ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خوش كەپسىز
دەرسلىك كىتابلار
پەلسەپە، پىسخولوگىيە ۋە لوگىكا
ئۇنىۋېرسال ئەسەرلەر
ئەدەپ ـ ئەخلاق، پەندى ـ نەسىھەت
تېبابەت ۋە ساغلاملىق
ئارخېئولوگىيە
ياش-ئۆسمۈرلەر
قانۇن-سىياسەت
كىتاب - مەڭگۈلۈك بايلىق

كىتاب - مەڭگۈلۈك بايلىق

ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم

 


ئىلاۋە: كىتاب ئىنسانغا بىلىم بېرىدىغان، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان بۈيۈك كۈچتۇر. كىتاب ئوقۇش، كىتاب يېزىش، كىتابنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا بەس-مۇنازىرە قىلىش تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش. كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى، كىتابنى قانداق ئوقۇش، قانداق كىتابلارنى ئوقۇش، كىتابقا مەبلەغ سېلىش، كىتاب ساقلاش دېگەن تېمىلار ئۈستىدە شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى فىلولوگىيە تارماق ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوكتور ئاسپرانتى ئابدۇلئەھەد ئابدۇلرەشىد بەرقىي، «جۇڭگو مۇسۇلمانلىرى» ژۇرنىلىنىڭ مۇھەررىرى، يازغۇچى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد، «مىللەتلەر نەشرىياتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ كاندىدات ئالىي مۇھەرىرى، دوكتور دولقۇن قادىر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردىم.

 

ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: مېنىڭچە، كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى، كىتابنى قانداق ئوقۇش، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كىتابتىن كۆپرەك نەپ ئېلىش، كىتاب ئوقۇپ ئۆزىنى تاكاممۇللاشتۇرۇش دېگەندەك تېمىلاردا سۆھبەتلىشىش، ئەڭ مۇھىمى بالىلار، ياشلار ئارىسىدا كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى قوزغاش تولىمۇ مۇھىمكەن، دەپ ئويلاپ قالدىم.

ئابدۇلئەھەد ئابدۇلرەشىد بەرقىي: كىتاب ئوقۇش ئىنساننىڭ ئەڭ مۇھىم مەدەنىي پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى. كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق نەزەر دائىرىنى كېڭەيتىپ، بىلىمىنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ. ھوزۇرلىنىش، ئارام ئېلىش قاتارلىق نۇرغۇن مەقسەتلەرگىمۇ يېتىش مۇمكىن. ئامېرىكىلىق ئالىملار كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن بالا بىلەن بۇنداق ئادەت يېتىلدۈرمىگەن بالىلارنىڭ ئارىسىدا تەجرىبە ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە كىتاب ئوقۇش ئادىتى بار، كىتابنى كۆپرەك ئوقۇغان بالىلارنىڭ ئەقلىنىڭ تەرەققىي قىلىشى تېز، يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىشى، چۈشىنىشى ناھايىتى يۇقىرى بولىدىغانلىقى مەلۇم بولغان. كىتابنى كۆپ ئوقۇغان بالىنىڭ مېڭىسىگە كىرىدىغان ئۇچۇر تېخىمۇ كۆپىيىپ، مېڭسىنىڭ ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ئىقتىدارى ئاشىدىكەن.

ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد: يېزىق ئىجاد قىلىنغاندىن باشلاپ، كىتاب — خەلقىمىزنىڭ بۈيۈك مەنىۋى مەھسۇلاتى بولۇپ كەلدى. مەرىپەت دەۋرىدە كىتابلىرىمىز ئالتۇندەك دۆۋىلىنىپ پارلاق نۇر چاچقان بولسا، جاھالىيەت دەۋرىدە كۆيدۈرۈلۈپ كۈلگە ئايلاندى. ئەمما شۇ نەرسە ئېنىقكى، مەيلى ئېتىقادىمىز ياكى مەدەنىيىتىمىز نۇقتىسىدىن بولسۇن كىتاب مۇقەددەس نەرسە. ياخشى كىتاب ئەقىلنى ئاچىدۇ، كىشىنى ياخشلىققا يېتەكلەيدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇم، ھاياتىمىزدا ساغلاملىقتىن، بىلىمدىن ئارتۇق بەخت، بايلىق يوق. مەكتەپتە ئوقۇپ ئېرىشەلمىگەن ئىلىمگە ئۆزلىكىدىن كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ.

ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق مەسىلىلەرنى ئويلاپ قالىمەن. ئەجدادلىرىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇش ئەھۋالى، كىتابقا بولغان قىزىقىشى قانداق بولغىيتى؟ ئەجدادلىرىمىزنىڭ، چوڭلارنىڭ كىتاب ئوقۇشىغا زادى نېمە تۈرتكە بولغان؟ ئارىمىزدا بەزىلەر كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىمىز يۇقىرى، دېسە، يەنە بەزىلەر تۆۋەن، دەپ قارايدىكەن. بەزىلەر ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇمايدۇ، شۇ سەۋەبتىن نەشر قىلىنىۋاتقان كىتابلارنىڭ تىراژى يىلدىن-يىلغا تۆۋەنلەپ كېتىۋاتىدۇ، دېسە، بەزىلەر خەلقىمىز كىتاب ئوقۇيدۇ، لېكىن لازىملىق، ئېسىل كىتابلارنىڭ ئاز بولۇشى تۈپەيلىدىن كىشىلەر كىتاب ئوقۇمايدىغان بولۇپ كەتتى، دەيدىكەن. سىلەر بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟

ئابدۇلئەھەد ئابدۇلرەشىد بەرقىي: ئۇيغۇر خەلقى تارىختىن بۇيان كىتاب ئوقۇشنى ئىنتايىن مۇھىم ئىش، دەپ قاراپ كەلگەن مىللەت. قەدىمكى زامانلاردا باسما زاۋۇت، كىتاب باسىدىغان ئورۇنلار بولمىسىمۇ، ھەر خىل كاتىپلار كىتابلارنى كۆچۈرۈپ ساتقان. شۇ ۋاقىتلاردا بەزى كىتابلارنىڭ باھاسى بىرەر قوي، كالا ياكى تۆگىنىڭ باھاسىغا توغرا كېلەتتىكەن. شۇنداقتىمۇ ئۇلار مۇشۇنداق قىممەت باھاغا چىداپ كىتابلارنى سېتىۋېلىپ ساقلىغان، كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇغان. ھەتتا ئائىلىسىدە كىتاب ساقلاشنى بىر خىل پەزىلەت، بىر خىل مەدەنىيەت دەپ ھېسابلىغان. «كىتاب بار ئۆيگە جىن كىرمەيدۇ، كىتاب بار ئۆيدە بەرىكەت كۆپ بولىدۇ» دېگەن گەپلەر خەلقىمىز ئارىسىدىكى بىر خىل كۆز قاراشقا ئايلىنىپ كەتكەن.

ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد: ئۇيغۇرلارنىڭ كىتابنى سۆيۈش ئەنئەنىسى ئىسلام ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارايمەن. شۇڭا خەلقىمىز كىتابنى ئەزەلدىن قەدىرلەپ كەلگەن؛ كىتابلارنى ئويۇق، تەكچىگە ئېلىپ قويغان، كىتابنى ئاستىغا باستۇرۇپ ئولتۇرۇشنى يامان كۆرگەن. ساۋاتى يوقلار ساۋاتلىقلارغا ئوقۇتقان. بۇ بىر ياخشى ئادەت. ھەر بىر دېھقاننىڭ ئۆيىدىن بولمىدى دېگەندىمۇ «قۇرئان كەرىم»، «ھەدىس شەرىف»، «قىسسەسۇل ئەنبىيا» دېگەندەك كىتابلارنى تاپقىلى بولىدۇ
  
ئابدۇلئەھەد ئابدۇلرەشىد بەرقىي: بەزىلەر ئۇيغۇرلارنى كىتاب ئوقۇمايدۇ، دەپ ئانچە-مۇنچە ئەيىبلەپ قويىدۇ. ئۇلار بىزنى دۇنيادىكى ئۆزلىرى ئەڭ ئىلغار دەپ قارىۋالغان مىللەتلەردىن بولغان يەھۇدىيلارغا، ياۋروپادىكى بەزى مىللەتلەرگە سېلىشتۇرۇپ، بىزدە نەشر قىلىنغان كىتابلارنىڭ سانى ۋە ئومۇمىي تۈرى بىلەن ئۇلاردا نەشىر قىلىنغان كىتابلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى سېلىشتۇرۇپ ئۇيغۇلار كىتاب ئوقۇمايدۇ، دەپ خۇلاسە چىقارغان. مەن بۇ كۆز قاراشقا قوشۇلمايمەن. مەن ئۇيغۇرلارنى كىتاب ئوقۇيدىغان، كىتابنى سۆيىدىغان مىللەت، دەپ ھېسابلايمەن. ھەتتا بىزنى مەلۇم نۇقتىدا يەھۇدىيلار، ياۋروپادىكى باشقا مىللەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغىلى، باراۋەر ئورۇندا قويغىلى بولىدۇ. بىز تىلغا ئالغان مىللەتلەرنىڭ نەشىرىياتلىرى، مەتبۇئاتلىرى ئىنتايىن كۆپ، نەشر قىلىنىدىغان كىتابلىرىمۇ كۆپ. شۇڭا ئۇلار كىشىگە كىتابنى كۆپ ئوقۇيدىغاندەك تەسىرات بېرىدۇ. بىزنىڭ نەشىرىياتلىرىمىزنىڭ سانى چەكلىك، چىقىدىغان گېزىت-ژورناللىرىمىز كۆپ بولمىسىمۇ، ئادەملىرىمىز ئۇنى سېتىۋېلىپ ئوقۇيدۇ. جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىچىدە بىزنىڭ كىتابلىرىمىزنىڭ سېتىلىش مىقدارى نىسبەتەن يۇقىرى. بىزنىڭ ھازىر نەشر قىلىنىۋاتقان كىتابلىرىمىزنىڭ تىراژى 3000-5000 ئەتراپىدا، بەزىلىرى 10-20 مىڭ پارچە بېسلىدۇ. بۇ قارىماققا تولىمۇ ئاز كۆرۈنىدۇ. يىلدا شىنجاڭ بويىچە 400-500 خىل كىتاب نەشر قىلىنىدۇ. ئەمدى بۇنى پۈتۈن مىللەتكە نىسبەتلەشتۈرسەك، بىزدە كىتاب ئوقۇيدىغان، كىتاب ساقلايدىغانلارنى 500 مىڭ، ياكى 1 مىليون دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ. مۇشۇنداق بولغاندا پۈتكۈل مىللەت نوپۇسىنىڭ تەركىبىدە %10-%20 ئادەم كىتاب ئوقۇسا، بۇ مىللەتنى كىتاب ئوقۇيدىغان مىللەت، دەپ ھېسابلاشقا بولىدۇ. ئەمدى خەلقىمىزنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن نەشرىياتلىرىمىز يىلىغا نەچچە مىڭ خىل كىتاب چىقىرالىغان بولسا، بىزنىڭ كىتاب ئوقۇيدىغان ياكى ئوقۇمايدىغانلىقىمىزنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەپ ھېسابلىغىلى بولاتتى. گېپىمنى خۇلاسىلىسام، مەن ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇيدىغان مىللەت، ياخشى كىتاب بولسا سۆيۈپ ئوقۇيدىغان مىللەت، دەپ قارايمەن. 

ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: كىتاب ئوقۇش توغرىسىدا توختالغاندا، ئەڭ مۇھىمى يەنىلا كىتابنى قانداق ئوقۇش مەسىلىسى ئىكەن. كىتاب ئوقۇش بىر ئادەمدىن سەۋىيە، بىلىم تەلەپ قىلىدۇ. كىتابلارمۇ ھەر خىل بولىدۇ. بەزى كىتابلارنىڭ مەزمۇنى ئاددىي، بەزىلىرىنىڭ بولسا چوڭقۇر، مۇرەككەپ، چۈشىنىش تولىمۇ تەس. مەزمۇنى ئاددىي كىتابلارنى ئوقۇپ ئۆزىمىزنىڭ سەۋىيەسىدە توختاپ قالساق يەنە بولمايدىكەن. بەزى مۇرەككەپ، چۈشىنىش تەس بولغان كىتابلارنى مۇرەككەپكەن، تەسكەن دەپ ئوقۇماي تاشلاپ قويساق، ئۇمۇ بولمايدىكەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، قانداق كىتابلارنى ئوقۇشنى بىلىش، كىتابنى قانداق ئوقۇشنى بىلىشمۇ بىلىم تەلەپ قىلىدىغان بىر ئىشكەن.

دولقۇن قادىر: كىتاب ئوقۇشنىڭ بىر نەچچە خىل شەكلى بولىدۇ. مەسلەن: تولۇق ئوقۇش، تەخمىنەن ئوقۇش، ئىنچىكە ئوقۇش، تاللاپ ئوقۇش، ۋاراقلاپ ئوقۇش، تەكرار ئوقۇش، يېزىپ ئوقۇش، ئۈنلۈك ئوقۇش ... دېگەندەك. ھازىر ئەتراپىمىزدا كىتاب بەكلا كۆپ. توردا بار، تېلېفوندا بار، يەنە ئاۋازلىق كىتابمۇ بارلىققا كەلدى. دېمەك، بىز ھازىر ئۇچۇرنىڭ قورشاۋىدا قالدۇق. شۇنىڭ ئۈچۈن ئەڭ مۇھىمى يەنىلا تاللاپ ئوقۇش مەسىلىسى. چۈنكى ئادەتتە نۇرغۇن ئادەم شامالغا ئەگىشىپ كىتاب ئوقۇيدۇ. كىتابخانىدا كىتاب چىقىپ، بىر توپ ئادەم بۇ كىتاب بەك بازارلىق، ياخشى دېسە، ئۇنى ئەگىشىپ سېتىۋالىدۇ. مۇشۇنداق مۇستەقىل پىكىر قىلىش، تاللاش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقى بىزدىن كىتابنى تېخىمۇ تاللاپ ئوقۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بىز ئادەتتە كىتابنى چوڭ جەھەتتىن «كلاسسىك نادىر كىتاب» ۋە «ئۇچۇر خاراكتېرىدىكى كىتاب» دەپ ئىككىگە بۆلىمىز. ئەمدى كلاسسىك، بۈيۈك كىتابلار بار. بۇ كىتابلارنى چوقۇم ئوقۇش كېرەك. بۇ كىتابلارنىڭ پەلسەپە، تارىخ، ئەنئەنە، مەدەنىيەت جەھەتتىكى قىممىتى يۈكسەك، ئەسىرلەرنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن، مىللەت، دۆلەتتىن ھالقىغان دۇنياۋى كىتابلاردۇر. بۇنداق كىتابلارنى چوقۇم قايتا-قايتا، ئەستايىدىل ئوقۇش كېرەك. ئەمدى ئۇچۇر خاراكتېرلىك كىتابلارنى بولسا ئېھتىياجىمىزغا قاراپ ئوقۇساق بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا تاللاپ، تېز ئوقۇساق بولىدۇ.

ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد: كىتابنى پەملەپ ئوقۇش، تاللاپ ئوقۇش، ئەستايىدىل ئوقۇش، ئوقۇپ بولغاندىن كېيىن خاتىرە يېزىش كېرەك. بۇ دۇنيادا قانداق ياشايمىز، ئۆزىمىزنى قانداق ئىسلاھ قىلىمىز، پۇلنى قانداق تاپىمىز، ھەتتا تاماقنى قانداق ئېتىمىز... دېگەندەك مەسىلىلەرنىڭ ھەممىسىگە بىلىم كېرەك، كىتاب كېرەك. لازىملىق كىتابلاردىن قايسىسى ئەڭ ياخشى، قايسىسى ئەڭ ئۈنۈملۈك، بۇلارنى ئاۋۋال بىلىۋېلىش كېرەك. ئۆمرىمىز چەكلىك، ۋاقتىمىز ئاز. 100 گرام شىكەر ئېلىش ئۈچۈن بىر توننا شىكەر قومۇشى چايناش ھاجەتسىز. شىكەرنى بىۋاسىتە ئېلىشنىڭ كويىغا كىرمەك لازىم. بۇنىڭ ئۈچۈن سەزگۈرلۈك، پەم-پاراسەت كېرەك. نادىر كىتاب بىلەن ئەخلەت كىتابنى پەرقلەندۈرۈپ ئاندىن ئوقۇش كېرەك

ئابدۇلئەھەد ئابدۇلرەشىد بەرقىي: كىتاب ئوقۇشنى نۇرغۇن ئادەم ناھايىتى ئوڭاي ئىش، ئوقۇسىلا بولىدىغۇ، دەپ ئويلايدۇ. ئەمەلىيەتتە كىتاب ئوقۇش ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس. چۈنكى، بەزى كىتابلاردا مەزمۇن ئىنتايىن ئوچۇق يېزىلىدۇ. بەزى كىتابلاردىكى مەزمۇن يوشۇرۇن يېزىلىدۇ. بەزى كىتابلاردا ئاپتورنىڭ مەقسىتى قاتلاملىق، يوشۇرۇن بولىدۇ. كىتابتىن تېخىمۇ ياخشى ئوزۇق ئېلىشقا بىر نەچچە تاكتىكا كېرەك. بۇنىڭ بىرى كىتابنى تەكرار ئوقۇش. بىز بىر كىتابنى تۇنجى قېتىم ئوقۇغاندا، كىتابنىڭ مەزمۇنى، ئاساسى قۇرۇلمىسىدىن خەۋەردار بولىمىز. 2-قېتىم ئوقۇغاندا، ئاپتور مۇشۇ كىتابنى يېزىش ئارقىلىق زادى نېمە دېمەكچى؟ نېمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ دېگەننى ئويلايمىز. 3-قېتىم ئوقۇغاندا، بۇ كىتابتا يەنە قانداق خاتالىقلار، يېتەرسىزلىكلەر بار؟ يەنە قانداق ئۆزگىچىلىكىلەر بار؟ دەپ ئوقۇپ باقىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىزدە ئاستا-ئاستا بىر خىل كىتاب ئوقۇش مېتودى شەكىللىنىدۇ. ھەر قانداق بىر كىتابنى ئوقۇغان ۋاقىتتا كۆزىمىز كىتاب ئوقۇسا، كاللىمىز كىتابنىڭ مەزمۇن قاتلاملىرىنى ئويلايدىغان بىر خىل ھالەت شەكىللىنىدۇ. دېمەك، كىتابنى قانچە كۆپ ئوقۇساق، قانچە تەكرار ئوقۇساق، بۇنىڭ بېرىدىغان ئۈنۈمى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ.

ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: ئەڭ مۇھىم مەسىلە — قانداق قىلىپ بالىلاردا كىچىكىدىن تارتىپلا كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش، قانداق قىلىپ بالىلارنى كىتابقا قىزىقتۇرۇش. جەمئىيىتىمىزدە كىتاب ئوقۇمايدىغان ئادەملەر بار. مۇشۇ ئادەملەرنى كىتاب ئوقۇيدىغان قىلىش، خەلق ئارىسىدا كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى پەيدا قىلىشمۇ مۇھىمكەن.

دولقۇن قادىر: بۇرۇن ئادەملەر كەمبەغەل، ئۆيلىرى ئاددىي ۋاقىتلاردىمۇ كىتاب ساقلايدىكەنتۇق. كىتاب شۇ كەملەردە ناھايىتى ئەتىۋارلىق بايلىق بولغان. ئەمدى ھازىرقىدەك ماددىي تۇرمۇشىمىز، جۈملىدىن ئۆي شارائىتىمىز ياخشىلانغان ۋاقىتتا نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ كىتاب ئىشكابلىرىمىز كىچىكلەپ كەتتى. شۇڭا بالىنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئىشنى ئاتا-ئانىلاردىن باشلاش كېرەك. بالا ھەممە نەرسىنى ئاتا-ئانىدىن ئۆگىنىدۇ. ئاتا-ئانىسى ئۆيدە كىتاب ئوقۇسا، بالىمۇ ئەگىشىپ ئوقۇيدۇ. مەن ئادەتتە كۆپرەك ۋاقتىمنى كىتاب ئوقۇشقا سەرپ قىلىمەن. بىر كۈنى ئۆيگە كىرسەم، ئالتە ياشلىق ئوغلۇم كارىۋاتتا يېتىۋىلىپ، كىتابقا قاراۋېتىپتۇ؛ ئەمەلىيەتتە بالام ئۇ كىتابنى ئوقۇيالمايدۇ، ئەمما ئوقۇيالمىسىمۇ كىتاب قۇرلىرىنى سىزىپ، ئوقۇغاننى دورايدۇ. مۇشۇنىڭدىن قارىغاندا، ئۆيدە كىتاب ئوقۇش مۇھىتىنىڭ بولۇشى ۋە ئاتا-ئانىنىڭ ئۆيدە كىتاب ئوقۇشى بالىغا زور تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد: ئاتا-ئانام ئۆيدە كىتاب ساقلايدىغان، كىتاب ئوقۇيدىغان ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر ئىدى. تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە چىققاندا، يېزىلىق مەدەنىيەت پونكىتىدا ئىشلەيدىغان ھەدەمگە ياردەملىشىپ كۈتۈپخانىغا قارايتتىم. بۇ يەرگە بەكلا ئامراق ئىدىم. ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا بولغان مېھىر- مۇھەببىتى كىتاب بىلەن ئىپادىلەنسە، بۇ ناھايىتى چوڭقۇر مۇھەببەتكە ئايلىنىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى كىتاب ئوقۇشقا قىزىقتۇرسا، بالىلىرى مەكتەپتە ياكى ئۆيدە كىتاب ئوقۇيدىغان، كىتابتىن زوق ئالالايدىغان ھالەتتە چوڭ بولسا، شۇ جەرياندا ئىلىمخۇمارلىققا ئادەتلەنسە، باشقا يامان خۇمارغا گىرىپتار بولماي، ئۆز يولى ۋە قىممىتىنى تاپالايدىغان ياخشى ئادەم بولۇشى مۇمكىن. تالاي ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ، ئەدىبلەرنىڭ كىچىكىدىن كىتابقا ھېرىسمەن بولۇشى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ.

ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىي: كىتاب ئوقۇشنى چوقۇم بالىلىق ۋاقىتتىن باشلاش كېرەك. ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدىمۇ نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار بولۇشى مۇمكىن. مۇمكىن بولسا بالىلارغا كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپلا كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشكە كۈچىشى كېرەك. بالىلار كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇمىسا، كاللىسى بىر ئىزدا توختاپ قالىدۇ. بويى ئۆسكەن بىلەن ئەقلى ئۆسمەيدۇ. كىتابنى بۈگۈندىن باشلاپ ئوقۇيمەن دەپلا ئوقۇپ كەتكىلى بولمايدۇ. بۇ بىر ئۇزۇن جەريان ھەم ئادەت مەسىلىسى. مەسلەن، مەن كىتاب ئوقۇشنى بەش-ئالتە ياشتىن باشلىغان. شۇ كىتابلار تەبىئىي ھالدا مېنىڭ كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىمنى قوزغىدى. كىتاب ئوقۇشمۇ بىر ئەمگەك، بۇ ئەمگەكنى بىر ئادەت قىلىپ يېتىلدۈرسەك ياخشى. لېكىن بەزى ئادەملەر كىتابنى تۇتقۇزۇپ قويسىڭىز، شۇ ھامان ئۇخلاپ قالىدۇ ياكى بېشى ئاغرىيىدۇ. دېمەك، بۇ ئادەملەر كىچىك ۋاقتىدىن باشلاپ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى ھەم قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرمىگەن. بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار چوڭ زاكونلار سۆزلەنگەن كىتابلارنى ئەمەس، ئەكسىچە ۋەقەلىكلىرى قىزىقارلىق، بالىنىڭ تەپەككۇرى بىلەن ماسلىشىدىغان، بالىلارنىڭ مەنىۋىيىتىگە زوق بېرەلەيدىغان كىتابلارنى تاللاپ ئېلىپ بېرىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بالىلاردا كىتابقا بولغان بىر خىل مەپتۇنلۇق شەكىللىنىدۇ. ئادەمنىڭ كىتاب ئوقۇش جەريانى بىلەن پىسخىكىسى تەڭ تەرەققىي قىلىپ ماڭىدىغان گەپ. مەسلەن، سىز بىر مەزگىللەردە چۆچەك ئوقۇشقا قىزىقسىڭىز خىيالىي دۇنياغا قېنىپ بولغاندىن كېيىن، رىئالىزىملىق ئۇسۇلدا يېزىلغان ئەسەرلەرگە قىزىقىپ، ھېكايە، رومانلارنى ئوقۇشقا ئۆتىسىز. ئوقۇغان رومان ۋە باشقا كىتابلىرىڭىز 400-500 پارچىگە بارغاندا، ئەمدى باشقا كىتابلارنىمۇ ئوقۇپ باقايچۇ دەپ ئويلايسىز-دە، مۇھاكىمە، نەزەرىيە خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم كىتابلارنى، ماقالىلەرنى، پەلسەپىۋى ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا باشلايسىز. سىز يۇقارقى جەريانلارنى باشتىن كەچۈرمەي، بىۋاستە ھالدا پەلسەپىۋى كىتابلارنى ئوقۇيمەن دېسىڭىز، بۇنداق كىتابلانى ئوقۇپ چۈشىنىپ زوق ئېلىش ئۈچۈن غايەت زور ئېنىرگىيە ۋە تەييارلىق باسقۇچى كېرەك. بىر يولىلا ئوقۇپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئاۋال ئادەتنى يېتىلدۈرۈپ، ئاندىن تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ تەرەققىي قىلىش كېرەك. ۋەقەلىكى قىزىقارلىق ئەسەرلەردىن نەزەرىيەۋى ئەسەرلەرگە ئۆتۈش كېرەك. مەسلەن، ئىلگىرى كىتاب ئوقۇپ باقمىغان ياكى سىجىل كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرەلمىگەن ئادەم باشتا ئاددىي، يېنىك كىتابلارنى، يەنى ۋەقەلىك ئارقىلىق يېتەكلەيدىغان كىتابلارنى ئوقۇسا ياخشى. بىز ئۇزاق تارىخقا ئىگە مىللەت. شۇڭا كىشىلىرىمىز تارىخ نۇقتىسىدىن ئۆزىنى تەربىيەلەپ باقسا، تارىخىي كىتابلارنى كۆپرەك ئوقۇسا دەيمەن. بۇ ئارقىلىقمۇ كىتاب ئوقۇشقا كىرىشىۋالغىلى بولىدۇ. 2-قەدەمدە، ئۆز مەدەنىيىتىمىز، تەپەككۇرىمىز، بۈگۈنكى ھالىتىمىز ھەققىدىكى مەسىلىلەرگە يۈزلەنسەك، شۇ ھەقتىكى كىتابلارنى ئوقۇساق بولىدۇ

ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: يۇقىرىدا بىز بالىلاردا كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك، دېدۇق. كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يەنە قانداق يوللار ئارقىلىق يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟ كىتاب ئوقۇغاننىڭ، كىتاب ساقلىغاننىڭ، كىتابقا مەبلەغ سالغاننىڭ پايدىسى يوق، دېگەندەك بىر تەرەپلىمە قاراشتىكى كىشلەرمۇ بار ئىكەن. بۇنىڭغا قانداق قارايسىلەر؟ 

ئابدۇلئەھەد ئابدۇلرەشىد بەرقىي: ھەر بىر ئۇيغۇر ئائىلىسى بالامدا كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقىنى يېتىلدۈرىمەن، بالامنىڭ ئەقلىنى ئاچىمەن دەيدىكەن، ئائىلىسىدە چوقۇم كىتاب ۋە كىتاب قويىدىغان ئىشكابى بولۇشى كېرەك. ئۆيدە كىچىك كىتابخانا قۇرۇشنىڭ بىر نەچچە پايدىسى بار. بىرىنچىسى، باللىرىمىز كىتابلار بىلەن يېقىندىن ئۇچرىشالايدۇ، كىتابنى ئاسراش ئادىتىنى يېتىلدۈرىدۇ. ئىككىنچىسى، ئۇيغۇر كىتابلىرىنىڭ ساقلاش قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى. ئۇيغۇر كىتابلىرىنى پوچتا ماركىسىغا ئوخشىتىش مۇمكىن. چۈنكى، بىزنىڭ كىتابلىرىمىز باشقا چوڭ مىللەتلەرنىڭ كىتابلىرىغا ئوخشىمايدۇ. كىتابلىرىمىز بىر قېتىم ياكى ئىككى قېتىم بېسىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن بۇ كىتابلار غايەت زور دەرىجىدە ساقلاش قىممىتىگە ئىگە. 1980-يىللارنىڭ دەسلىپىدە «تۈركىي تىللار دىۋانى» ئۈچ توم قىلىپ نەشر قىلىنغان ئىدى. بۇ ئۈچ تومنىڭ باھاسىنى قوشۇپ ھېسابلاپ باقسام، 17 يۈەنگە يەتمەيدىكەن. ئارىدىن 30 يىل ئۆتمەي 2000 يۈەن بىلەن قايتا نەشر قىلىنىدى. ھازىر ئەگەر «تۈركىي تىللار دىۋانى» نىڭ كونا نۇسخىسى بولسا، بازارغا چىقسىڭىز 500 يۈەندىن 1000 يۈەنگە قەدەر ھازىرلا ئالىدىغان ئادەم بار. دېمەك، 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا مۇھىم بىر كىتابىمىز 100 ھەسسىدىن ئارتۇق ئۆستى. 1980-يىللاردا نەشر قىلىنغان ھەر قانداق كىتاب ھازىر ئائىلىدە ساقلانغانلا بولسا، بەزىلىرى 200-300 يۈەن، بەزىلىرى 400-500 يۈەنگە چوقۇم يارايدۇ. ئەينى چاغلاردا بىز ئۇ كىتابلارغا بىر يۈەن ياكى بەش مو مەبلەغ سالغان. ھازىر بۇ كىتابلار 50-60 يۈەنلىك باھادا قايتا نەشر قىلىنىۋاتىدۇ. شۇڭا مەن ئۇيغۇر ئائىللىرىدە بىر كىتابخانا قۇرۇشنى ئەمەلىيەتتە بانكىدا پۇل قويغاندەك ئۈنۈملۈك ئىش، ياخشى مەبلەغ سېلىش، دەپ قارايمەن. ئادەملىرىمىز بۇنى تونۇپ يەتسە كىتابخانىغا بېرىپ بىر كىتابتىن بىرنى ئەمەس، بىر نەچچىنى ئالىدىغان بولىدۇ. بەزى كىتابلارنى بەش- ئالتە نۇسخا ئېلىپ بېسىپ قويسا، بۇنىڭ قىممىتى ئۆسۈپ بارىدۇ. چۈنكى نوپۇسىمىز كۆپىيىپ، بىر تۈركۈم ئەۋلادلار يېتىشىپ چىقىدۇ. ئۇلار كىتابقا ئالاھىدە ئېھتىياجلىق بولىدۇ. ئىلگىرى بېسىلغان كىتابلار ئەتىۋارلىنىدۇ. يەنە بىرى، كىتابلىرىمىزنىڭ بېسلىش سانى بىر قەدەر ئاز. ئۈچىنچىدىن، ھازىر كىتاب ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئاساسلىق خام ئەشياسى بولغان قەغەزنىڭ باھاسى يىلدىن-يىلغا ئۆسۈۋاتىدۇ. چۈنكى قەغەزنىڭ خام ئەشياسى ياغاچ. دۇنيادا ھازىر ئورمان كۆلىمى كىچىكلەپ، قەغەزنىڭ ماتېرىيال مەنبەسى ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ. مال باھاسى خام ئەشيا باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ئۆسۈۋېرىدۇ. بۇ بىر ئىقتىسادىي قانۇنىيەت. شۇڭا، ئائىلىدە كۈتۈپخانا قۇرۇش پايدىسى بار مەبلەغ سېلىش ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن، بىر ئائىلىدە كۈتۈپخانىنىڭ بولۇشى مۇشۇ ئائىلىنىڭ مەدەنىيەت ساپاسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان مۇھىم ئۆلچەم. بىزدە ھازىر نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئائىلىسىدە كۈتۈپخانا يوق. ھەتتا بەزى ئائىلىلەرنىڭ كىتاب ساقلىغۇدەك بىرەر ئىشكاپىمۇ يوق. كىتابلارنى كارىۋاتىنىڭ ئاستىغا، بىر يەرلەرگە تىقىپ قويۇپ ساقلايدىغان ئەھۋاللامۇ بار. ھەر ئائىلىدە بىردىن كىتاب ئىشكابى بولۇش، قۇدرىتى يەتسە بىرەر ھۇجرىنى كۈتۈپخانا قىلىۋېلىش، ھەر ئايدا كىتابقا مەبلەغ سېلىپ تۇرۇش ناھايىتى مۇھىم. بۇ مەبلەغ سېلىش بىر تەرەپتىن بىلىمىڭىزنى ئاشۇرىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئىقتىسادىڭىزنى ئاشۇرىدۇ. دۇنيادا بۇنىڭدىمۇ پايدىلىق بىر ئىش بولمسا كېرەك.

ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: ئۇيغۇرلاردا كىتاب سوۋغا قىلىش، يازغان كىتابلىرىنى باشقىلارغا ئارمىغان قىلىدىغان ئادەتلەر بار. بۇ ھەقىقەتەن كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان ئېسىل ئەخلاق. مۇشۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيىشىپ باقساق. 

ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد: ئالىملىرىمىزدىن مەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئۆز كىتابلىرىنى شۇ دەۋردىكى خانلارغا ئارمىغان قىلغانىكەن. دېمەك، ئەينى دەۋردە كىتاب ناھايىتى بۈيۈك ھەدىيە ھېسابلانغان. قەدىر-قىممەت ئىلىم بىلەن باغلانغان. پۇقرادىن تارتىپ پادىشاھقىچە ئىلىم-مەرىپەتنى قەدىرلىگەن. ھازىرمۇ كۆڭلى يېقىن زىيالىيلار ئارىسىدا بىر-بىرىگە ئېسىل كىتابلارنى تەۋسىيە قىلىش بىلەن قالماي بەلكى ئۇنى سوۋغات قىلىدىغان، كىتابى چىققاندا ئۆز ئارا تەبرىكلىشىدىغان، ئىمزا قويۇپ ھەدىيە قىلىدىغان ياخشى ئىشلار بار. ئۆتكەندە مەن چوڭ ئۆيىمىزدە 1970-لارنىڭ ئاخىرىدا نەشىر قىلىنغان «جۇڭيى تېبابىتى ئۆسۈملۈكلەر قامۇسى» دېگەن كىتابنى كۆرۈپ قالدىم. ئۇنى رەھمەتلىك دادامنىڭ يېقىن بىر بۇرادىرى دادامغا سوۋغا قىلغانىكەن. داداممۇ بۇ كىتابنى ئاسراپ ساقلىغانىكەن. كىتاب ئەڭ ياخشى ھەدىيە ۋە ئەڭ ياخشى مىراس. كىتابنى قەدىرلىگۈچىلەر شۇ دەۋرنىڭ ئىلىم-مەرىپىتىنى كۆز قارىچۇقىدەك ئاسرىغۇچىلار، ئىلىم مەشئىلىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزگۈچىلەردۇر. بىز ئالىم ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئەدىب تۇرسۇنئاي ساقىمنىڭ ئۆزلىرى ئۆمۈر بويى يىغىپ ساقلىغان نەچچە مىڭ پارچە كىتابىنى ئۇنىۋېرسىتېت كۇتۇپخانىلىرىغا ھەدىيە قىلغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. بۇ تەشۋىق قىلىشقا تېگىشلىك كاتتا ئىش. كىتابنى شۇنداق قەدىرلەپ ساقلاش كېرەككى، ئۇنىڭ پاك قۇرلىرىدىن مەنىۋىيىتىمىزگە ئەقىل-ئىدراك نۇرلىرى چېچىلسۇن. ئۇنى يېقىنلىرىمىزغا ئېسىل سوۋغا قىلىپ بېرەيلى ياكى ئەۋلادلارغا ئۆلمەس مىراس بولۇپ قالدۇرايلىكى، ئۇنىڭ قىممىتى تېخىمۇ ئاشسۇن.


ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: دولقۇن، بىلىشىمچە، «مىللەتلەر نەشىرىياتى» دا ئىشلەۋاتقىنىڭىزغا 15 يىل بوپتۇ. كىتاب تەھرىرلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىسىز. ھازىر كىتابخانىلاغا كىرىدىغان بولساق، بىر قسىم كىتابلارنىڭ بازىرى خېلىلا ئىتتىك. كىتابخانىلارغا سېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سېتىلىپ تۈگەيدۇ. يەنە بەزى كىتابلار سېتىلماي كىتابخانىدا توپا بېسىپ تۇرىدىغان ئەھۋاللار بار. ئەمدى بىر قسىم كىشىلەر كىتابلاردىكى مۇشۇ خىل ھالەتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ: «بازىرى ئىتتىك كىتابلارنىڭ ئىستىقىبالى بار»، «سېتىلمىغان كىتابلار ناچار كىتابلار»، «بازار ھەممىنى بەلگىلەيدۇ»، «بەزى كىتابلارنىڭ بازىرى ئىتتىك بولغانلىقى ئۇنىڭ ياخشىلىقىدىن، بەزى كىتابلارنىڭ توپا بېسىپ تۇرۇپ قالغانلىقى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كەلمىگەنلىكىدىن» دەپ قارايدىغانلارمۇ بار ئىكەن. مۇشۇ ئەھۋالغا قانداق قاراش كېرەك؟

دولقۇن قادىر: ئەلۋەتتە چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا، ياخشى كىتاب ياخشى سېتىلىدۇ. لېكىن بەزىدە بازىرىنىڭ ئىتتىك بولۇشى بۇ كىتابلارنىڭ چوقۇم ياخشىلىقىنى ئىسپاتلىمايدۇ ياكى مۇشۇ يۆنىلىشنىڭ جەزمەن توغرىلىقىنى ئىسپاتلىمايدۇ. نېمىشقا دېگەندە ئادەم بىلىدىغان نەرسىسىنى بەك قىلغۇسى كېلىدۇ، ئۇقىدىغان نەرسىنى داۋاملىق ئوقۇغۇسى كېلىدۇ. ئۇقمايدىغان، كەم نەرسىلەرنى قىلىش خۇشياقمايدۇ. ھازىرغىچە مىللىتىمىزدە تارىخ، دىن، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە دائىر كىتابلار خېلى كۆپ، بۇ بىزدىكى كام ساھە ئەمەس. ئەلۋەتتە بۇ بىر ئاساس. بىز يىلتىزىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئالدى بىلەن چوقۇم ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ئەمدى بۇنى ئۆگەنگەن ئاساستا نەگە قارىشىمىز كېرەك؟ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك؟ بىزدە قايسى ساھە، قايسى پەنلەر، قانداق تەپەككۇرلار كەمچىل؟ دۇنيادا نېمە ئىش بولۇۋاتىدۇ؟ تەرەققىي تاپقان يەرلەردە نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟ ئۇ يەردىكى زىيالىيلار قانداق كىتابلارنى ئوقۇۋاتىدۇ؟... بۇمۇ نۆۋەتتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە. لېكىن مۇشۇنداق يېڭى، چوڭقۇر مەنىلىك كىتابلارنى چىقارساق، بۇنىڭ بىزگە نىسبەتەن سېتىلىش جەھەتتە سەل خەتىرى بار. سېتىلامدۇ-سېتىلمامدۇ؟ بازارلىق بولامدۇ-بولمامدۇ؟ بەزىدە ئىككىلىنىپ قالىمىز. شۇڭا بىزدىكى سەر خىل زىيالىلار مېنىڭچە چوقۇم بىر نەرسىنى ئويلىشى كېرەك. يەنى بىز ئىلگىرى نېمە ئىش قىلغان دېگەننى ئۆگەنگەن ئاساستا تېخىمۇ مۇھىمى بۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەكلىكى، نېمە ئۆگىنىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنىشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن.

ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: ھازىر بىر-بىرىدىن ئېسىل ئەسەرلەر نەشر قىلىنىۋاتىدۇ، چەت ئەللەرنىڭ نۇرغۇن داڭلىق ئەسەرلىرىمۇ تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. نەشرىيات، كىتاب نەشر قىلىش ۋە كىتابى نەشر قىلىنغان ئاپتورلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىي مەسىلىسى، نەشىر ھوقۇقىي مەسىلىسىمۇ بۈگۈنكى كۈندە زىيالىلار، ئاپتورلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان بىر مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى.

دولقۇن قادىر: ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى — بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى. بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بىلىمنى قەدىرلەيدىغان، ئەمگەكنى قەدىرلەيدىغان، ئەمگەك قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە بولىدىغان مۇشۇنداق دەۋرگە يەتتى . يېقىندا «بەيدۇ» شىركىتى نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ كىتابلىرىنى رۇخسەتسىز ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئىشلىتىۋالغاندىن كېيىن، بۇ يازغۇچىلار ئەرز قىلىپ ناھايىتى زور غۇلغۇلا قوزغىدى. دېمەك، ھازىر ئايرىم ساھەدە قەغەز كىتابنىڭ ئورنىنى ئېلېكترونلۇق كىتاب ئىگەللىگەندىن كېيىن، ئېلېكتىرونلۇق كىتابتا بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى كونتىرول قىلماق تەس، تاقابىل تۇرماق قىيىن بىر مەسىلىگە ئايلاندى. بۈگۈنكى قانۇنىي جەمئىيەتتە ئەمگەكنىڭ ئەڭ ئالىي شەكلى بولغان مەنىۋى ئەمگەك چوقۇم قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. ھازىر بىزنىڭ كىتابلىرىمىزدا بولسۇن، ئۈن-سىن بۇيۇملىرىمىزدا بولسۇن ساختا باسمىلار ناھايىتى كۆپ ئورۇننى ئىگىلىدى. جەمئىيەت، ھۆكۈمەت ۋە كەسپىي ئورۇنلارمۇ تىرىشىپ بۇ ساختا باسمىنى چەكلەۋاتىمىز. لېكىن بۇ يوقالمايۋاتىدۇ. بۇ بىر دۇنياۋى مەسىلە. شۇڭلاشقا، بۈگۈنكىدەك بىر كۈندە بىز بىرىنچىدىن، كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىمىز. ئىككىنچىدىن، توغرا، قانۇنلۇق نەشر بۇيۇملىرىنى تەشەببۇس قىلىمىز. ساختا باسمىلارنى قەتئىي يوقىتىشقا تىرىشىمىز ھەم ئۇنىڭغا قارشى تۇرىمىز.

ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. شۇ مەزگىللەردە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىدىكى ماقالىلەرنى ياقتۇرۇپ كۆرەتتىم. ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ، نىزامىدۇن ھۈسەيىننىڭ ماقالىلىرىنى كۆرۈپ، بۇ ماقالىلارنىڭ تىلىنىڭ ناھايىتى پاساھەتلىكىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، «مۇشۇ پىكىر، مۇشۇ پاساھەت نەدىن كېلىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلايتتىم. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ كىتابلىرىنىڭ كەينىگە بېرىلگەن «پايدىلانغان مەنبەلەر»نى كۆرۈپ، پېشانەمگە ئۇرۇۋەتكەن چاغلىرىممۇ بولغان. مۇشۇنچىۋالا كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغانغا قانداق ۋاقىت ئاجراتقاندۇ؟ دەپ ئويلىنىپ كېتەتتىم. بىر كۈنى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىدىن: «قانداق كىتابلارنى ئوقۇساق، مۇشۇنداق پاساھەتلىك يازالايمىز؟» دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ: «ھەممە ئادەمنىڭ قوبۇل قىلىشى ئوخشىمايدۇ. ‹نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە› موللا مۇسا سايرامىنىڭ ‹تارىخى ھەمىدىيە›، ‹تارىخى ئەمىنىيە›، رادفىشنىڭ ‹جالالىدىن رۇمىي›، ‹مەن ھەقىقەتنى قانداق چۈشەندىم› دېگەن كىتابلارنى ئوقۇپ باقسىڭىز» دەپ تەۋسىيە قىلغان. نەزەرىيەۋى سەۋىيەسى ئۈستۈن، نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇغان ئۇستازلاردىن قايسى كىتابلارنى ئوقۇشنى سورىغىنىمىزدا، ئارتۇقچە يولنى ماڭمايدىغان، ئىتتىك ئۈنۈم كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. يېقىندا، بېيجىڭدىكى شىدەن، ۋاڭفۇجىن كىتابخانلىرىغا كىرسەم، «ھاياتتا ئوقۇشقا تېگىشلىك 60 كىتاب»، «كىشلىك ھاياتتا چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەدەبىيات ساھەسىدىكى 100 كىتاب»، «تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى 30 كىتاب» دېگەندەك مۇشۇنداق كىتابلار بازارلىق كىتابلار قاتارىدىن ئورۇن ئاپتۇ. شۇنىڭدىن قارىغاندا، كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلىش بىر نۆرى، يەنە بىرى قانداق قىلغاندا قىسقا مۇددەت ئىچىدە نەپ تېگىدىغان كىتابلارنى تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئوقۇپ، بىر نەتىجە ھاسىل قىلىشمۇ مۇھىمكەن، دەپ ئويلاپ قالدىم. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، كىتاب ئوقۇيدىغان مۇھىتنىڭ قانداق بولۇشىمۇ مۇھىم نەرسىكەن. مەسلەن، ئادەم جىق يەردە ئوقۇغان كىتاب بىلەن يالغۇز، جىمجىت يەردە ئوقۇغان كىتابنىڭ كىشىگە بېرىدىغان ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدىكەن. بەزىلەر ئەتىگىنى سەھەر تۇرۇپ كىتاب ئوقۇيدىكەن. بۇ كىتاب مېڭىسىگە ئورناپ كېتىدىكەن. بەزىلەر ئەل ياتقۇ ۋاقىتىدا كىتاب ئوقۇيدىكەن. بەزى ئادەملەر بۈك-باراقسان، دەل-دەرەخلىكلەر ئارىسىدا كىتاپ ئوقۇسا ناھايىتى ئوبدان ئوقۇيدىكەن. قانداق ۋاقىتتا كىتاب ئوقۇش مۇھىم بىر ئىشكەن


ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: دولقۇن، بىلىشىمچە، «مىللەتلەر نەشىرىياتى» دا ئىشلەۋاتقىنىڭىزغا 15 يىل بوپتۇ. كىتاب تەھرىرلىكى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىسىز. ھازىر كىتابخانىلاغا كىرىدىغان بولساق، بىر قسىم كىتابلارنىڭ بازىرى خېلىلا ئىتتىك. كىتابخانىلارغا سېلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا سېتىلىپ تۈگەيدۇ. يەنە بەزى كىتابلار سېتىلماي كىتابخانىدا توپا بېسىپ تۇرىدىغان ئەھۋاللار بار. ئەمدى بىر قسىم كىشىلەر كىتابلاردىكى مۇشۇ خىل ھالەتلەرنى كۆزدە تۇتۇپ: «بازىرى ئىتتىك كىتابلارنىڭ ئىستىقىبالى بار»، «سېتىلمىغان كىتابلار ناچار كىتابلار»، «بازار ھەممىنى بەلگىلەيدۇ»، «بەزى كىتابلارنىڭ بازىرى ئىتتىك بولغانلىقى ئۇنىڭ ياخشىلىقىدىن، بەزى كىتابلارنىڭ توپا بېسىپ تۇرۇپ قالغانلىقى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كەلمىگەنلىكىدىن» دەپ قارايدىغانلارمۇ بار ئىكەن. مۇشۇ ئەھۋالغا قانداق قاراش كېرەك؟

دولقۇن قادىر: ئەلۋەتتە چوڭ جەھەتتىن ئالغاندا، ياخشى كىتاب ياخشى سېتىلىدۇ. لېكىن بەزىدە بازىرىنىڭ ئىتتىك بولۇشى بۇ كىتابلارنىڭ چوقۇم ياخشىلىقىنى ئىسپاتلىمايدۇ ياكى مۇشۇ يۆنىلىشنىڭ جەزمەن توغرىلىقىنى ئىسپاتلىمايدۇ. نېمىشقا دېگەندە ئادەم بىلىدىغان نەرسىسىنى بەك قىلغۇسى كېلىدۇ، ئۇقىدىغان نەرسىنى داۋاملىق ئوقۇغۇسى كېلىدۇ. ئۇقمايدىغان، كەم نەرسىلەرنى قىلىش خۇشياقمايدۇ. ھازىرغىچە مىللىتىمىزدە تارىخ، دىن، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە دائىر كىتابلار خېلى كۆپ، بۇ بىزدىكى كام ساھە ئەمەس. ئەلۋەتتە بۇ بىر ئاساس. بىز يىلتىزىمىزنى ئۇنتۇپ قالماسلىق ئۈچۈن ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنى ئالدى بىلەن چوقۇم ئۆگىنىشىمىز كېرەك. ئەمدى بۇنى ئۆگەنگەن ئاساستا نەگە قارىشىمىز كېرەك؟ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىمىز كېرەك؟ بىزدە قايسى ساھە، قايسى پەنلەر، قانداق تەپەككۇرلار كەمچىل؟ دۇنيادا نېمە ئىش بولۇۋاتىدۇ؟ تەرەققىي تاپقان يەرلەردە نېمە ئىشلار بولۇۋاتىدۇ؟ ئۇ يەردىكى زىيالىيلار قانداق كىتابلارنى ئوقۇۋاتىدۇ؟... بۇمۇ نۆۋەتتىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە. لېكىن مۇشۇنداق يېڭى، چوڭقۇر مەنىلىك كىتابلارنى چىقارساق، بۇنىڭ بىزگە نىسبەتەن سېتىلىش جەھەتتە سەل خەتىرى بار. سېتىلامدۇ-سېتىلمامدۇ؟ بازارلىق بولامدۇ-بولمامدۇ؟ بەزىدە ئىككىلىنىپ قالىمىز. شۇڭا بىزدىكى سەر خىل زىيالىلار مېنىڭچە چوقۇم بىر نەرسىنى ئويلىشى كېرەك. يەنى بىز ئىلگىرى نېمە ئىش قىلغان دېگەننى ئۆگەنگەن ئاساستا تېخىمۇ مۇھىمى بۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىش قىلىشىمىز كېرەكلىكى، نېمە ئۆگىنىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە كۆپرەك ئويلىنىشىمىز كېرەك، دەپ ئويلايمەن.

ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: ھازىر بىر-بىرىدىن ئېسىل ئەسەرلەر نەشر قىلىنىۋاتىدۇ، چەت ئەللەرنىڭ نۇرغۇن داڭلىق ئەسەرلىرىمۇ تەرجىمە قىلىنىۋاتىدۇ. نەشرىيات، كىتاب نەشر قىلىش ۋە كىتابى نەشر قىلىنغان ئاپتورلارنىڭ ئەسەر ھوقۇقىي مەسىلىسى، نەشىر ھوقۇقىي مەسىلىسىمۇ بۈگۈنكى كۈندە زىيالىلار، ئاپتورلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىۋاتقان بىر مۇھىم مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى.

دولقۇن قادىر: ھازىرقى زامان مەنىسىدىكى مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى — بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى. بۈگۈنكى كۈندە ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن بىلىمنى قەدىرلەيدىغان، ئەمگەكنى قەدىرلەيدىغان، ئەمگەك قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە بولىدىغان مۇشۇنداق دەۋرگە يەتتى . يېقىندا «بەيدۇ» شىركىتى نۇرغۇن يازغۇچىلارنىڭ كىتابلىرىنى رۇخسەتسىز ئۆزىنىڭ تور بېتىدە ئىشلىتىۋالغاندىن كېيىن، بۇ يازغۇچىلار ئەرز قىلىپ ناھايىتى زور غۇلغۇلا قوزغىدى. دېمەك، ھازىر ئايرىم ساھەدە قەغەز كىتابنىڭ ئورنىنى ئېلېكترونلۇق كىتاب ئىگەللىگەندىن كېيىن، ئېلېكتىرونلۇق كىتابتا بىلىم-مۈلۈك ھوقۇقى مەسىلىسى كونتىرول قىلماق تەس، تاقابىل تۇرماق قىيىن بىر مەسىلىگە ئايلاندى. بۈگۈنكى قانۇنىي جەمئىيەتتە ئەمگەكنىڭ ئەڭ ئالىي شەكلى بولغان مەنىۋى ئەمگەك چوقۇم قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. ھازىر بىزنىڭ كىتابلىرىمىزدا بولسۇن، ئۈن-سىن بۇيۇملىرىمىزدا بولسۇن ساختا باسمىلار ناھايىتى كۆپ ئورۇننى ئىگىلىدى. جەمئىيەت، ھۆكۈمەت ۋە كەسپىي ئورۇنلارمۇ تىرىشىپ بۇ ساختا باسمىنى چەكلەۋاتىمىز. لېكىن بۇ يوقالمايۋاتىدۇ. بۇ بىر دۇنياۋى مەسىلە. شۇڭلاشقا، بۈگۈنكىدەك بىر كۈندە بىز بىرىنچىدىن، كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىمىز. ئىككىنچىدىن، توغرا، قانۇنلۇق نەشر بۇيۇملىرىنى تەشەببۇس قىلىمىز. ساختا باسمىلارنى قەتئىي يوقىتىشقا تىرىشىمىز ھەم ئۇنىڭغا قارشى تۇرىمىز.

ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: مەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئاخبارات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. شۇ مەزگىللەردە «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژورنىلىدىكى ماقالىلەرنى ياقتۇرۇپ كۆرەتتىم. ئابدۈشكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ، ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ، نىزامىدۇن ھۈسەيىننىڭ ماقالىلىرىنى كۆرۈپ، بۇ ماقالىلارنىڭ تىلىنىڭ ناھايىتى پاساھەتلىكىنى ھېس قىلغاندىن كېيىن، «مۇشۇ پىكىر، مۇشۇ پاساھەت نەدىن كېلىدىغاندۇ؟» دەپ ئويلايتتىم. ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ كىتابلىرىنىڭ كەينىگە بېرىلگەن «پايدىلانغان مەنبەلەر»نى كۆرۈپ، پېشانەمگە ئۇرۇۋەتكەن چاغلىرىممۇ بولغان. مۇشۇنچىۋالا كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغانغا قانداق ۋاقىت ئاجراتقاندۇ؟ دەپ ئويلىنىپ كېتەتتىم. بىر كۈنى ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىدىن: «قانداق كىتابلارنى ئوقۇساق، مۇشۇنداق پاساھەتلىك يازالايمىز؟» دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ: «ھەممە ئادەمنىڭ قوبۇل قىلىشى ئوخشىمايدۇ. ‹نەسىردىن ئەپەندى ھەققىدە قىسسە› موللا مۇسا سايرامىنىڭ ‹تارىخى ھەمىدىيە›، ‹تارىخى ئەمىنىيە›، رادفىشنىڭ ‹جالالىدىن رۇمىي›، ‹مەن ھەقىقەتنى قانداق چۈشەندىم› دېگەن كىتابلارنى ئوقۇپ باقسىڭىز» دەپ تەۋسىيە قىلغان. نەزەرىيەۋى سەۋىيەسى ئۈستۈن، نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇغان ئۇستازلاردىن قايسى كىتابلارنى ئوقۇشنى سورىغىنىمىزدا، ئارتۇقچە يولنى ماڭمايدىغان، ئىتتىك ئۈنۈم كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. يېقىندا، بېيجىڭدىكى شىدەن، ۋاڭفۇجىن كىتابخانلىرىغا كىرسەم، «ھاياتتا ئوقۇشقا تېگىشلىك 60 كىتاب»، «كىشلىك ھاياتتا چوقۇم ئوقۇشقا تېگىشلىك ئەدەبىيات ساھەسىدىكى 100 كىتاب»، «تەبىئىي پەن ساھەسىدىكى 30 كىتاب» دېگەندەك مۇشۇنداق كىتابلار بازارلىق كىتابلار قاتارىدىن ئورۇن ئاپتۇ. شۇنىڭدىن قارىغاندا، كىتاب ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى بىلىش بىر نۆرى، يەنە بىرى قانداق قىلغاندا قىسقا مۇددەت ئىچىدە نەپ تېگىدىغان كىتابلارنى تىرىشىپ-تىرمىشىپ ئوقۇپ، بىر نەتىجە ھاسىل قىلىشمۇ مۇھىمكەن، دەپ ئويلاپ قالدىم. يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا، كىتاب ئوقۇيدىغان مۇھىتنىڭ قانداق بولۇشىمۇ مۇھىم نەرسىكەن. مەسلەن، ئادەم جىق يەردە ئوقۇغان كىتاب بىلەن يالغۇز، جىمجىت يەردە ئوقۇغان كىتابنىڭ كىشىگە بېرىدىغان ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدىكەن. بەزىلەر ئەتىگىنى سەھەر تۇرۇپ كىتاب ئوقۇيدىكەن. بۇ كىتاب مېڭىسىگە ئورناپ كېتىدىكەن. بەزىلەر ئەل ياتقۇ ۋاقىتىدا كىتاب ئوقۇيدىكەن. بەزى ئادەملەر بۈك-باراقسان، دەل-دەرەخلىكلەر ئارىسىدا كىتاپ ئوقۇسا ناھايىتى ئوبدان ئوقۇيدىكەن. قانداق ۋاقىتتا كىتاب ئوقۇش مۇھىم بىر ئىشكە

ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىي: مەن ئايروپىلانغا چىقىشتىن قورقىمەن. چۈنكى، ئېگىزلىكتىن قورقۇش كېسىلىم بار. ھەر قېتىم ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن، ئەمدى ئايروپىلانغا چىقمايمەن دەيمەنۇ، لېكىن بارىدىغان مۇساپەم يىراق بولغاچقا، يەنىلا ئايروپىلاندا ئولتۇرىمەن. ھازىر ئايروپىلاندا كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈۋالدىم. ئۆتكەندە بېيجىڭدىن ئۈرۈمچىگە بارغۇچە، نېلسون ماندىلانىڭ «ئەركىنلىككە سوزۇلغان ئۇزاق يول» دەيدىغان كىتابنىڭ ئىنگىلىزچىسىنى ئوقۇدۇم. ئىككى-ئۈچ مىنۇت كىتاب ئوقۇپ، كىتابقا كىرىشىپلا كەتتىم. ئۈرۈمچىگە بارغۇچە پۈتۈنلەي كىتابقا كىرىشىپ كېتىپتىمەن. كىتابنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىككى-ئۈچ بابىنى ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ ئوقۇۋېتىپتىمەن. بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە مەزمۇن كاللامغا ناھايىتى ياخشى ئورۇنلىشىپتۇ. بۇ بىر مۇھاكىمە قىلىپ باقىدىغان ئىش. لېكىن مېنىڭ تەكلىپىم — نەدە پۇرسەت بولسا، شۇ يەردە ئوقۇش كېرەك.

دولقۇن قادىر: مەن ئىقتىساد ئىلمىدە بىر تەلىماتنى ئوقۇغان. رايون ئىقتىسادشۇناسلىقىدا مۇنداق بىر مەسىلىنى تەھلىل قىلىدۇ. يەنى نېمە ئۈچۈن مەلۇم رايونلارغا بىلىملىك ئادەملەر ھەم بىلىم بارغانسېرى يىغىلىپ قالىدۇ؟ دېگەن مەسىلىنى تەتقىق قىلىپ تۆۋەندىكىدەك نەزەرىيەنى يەكۈنلەپ چىققان. بۇ نەزەرىيەدە بىلىمنى ئىككىگە بۆلىدۇ. بىرى رەقەملىك بىلىم، يەنە بىرى يوشۇرۇن بىلىم. رەقەملىك بىلىم دېگىنىمىز — خەت، سۈرەت، مۇزىكا، بەلگە، سىموۋۇللۇق ۋاستە ئارقىلىق يۆتكىگىلى بولىدىغان بىلىمنى كۆزدە تۇتىدۇ. يوشۇرۇن بىلىم دېگەندە، مەسلەن، بۈگۈن تۆتىمىز پاراڭلاشقان بولساق، بۇ بىلىم خۇددى ماگنېت مەيدانىدەك تۆتىمىزگىلا ئۆز ئارا تەسىر قىلىدۇ. نەق مەيداندا بولمىغان ئادەمگە تەسىر قىلمايدۇ. بۇ پەقەت ئادەمدىن-ئادەمگە ئۆتىدىكەن. يەنە مەسلەن: ئوخشاش بىر ئۇيغۇرچە كىتابنى خوتەن ياكى قەشقەردىكى بىلىم يۇرتىدا ئوقۇغان بىلەن شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ئوقۇغاننىڭ ئادەمگە بېرىدىغان ئۈنۈمى ئوخشىمايدۇ. ئوخشاش بىر خەنزۇچە كىتابنى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ئوقۇغان بىلەن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كۈتۈپخانىسىدا ئوقۇغاننىڭ ئۈنۈمى ئوخشىمايدۇ. يەنە ئوخشاش بىر ئىنگلىزچە كىتابنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان بىلەن خارۋاد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغاننىڭ ئۈنۈمى ئوخشاش بولمايدۇ. نېمىشقا دېگەندە ئەتراپتىكى ئادەملەرنىڭ، مۇھىتنىڭ بىزگە بولغان تەسىرى ئوخشاش بولمايدۇ. شۇڭلاشقا، مەلۇم رايونلارغا مەلۇم بىلىملىك ئادەملەر ياكى مەدەنىيەت ئۇچۇرلىرى بارغانسېرى توپلىنىپ قالىدىكەن. شۇڭا مەن ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇشۇ ئالىي بىلىم يۇرتلىرىنى تولىمۇ قەدىرلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: كىتابتىن ئوقۇغان تەسىراتنى باشقىلارغا سۆزلەپ بېرىش توغۇرلۇق كاللامدا شۇنداق بىر ئويلىنىپ تۇرغان ۋاقىتتا، زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ «شىنجاڭ مەدەنيىتى» ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىسىنى ئوقۇپ قالدىم. ماقالىدىن بىلىشىمچە، چەتئەللەردە بولۇپمۇ ئامېرىكىدا ئىستۇدېنتلار مەخسۇس ئىلىم چېيى ئۆتكۈزىدىكەن. مەخسۇس كۈننى بىكىتىپ، بىر يەرگە جەم بولۇپ، دۇنيانىڭ ۋەزىيىتى، ئۆزى ئوقۇۋاتقان كەسپ، ھەر قايسى ساھەلەر توغۇرلىق پاراڭلىشىدىكەن. پاراڭلىشىش ئارقىلىق بىر-بىرىنىڭ بىلىمىنى پاراڭ جەريانىدا تولۇقلاپ باھا بېرىپ ئۆتىدىكەن. بېيجىڭ شىدەن كىتابخانىسنىڭ يېنىدا بىر كۈتۈپخانا بار. كىتاب، ژورنال ئوقۇيسىز، يىنىك مۇزىكا چىقىپ تۇرىدۇ. ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم مەلۇم بىر ئۇنۋېرسىتېتنىڭ پىروفېسسورىنى ئۆزىنىڭ تەتقىقات ساھەسى توغرىلىق ئاممىباب تىلدا شۇ يەرگە كىرگەن ئىلىم ئەھلىلىرىگە تەتقىقات يۆنۈلۈشى ۋە تەتقىقات ئەھۋالىنى بىرەر قۇر ئېيتىپ بېرىدىكەن. «XX سىز پالانى كىتابنى ئوقۇسىڭىز، XX سىز پۇستانى كىتابنى ئوقۇسىڭىز. بىز 20 كۈن ياكى بىر ئايدىن كېيىن ئۇچراشساق، سىز ئۆزىڭىزىنىڭ ئوقۇغان كىتابىڭىزنى ئىچى-ئىچىڭىزدىن چىقىرىپ ماڭا سۆزلەپ بېرىدىكەنسىز. بۇ كىتابتا نېمە دېيىلىپتۇ؟ ئاساسىي مەزمۇنى نېمە؟ قانداق يېتەسىزلىكلىرى بار؟ بۇ كىتابتىن قانداق ئوزۇق ئالدىڭىز؟» يۇقارقى ئۇسسۇل ئارقىلىق، سىز ماڭا دەپ بېرىدىكەنسىز، مەن سىزگە دەپ بېرىدىكەنمەن. چۈنكى، مەن سىزنىڭ دەپ بەرگىنىڭىزنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپ، شۇ كىتابنىڭ ئومۇمىي مەزمۇندىن خەۋەردار بولۇپ كېتىدىكەنمەن. مېنىڭچە، بۇ ۋاقىت تېجەشتە تولىمۇ پايدىسى بار ئىشكەن، دەپ ئويلاپ قالدىم.

ئابدۇلئەھەد ئابدۇرەشىد بەرقىي: تولىمۇ ياخشى گەپ قىلدىڭىز. خەلقىمىز كىتاب ئوقۇشتىن باشقا، جەمئىيەتتە يۈز بېرىۋاتقان ھەر خىل ئىشلار، مال باھاسى، ئۆي باھاسىنىڭ ئۆسۈشى قاتارلىق مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشقا، چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا موھتاج. بىر كۈنى ئۆي باھاسى ئۆسەمدۇ-ئۆسمەمدۇ؟ دېگەن مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىپ باقساق، يەنە بىر كۈنى قانداق نەرسىلەرگە مەبلەغ سېلىش كېرەك؟ قانداق قىلسا پۇل تاپقىلى بولىدۇ؟ دېگەن مەسىلە ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارساق بولىدۇ مەسلەن، ھازىر لېۋىيەدە ئۇرۇش بولۇۋاتىدۇ. ئوتتۇرا شەرقتە نۇرغۇن ئىشلار يۈز بەردى. نېمىشقا يۈز بېرىدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى زادى نېمە؟ ئەرەبلەرگە نېمە بولدى؟ مۇشۇ مەسىلىلەر ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىش تامامەن مۇمكىن. بىزنىڭ بۇ ھەقتە نۇرغۇن كۈزۈتۈشلىرىمىز بار. بۇنداق قىلىشنىڭ خەلقىنىڭ ئانالىز قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە تولىمۇ پايدىلىق.

دولقۇن قادىر: مۇنداق بىر ئىش ئېسىمگە كېلىپ قالدى. شەندۇڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسىسىنىڭ «كىتاب ئوقۇش» دېگەن بىر قانىلى بار ئىكەن. بۇ قانالدا ئەتىگەندىن-كەچكىگە كىتاب توغۇرلۇق پاراڭ بولىدىكەن. دېمەك، جاھاننىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئاخبارات ۋاستىلىرىدا مۇشۇنداق قاناللار پەيدا بوپتۇ. ئاخبارات ۋاستىلىرىدا مۇشۇنداق پروگراممىلارنى ئېچىپ، نەشرىياتلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، چىقىۋاتقان كىتابلار ۋە ئۇلارنىڭ مەزمۇنى توغۇرلۇق باشقىلارنى خەۋەردار قىلساق، بۇنىڭمۇ پايدىسى بولىدىكەن. يەنە بىرى نەشىرىيات ئورونلىرى بىلەن ئاخبارات ۋاستىلىرى بىرلىشىپ، شۇ كىتابنى تەھرىرلىگەن مۇھەررىر بىلەن شۇ كىتابنىڭ ئاپتورىنى كىتاب چىقىشقا ئاز قالغان ۋاقىتتا شۇ كىتاب توغرىسىدا كەڭ كۇشادە بەس- مۇنازىرە ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق كىتابتىن ئالدىنئالا ئۇچۇر بەرگىلى بولىدىكەن.


ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: جەمئىيەتنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىتابلارنىڭ شەكىللىرى، كىتابلارنىڭ تۈرلىرى كۆپىيىپ كەتتى. مەسىلەن، ئېلكىتاب، يانفونغا قاچىلىنىپ ئوقۇيدىغان كىتاب، كىتاب قويغۇچ، ئاۋازلىق كىتاب....دېگەندەك. بۇ خىل كىتابلارنىڭ پەيدا بولۇشى ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئوينىدى. يەنە بىر جەھەتتىن، قەغەز كىتابنىڭ تارقىلىشىغا، نەشرىياتلارغا نىسبەتەن خىرىس پەيدا قىلدى. بەزىلەر ئېلېكتىرونلۇق كىتابلار مۇشۇنداق تەرەققىي قىلىۋەرسە، قەغەز كىتابنىڭ بازىرى كاساتلىشىدۇ، دەپ ئەندىشە قىلىدىكەن.

دولقۇن قادىر: كىتاب ئوقۇشنى كەڭ جەھەتتىن ۋە تار جەھەتتىن ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ، دەپ قارايمەن. يەنى قەغەز كىتابنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، توردا كۆرۈش ۋە ئېلېكتىرونلۇق كىتاب قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق يازمىلارنى ئوقۇشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاب ئوقۇش، خەت ئوقۇش پائالىيىتىنى مېنىڭچە كەڭ مەنىدىكى كىتاب ئوقۇش پائالىيىتى، دېيىشكە بولىدۇ. ئەمدى تار مەنىدىكى كىتاب ئوقۇش چوقۇم قەغەز كىتاب ئوقۇشنى كۆرسىتىدۇ. ھازىر جەمئىيىتىمىزدە كومپىيۇتىر تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇش ئادىتى ئۆزگۈرۈۋاتىدۇ. قەغەز كىتاب ئوقۇيدىغانلار تېز سۈرئەتتە ئازىيىۋاتىدۇ. بۇ نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان كىتاب ئوقۇش ئادىتىگە يېڭى بىر ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېلىپ كەلدى. ھازىر قەغەز كىتابنىڭ ئورنىنى 20 يىل ياكى 30 يىلدىن كېيىن ئېلېكتىرون كىتاب ياكى كومپىيۇتىر پۈتۈنلەي باسىدۇ، دەيدىغان كۆز قاراشلارمۇ بار. قەغەز كىتاب مەلۇم ۋاقىتتىن كېيىن يوقۇلىدۇ، دېگەن كۆز قاراشقا مەن ئانچە قوشۇلمايمەن. ئېلېكتىرون ۋاستىسى ئارقىلىق ئوقۇلغان يازمىلار ھەقىقەتەن ناھايىتى ئەپلىك، تېز. نۇرغۇن ساھەلەردە ئىنساننىڭ مەدەنىي پائالىيىتىنى راستىنلا كۆپ ئىلگىرى سۈردى. مېنىڭچە، ئىنسانىيەتنىڭ قەغەز كىتابقا بولغان ئېھتىياجى، قەغەز كىتاب ئوقۇش ئادىتى يوقۇلۇپ كەتمەيدۇ. كومپىيۇتىر ھەقىقەتەن ئەپلىك، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر ئىمكان بولسا باسما قىلىپ، قەغەزدە ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. بۇنىڭدا كۆزگىمۇ تەسىر قىلمايدۇ ھەم راھەت بولىدۇ. مۇشۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، كىتابنىڭ ساقلاش قىممىتى، راھەتلىك تۇيغۇسى جەھەتتىن قەغەز كىتاب مېنىڭچە يوقالمايدۇ. ئەمما دائىرىسى تارىيىدۇ.

ئابدۇرۇسۇل ئابدۇرېھىم: تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر سۆھبەت بولدى، دەپ ئويلايمەن. يۇقىرىدا ئۈچىڭلار كىتاب ئوقۇش توغرىسىدا ئۆزۈڭلارنىڭ تەجرىبىسىگە بىرلەشتۈرۈپ، ناھايىتى ياخشى سۆزلەپ بەردىڭلار. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك تېمىلاردا پاراڭلىشىپ تۇرساق دېگەن ئۈمىددە مەن. سىلەرگە رەھمەت

 مەنبە: ۋەتىنىم مۇنبىرى

ئىنكاسلار
ئىنكاس يوللاش