ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خوش كەپسىز
دەرسلىك كىتابلار
پەلسەپە، پىسخولوگىيە ۋە لوگىكا
ئۇنىۋېرسال ئەسەرلەر
ئەدەپ ـ ئەخلاق، پەندى ـ نەسىھەت
تېبابەت ۋە ساغلاملىق
ئارخېئولوگىيە
ياش-ئۆسمۈرلەر
قانۇن-سىياسەت
دىنىي ئېتىقاد

دىنىي ئېتىقاد

هايات بىر دېڭىز، ئىنسان ئۇ دېڭىزدا كېمىدە يولغا چىققان بىر سەيياھ،  دىنىي ئېتىقاد ئۇ كېمىنىڭ كاپىتانى؛ كاپىتانسىز كېمىنىڭ مەنزىلگە يېتىپ بېرىشى ئىمكانسىز بولغىنىدەك، دىنىي ئېتىقادسىز ئادەممۇ ئۆمۈر مەنزىلىگە يېتىپ بارالمايدۇ. ئۇنداق بولغاندا دىنىي ئېتىقاد ئىنساننىڭ زۆرۈر ئېهتىياجى ۋە ئايرىلالماس هايات قۇماندانى. قانداقكى، قۇماندانسىز ئەسكەر ئۇرۇشتا تەمتىرەپ قالغىنىدەك، دىنىي ئېتىقادسىز ئادەممۇ هايات جەڭگاهىدا هودۇقۇپ قالىدۇ.

دىنىي ئېتىقاد پەقەتلا  پىكىر ياكى بىر نەزەرىۋىي كۆز قاراشلا ئەمەس. بەلكى ئۇ، ئىنساننىڭ قەلبىگە مۇناسىۋەتلىك هايات مىزانى ۋە ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئالاقىدار ئىدېلوگىيىلىك قانۇن مەنبىئىگە ئىگە ئىقرار ۋە تەسدىقتىن ئىبارەت روهىيەت ئۇزۇقى. دىنىي ئېتىقاد تۇغما ئىقتىدارى يوق ئادەم بولمايدۇ، چۈنكى دىنىي ئېتىقاد هەر كىمدە كەم بولسا بولمايدىغان روهى ئۇزۇق، ياكى خۇسۇسىلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا ئادەمنىڭ ئۆزلۈك روهىيتى ۋە تەبىئىتىنىڭ بىر قىسمى، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ  مەنبەسى ۋە بۆشىكىدۇر.

 ئىنسانىيەت يارىتىلغاندىن بىرى ئۈزىلمەي كېلىۋاتقان تارىخنىڭ  ئوچۇق ئىكرانى شۇنىڭغا جانلىق شاهىدكى، ئىنسانىيەت ئۆزلىرى ئىختىرا قىلغان باتىل دىن بولسۇن ياكى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ساماۋىي دىن بولسۇن ھېچ بىر ۋاقىت دىنىي ئېتىقاددىن خالى قالغان ئەمەس. تۇنجى مەدەنىيەتنىڭ ئاساسى ۋە خېمىر تۇرچىمۇ تامامەن دىنىي ئەقىدە، دىنىي پرىنسىپ ۋە دىنىي ئاساسقا تايىنىدۇ، هەمدە هاياتنىڭ هەر قىسمىدا تەسىرى كۈچكە ئىگە. بۇ ھەقىقەتنى جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە: ﴿ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ ئادەم باللىرىنى (يەنى نەسلىنى) ئۇلارنىڭ (ئاتىلىرىنىڭ) پۇشتىدىن چىقاردى ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىگە گۇۋاھ قىلىپ: «مەن سىلەرنىڭ پەرۋەدىگارىڭلار ئەمەسمۇ؟» دېدى (يەنى ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى ئىكەنلىكىگە ۋە بىرلىكىگە ئادەم باللىرىنى ئىقرار قىلدۇردى، ئۇلار ئىقرار قىلىپ بۇنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى). ئۇلار: «ھەئە، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن، گۇۋاھلىق بەردۇق» دېدى﴾[1] دېگەن ئايەتلەر بىلەن بايان قىلغان بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ھەر قانداق بوۋاق ئۆز پىترىتى (يەنى ئىسلام دىنىي) ئۈستىگە تۇغۇلىدۇ»[2] دېگەن، شۇنىڭدەك يەنە بىر ھەدىسى قۇدسىدا جانابى ئاللاھ: «مەن بەندىلىرىمنىڭ ھەممىسىنى توغرا دىن ئۈستىدە ياراتتىم»[3] دېگەن.

 

ئىراقلىق مۇسا ساۋى ئۆزىنىڭ "ئەرەب پەلسەپىسى" ناملىق ئەسىرىدە: ئەيسا ئەلەيهىسسالامدىن ئىككى ئەسىر كېيىن ئۆتكەن دىئوگېنېس لارشىفنىڭ هەر قايسى مەشهۇر پەيلاسۇپلارنىڭ هاياتى ۋە ئىدىيىسى خاتىرلەنگەن بىر مەشهۇر ئەسىرىدە، پەلسەپىنىڭ دۇنياغا كېلىشىنى قەدىمى شەرق مەدەنىيىتىنىڭ شاهانە مىراسى دەپ بىلگەنلىكىنى، بۇ خىل قاراش نۇرغۇن ئۆلىملارنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەنلىكىنى، شۇنۇڭلىق بىلەن بىرلىككە كەلگەن پىكىر يەنى قەدىمى شەرق گرېتسىيىدىن بۇرۇن باي ۋە سەلتەنەتلىك مەرىپەتنى يارىتىپ ئۆتكەن دېگەن خۇلاسە كېلىپ چىققانلىقىنى ۋە بۇ مەرىپەت تويۇنغان ئەمەلىي پەنلەر ۋە بىباها دىنىي تەتقىقاتلارنىڭ مېۋىسى ئۈستىگە قۇرۇلغانلىقىنى ئالاهىدە تىلغا ئالىدۇ. هەتتا پەن توغرىسىدا گەپ بولغاندا مىسىرلىقلارنىڭ ماتېماتىكا، مېخانىكىنى ئەڭ بالدۇر بەرپا قىلغانلىقىنى، خىمىيىنى كەشپ قىلىپ تىببىي ئىلىمنى شەكىللەرندۈرگەنلىكىنى دەپ ئۆتىدۇ. يەنە يېزىق توغرىسىدا گەپ بولغاندا، يېزىقنى بىرىنچى بولۇپ مىسىرلىقلارنىڭ ئىجاد قىلغانلىقىنى، كۇتۇپخانىلارنى قۇرۇپ كىتابخانىلار ئاچقانلىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە ئەمەلىي پاكىت سۈپىتىدە، بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىزنالىرىنى 6000 يىللىق تارىخقا ئىگە مىسىر ئېهراملىرى موميالىرىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. [4] هەم قەدىمىي شەرق مەدەنىيىتىنىڭ بۆشىكى پەقەت مىسىلار ئەمەس، بابىلۇنلۇقلار، چالدىلىقلارمۇ پلانىتلارنى تەتقىق قىلىپ ئاسترونومىيىنى بەرپا قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ ۋە دىنىي نەزەرىيىلەرنىڭ ئۆرە بولىشىدا شەرق غەربتىن تېخىمۇ ئالدىدا ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ بۇ پىكرىنى دەلىللەپ: " قەدىمىي شەرقلىقلەر بىزگە ئىلاهىي سۈپەت، ياخشى ـ يامان ۋە تەقدىر هەققىدىكى ئاقىلانە قاراشلارنى قالدۇرغان. كېيىن يۇنان پەيلاسوپلىرى ئارىسىدا قايتا ـ قايتا تىلغا ئېلىنغان نەرسىلەر دەل مۇشۇ قاراشلارنىڭ ئىنكاسى. " [5]دەپ كۆرسىتىدۇ. مۇئەللىپ ئۆزىنىڭ بۇ پىكىرىنى پاكىت جەهەتتە تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈپ، 3300 يىل بۇرۇنقى مىسىردا ئەۋج ئالغان كۆپ ئىلاهلىق دىنىيغا ئۆكتە قوپۇپ بىر ئىلاهلىق تەلىماتىنى تىكلىگەن، ئۇ ئىلاه دەل قۇياش ئىلاهى " ئاتون " دەپ ئېلان قىلغان ۋە بۇ ئىلاهقا مەدهىيە ئوقۇپ ئوتلۇق شېئىر يازغان ئەخناتونننىڭ پارچىلىرىدىن بىر قانچە مىسرا نەقل قىلىپ كەلتىرىدۇ...

ئەمەلىيەتتىمۇ، جانابى ئاللاھ ئىنسانلارغا بۇ دۇنيانى گۈللەندۈرسۇن، باشقىلارغا پايدىلىق ئەمەلىي پائالىيەت بىلەن مەدەنىيەت بەرپا قىلسۇن دەپ، بەش ئەزا، ئەقىل ـ ئىدراك، قابىلىيەت ۋە تۈرلۈك ئىقتىدار ئاتا قىلغان. شۇ سەۋەپلىكمۇ جانابى ئاللاھ ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسەتسۇن، ئەمگەك ۋە كەسىپ ئارقىلىق جەمئىيەت ئۈچۈن، باشقىلار ئۈچۈن، كېيىنكىلەر ئۈچۈن ياخشى ئىشلاردا نەمۇنە بولسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ هەر بىرىنى بىرەر مەزىيەت ۋە ئۆزگىچە قابىلىيەت ۋە ئىقتىدار ئىگىسى قىلىپ ئەۋەتكەن. مەسىلەن، نۇه ئەلەيهىسسالام كېمە ياساش بىلەن دېڭىز ـ ئوكيانلاردا ئۈزىشنى تەلىم بەرگەن، داۋۇد ئەلەيهىسسالام پولات ـ تۆمىر ئېرىتىش جەهەتتە ئەمەلىيەت بىلەن شۇغۇللانغان، ئىبراهىم ئەلەيهىسسالام قەدىمكى كەبىنى ياسىغان، شۇنىڭدەك بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز هەزرىتى مۇهەممەد ئەلەيهىسسالاممۇ ئۆسمۈرلىك دەۋردە قوي باققان بولسا، ياش قۇرامىغا يەتكەندە شامغا بېرىپ تىجارەت قىلغان، قۇبا مەسجىدى ۋە مەدىنە مەسجىدىنىي ياساش ۋاقتىدا ئاممىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ تاشلارنى قۇرۇلۇش ئورنىغا يۈدۈپ توشىغان.

ئىنساننىڭ يارتىلىشى ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە ئىگىسى بۈيۈك ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش [6] بولغانلىقى ئۈچۈن، جانابى ئاللاھ ئەسلىدە ئۇلارنى ئوخشاش ئەقىدىگە مەنسۇپ بىر پۈتۈن ئۈممەت قىلىپ ياراتقان[7]. بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىنسانغا يىيش ـ ئىچىش، نىكاهلىنىش ۋە نەسىل قالدۇررۇش قاتارلىق شەهۋەت ۋە هەۋەسكە مايىللىق كۈچى، هەر خىل ئاپەتلەرگە، دۈشمەنلىككە ۋە زۇلۇمغا قارشى تۇرۇش ئۇچۇن مۇداپىئەلىنىش، قوغدۇنۇش كۈچى، غەزەپلىنىش، نەپرەتلىنىش ۋە كۈرەش قىلىشتەك غەزەپ ـ نەپرەت كۈچى، ھېس قىلىش، چۈشىنىش، ئويلاش تەپەككۇر قىلىشتەك ئەقىل كۈچى ئاتا قىلغان. ئىنسان روهىيىتىدىكى بۇ خىل فۇنكسىيىلەرنى فارابى ئۆزىنىڭ: "كلاسسىك پەلسەپە پرىنسىپلىرى" ناملىق ئەسىرىدە: "ئۇزۇقلىنىش فۇنكسىيىسى، سېزىش فۇنكسىيىسى، خاهىش فۇنكسىيىسى، تەسەؤؤۇر فۇنكسىيىسى، تەپەككۇر فۇنكسىيىسى" دەپ بەش خىل فۇنكسىيىگە خۇلاسىلىغان ۋە بۇ فۇنكسىيىلەرنىڭ هەرگىز بىر دەرىجىدە ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مانا بۇ فۇنكسىيىلەر ئىنساننىڭ ئۆمۈر مەنزىلىنى بېسىپ، هايات سەهنىسىدە نۇمۇر كۆرسىتىشى، ماددىي ۋە مەنىۋىي تەكامۇللىقىنى تەدرىجى يېتىلدۈرىشى ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان پائال كۈچكە ئىگە ئاكتىپ ئامىل ھېساپلىنىدۇ.  ئىنسان ئۆز پىترىتىدىكى بۇ ئالاهىدە سۈپەتلەرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشتا ئىرادە ئەركىنلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئۆزى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلسا بولىدۇ، قانداق ئىشلەتسە، نېمىگە ئىشلەتسە …. قىسقىسى ياخشىلىققا ئىشلىتەمدۇ ياكى يامانلىققا ئىشلىتەمدۇ ئۆز ئىختىيارلىقى ۋە خاهىشىغا باغلىق. چۈنكى بۇ سۈپەتلەرنى ئىنسان خاراكتېرىغا مۇجەسسەملەشتۈرگەن زات جانابى ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ بۇ سۈپەتلەرنى تەسەررۇپ قىلىشىدا ھېچ بىرىگە بىرەر مەجبۇرىي بەلگىلىمە ياكى ئىجبارىي چەكلىمە قويمىغان. ئەمما پەيغەمبەر  ۋە كىتاپ ئەۋەتىپ، شەرىئەت ۋە قانۇن بەلگىلەپ، ياخشى ـ يامان يوللارنى ئېنىق كۆرسىتىپ، قايسىنى تاللىوېلىش ئىختىيارلىقىنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئىرادە ئەركىنلىكىگە تاپشۇرغان، شۇنىڭدەك، ئۇلارنىڭ ئەقىل، ئىدراك، ھېس ـ تۇيغۇ، سۆيگى ـ مۇهەببەت، غەزەپ ـ نەپرەت، هەۋەس ـ شەهۋەت، ئارزۇ ـ ئىستەك، قابىلىيەت ـ ئىستېدات، كۈچ ـ قۇۋۋەت ۋە ئىمكانىيەت مەلەكەلىرى مىقدار، سەۋىيە ۋە تۈر جەهەتتە بىر ـ بىرىدىن پەرقلىق يارىتىلغان، هەمدە زامان، ماكان ۋە مۇهىت رېتىمى بىردەك بولمىغان. شۇڭلاشقا هەر دەۋردە يېتىشكەن ئەقىل ئىگىلىرى، دانىشمەن ۋە يېتىك شەخىسلەرنىڭ كائىنات ۋە كائىناتتىكى مەۋجۇداتلارنى چۈشۈنىپ تەتقىق قىلىشى، قانۇنىيەتلەرنى بايقىشى بىر ـ بىرىدىن پەرقلىق ئىپادىلەنگەنلىكى  ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشى، ئېتىقاد قارىشى، تۇرمۇش قارىشى هەر خىل تۈردە شەكىللەنگەن. شۇ سەۋەپلىك، ئىنسانلار ئېڭىدا ئاستا ـ ئاستا ئېتىقاد ئىختىلاپلىرى پەيدا بولۇپ، بەزىسى ئۆز پىترىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە جانابى ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ساماۋىي دىنغا ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن، بەزىسى ئۆزىنىڭ تەبىئى خاراكتېرىغا يات هالدا، ئوت، يۇلتۇز، ئاي ۋە كۈنگە ئوخشاش تەبىئەتتىكى كونكېرت شەيئىلەرگە ئېتىقاد قىلغان، يەنە بەزىسى ئۆزلىرى ياسىۋالغان تاش بۇتلارغا ئېتىقاد قىلغان. دېمەك ئىنسانلارنىڭ كۆپ قىسمى جانابى ئالاهنىڭ ئىنسانلىق  پىترىتىگە مۇناسىپ شەكىلدە كۆرسەتكەن يولدىن چەتنەپ ئېتىقاد، ئاڭ، پىكىر، چۈشەنچە ۋە كۆز قاراش جەهەتتە هەر خىل خاتا ۋە تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلار ئېتىقادى ئوخشىمايدىغان، ئەقىدىسى پەرق قىلىدىغان نۇرغۇن بۆلەكلەرگە ئايرىلىپ كەتكەن. شۇڭلاشقا ئىنسانلار تارىخىدا ئۈزىلمەي كېلىۋاتقان ئېتىقاد توقۇنۇشى، دىنىي كۈرەش ۋە هەر خىلدىكى ئىدېئولوگىيىلىك پىكىر غەۋغالىرى بېسىلماي كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىش تەس ئەمەسكى، توغرا ۋە دۇرۇس ئېتىقاد بىلەن ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ قىسقا ئەقلى بىلەن هەر خىل مەنپەئەت توقۇنۇشى ئاساسىدا شەكىللەندۈرگەن باتىل ئېتىقاد ۋە مەزهەب ئېقىملىرى ئارىسىدىكى كۈرەش تا قىيامەتكىچە ئۆزلىكسىز داۋامشىلىدۇ. شۇنداق، پىتنە ۋە زىيانكەشلىك يوقۇلۇپ، ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك ئىستىقبالىدىن خاتىرجەم بولالايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەن ۋە پۈتۈن دۇنيادا ئومۇمنىڭ تېنىچلىقى كاپالەتلىككە ئېلىنىپ، پاراۋانلىق ۋە خاتىرجەملىك ساقلانغانغا قەدەر بۇ كۈرەش ئۆزلىكسىز داۋاملىشىدۇ. بۇ هەقتە جانابى ئاللاھ قۇر ئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: "تاكى پىتنـــــــــــە (زىيانكەشلىك) تۈگەپ زېمىندا يالغۇز ئاللاھنىڭ دىنىي هاكىم بولغانغا قەدەر ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇڭلار" (سۈرە بەقەر 193 ـ ئايەت).

جانابى ئاللاھ كائىنات ۋە كائىناتتىكى جانلىق ۋە جانسىز پۈتۈن شەيئىلەرنى يوقتىن يارىتىپ، ماهىيىتىدە مۇتلەق قانۇن، ئىنچىكە ئىنتىزام، زىل قۇرۇلما ۋە سىستېمىلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئىنساننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بويسۇندۇرۇپ بەرگەن. بۇ هەقتە جانابى ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ: " ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتتى، بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ بەردى، يامغۇر سۈيى بىلەن سىلەرگە رىزىق قىلىپ نۇرغۇن مېۋىلەرنى ئۆستىرىپ بەردى، ئاللاھ سىلەرگە ئۆز ئەمرى بويىچە دېڭىزدا قاتنايدىغان كېمىلەرنى  بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە دەريالارنى بويسۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە ئاي بىلەن كۈننى تەرتىپلىك دەۋر قىلىپ تۇرىدىغان قىلىپ بوي سۇندۇرۇپ بەردى، سىلەرگە كېچە بىلەن كۈندىزنى بويسۇندۇرۇپ بەردى. " [8]  شۇنىڭ ئۈچۈن سەييارە ـ پلانېتلاردىن تا  ئاتوم، ئېلېكترون ۋە راديو ـ ئاكتىپ مكرو ماددىلارغا چاغلىق كائىناتتىكى پۈتۈن شەيئىلەر ئۆزلىرىنىڭ يارىتىلىشنىڭ غايىسى ۋە هېكمىتىدىن ئىبارەت ئىنسانغا خىزمەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئۆزلىرىنىڭ ماهىيتىدە قويۇلغان بىر قىسىم قانۇن ۋە ئىنتىزام بويىچە جارى قىلدۇرۇپ كەلدى ۋە كېلىۋاتىدۇ. جانابى ئاللاھ كائىنات ۋە كائىناتتىكى شەيئىلەرنىڭ جۈملىدىن ئىنسانلارنىڭمۇ ئومۇمى نىشانى بولغان (يەنى شەيئىلەرنىڭ ئىنسانغا خىزمەت قىلىشى، ئىنساننىڭ ئۇ شەيئىلەردىن مۇناسىپ شەكىلدە پايدىلىنىپ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىشى) ئۈچۈن ئۇلار ئارىسىدا ماسلىق، ئۇيغۇنلۇق، هەمكارلىق ۋە ئالاقە تۇرغۇزغان. شۇ سەۋەپلىك ئىنسان كائىناتتىكى زەررىدىن سەييارىلارغىچە پۈتۈن شەيئىلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا، هەم ئۇلارنىڭ سىرىنى بىلىپ پايدىلىنىشقا هاجىتى بار.

ئىنسانىيەت يارىتىلىپ يەر شارىدا ياشاشقا باشلىغاندىن بېرى ئۇلارنىڭ ياشاش ئەھۋالى بىر نەچچە باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتۈپ بۈگۈنگە قەدەر يېتىپ كەلدى ۋە نەتىجىدە ئاجايىپ كەشپىيات ۋە ئىختىرالارنى بارلىققا كەلتۈردى. چۈنكى ئىنسان كائىناتتىكى شەيئىلەرنىڭ جەۋهىرى ۋە ئاساسى. شۇنىڭ ئۈچۈن كائىناتتىكى پۈتۈن شەيئىلەر ئىنساننىڭ خىزمىتى ئۈچۈن يارىتىلغانلىقى ۋە ئىنسانغا بۇ شەئىلەردىن پايدىلىنىش ۋە ئىدارە قىلىش قابىلىيتى بېرىلگەنلىكى بىر هەقىقەت. جانابى ئاللاھ ئىنسانلارغا ئەقىل ـ ئىدراك، ھېس ـ تۇيغۇ ئاتا قىلىش ئارقىلىق باشقا هەرقانداق مەخلۇقلاردىن ئۈستۈن قىلىپ ياراتقان. ئىنسان كائىناتتىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ ئۇلۇغى، ئەۋزىلى، قابىل ۋە ئىستېداتلىقى. ئىنساننىڭ باشقا مەخلۇقلاردىن بۇ قەدەر ئالاهىدە ئىمتىياز ۋە ئارتۇقچىلقلارغا ئىگە بولۇشنىڭ هېكمىتى ۋە بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلاردىن تەلەپ قىلىنغان ۋەزىپىسى جانابى ئاللاھ ئۇلارنىڭ خاراكتېرىدا قويغان توغرا دىنىي ئېتىقاد ئاساسىدا، ئۇ زاتقا خالىس ئىبادەت ۋە مۇتلەق ئىتائەت قىلىپ بوي سۇنۇشتىن ئىبارەت. شۇ سەۋەپلىك جانابى ئاللاھ ئىنسانىيەت تارىخى باشلىنىش بىلەن تەڭ ئۇلارغا توغرا يولغا يېتەكلىگۈچى پەيغەمبەر ۋە كىتاپ ئەۋەتىپ مۇتلەق ئىتائەت قىلىش ۋە بوي سۇنۇش مەزمۇنىدا ئىپادىلەنگەن "ئىسلام" ئېتىقادىدىن ئىبارەت  بىر ئىلاهلىق ئاساسى ئۈستىگە قۇرۇلغان "تەۋھىد  دىنىي" يەنى ئىسلام دىنىي كۆرسەتمىسى بويىچە ئىبادەت  ۋە بەندىچىلىك قىلىش يوللىرىنى كۆرسىتىپ كەلگەن.

ئەسلىدە، توغرا ئەقىدىنىي قوبۇل قىلىش ئۇچۇن ئۇنى بىلىشكە توغرا كېلىدۇ. چۈنكى ئەقىدە ۋە ئەقىدىگە ئۇلاشتۇرىدىغان يول هەر خىل بولۇپ، تۈرلۈك ئۇسۇل ۋە مېتودلار دىن خالى ئەمەس، شۈبهىسىزكى ھېچ بىر ئىنسان بۇ ئۇسۇل ۋە يوللارنىڭ هەممىسىنى قوبۇل قىلىش ئىقتىدارىغا ھەم ئىگە ئەمەس ۋە شۇنىڭدەك بۇلارنىڭ ھېچ بىرىنى قوبۇل قىلماي ئايرىلىپ قېلىشى هەم مۇمكىن ئەمەس. پەيغەمبەر ئەلەيهىسسىلام بۇ هەقىقەتنى ئۆز ئۈممەتلىرىگە تەلىم بىرىش مەقسىتىدە، بىر كۈنى بىر قانچە ساهابە كىراملار ئارىسىدا تۇرۇپ، تۈز بىر سىزىقنى سىزغاندىن كېيىن ئۇ سىزىقنىڭ ئەتراپىغا بىر قانچە سىزىقلارنى سىزىپ مۇنداق دېگەن: "  بۇ رۇس سىزىق هەق يول ، ئەتراپىدىكى سىزىقلار بولسا باتىل يول، بۇ باتىل يوللارنىڭ هەر بىرىنىڭ بېشىدا شەيتان تۇرغان بولۇپ، (توغرا هەق يولدا ماڭغان) مۇسۇلماننى ئازدۇرۇش ئۈچۈن ئۇ باتىل يوللارغا چاقىرىدۇ ".

 شۇ سەۋەپلىكمۇ جانابى ئاللاھ يەر شارىدا، تۇنجى ئىنسان هەزرىتى ئادەم ئەلەيهىسسىلامنى يارىتىش بىلەن تەڭ ئۇ زاتنى پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتكەن. هەزرىتى ئادەم ئەلەيهىسسىلامدىن كېيىن ئىنسانلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپ جەمئىيەتلىشىشىگە ئۇلاپ ئۈزلىكسىز هالدا پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتىپ ۋە كىتابلارنى نازىل قىلىپ ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيە بىرلىكى ئاساسىدا، دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىك هايات نىزامى، تۇرمۇش ئادىتى ۋە بەخىت ـ سائادىتىنى قولغا كەلتىرىشى ئۈچۈن، " دىن " نامى بىلەن ئۇلارنىڭ ئېتىقاد قارىشىنى تۇرغۇزۇپ بەرگەن. ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ هەر باسقۇچىدا پەيغەمبەرلەر ۋاستىسى بىلەن ئىنسانىيەتكە يەتكۈزىلگەن "دىن" نىڭ ئاساسى "ئىسلام" بولۇپ پۈتۈن پەيغەمبەرلەر ئۆز ئۈممەتلىرىنى ئوخشاش دىن يەنى ئىسلام دىنىي ئاساسىدا توغرا يولغا يېتەكلەپ كەلگەن. بۇ يەكۈن ۋە خۇلاسىمىزگە مۇناسىۋەتلىك جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: " باتىل دىنلاردىن بورۇلۇپ ئىسلام دىنىيغا يۈزلەنگىن، ئاللاھنىڭ دىنىيغا (ئەگەشكىنكى،) ئاللاھ ئىنسانلارنى شۇ دىن بىلەن ياراتقان، ئاللاھنىڭ ياراتقىنىدا ئۆزگىرىش بولمايدۇ،" دېمەك ئىنسان ئەسلى يارتىلىشىدىلا دىنىي پىترەت ۋە دىنىي خاراكتېر بىلەن يارىتىلغان. 

ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئەنە مەزكۇر ئانا خاراكتېرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تارىختا تۈرلۈك سۇيقەستلەر پىلانلاندى، ئەسلا ئۆزگەرتىش ئىمكانىيتى يوق هەر خىل ئېقىم ۋە كۆز قاراش ئاساسىدا قانۇن ۋە نىزاملار تۇرغۇزۇلدى. هەتتا تېرىك، تېرىك هەرە بىلەن ئىككى تىلىم قىلىپ تاشلاندى، بەلكى ئۆرەك كولىنىپ، قوزۇق قېقىلىپ، قۇزۇقتا ئولتاغۇزۇلۇپ ئارقىدىن كۆيدىرىپ تاشلاندى. بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە قۇرئان كەرىمنىڭ " ئەسهابۇل ئۇخدۇد " سۈرىسىدە ئومۇمى شەكىلدە تىلغا ئېلىنىدۇ.

بۇ پاجىئەلىك ۋەقە بۈگىنكىدەك مەدەنىيەتلىك، ساپاسى ئۈستۈن ئىنساسنلار شەكىللەندۈرگەن جەمىيەتتىمۇ يۈز بەرمەكتە ، بەلكى ئەينى چاغدىكىدىن تۈركۈملەپ، هەسسىلەپ ئېشىپ مىليونلىغان ئىنسانلارنىڭ، هەتتا مىللەتلەرنىڭ تۇخۇمىنى  قۇرۇتىۋېتىش مەقسىتىدە هەر خىل باهانە ۋە سەۋەپلەر ئويدۇرۇلماقتا. ئالىدىغان بولساق 20 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بولشىۋىكلاردىن كېيىن دەۋر بېشىغا چىققان لېنىن يېتەكچىلىكىدە  ئېلىپ بېرىلغان دېكتاتۇر ئىستالىن هاكىمىيتىنىڭ قانلىق قۇلى ئاستىدا نۇرغۇن ئىنسانلارنىڭ قېنى ئاققان بولسا، ئارقىدىن ماۋ باشچىلىقىدا قانچىلىغان خەلقنىڭ كۈلى كۆككە سورۇلدى ...! بۈگۈنكى كۈنىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق دۇنيانىڭ هەر تەرپىدە هەر تۈردە مەقسەتلىك تۆهمەتچىلىك، ئەسەبى مىللەتچىلىك، ئېتىقادىي تەئەسسۇبىيەتچىلىك، سىياسىي غەرەز ۋە مەنپەئەت توقۇنۇشى ئاستىدا پەلەستىن، بوسنا، كوسوۋا، چېچەنىستان، ئابغانىستان، ئىراق، مىسىر، سۈرىيە ۋە ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە يۈز بەرگەن ۋە ھازىرمۇ ھەم يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق، سىياسى بېسىم، ئىجتىمائىي زۇلۇم ۋە قانلىق ۋەقەلەر ئادەمنى تۇلىمۇ سەسكەندۈرىدۇ.

دېمەككى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ ئېچىنىشلىق بۇ تراگېدىيىلىك هادىسە ۋە زۇلۇم - سىتەملەر، جانابى ئاللاھ تەرىپىدىن ئىنسان، شۇنداقلا پۈتۈن مەخلۇقاتلارنىڭ هايات نىزامىنى ۋە بەخىت ـ سائادىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئۆزلۈك ماھىيىتىدە قويۇلغان ساپ تەۋھىد ئەقىدىسىدىن چەتنەپ، پەيغەمبەرلەر ۋاستىسى بىلەن كۆرسىتىلگەن توغرا يولدىن ئېزىپ كەتكەنلىكىنىڭ موللۇق مەھسۇلىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇنىڭ ئۈچۈن ساغلام ئەقىل ۋە ساغلام پىكىر ئىگىسى بولغان ھەرقانداق كىشى ۋە شەخىسلەرنىڭ ئويلاپ كۆرىشىگە ئەرزىيدىغان رېئاللىق شۇكى، جانابى ئاللاھ ئىنسانلارنىڭ خاراكتېرىدا قويغان توغرا دىنىي ئېتىقاد ئاساسىدا، ئاللاھقا خالىس ئىبادەت ۋە مۇتلەق ئىتائەت قىلىپ بوي سۇنۇش مەزمۇنىدا ئىپادىلەنگەن "ئىسلام" ئېتىقادىدىن ئىبارەت  بىر ئىلاهلىق ئاساسى ئۈستىگە قۇرۇلغان "تەۋھىد دىنىي" يەنى ئىسلام دىنىي كۆرسەتمىسى بويىچە ئەمەل - ئىبادەت  ۋە بەندىچىلىك قىلىشتىن باشقا هەرقانداق نىزام ۋە سىستېملارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلارغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە بەخىت – سائادەت ۋە  خاتىرجەملىك ئېلىپ كىلەلمەيدىغان ۋە بۇنى ئەسلا ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغان ھەقىقەتدۇر.

 

تاھىرجان ئابباس

قاھىرە

 



[1] .سۈرە ئەئراف، 172- ئايەت.
[2] .ئىمام بۇخارى رىۋايىتى .
[3] .ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[4] . ئەرەب تىلدا يېزىلغان پەلسەپە 10 ـ بەت
[5] . ئەرەب تىلدا يېزىلغان پەلسەپە 11 ـ بةت
[6] . سۈرە زارىيات 56 ـ ئايەتكە قاراڭ
[7] . سۈرە بەقەر 13 ـ ئايەتكە قاراڭ.
[8] . سۈرە ئىبراهىم 32 ـ 33 ـ ئايەتلەر

ئىنكاسلار
ئىنكاس يوللاش