق بىر ئاتا سۆزى بارمىش: "قاراڭغۇنى تىللاپ ئۇلتۇرۇشنىڭ ئورنىغا شام ياققىن"، ئەمما بىز يىللاردىن بىرى يا شام ياقمىدۇق، يا بۇ سۆزگە ئىشەنمىدۇق. ۋاقىت ئۆتتى، زامان ئۆزگەردى، كۇفرى تەرەپتارلىرىنىڭ سەلدەك بېسىپ كېلىۋاتقان ئېتىقادىي، سىياسى، ئىقتىسادى، ئىلمى ۋە پىكرى زەربىسى ئالدىدا ھودۇقۇپ قالدۇق. ۋەتەندىكىلەر ئۈمىدىنى ۋەتەن سىرتىدىكىلەرگە باغلىدى. سىرتتىكىلەر بولسا ئۆزلىرى تۇرىۋاتقان دۆلەتتىن ئۈمىد كۈتۈش بىلەن ھەممىسى ئۇ ياكى بۇ ھەركەتلەردە بولغان بولدى، ھازىرغىچە بىرەر ئەمەلى نەتىجە يوق. بىر قانچە يىل مابەينىدە ئۇ بايدىن ياكى بۇ بايدىن تىلەپ يېققانلىرىنى پاكىستاندا، ئابغانىستاندا ئۆزئارا ئەرزىمەس دەتالاشلار بىلەن ئۇچۇرۇپ تۈگەتتى. ھەتتا دۈشمەنگە بىر پاي ئوق ئاتماي تۇرۇپ ئۆزئارا ئۇچى بۇچى دىيىشىپ بىر قانچە قېرىنداشلىرىمىز ئۆلتۈرۈلدى، يەنە بىرقانچە قېرىنداشلىرىمىز ئوتتۇرئاسىيا تۇرمۇلىرىدا ھازىرغىچە دات پەريات چەكمەكتە.

قازاق قىرغىز ئىرقداشلىرىمىزنى كۆزگە ئىلمەيمىز. 60 ـ يىللاردىن كېيىن تۈركىيەگە كەلگەن مۇھاجىرەتتىكى قازاقلار ئۆزئارا ھەمكارلىشىپ ئىقتىسادى ئىگىلىك تىكلىدى، يول تاپالماي تەمتىرەپ قالغان قازاقلارنى ئۇقۇتتى، تىجارەتكە سېلىپ كاتتا كارخانىچى قىلدى. ئەمما بىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىزچۇ...! نېمە ئىش قىلدى؟ قېنى بىز ماۋۇ ، ماۋۇ ئىشلارنى قىلدۇق دەپ ئوتتۇرىغا چىقىپ باقسىنچۇ... ھەتتاكى بىر پۈتۈن سىياسى كۈچ بولۇپمۇ ئۇيۇشالمىدى. 

دېمەك، 60 ـ يىللاردىن باشلاپ چەتئەلگە چىققان ئۈيغۇرلار تا ھازىرغىچە دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدە ھەر خىل ئىسىمدا ۋەتەن داۋاسى قىلىپ ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ ھەركىتى مىللىتىمىز ئۈچۈن، ياكى ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ھېچ بولمىغاندا ئۆزلىرى ئۈچۈن تىلغا ئالغۇدەك بىرەر پايدا ئېلىپ كېلەلمىدى. يەھۇدى مىللىتىنى ئالىدىغان بولساق تېخى 19 ـ  ئەسىرنىڭ بېشىدا دۇنيادا ماكانسىز ، پالاندى، قەلەندە مىللەت ئىدى، بۇ ھەممىگە مەلۇم، ئۇلارنىڭ تىرىشچانلىقى، بۇلۇپمۇ ئىقتىسادى جەھەتتىكى غەيرىتى ئاز ۋاقىت ئىچىدە دۇنيا مىللەتلىرىنى ھەيرەتتە قالدۇردى. ئادەمنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرىدىغىنى شۇكى، ھېچ بىر ئاساسى بولمىغان قۇرۇق داۋا ئاساسىدا 1948 ـ يىلى پەلەستىن زېمىنىدا ئىسرائىل  دۆلىتىنى قۇرۇپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇلدى. ئوتتۇر شەرقتىكى 250 مىليۇندىن ئارتۇق ئەرەپلەرنى 1968 ـ يىلقى ئۇرۇشتا مەغلۇپ قىلىپ لىۋان، سۈرىيە، مىسىر قاتارلىق پەلىستىنگە قوشنا دۆلەتلەرنىڭ بىر قانچە ئۆلكىلىرىنى ئىشغال قىلىۋالدى. مىسىر 1973 ـ يىلغا كەلگەندە ئۆزىنىڭ زېمىنىنى ئازات قىلغان بولسىمۇ، يەھۇدىلار يەنىلا 250 مىليوندىن كۆپ ئەرەپ مىللىتىنىڭ كۆزىگە قادالغان مېخ بولۇق مىڭسىگە ئاتوم تەڭلەپ تۇرماقتا. ئامرىكىنىڭ  ھازىرقى سىياسىتى ئامرىكىدىكى بىر قانچە يەھۇدى لوبىلىرىنىڭ كۆز ئىشارىتى بىلەن سىزىلىدۇ. ئامرىكا دۆلىتى مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ھازىرقى يەھۇدى دۆلىتىنىڭ بۈيۈك مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتىدۇ. چۈنكى يەھۇدىلارنىڭ بۇ بىر قانچە يىل ئىچىدىكى ستراتېگىلىك سىياسى پىلانى، ئۇلار ھازىرقى ئىسرائىل دۆلىتىنى مەركەز قىلىپ تۇرۇپ، نىل دەرياسىدىن پۇرات دەرياسىغىچە ئوتتۇر شەرقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئىمپىرىيە قۇرۇش. ئاندىن پۈتۈن دۇنياغا خۇجا بولۇش ئۈچۈن ھازىرقى ئىتالىيەنىڭ پاي تەختى رومانى مەركەز قىلغان ئاساستا دۇنيا ئەللىرىنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرشتىن ئىبارەت.

 مانا بۇ تېخى يېقىن تارىخقىچە ماكانسىز قالغان بىر مىللەتنىڭ غەيرىتى، تېرىشچانلىقى، ئۆز ئېتىقادىغا بولغان سادىقلىقى ۋە ئىخلاسمەنلىكىنىڭ نەتىجىسى. چۈنكى جانابى ئاللاھ بۇ دۇنيادا كىم بولۇشتىن قەتئى نەزەر ئىشلىگەنگە، غەيرەت كۆرسەتكەنگە،  بېرىدۇ. ئىشلىگەندىمۇ ئىخلاس بولىشى شەرت، ئىخلاسسىز ھەر قانداق ئىش ـ ئەملنىڭ نەتىجىسى مېۋىسىز قالىدۇ.

 ئەمدى بىزچۇ...؟ بىر قانچە يىللىق پىلان ۋە پىروگرملىرىمىزنىڭ ئاجىزلىقى ۋە دۇرۇست بولمىغانلىقى، بەزىدە نىيەت ـ ئىستىقبالىمىزنىڭ ئەگرىلىكى، تۈزلا ئېيتقاندا، قىلغان ئىشىمىزدا ئىخلاس ۋە ئاللاھنىڭ رازىلىقى بولمىغانلىقى تۈپەيلى ھېرىپ قالدۇق. سۆزىمىز، ئاھ زارىمىز ۋە ھارغۇنلۇقىمىز ئاڭلانماس بولۇپ قالدى. مۇنالىرىمىزدىن ئەزان ئاۋازى ئاڭلانمايدۇ، گۈمبەزلىرىمىزدىن قۇرئان ئاۋازى كۆتۈرۈلمەيدۇ. مۇنارلارنىڭ رۇھى ۋە گۈمبەزلەرنىڭ جېنى ئەزان ۋە قۇرئان ئىدى. جانغا جان قوشقان بۇ ئىككى ئامىل ئۇتتۇرىدىن يوقالغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن مەملىكەت بىر قەبرىستان، مەسجىتلەر خۇددى مازارلىققا ئوخشاپ قالدى. ئىچىدە بىر قانچە جامائەت بولغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ قەبرىستانلىقتىكى ئۆلۈكتىن ھېچ بىر پەرقى يوق. قارىسىڭىز چىرايىدىن مىسكىنلىك، بىچارىلىك چىقىپ تۇرىدۇ، ھەتتا پۇت قولىدا مەغدۇرى يوق، يۈز كۆزىدىن تۇپا تەرەت يېغىپ تۇرىدۇ. مەسجىتلەرگە ئومۇمى جەھەتتىن دىققەت قىلىدىغان بولساق يۈزدە 98 پىرسەن مەسجىد چالما ـ كېسەك، وەدىك ـ ياغاچلاردىن سېلىنغان، ئىچىدە كىگىز، گىلەم ئەمەس تۈزۈكرەك بورامۇ يوق. ئەتراپتىن قۇيۇن ئۇچۇپ تۇرىدۇ. دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى يوق، دىنىي مائاراپتىن سۈز ئېچىش تېخىمۇ جىنايەت، ھەتتا دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى بوزىدىغان خىيانەت.  پەننى مائارىپنىڭ يا ساپاسى، يا قۇرۇق نەزەرىيەدىن باشقا ماتاسى يوق. خىتاينىڭ ئاتاغلىق جەمئىيەت شۇناسى فەنگۇۋاڭدەن مۇنداق دەيدۇ: "ھازىرقى تولۇق ئوتتۇرا ۋە تولۇق ئوتتۇرىدىن يۇقىرى ئاتالمىش مائارىپ ئادەمگە پەقەت ئىجتىمائى مەشغۇلىيەتنى، ئىنچىكىلىگەندە پەقەت بىر خىل كەسىپ تېپىشنى، يەنىمۇ ئىنچىكىلىگەندە قۇرساق بېقىشنى ئۆگىتىدۇ". ئەمما بىزنىڭ ئۇيغۇرلىرىمىز قورساق بېقىشنىمۇ ئۈگىنەلمەي بارغانچە تېخىمۇ جاھىل، تېخىمۇ نادان توم تۇۋاق قېلىۋاتىدۇ. ئەمدىلىكتە قوش تىللىق مائارىپ دەپ مىللى تىلىمىزنى چەتكە قېقىۋاتىدۇ، يېڭى زامان پەننى مائارىپ ۋە ئاتالغۇلارغا يارىمايدۇ دەپ خەنزۇ تىلىنى ئوقۇتۇقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارغا زورلاپ تېڭىۋاتىدۇ. بۇنى ئاز دەپ يېزا ـ قىشلاق، شەھەر ـ بازار ۋە يول ـ كۇچىلارنىڭ مىللىيچە ئىسىم ۋە ناملىرىنى ئۆزگەرتىپ خەنزۇچە بىر نېمىلەر بىلەن ئاتاۋاتىدۇ. ئەرلىرىمىزنىڭ ساقال – بۇرۇتتىن ئىبارەت يىگىتلىك سىمۇلىدىن قىزغىنىپ جىنايەت كاتىەورىسىگە كىرگۈزىۋاتىدۇ، ئاچا - سىڭىل خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ ياغلىق – روپاچ، ئۇزۇن كېيىم نۇمۇس پەرەنچىلىرىگە قول ئۇزۇتۇپ خىرس قىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭغا قارشى گەپ سۆز ئەمەس، كۆز يۈگۈرتكەننى بىر قانچە يىللىق زىندانغا تاشلاپ زەردە قىلىۋاتىدۇ، سىياسى ئۈگۈنۈش نامىدا، ئەر ئايال قېرى ياش، باي - كەمبەغىل بىرنى قويماي دادۈي، شودۈي - ئاھالە كومىتىتلەرگە يېغىپ، دىنىي ئېتىقادىغا، مىللىي مەدىنىيىتىگە قارشى يۇقۇتۇش خاراكتېرلىق ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ، ئىمام، ئاخۇن، موللا دېمەي كوللىكتىپ ناخشا - ئۇسۇل ئويناپ، تانسىغا زورلاپ، خىتايچە مۇزىكىغا خور تولاپ سەكرەۋاتىدۇ، قۇرئان ئەمەس، ئەرەبچە گىزىت ژورنال كىتاپلارنى قولغا ئېلىپ ئوقۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆيدە ساقلاپ، چىقىپ قالسا، بىر يىلدىن كۆپ ئون يىلغىچە ئۆي كېسىپ رەھىمسىزلارچە جازالاۋاتىدۇ. يەسلى خىزمىتىنى جانلاندۇرۇش نامىدا بۇۋاق – سەبى نارىسىدىلەرنى ئائىلىسدىن يېغىپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ قۇرۇلما ۋە روھى ھالەت فۇنكسىيسىنى ئۆزگەرتىپ خەنچە پسىخىك، خەنچە تەپەككۇر، خاراكتېر – مىجەز سىڭدۈرۋاتىدۇ. ئانام كۆرمىگەن، دادام كۆرمىگەن تۇققانلار كېلىپ داستىخېنىمىزغا داخىل بولۇپ، ھالال ھارام ئايرىماي ئەقىل زېھنىمىزنى بۇلغاۋاتىدۇ.

كەمبەغىللارنى قۇتقۇزۇش پۇلى دەپ ئايدا 50 ، 60 كوي پۇل بىلەن، بىر ئىككى ئېغىزلىق ئۆي بېرىپ كۆز بۇياۋاتىدۇ، ئەمما شەھەر ئىچى ۋە مەركەزى رايۇنلارغا قەۋەت ـ قەۋەت بىنا سېلىپ، ئىچكىرىدىن مېھماننى مەجبۇرى چىللاپ كىلىپ، ئايلىق مائاش توختۇتۇپ ئۇلتۇرغۇزىۋاتىدۇ. بىزنىڭ تىجارەتچى ۋە كارخانىچىلىرىمىزنى ھەر تۈرلۈك بانا ـ سەۋەپ بىلەن باش كۆتۈرتمەي بېسىپ، كۆزگە كۆرۈنگەن شەخىسلەرنى تۇرمىغا ئېلىپ، ئىچكىردىن كەلگەن زاۋۇت ـ كارخانىچى خەنزۇلارغا ئورۇن بوشۇتۇپ كەلگەن ۋە كېلىۋاتىدۇ. ئەمدىلىكتە پۇل تاپقان كونا يېڭى، چوڭ كېچىك بىرمۇ باينى قالدۇرماي تۇرمىغا ئېلىپ كېتىپ شەپقەتسىزلارچە يۇقىتىۋاتىدۇ. تېخىمۇ يامان بولغىنى بۇ بىر قانچە يىل ئىچىدە ئاھالىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش باھانىسى بىلەن ئىككى مىليۇندىن كۆپ ئۇيغۇر ئاھالىلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە يۆتكەش قانۇنىنى ماقۇللاۋاتىدۇ، بۇندىن بۇرۇنمۇ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ خىزمەت كۈتىۋاتقان يۈز مىڭلارچە ئۇيغۇر قىز – يىگىتلىرىنى ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە خىزمەت باھانىسى بىلەن يۆتكەش پىلانى بۇنىڭ سىرتىىدا.

مانا بۇلارنى ئىنچىكىلىك بىلەن مۇلاھىزە قىلىدىغان بولساق، ياۋۇز دۈشمەننىڭ قارا نىيىتى بىر قانچە مىڭ يىلدىن بېرى مەركىزى ئاسىيانىڭ بەلبېغى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەلبى تۈركىستان تۇپراقلىرىدا، يەنى بۈگۈنكى " شەرقى تۈركىستان" زېمىنىدا ياشاپ كەلگەن، شانلىق مەدىنىيەتلەرنى بەرپا قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى، ئېتىقاد قارىشى، تىل ۋە ئۆرپ - ئادەت مەدىنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيا مەدىنىيىتىگە شانلىق تۆھپىلەرنى قوشقان 30 مىليۇندىن كۆپ بىر ئەسىيل - قىدىمىي ئۇلۇغ مىللەتنى، تەلتەكۈس ئۇجۇقتۇرۋېتىش خىيالىغا كېلىپ بولغانلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. بۇ بىزگە شۇنى دېرەك بېرىدۇكى، مەيلى ۋەتەن ئىچىدە بولسۇن، مەيلى ۋەتەن سىرتىدا بولسۇن پۈتۈن ھەركىتىمىزنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن نوقتۇلانغانلىقىنى، سىياسەت، ئىقتىسات، دېپلۇمات ۋە مائارىپ جەھەتتە ھازىرغىچە تىلغا ئالغۇدەك  بىرەر نەتىجە قولغا كەلتۈرەلمىگەنلىكىمىزنى، ھەتتا بىر سىياسىي كۈچ بولۇپ، بىر لىدەر ئەتراپىغا ئۇيۇشۇپ ھەرىكەت مېخانىزمىزنى بەرپا قىلامىغانلىقىمىزنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز.

دېمەككى، ۋاقىت ئۆتكەنسىرى خەلقئارا ۋەزىيەت بولسۇن ئىچكى ۋەزىيەت بولسۇن ھەر ئىككىسى بىزنىڭ پايدىمىزغا ئەمەس، زىيىنىمىزغا قاراپ ئېقىۋاتىدۇ. بىز بۇ ئېقىن  قاينىمىدا شۇ پېتى كېتىۋرىدىغان بولساق، دۇنيالىقىمىزنىلا ئەمەس ئاخىرەتلىكىمىزنىمۇ قولدىن بېرىپ قويىشىمىز تۇرغانلا گەپ. بىز دۇچ كېلىۋاتقان بۇ تىراگېدىيەنىڭ ھەجىمىنى كىچىك سىناپ سەل قاراشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ ۋەتەن مەسىلىسى، مىلىلىتىزنى، كىملىكىمىزنى ساقلاپ قېلىش مەسىلىسى، بولۇپمۇ خەلقىمىزنىڭ، شۇنداقلا كەلگۈسى ئەۋلادىمىزنىڭ ئىمانىنى قۇغداپ قېلىش مەسىلى، ئۇلارنىڭ ئىمانىنىڭ سالامەتتە قېلىشى ئۇلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك قۇرتۇلىشىنىڭ ئاساسلىق ئامىلى. ئىمانىمىز سالامەتلا بولىدىكەن، بىز چوقۇم ھامان بىر كۈنى مەھكۇملۇق ۋە جاھىللىقنىڭ زۇلمەت زەنجىرىدىن قۇرتۇلۇپ، دۇنيا  ۋە ئاخىرەتتە مەڭگۈلۈك بەخىت ـ سائادەتكە ئېرىشىمىز.

سۇلتان سەئىدخان زامانىسىدىن تارتىپ دىنى مەزھەپلەر ئاداۋىتىنىڭ قانلىق مېۋىسى بولغان ئاپپاق خوجا خاندانلىقى، جۇڭغارلارنىڭ نەيزىسى ئاستىدا تۇنجى قېتىم قارار تاپقاندىن كېيىن، بىزدە ئىلىم مەرىپەتنىڭ بىلى ئۇشتۇلدى، نادانلىق، قاششاقلىق خۇددى چاچراتقۇدەك ئەۋج ئالدى، جاھالەت، خۇراپاتلىق، زۇلۇم ، نامراتلىق ھالىمىزنى قويمىدى. " بۇرۇتقا خاپا بولسام ساقال چىقتى " دېگەندەك، 1949 ـ يىلىدىن باشلاپ مائاراپىمىز تامامەن ئاتىزمدىن ئىبارەت خۇداسىزلىق ئىديىسى بويىچە قۇرۇق نەزەرىيەگە باغلىنىپ قالدى. ھەقىقەت دۈشمەنلىرىنىڭ غەرەزلىك سىياسى ئىھتىياجلىرىغا ئاساسەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئىجادىيەت مېۋىلىرى تەل تۈكۈس يوقۇتۇلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە دىنى مائارىپ ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بۇ ھەقتە سۆز ئېچىشمۇ جىنايەت كاتېگورىسىگە كىرىپ قالدى. بۇ "ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك" دېگەندەك تېخىمۇ ئەلەملىك بىر پاجىئە بولدى. ئەلۋەتتە، بۇ خىل ھادىسە ۋە ئۈزلۈكسىز ئاتىزمچە مەجبۇرى مائارىپنىڭ تەسىرى مىللىتىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللىق دىنى ئېتىقاد قارىشىغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمىدى، ئەخلاق ئۆلچىمىنى ئاستى ئۈستۈن قىلىپ،  ھەرىكەت مىزانىنى تەڭپۇڭسىزلاشتۇرىۋەتتى. بار ـ بارا ئېتىقادىمىز سۇسلۇشۇپ ھەقىقى بىلىملىك ئادەملەر، زامانغا لايىق ھۆنەر ـ كەسىپ ئىگىلىرى ئازلاپ كەتتى. ھازىرقى ئەمەلى ئەھۋالىمىزنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ، ۋەزىيەتنى ئىنچىكىلىك بىلەن كۈزەتكەندە، ھازىر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا ئاشپەزچىلىك، قاسساپچىلىق، باققالچىلىقتىن ئىبارەت گالدۇڭلۇقتىن باشقا ئىقتىسادى ئىگىلىك يوق دەپ ھۆكۈم چىقارساق خاتالاشقان بولمايمىز.

ئابدۇۋەلىي ئەلىي ئۆزىنىڭ " ئاپپاق خۇجا " ناملىق ئەسىرىدە، ۋۇجۇدىمىزدىكى بۇ روھى ئىللەتلەرنىڭ ئوبرازىنى تېخىمۇ ئىنىق ئېچىپ مۇنداق دەيدۇ: " قايسى ئەلدە نادانلىق، غاپىللىق غالىپ كەلسەن، شۇ ئەلدە تەپرىقات، بۆلۈنۈش ئەۋجىگە چىقىدۇ، قايسى يۇرتتا ھەقىقەتنىڭ باغرى تىلىنغان بولسا، شۇ يۇرتتا غاپىللار يوقۇرى دەرىجىلەرنى ئىگىلەيدۇ، توڭگۈز تومشۇق، ئېيىق پەنچە، بۆرە چىشلىق، تۈلكە قۇيرۇق، قېچىر تۇياق، چايان مىجەز، يىلان تىللىق كىشىلەر ئۈستۈن مەرتىۋىلەرگە كۆتۈرلىدۇ! "[1] دەر ھەقىقەت ئابدۇ ۋەلىي ئەلى تىلغا ئالغان بۇ سەلبى ھالەت قېلىپلىرىنىڭ دەرىجىسى بىزدە بارغانچە ئاشماقتا، تۈرى كۆپەيمەكتە. شۇ سەۋەپلىك، بىز تەدرىجى يوسۇندا تەپرىقاتچىلىققا، بۆلگۈنچىلىككە، ئۆزئارا زادىلا قۇلۇشالمايدىغان تۈرلۈك يۇرت ـ جامائەت تۈركۈملىرىگە پارچىلاپ تاشلاندۇق، بىرىمىز كۈلسەك، بىرىمىز يىغلايدىغان، بىرىمىزنىڭ رەقىبىنى بىرىمىز دوست بىلىدىغان، بىر يولغا، بىر نىيەتكە، بىر مەقسەتكە كېلىشەلمەيدىغان، بىر ـ بىرىمىزگە يەڭ ئىچىدە خەنجەر پىچاق ، زەھەر زەققۇم ساقلايدىغان، بىر ـ بىرىمىز بىلەن زادىلا كارىمىز بولمايدىغان، پايدا مەنپەئەت دېسە دوزاخنىڭ ئوتىنىمۇ يالماپ يوتۇشتىن يانمايدىغان ماددىي مەنپەئەت مۇخلۇسلىرىغا ئايلىنىپ قالدۇق.

فارابى، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋائى، مۇللا مۇسا سايرامى، ئابدۇقادىر داموللام، سابىت دامۇللام ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەزرەتلىرىدەك ئۇلۇغۋار ئىلىم ئەللامىلىرىنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلىرى بولغان بىز ئۇيغۇرلار! روھىيتىمزىغا مايلىق قۇرتتەك چاپلىشىۋالغان تالاي ئىللەتلەر بىلەن، نادانلىق ۋە قالاقلىق ئاسارىتىنىڭ قارا ئاسمىنىدا ھايۋان كەبى قۇللارچە ھەممىگە " خوش، خوش .... " دەپ ھايات كەچۈرىۋاتىمىز، بارا ـ بارا تارىخ سەھنىسىدىن چۈشۈپ، ئاستا ـ ئاستا تەكلى ماكاننىڭ قۇم دۆۋىلىرى ئاستىغا كۆمۈلۈپ كېتىۋاتىمىز.

ئىنسانغا يېمەك ـ ئىچمەك، ئۆي ـ ماكاندىن باشقا مۇھىمى مىللى روھىيەت ۋە روھىيەت ئۇزۇقى لازىم ئىدى، ئەمما خەلقىمىز ئەمدىلىكتە ماددى ۋە مەنەۋى ھەممىدىن مەھرۇم قۇرۇق قول قالدى. خەلقىمىزنىڭ بۇ بىچارە ھالىنى كۆرۇپ ئۆزىمىزدىن خىجىللىق ھېس قىلىپ ئۆكسۇپ يىغلاپ تاشلۇغۇمىز كېلىدۇ. ئەمما بىزنىڭ يىغىمىزغا قۇلاق سالىدىغان، ھالىمىزغا ئېچىنىپ مەسىلىمىزگە كۆڭۈل بىلىدىغان كىم بار؟ ئامرىكىمۇ، تۈركىيەمۇ، يا باشقا بىرسىمۇ، ياكى بولمايدۇ قاتتىق زەخمىلىنىپ، پەلەج ھالغا چۈشۈپ قالغان بۈگۈنكى كۈندىكى ئىسلام دۇنياسىمۇ؟ ياق! بۇلارنىڭ ھېچ بىرىدىن ئۈمۈىت كۈتۈشكە، دەرت ـ ئەلەملىرىمىزنى ئېيتىپ يېلىنىشىمىزغا ئەرزىمەيدۇ. بەلكى بۇنداق قىلىش بىرىنچىدىن ئېتىقاد قارشىمىزغا توغرا كەلمەيدۇ، ئىككنىچىدىن بۇلارنىڭ ھازىر بىزگە قاراشقا، بىزنىڭ مەسلىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چۇلى تەگمەيدۇ. چۈنكى ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە يېتىپ ئاشقۇدەك ئىشى، ھەل قىلمىسا بولمايدىغان ئىچكى ۋە تاشقى بىرمۇنچە مەسىلىسى بار. شۇ سەۋەپلىك بىز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ سۆزى بويىچە، ھاياتلىق مەشغۇلاتىمىزنى تەنھا ئۆزىمىز ھەم ئۆزگىچە يول بىلەن ئېلىپ بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمىزنىڭ بىردىن ـ بىر جاۋاپكارى پەقەت  ئۆزىمىز، ئۇنداقتا قۇرتىلىشىمىز ھەم ئۆزىمىز بىلەن بولىدۇ. چىشىمىزنى چىشلەپ، ئۆز مەشئىلىمىزنى ئۆزىمىز يۇرۇتۈپ، پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، بۇ يۆنىلىشنى سۆز ۋە ئەمەلىي ئىش ـ ھەركىتىمىز بىلەن قانچىلىك ئەمەلىلەشتۈرۈپ، ئىلگىرى سۇرۈسەك شۇنچىلىك نۇر ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ. رەھمەت قولى بىزنى بىز ئىچىدە بوغۇلۇپ قالغان بۇ قورقۇنۇشلۇق ئېقىن قاينىمىدىن تارتىپ قۇرتۇلۈش قىرغاقلىرىغا ئېلىپ چىقىدۇ، ئىنشائاللاھ.

ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتى بىز خەخقىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا ئامانسىز ۋە ئىمانسىز پالاكەتلەر بىلەن سەلدەك بېسىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئاۋۋال باشلاپ، مىللەتچە نەدىن نەگە كەلگەنلىكىمىزنى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە نەدە ئىكەنلىكىمىزنى، نىشان ۋە غايىمىزنىڭ نېمىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى كۆزدىن كەچۈرىشىمىز، بارلىقىمىز ۋە مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ ئاساسلىق ئېنىرگىيىسى ئۈستىدە جىددى بىر شەكىلدە توختۇلۇشىمىز، كىشىلىك ۋە ئىجتىمائىي راھەتسىزلىقلىرىمىزنىڭ سەۋەپ ۋە ئىللەتلىرىنى ئانالىز قىلىپ، قۇرئان كەرىمنىڭ ئىپادىسى بۇيىچە[2] ھەممىدىن بورۇن ئۆزىمىزنى ئۆزگەرتىپ، ئارىمىزنى ئىسلاھ قىلىشىمىز ئالدىنقى مەسىلە بولۇپ قالدى. چۈنكى ئايەتنىڭ مەزمۇنىدا، سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئۆزگەرتسەڭلار، ئاللاھ مۇ سىلەرنى ئۆزگەرتىدۇ ـ دەپ ئېنىق بىلدۈرىلمەكتە. بۇ مەسىلىنىڭ سەلبى ۋە ئىجابى تەرىپى ئوخشاش. شۇ سەۋەپلىك بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ ئاللاھنىڭ دىنىغا قايتىشىمىز، شەكلىي مۇسۇلمانلىقنى تاشلاپ ھەقىقى مۇسۇلمانلىققا خاس، ھەركەت مىزانىمىزنى، ئەخلاق ئۆلچىمىمىزنى ۋە ئىجتىمائى قۇرۇلمىلىرىمىزنى پەقەت ئىسلامىيەت كۆرسەتكەن يول ۋە مېتوت بويىچە ئېلىپ بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەكسى ھالدا بېشىمىزدىكى خارلىق ۋە خورلۇق ئېلىپ كېلىدىغان تۇمانلىق بۇلۇتلار ھەر زامان ئەگىپ تۇرىۋىرىدۇ، ھاۋا ـ كېلىماتىمىز ماددىي تەرەپتىن كىرلەنگىنىدەك، مەنەۋىي ھاۋا كېلىماتىمىزمۇ قارىيىپ كېتىۋىرىدۇ، روھى ئاسمىنىمىزدا چاقناپ تۇرىدىغان يۇلتۇزلار تۈكۈلگىنىدەك ۋىجدانىمىزدا نۇر چېچىپ تۇرىدىغان ئاي ۋە قۇياش تۇتۇلغان ھالدا قېلىۋىرىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا، بىزنىڭ يەر شارىدا ياشىشىمىز ئىنسان پىترەتىگە خاس ياشاش پرىنسىپىغا كۆرە توغرا كەلمەيدۇ.

مەن يۇقارقىلارنى تىلغا ئېلىش بىلەن خەلقىمىزنى ياكى بولمايدۇ، خەلقىمىز ئۈچۈن، ۋەتىنىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولىدا سەپەرۋەر بولغان قېرىنداشلىرىمىزنى، دىنداشلىرىمىزنى، مىللەتداشلىرىمىزنى ئەيىپلىمەكچى ئەمەسمەن، ئۇلارنى ئەيىپلەشكە ھېچ بىرىمىزنىڭ ھەققى يوق. بەلكى ئۇلارنى تەقدىرلەپ ئالقىشلاش، ماددى ۋە مەنىۋىي جەھەتلەردە قوللاپ قۇۋۋەتلەش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەتەن، مىللەت، دىن ئۈچۈن ھەقىقى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەۋاتقان، ئوتتەك قىزغىن بۇرچ تۇيغۇسىغا ئىگە ئالىملار، سىياسەتچىلەر، زىيالىلار، يازغۇچىلار، كىتاپ نەشىر قىلىپ، ئۇپۇقىمىزمنى نۇرلاندۇرىۋاتقان مائارىپ پەرۋەر ئەرباپلىرۋىمىز بار. بىز بۇلار بىلەن پەخىرلىنىمىز ۋە قەدىرلەيمىز. دىن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ھەممە ئادەمنىڭ قولىدىن كەلمەيدۇ. بۇنداق شەرەپلىك ئۇلۇغ ئىشلار پەقەت ئەركسۈيەر قەھرىمان ئەزىمەتلەرگە مەنسۇپ.

لېكىن، شۇنىڭغا دىققىتىمىزنى مەركەزلەشتۈرمەي تۇرالمايمىزكى، ئۇلارنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەت جەريانىدا قىلغان ئەمگىكىنى ۋە تۆلىگەن بەدىلىنى نەتىجە ئېتىبارى بەلەن دەڭ سەپ كۆرىدىغان بولساق، بەخىتسىز خەلقىمىزنىڭ قول پۇتىنى چىڭ چۈشەپ، ھايات يوللىرىنى ھارام قىلىپ كەلگەن قاراڭغۇ كۈنلەرنىڭ كۈلپەت زەنجىرلىرىنى قىمىرلىتىشقا چامى يەتمىگەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز. بۇنىڭ ئاساسلىق ئامىلىنى بۈگۈنكى ئاڭ سەۋىيەسى يۈكسەكلى بويىچە ئانالىز قىلغاندا، بىزنىڭ يەنى ھەممىمىزنىڭ روھى ئالىمىمىز ماددى دۇنيانىڭ ئەخلەت تۇزانلىرى ئاستىدا كۆمۈلۈپ قالغانلىقى، ئەقلىيەت بابىدا گالدۇڭلۇقتىن ئاشىنالمىغانلىقى، تاشقى ۋە ئىچكى دۈشمەنلەرنىڭ ئويۇنى ۋە نىشانى، غەرىزى ۋە پىلانىمۇ، بىزنى ئاداققىچە مەھكۇملۇقنىڭ تۆمۇر تاپىنى ئاستىدا دەپسەندە قىلىش بولغانلىقىنىڭ موللۇق مەھسۇلاتى  ـ دەپ يەكۈن چىقارساق خاتالاشمايمىز.

شۇ ھەقىقەتنى ئەسلا ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىمكى،  ئەسلىدە ھەرقانداق بىر ئىشتا مۇھىمى نەتىجىگە ئېرىشىش ئەمەس ھەق ۋە دۇرۇس يولدا يۈرۈش ئەڭ مۇھىم ئامىل ھېساپلىنىدۇ. چۈنكى، بۇ دۇنيادا ھەممە  ئادەم ئۆز مەقسىدىگە يېتىدۇ، كۆڭلىگە پۈككەن غايىسىنى تۇلۇق ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ دەپ ھېچكىم كېسىپ ئېيتالمايدۇ. ھەتتا مۇتلەق ھەقىقىقەت ھامىسى، گۇناھ قىلىشتىن ئۇزاق، خاتالىق ئۆتكۈزىشتىن خالى پەيغەمبەرلەرمۇ، ھەممىسى دۇنيادا ئۆز مەقسىدىگە يېتىپ نىشانىنى ۋە غايىسىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرغان ئەمەس. نۇھ ئەلەيھىسسالامنى ئالىدىغان بولساق، ئۇ زات ئۆز  قوۋمىنى 950 يىل كېچە ـ كۈندۈز ياخشىلىققا دەۋەت قىلغان بولسىمۇ، پەقەت بىر قانچە ئەگەشكۈچىلىرىدىن باشقا ھەممىسى كۇپرى، زالالەت سېپىدىن ئايرىلماي نەتىجىدە  تۇپان بالاسىدا ھالاك قىىلىنغان. شۇنىڭدەك سالىھ ئەلەيھىسسالام، ھۇد ئەلەيھىسسالام، لۇت ئەلەيھىسسالامغا ئوخشىغان نۇرغۇن پەيغەملەرمۇ ئۆزلىرىنىڭ مەقسىدىگە، نىشانىغا، غايىسىگە يېتەلمەي ئالەمدىن ئۆتكەن. ھەتتا بەزى پەيغەملەرنىڭ بىرمۇ ئەگەشكۈچىسى بولمىغان. بۇ پەيغەمبەرلەر كۈرۈنۇشتە غەلبىگە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، ھەقىقەتتە ئۇلار بۈيۈك غەلبىنى قولغا كەلتۈرگۈچىلەردۇر. چۈنكى ئۇلار ھەرقانداق ماددىي ۋە مەنەۋىي مەنپەئەت ۋە ھېس ـ تۇيغىلار توقۇنۇشىغا تاقىلىپ قالماي، " مەن ئەجرىمنى پەقەت ئاللاھتىن سۇرايمەن " [3] دەپ، خالىس نىيەت ۋە سەمىمى ئىخلاس بىلەن، ئۆز ۋەزىپىلىرىنى جانابى ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە كۆرسەتكەن يولى بويىچە ئېلىپ بېرىپ،  نەتىجىدىن مەيۈسلەنمەي، قارشىلىقلاردىن قورقماي، قىيىنچىلىقلارغا باش ئەگمەي، تاپا ـ تەنە ۋە مالامەتلەرگە پەرۋا قىلماي ئاخىرىقى تىنىقىغىچە جاپالىق ئىشلىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلار ھەقىقى غالىپلار سۈپىتىدە جانابى ئاللاھنىڭ ئەڭ مۇكەررەم ۋە ئەڭ ھۆرمەتلىك مېھمانلىرى بولۇپ، كاتتا مۇكاپات، ئالى شەرەپ، ۋە يۈكسەك ماقامغا سازاۋەر مۇبارك زاتلاردۇر.

يېقىنقى ئەسىر تارىخىمىزنى سالماقلىق بىلەن ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، مەمەت ئېلى ئەپەندىم، ئابدۇقادىرداموللام، سابىت داموللام، مۇھەممەت ئېمىن ھەزرىتىم، چىنگىزخان داموللام، ئابدۇل ھېكىم مەخسۇم ھاجىمدەك كاتتا ئىلىم ئەللامىلىرىمىزنىڭمۇ ئۈمىد زەنجىرلىرى قەرەلسىز ئۈزۈلۈپ تاشلانغانلىقىنى، ئۆز مەقسەتلىرىگە يېتەلمەي  ھەسرەتلىك ئەلەم ۋە دەھشەتلىك غەم قايغۇ ئىچىدە ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇلار دۇنيادا ئۆز مەقسىدىگە يەتەلمەي، خەلقىمىزنىڭ ھالى "يەنە نېمە بولا؟" دېگەن ئەندىشە ئىچىدە بۇ پانى ئالەم بىلەن ۋاقىتسىز خوشلاشقان. بىز بۇ مۇبارەك زاتلارنى جانابى ئاللاھنىڭ رەھمەت دائىرىسىگە كىرىدۇ، بۇيۇك داۋا يولىدا سەپەرۋەر بولغان پەيەغەملەر بىلەن، شېھىدلار بىلەن جەننەت باغچىلىرىدا بىرگە بولىدۇ دەپ، ئۈمىد قىلىمىز ۋە شۇنداق بولىشىنى ھەر ۋاقىت جانابى ئاللاھتىن تىلەشنى ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى دەپ، بىلىمىز.

دېمەك، ھەرقانداق ئۇلۇغ غايە ۋە بۈيۈك ئېدىئال يولىدا يۈرگەن ۋە يۈرىۋاتقان ئەزىمەتلىرىمىز، قەھرىمانلىرىمىز، سىياسەتچى ۋە مائارىپچى رەھبەرلىرىمىز، جۈملىدىن مۇقەددەس دىنىمىز، مۇبارەك ۋەتىنىمىز، ئېزىز مىللىتىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ئىدىيسىگە مەنسۇپ پۈتۈن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەمىگە شۇنى ئەسلىتىپ ئۆتۈش ھاجەتكى، خىزمەت يولىدا، ۋەزىپە جەريانىدا بىرەر نەتىجىگە ئېرىشىپ غەلبە قازىنالمىغانلىقىمىزغا مەيۈسلەنمەسلىكىمىز، چۈشكۈنلىشىپ خىزمەت مەيدانىدىن چېكىنىپ چىقماسلىقىمىز لازىم.

نەتىجىگە ئېرىشىپ، غەلبىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرىدىن بىرى، توغرا يولدا بولۇش، قىلماقچى بولغان ئىش ۋە پىلانىنى بىلىش، ھامىيەت ۋە سەمىمىيەت بىلەن ئىشلەش، پۈتۈن ئىش ـ ھەرىكىتىدە، پىلانىدا، نىشانىدا، غايىسىدا ھەتتا ھېس ـ تۇيغۇ ۋە پىكىر ـ قارىشىدا  پەقەت ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى چىقىش قىلىش ئىنتايىن زۆرۈر ۋە  نەتىجىگە ئېرىشىپ بۈيۈك غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ نېگىزلىك شەرتى ھېساپلىنىدۇ. بۇ مەسىلىدە مۇھىم نوقتا شۇكى، ۋەزىپە ۋە خىزمەت ئۈستىدىكى شەخىسلەرنىڭ ئۆز ۋەزىپىسى ئالدىدىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئىرادىسى، غەيرىتى، تېرىشچانلىقى، بولۇپمۇ ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىخلاسمەنلىكى ئاخىرقى نەتىجىدە ئاساسى سالماقنى ئىگىلەيدۇ. چۈنكى ئاللاھ ئۆزىنىڭ رازىلىقىغا مۇيەسسەر قىلىشنى خالىغان كىشىنىڭ نىيەت ـ ئىستىقبالىغا قاراپ، كۆرسەتكەن سەئي ـ ئىجتىھادىغا كۆرە نەتىجىگە ئېرىشتۈرىدۇ. شۇ سەۋەپلىك، بىز ئۆزىمىزنى كىشىلەرگە  ھەيۋەتلىك سىياسى ئەرباب كۆرسۈتۈش ئۈچۈن، تۇنۇش بىلىشلىرىمىز ئارىسىدا سىرلىق كۆرۈنۈپ، ياكى ياسالمىلىق بىلەن ئاغزىمىزدىن سىياسى ئاتالغۇلارنى چۈشۈرمەي، سىياسەت ۋەكىلى ۋە ھەقىقەت ئۆرنىكى بولىۋېلىپ، ۋەتەن، مىللەت ۋە دىن نامى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتەك رەزىللىكلەردىن تامامەن ئۆزىمىزنى تاتمىساق، ئېرىشكەن ۋە ئېرىشمەكچى بولغان ھەرقانداق كاتتا نەتىجە ۋە بۈيۈك غەلبىلەر ئاخىرىقى ھېساپتا بىزگە پايدا بەرمەيدۇ. بۇ يولدا ئىنسان ئۆزىنىڭ بىر قىسىم ماددى مەنپەئىتىدىن پىداكارلىقتا بولىشى تەلەپ قىلىنغىنىدەك مەنەۋىي مەنپەئەتلىرىدىنمۇ پىداكارلىق كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى قىسمىمىزنى ئىمان، ئىخلاس مەشئىلى بىلەن يۇرۇتۇپ، رىيادىن، غورۇردىن، مەنمەنچىلىكتىن ساقلانمىساق، ماقام، مەنسەپ تەمەسىدىن قۇرتىلالمىساق، مىللىتىمىزنىڭ كېلىچىكىدىن، ۋەتىنىمىزنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمىدۋار بولغىلى بولمايدۇ.

تاھىرجان ئابباس 

 قاھىرە

 

 



[1]  .  ظابدذؤةلعي ظةلعي ، "ظاصصاق خذجا " 150 ـ بةتلةرضة قارالسذن
[2]  . { هةرقانداق بعر قةؤم ظأزعنعث ظةهؤالعنع ظأزضةرتمعضعحة ظاللاه مذ ظذلارنع ظأزضةرتمةيدذ. }سىرة رةظد 11 ـ ظايةت
[3]  . سىرة يذنذس 72 ـ ظايةتنعث بعر قعسمع.

ئىنكاسلار
ئىنكاس يوللاش