ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خوش كەپسىز
دەرسلىك كىتابلار
پەلسەپە، پىسخولوگىيە ۋە لوگىكا
ئۇنىۋېرسال ئەسەرلەر
ئەدەپ ـ ئەخلاق، پەندى ـ نەسىھەت
تېبابەت ۋە ساغلاملىق
ئارخېئولوگىيە
ياش-ئۆسمۈرلەر
قانۇن-سىياسەت
ئارىلاش قوللىنىلىۋاتقان ئىككى ئۇقۇم: سېكولارلىشىش ۋە لائىكلىق

ئارىلاش قوللىنىۋاتقان ئىككى ئۇقۇم: سېكۇلارلىشىش ۋە لايىكلىق 

ئادىلجان ئەرئۇيغۇر

كېلىپ چىقىش مەنبەسى غەرب دۇنياسى بولغان سېكۇلارلىشىش ۋە لايىكلىق ئۇقۇملىرى مەيلى ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلاردا بولسۇن مەيلى ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇرلاردا بولسۇن، ھەم تارىخىي، ھەم ئېتمولوگىيەلىك ھەمدە سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كۆپ ۋاقىتلاردا بىر-بىرىگە ئارىلاش ھالدا ئىشلىتىلىش بىلەن بىرگە، مەنىلىرىمۇ چالا ۋە مەۋھۇم ھالەتتە چۈشىنىلمەكتە. مەزكۇر ماقالىمىزدا ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ دىننىڭ، دىنى سىمۋوللارنىڭ، باتىل ئېتىقاد سىستېمىلىرىنىڭ، ھەر تۈرلۈك مۇقەددەس نەرسىلەرنىڭ، قىسقىسى مېتافىزىكىلىق ۋە تەبىئەتتىن ھالقىغان كۈچلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى نوپۇزى ۋە ئورنىنىڭ بارغانچە ئاجىزلىشىشىنى، ۋەقە ۋە ھادىسىلەرنى مېتافىزىكىلىق، مىستىك ۋە مۇقەددەسلىك نۇقتىسىدىن چۈشەندۈرۈش ئۇسۇللىرىنىڭ بارا-بارا سۇسلىشىدىغانلىقىنى ، دىننىڭ دۇنيا ۋە جەمئىيەتتە بولۇپ ئۆتكەن ۋەقە-ھادىسىلەرنى ئىزاھلاش ۋە بۇلارغا يېتەكچىلىك قىلىش كۈچىنىڭ ئورنىغا ئىلىم-پەننىڭ، ئەقىلنىڭ ۋە تېخنولوگىيەنىڭ دەسسەيدىغانلىقىنى، ئىسلام نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا ھېكمەتنىڭ ئاجىزلىشىشىنى ۋە توغرا دىنى چۈشەنچىنىڭ ئورنىغا خاتا دىنى چۈشەنچىنىڭ دەسسىشىنى ئىپادىلەيدىغان پەلسەپىۋى ئۇقۇم بولغان سېكۇلارلىشىش بىلەن سىياسىي، ئاساسىي قانۇنلۇق بىر پىرىنسىپ ۋە لايىھە سۈپىتىدە دۆلەت ئىشلىرى بىلەن دىن ئىشلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلىشىنى كۆرسىتىدىغان لايىكلىق ئۇقۇمى ئارىسىدىكى پەرقنى تارىخىي ۋە ئېتمولوگىيەلىك جەھەتتە يورىتىپ بېرىش مەقسەت قىلىنىدۇ.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: سېكۇلارلىشىش، لايىكلىق، دىن، ئۇيغۇر

مۇقەددىمە

سېكۇلارلىشىش ئۇقۇمى ئۇيغۇرچىغا خىتايچەدىكى مەنىسى ئاساس قىلىنىپ دىندىن خالىيلىق، ئەرەبچە مەنىسى ئاساس قىلىنىپ دەھرىيلىشىش دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ ، ئۇيغۇرچە يېزىلغان ئەسەرلەردە ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا خىتايچىدىن ۋە ئەرەبچىدىن تەرجىمە قىلىنغان شەكىلدە ئىشلىتىلمەكتە. مەيلى دىندىن خالىيلىق بولسۇن مەيلى دەھرىيلىك بولسۇن، سېكۇلارلىشىشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى مەلۇم دەرىجىدە توغرا ئىپادىلەپ بەرگەن بولسىمۇ لېكىن تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا سېكۇلارلىشىش ۋە لايىكلىق ئۇقۇملىرى بۇرۇنقىغا قارىغاندا نىسبەتەن كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇقۇملارنى چۈشىنىش ۋە ئىشلىتىشتە مەسىلىلەر ساقلانماقتا. مەسىلەن، دىن-جەمئىيەت مۇناسىۋىتىنى ئىزاھلاش ئۈچۈن چوقۇم ئىشلىتىلىدىغان سېكۇلارلىشىش ئۇقۇمى ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا مەيدانغا كەلگەن ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر سەۋەبىدىن مەلۇم دەرىجىدە ئىشلىتىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولسا، كۆپ سانلىق كىشىلەر تەرىپىدىن يەنىلا ئىشلىتىلمەيۋاتىدۇ. مەلۇم بىر ھادىسىنى ئىزاھلاش ئۈچۈن ئۇقۇملاردىن پايدىلىنىش شۇ شەخس ياكى توپلۇقنىڭ ئەركىن ئىرادىسىگە باغلىق بولسىمۇ، لېكىن بىزگە ئوخشاش دىن بىلەن جەمئىيەت ھاياتىمىز بىر-بىرىگە چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن بىر مىللەتكە نىسبەتەن، بۇ ئۇقۇمنىڭ توغرا ۋە مۇۋاپىق يوسۇندا ئىشلىتىلمەسلىكى چوقۇم ئۈستىدە ئويلىنىشقا تېگىشلىك بىر مەسىلىدۇر. بۇنىڭدىن سىرت يەنە بىر مۇھىم مەسىلە سېكۇلارلىشىش بىلەن لايىكلىق ئوخشاش ئۇقۇم بولمىسىمۇ، بۇ ئۇقۇملارنىڭ بىر-بىرىنىڭ ئورنىغا ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىلىشىدۇر. مەلۇمكى، ئۇقۇملار دۇنيانىڭ ئەينىكى بولغانلىقتىن، دۇنيا ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىنى ئۇقۇملارنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالىغا ئاساسەن چۈشەنگىلى بولىدۇ. بۇ سەۋەبتىن بولسا كېرەك، گېرمانىيەلىك پەيلاسوپ رېينكارس كوسېللېك (Reinhart Koselleck-1923-2006) ئۇقۇم تارىخىي مېتودى ئارقىلىق چاغداش چۈشەنچە، جەمئىيەت ۋە كۈلتۈر تارىخچىلىقى ساھەسىدە بۆسۈش خاراكتېرلىك يېڭىلىق يارىتالىغان. ئۇقۇملار ئەكس ئەتتۈرگەن دۇنيا دېگىنىمىزدە، دەل شۇ ئۇقۇملار مەيدانغا كەلگەن ياكى مەنىسىنى تاپقان جەمئىيەتنىڭ دۇنياسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، بۇ سەۋەبتىن ئۇقۇملارنىڭ مەنىلىرى كۈلتۈر قۇرۇلمىلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپ بارىدۇ. كۈلتۈر قۇرۇلمىسى ۋە بۇنىڭغا ماس ھالدا ئۇقۇملارنىڭ مەنە جەھەتتىن ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولغان مۇھىم ئامىل بولسا، ئوخشىمىغان كۈلتۈرلەرنىڭ ئۆز-ئارا ئۇچرىشىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن كۈلتۈرلىشىش ھادىسىسىدۇر. بۇنداق ئەھۋالدا كونا ئۇقۇملارنىڭ مەنىسى ئۆزگەرگىنىدەك يېڭى، يات ۋە ئىمپورت ئۇقۇملارمۇ مەيدانغا كېلىدۇ. ئەلمىساقتىن بېرى بولۇپمۇ چوڭ ئىجتىمائىي توپلۇقلار ئارىسىدا دائىم بولۇپ تۇرىدىغان كۈلتۈر ئالماشتۇرۇش ۋە باردى-كەلدىلەر نەتىجىسىدە، يات ئۇقۇملار مەلۇم دەرىجىدە يەرلىك كۈلتۈرگە ئۆزلىشىپ كەتكەن. دەرۋەقە، قەدىمقى دۇنيادا بۇ خىلدىكى كۈلتۈر ئالماشتۇرۇش ۋە باردى-كەلدىلەر مىسىر، ئىران، ھىندىستان، رىم، گرېككە ئوخشاش ئاز-تولا ئورتاق، ئەنئەنىۋى دۇنيا قاراشلىرىنى ھەمبەھرىلەشكەن توپلۇقلار ئارىسىدا بولۇپ ئۆتكەنىدى .

-1500يىللاردىن باشلاپ زور بۇرۇلۇش ۋە ئۆزگىرىشلەرگە دۇچ كەلگەن غەرب دۇنياسى دۇنيا قاراش جەھەتتە ياپونىيە، ھىندىستان، ئىران، ئوسمانلى ۋە خىتايغا ئوخشاش ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەردىن تۈپتىن ئايرىلغانىدى. غەرب 19-ئەسىردە مودېرىن دەپ ئاتىلىدىغان يېپ –يېڭى بىر دۇنيا قاراشنى پەيدا قىلىپ قالماستىن، نىسپىي ھالەتتىكى ماددىي كۈچى بىلەن بۇ دۇنيا قارىشىنىڭ ئاساسلىق ئۇقۇملىرىنى ئەنئەنىۋى شەرق دۇنياسىغىمۇ تاڭدى. بۇنداق كۈلتۈر ئۇچرىشىشى ماھىيەت جەھەتتىن باشقا ئەنئەنىۋى كۈلتۈرلەرنى ھالسىرىتىپ قويۇشى تەبىئىي ئىدى. دەرۋەقە «جەمئىيەت، مىللىي دۆلەت، ئۇلۇس-مىللەت، دېموكراتىيە، ئىدېئولوگىيە، سېكۇلارىزم، لايىكلىق، مەدەنىيەت، كۈلتۈر، پۇقرالىق، لىبېرالىزم، ئەركىنلىك»كە ئوخشاش مودېرىن غەرب ئۇقۇملىرىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ ئەنئەنىۋى كۈلتۈرلەردە ئوخشىشى تېپىلمايتتى. لېكىن چوڭ توپلۇقلار غەرب ئۇقۇملىرىنى تەرجىمە ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆز تىلىغا ئۆزلەشتۈرۈش ئۈچۈن زور كۈچ سەرپ قىلدى. مودېرىن غەرب ئۇقۇملىرى يا يېڭى چۈشەنچىلەرگە يېڭى تېرمىنلەر ئويدۇرۇش ياكى كونا تېرمىنلارنىڭ مەنىلىرىنى يېڭى چۈشەنچىلەرگە ئايلاندۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق يەرلىك كۈلتۈرگە ئۆزلەشتۈرۈلدى.

مەزكۇر ماقالىدە ئالدى بىلەن سېكۇلارلىشىش ۋە لايىكلىق ئۇقۇملىرىنىڭ قانداق مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقى ئېتىمولوگىيەلىك ۋە تارىخىي نۇقتىلارنى چىقىش قىلغان ھالدا مىساللار بىلەن چۈشەندۈرۈلىدۇ. بۇ ئۇقۇملارنىڭ مەنىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن بۇ ئىككى ئۇقۇم ئارىسىدىكى ئوخشماسلىقلار مۇھاكىمە قىلىنىدۇ

سېكۇلارلىشىش

سېكۇلارلىشىش ئىجتىمائىي پەنلەر، پەلسەپە، ئىلاھىيەت ۋە قانۇنغا ئوخشاش نۇرغۇن ساھەدە پەرقلىق مەنىدە ئىشلىتىلىپ كېلىنىۋاتقان تالاش-تارتىشلىق ئۇقۇملاردىن بىرىدۇر. بولۇپمۇ ئىجتىمائىي پەنلەردە دىنغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلغان ئانالىزلاردا بىر-بىرىدىن تامامەن پەرقلىق ئىزاھلىنىپ كېلىنىۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە.

سېكۇلارلىشىش خىتايچىغا «世俗化» دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرچىغا خىتايچە ئاساس قىلىنىپ دىندىن خالىيلىشىش، دەھرىيلىشىش دەپ تەرجىمە قىلىنغان. ئۇيغۇرچىدا دەھرىيلىك، دىندىن خالىيلىق دېگەن تەرىقىدە ئىشلىتىپ كېلىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇقۇملارنىڭ مەلۇم ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدا شەكىللىنىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئالغىنىمىزدا، بۇلارنى ئىككىنچى بىر خىل تىلغا تەرجىمە قىلغاندا ياكى ئىشلەتكەندە ئەسلىدىكى مەنىسىنى تولۇق يورۇتۇپ بېرەلمەيدىغانلىقى تەبىئىيدۇر.

سېكۇلارلىشىش مەلۇم مەزگىل ۋە زامان ئىچىدە دىننىڭ، دىنى ۋە مۇقەددەس نەرسىلەرنىڭ، ھەر تۈرلۈك ئېتىقادلارنىڭ ۋە مېتافىزىكىلىق كۈچلەر ۋە غايىۋى نەرسىلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى نوپۇزى ۋە جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنىڭ مەلۇم نىسبەتتە ئاجىزلىشىشنى كۆرسىتىدۇ . سېكۇلارلىشىش كەلىمىسىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ئوتتۇرا ئەسىر لاتىنچىسىدىكى « ساكۇلۇم»(saeculum)كەلىمىسىگە تۇتىشىدىغان بولۇپ، كۈنىمىزدە ئوخشىمىغان ئۈچ مەنىنى بىلدۈرىدۇ . بىرىنچى مەنىسى «ئەسىر، چاغ، دۇنيا» بولۇپ، ئىتالىيەچەدە (سېكولو-sekolo )، ئىسپانچە (سىگلو –siglo ) ۋە فىرانسۇزچە (سىئېكلې- siècle ) قاتارلىق تىللاردا مۇشۇ شەكىلدە ئىشلىتىلىدۇ. لاتىنچىدىكى « ساكۇلۇم»(saeculum) كەلىمىسىمۇ «زامان» ۋە «ماكان»مەنىلىرىنى بىلدۈرىدىغان بولۇپ، زامان دېيىلگەندە ھازىرنى يەنى مۇشۇ پەيتنى كۆرسىتىدىغان بولسا، ماكان دۇنيادا ۋە بۇ دۇنيالىقنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن سېكۇلار ئۇقۇمى بۇ دۇنيادا مەيدانغا كەلگەن چاغداش ۋەقەلەرنى، يەنى ھازىرقى زاماندا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقە-ھادىسىلەرنى ئىپادە قىلىدىغان سۈپەت بولسا، سېكۇلارلىق بىر ئەھۋالنى ياكى ۋەزىيەتنى، سېكۇلارلىشىش بولسا بىر مۇساپە ياكى جەرياننى كۆرسىتىدۇ، سېكۇلارلىشىشنىڭ ئىدېئولوگىيەلىك ئىپادىسى بولسا سېكۇلارىزم بولىدۇ. سېكۇلارلىق ۋە سېكۇلارلىشىشنى ئىپادىلەش ئۈچۈن يەنە «دۇنيانىڭ سېھىر قۇتىسىدىن قۇتۇلۇشى» ، «ئورگانلىشىش، جەمئىيەتتىكى قۇرۇلمىلارنىڭ ئىنچىكىلىشىپ پەرقلىشىشى»، «ئاپتونومىيەلىشىش»، «ئەقلىيەتچىلىك»، «ئىندىۋىدۇئاللىق»، «خۇسۇسىيلىشىش»، «نىسپىيلىشىش»، «بۇ دۇنياغىلا تەۋە بولۇش»، «ئېتىقادسىزلىق»، « چېركاۋ دىندارلىقىنىڭ يىمىرىلىشى»، «چېركاۋسىزلىشىش»، «ئاقارتىش دەۋرى ئەپسانسى»، «ئىنساننىڭ ئۆزىنى ئىلاھتىن قۇتۇلدۇرۇپ مۇستەقىللىشىشى»، «ھۇمانىزىم» ۋە «بۇ دۇنياغىلا مەركەزلىشىش»غا ئوخشاش ئۇقۇم ۋە ئىبارىلەرمۇ ئىشلىتىلىدۇ . بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارغان لاررىي شاينېر سېكۇلارلىشىش ئۇقۇمىنىڭ ئالتە خىل مەنىدە ئىشلىتىپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى دەيدۇ: «دىننىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنىنىڭ ئاجىزلىشىشى»، «بۇ دۇنياغىلا ئەگىشىش»، «جەمئىيەتنىڭ دىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشى»، «دىنى ئېتىقاد ۋە ئورگانلارنىڭ نوپۇزىنىڭ ئاجىزلاپ باشقا كۈچ ۋە قۇرۇلمىلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى »، «دۇنيانىڭ مۇقەددەسلىكتىن خالىيلىشىشى» ۋە «مۇقەددەس ۋە دىنى جەمئىيەتتىن سېكۇلار جەمئىيەتكە ئۆتۈش» قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئىككىنچى مەنىسى چىركاۋ سىستېمىسىدا تۇرۇپ موناستىرلىق ھاياتىنى تاشلاپ، «دۇنيا»غا يۈزلەنگەن دىن ئۆلىمالىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن «سېكۇلار»كەلىمىسىدۇر. موناستىرغا بېكىنىپ دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىىۋىتىنى ئۈزۈپ تەنھالىقنى تاللىغان ئاشقۇن پوپلاردىن پەرقلىق بولغان سېكۇلار پوپلار دۇنيا، خەلق ۋە جەمئىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلەپ، خەلق بىلەن ھەمنەپەس بولغان ۋە جەمئىيەتنىڭ مەسىلىلىرىگە دىننى چىقىش قىلغان ھالدا چارە تېپىشقا تىرىشقان. ئۈچىنچى مەنىسى بولسا، تارىخىي مۇساپىدە ياكى ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ دىننىڭ جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە تايانچ كۈچ ۋە غول مەنبە بولۇشتەك فۇنكىسىيەسىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ. سېكۇلارلىشىشىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنىڭ جەمئىيەت-دىن مۇناسىۋىتىنى نىسبەتەن ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرەلەيدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ماقالىمىزنى سېكۇلارلىشىشنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى چۆرىدىگەن ھالدا داۋاملاشتۇرىمىز .

سېكۇلارلىشىشقا زېمىن ھازىرلىغان ھادىسىلەر

 

15-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا ياۋروپادا مەيدانغا كەلگەن يەتتە چوڭ ھادىسە ياۋروپا جەمئىيەتلىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدا ماھىيەت خاراكتېرلىك زور بۇرۇلۇش ۋە ئۆزگىرىش ھاسىل بولۇشىغا سەۋەب بولدى. ئەدەبىيات-سەنئەت ئويغىنىش ھەرىكىتى، ئىسلاھاتچىلىق، مىللىي-ئۇلۇس دۆلەتنىڭ شەكىللىنىشى، پەن ئىنقىلابى، ئاقارتىش ھەرىكىتى، سانائەت كاپىتالىزىمى ۋە شەھەرلىشىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولغان بۇ يەتتە چوڭ ھادىسە ئىچىدە تۆتى ياۋروپا مەركەزلىك بولسىمۇ، كېيىنچە دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە، خىرىستىيان بولمىغان جەمئىيەتلەردىمۇ ئومۇملاشتى ۋە مەلۇم دەرىجىدە تەسىر پەيدا قىلدى.بۇ تۆت ھادىسە ئىلىم-پەن ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن زور تەرەققىياتلار، سانائەت كاپىتالىزىمى، مىللىي دۆلەت ۋە شەھەرلىشىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت بولۇپ، ئىلىم-پەن ساھەسىدە مەيدانغا كەلگەن تەرەققىياتلارنىڭ سېكۇلارلىشىشقا بولغان تەسىرى ئىككى خىل يوسۇندا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. بىرىنچى تەسىرى تەبىئەتنىڭ سىرلىرىنى مېتافىزىكىلىق نۇقتىدىن چۈشەندۈرىدىغان ئۇسۇللارنىڭ ئاستا-ئاستا ئاجىزلىشىشى، ھەتتا تەرك قىلىنىشى ئىدى. مەسىلەن، بۇرۇنلاردا كۈن تۇتۇلسا بۇ تەڭرىلەرنىڭ مەلۇم سىگنالى سۈپىتىدە چۈشىنىلەتتى ۋە پات-پات ئۇرۇشنىڭ ئاخىرلىشىشىغا سەۋەب بولاتتى. كۈنىمىزدە بولسا كۈن تۇتۇلۇش ھادىسىسى مېتافىزىكلىق نۇقتىدىن ئىزاھلانماستىن ئاسترونومىيەلىك نۇقتىدىن ئىزاھلىنىدۇ. بۇرۇنلاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زېمىننى كالا كۆتۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان ئەھۋال مەۋجۇت ئىدى، ھازىر بۇنىڭغا ئىشىنىدىغان ئۇيغۇرنى تېپىش تەس بولسا كېرەك. يەنى بىرەر ھادىسە ياكى ئەھۋالنى غايىۋانە ۋە سىرلىق نۇقتىدىن ئەمەس، سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىدىن چۈشىنىش شەكلىنىڭ بارغانچە ئومۇملىشىشى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى تەرەققىياتلارنىڭ سېكۇلارلىشىشقا بولغان ئىككىنچى تەسىرى بولسا ئىلغار تېخنولوگىيەلىك ئىمكانىيەتلەر تۈرتكىسىدە بۇرۇنلاردا قىيىن شارائىتلاردا مۇقەددەس بىر كۈچتىن ئىتلىجا قىلىنىدىغان ئىجتىمائىي تۇرمۇش شەكىللىرىنىڭ سانىنىڭ كۈنىمىزدە كۆرۈنەرلىك ھالدا ئازىيىشىدۇر. بۇرۇنلاردا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۇغماس ئاياللار ياكى كېسەل تەگكەن كىشىلەر ھەم باتىل ئېتىقادنىڭ تۈرتكىسى ھەمدە شارائىتنىڭ يوقلىقى تۈپەيلى داخان ياكى پېرىخۇنلاردىن ياردەم تەلەپ قىلاتتى، ھازىرقى كۈندە بولسا بەكرەك دوختۇرغا مۇراجىئەت قىلىشىدۇ. ئىلىم-پەننىڭ ئاساسلىق ئوزۇقلىنىش ۋە تارقىلىش مەنبەلىرىدىن بىرى بولغان چاغداش مائارىپ تۈزۈلمىسىمۇ جەمئىيەتنىڭ سېكۇلارلىشىش سۈرئىتىنى تېزلەشتۈرگەن ئامىللاردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۆزىمىزنى، جەمئىيەتنى ۋە دۇنيانى چۈشىنىشتە، تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ھەتتا ئۆزگەرتىشتە تۈرتكىلىق رول ئوينايدىغان فىزىكا، ماتېماتىكا، مېدىتسىنا، خىمىيە، بىئولوگىيە، تارىخ، جەمئىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە، سىياسەت، خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر قاتارلىق بارلىق تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەنلەرنى چاغداش مائارىپ تۈزۈلمىسى ئارقىلىق ئۆگىنەلەيمىز. لېكىن مائارىپ تۈزۈلمىسى دائىرىسىدىكى مەكتەپلەردە ئىنسانغا، دۇنياغا ۋە كائىناتقا مۇناسىۋەتلىك ھەر نەرسىنى ئۆگىنەلمەيمىز، بولۇپمۇ ئىنساننىڭ ئۆز جەۋھىرى بولغان روھ توغرىلىق بىر نەرسە ئۆگىنىشىمىز تېخىمۇ تەس. ئەلى ئىززەت بېگوۋىچ «شەرق بىلەن غەرب ئارىلىقىدا ئىسلام» دېگەن كىتابىدا قۇرئاندا كەرىم كۆزدە تۇتۇلغان روھ بىلەن پىسخولوگىيەنىڭ تەتقىقات ئوبيېكتى بولغان ئىنسان پىسخىكىسىنىڭ پەرقلىق نەرسە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دەيدۇ: ئىنسان روھقا ئىگە مەخلۇق، بۇ يەردىكى روھ پىسخىكا ئىلمىدە كۆزدە تۇتۇلغان روھىي-ھالەتتىن پەرقلىق. ئەمەلىيەتتە، روھ ئىلمى دەپ بىر نەرسە مەۋجۇتمۇ ئەمەس. پىسخىكا ئىلمى ئىنساننىڭ روھىي ھالىتىنىڭ مۇئەييەن بىر قىسمىنى، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا تاشقى دۇنيادىن كەلگەن ئۆتكۈنچى ۋە پانىي بولغان غەيرى شەخسىي ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ. پىسخو-فىزىلوگىيە، پىسخولوگىيەلىك تەجرىبە، روھىي گىگېنا پەنلىرىنىمۇ مۇشۇ كاتېگورىيەگە كىرگۈزۈشكە بولىدۇ. نىسبەت پىسخولوگىيەسى  چۈشەنچە ۋە ھېسسىياتنىڭ تاشقى، مېخانىك، سانلىق (غەيرى مەنىۋى ماھىيەت)تەرىپى ھەققىدىكى قاراشلار ئۈستىدە توختىلىدۇ. ھايۋان پىسخولوگىيەسى بىلەن ئىنسان پىسخولوگىيەسى بىر پۈتۈنلۈك تەشكىل قىلىدۇ. چۈنكى، پىسخولوگىيە روھ ئۈستىدە ئەمەس، جانلىقلارنىڭ نوقۇل پىسخىكىلىق روھىي ھالەتلىرىنىڭ ئىپادىلىرى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارىدۇ. نوپۇزلۇق پىسخولوگ جون ۋاتسون مۇنداق دەيدۇ: « ئوبيېكتىپ ۋە تەجربىەگە مۇۋاپىق ھايۋان پىسخولوگىيەسىگە ئاساسەن ئىنسان پىسخولوگىيەسى ۋۇجۇدقا چىقىرىلىشى كېرەك. بىر-بىرىدىن تۆمۈر توسۇقلار بىلەن ئايرىلغان، بىر-بىرىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان، تېما، مېتود، نىشانلىرى ئايرىم بولغان ئىنسان ۋە ھايۋان پىسخولوگىيەلىرىنى تەبىئىي ئىلىملەر ئارىسىدىن ئورۇن ئالالايدىغان شەكىلدە بىرلەشتۈرۈش كېرەك. يەنى بىر بولۇشى كېرەك.» بۇ سۆزلەرنى ئىزاھلاپ ئولتۇرۇشنىڭ قىلچە ھاجىتى يوق. شەرقتە، پىسخولوگىيەنىڭ «روھ» ئىلمى بولماستىن، پەقەت «نەپس» ئىلمى بارلىقى تەكىتلىنىدۇ. پىسخولوگىيە شەخسىي يەنى ئىنسانىي خۇسۇسلارنىڭ ئەمەس، بىئولوگىيەلىك خۇسۇسلارنىڭ سەۋىيەسىدە بولىدۇ. چۈنكى ئۈچ دائىرە بار بولۇپ، ئۇلار مېخانىك، بىئولوگىيەلىك، كىشىلىك قاتارلىقلار… بۇلار ھەقىقەتنىڭ ماددا، ھايات، شەخسىيەت قاتارلىق ئۈچ دەرىجىسىگە توغرا كېلىدۇ. پىكىر ۋە مەنىۋىيەت ساھەسىگە ئىلمىي ئۇسۇل ئىزچىل تېڭىلغان تەقدىردە، ئىلمىي ئۇسۇل مۇتلەق سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتىنى تەستىقلايدىغان ۋەزىيەت شەكىللىنىپ قالىدۇ. مۇتلەق سەۋەب-نەتىجە مۇناسىۋىتى روھنىڭ دەل ئۆزى بولغان ئەركىنلىكنى ئىنكار قىلىدۇ. روھنى «تەتقىق» قىلىمىز دېسەك، ئاقىۋەت، «تەتقىقات تېمىسى»نى ئىنكار قىلىدىغان پەللىگە بېرىپ قالىمىز. شۇڭلاشقا، بۇ ئاددىي ئۈچ دائىرىدىن چىقىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ پىسخىكىلىق ئانالىزنىڭ مېتود نۇقتىسىدىنمۇ نېمە ئۈچۈن ئاتېئىزىملىق ئىدىيەلەر بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى روشەن كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

ئەلى ئىززەت بېگوۋىچ چاغداش مائارىپ تۈزۈلمىسى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «مەدەنىي دۇنيادا مەكتەپ مائارىپى ھەددىدىن زىيادە ئىلمىي ۋە ئوبيېكتىپچانلىقنى ئاساس قىلىشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، مەنىۋى ۋە ئىنسانىي ئالاھىدىلىكتىن تامامەن مەھرۇم بولغان مائارىپ سىستېمىسىدۇر. بۇنى تۈرگە ئايرىشقا توغرا كەلسە، ھەددىدىن زىيادە ئىلمىيلىك ۋە قويۇق ئەنئەنىۋىيلىك دەپ ئايرىشقا بولىدۇ. كۈنىمىزدە يەسلى مائارىپىدىن ئۇنىۋېرسىتېتقىچە بولغان مائارىپنىڭ بارلىق باسقۇچىلىرىنى بېسىپ ئۆتكەن بىرئادەمنىڭ ئوقۇش جەريانىدا، «ئىنسان سەمىمىي، دۇرۇست بولۇشى لازىم» دېگەن جۈملىنى بىرەر قېتىممۇ ئاڭلاپ باقمىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئۇنچىۋالا قىيىن ئەمەس. ئاۋۋال ساۋادىنى چىقىرىدۇ، ئارقىدىن فىزىكا، خىمىيە، ئېتنولوگىيە، جۇغراپىيە، سىياسەت نەزەرىيەسى، جەمئىيەتشۇناسلىق قاتارلىق پەنلەرنى ئوقۇپ، رېئاللىقتا بولۇپ ئۆتكەن ۋەقە –ھادىسىلەر، ھەقىقەتلەر ھەققىدە مۇئەييەن دەرىجىدە چۈشەنچىگە ئىگە بولىدۇ. بىراق ھاياتتا تېخىمۇ مۇھىم بولغان ھەقىقەتلەر بىلەن ناھايىتى ئاز تونۇشۇپ چىقىدۇ. شۇڭا تارىخ، سەنئەت، ئەدەبىيات، ئەخلاق، قانۇن قاتارلىق پەنلەر تېخىمۇ ئاز ئوقۇلىدىغان بىلىم ساھەلىرىگە ئايلىنىپ قالماقتا. تېخنىكىلىق مائارىپ مەدەنىيەتكە بولغان نىسبىتى جەھەتتىن، مەدەنىيەتنىڭ ھەم سەۋەبى ھەمدە نەتىجىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. مەزكۇر مائارىپ شەكلى جەمئىيەت ئەزاسىنى مۇشۇ ئۆلچەمگە ئاساسەن يېتىشتۈرۈپ چىقىدۇ. بۇ مائارىپ شەكلىنىڭ مەقسىتى ناھايىتى ئېنىق بولۇپ، تەبىئەتكە يەنى تاشقى دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشتىن ئىبارەت. تېخنىكىلىق مائارىپىنىڭ ئۆزىگە خاس شەكلى مۇتەخەسسىسلىشىشتۇر. ھەممىدىن ئاۋۋال شۇنى ئايدىڭلاشتۇرۋېلىشىمىز كېرەككى، ئەقىل، بىلىم ۋە سانائەت ئوخشاش يۆنىلىشتە سەۋەپ-نەتىجە مۇناسىۋىتى ئىچىدە بولغان بولىدۇ. سانائەت بىلىملىرىنىڭ تەدبىق قىلىنىدىغان شەكلى بولغىنىغا ئوخشاش، بىلىممۇ ئەقىلنىڭ نەتىجىسىدۇر. ھەر ئۈچىلىسى ئىنساننىڭ تەبىئەتتە، تاشقى دۇنيادا تەرەققىي قىلىشىنىڭ شەرت ۋە شەكىللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇتەخەسسىسلىشىش مايىللىق ۋە مەركەزلىشىشىنىڭ يۇقىرى پەللىسى بولۇپ، نىشانى شەخسنى جەمئىيەت سىستېمىسىغا ۋە مېخانىزمىسىغا ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ مايىللىق ۋە مەركەزلىشىش كىشىنىڭ خاسلىق (كىشىلىك خاراكتېر كۆزدە تۇتۇلىدۇ) دەرىجىسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، لېكىن جەمئىيەتنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ گۈللەندۈرىدۇ. جەمئىيەت پۈتۈنلۈكىنىڭ رولىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. ئىنسان بولسا ئىجتىمائىي مېخانىزمىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەسلىدە بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان ئىنساننىڭ ئۆزلۈك ئېڭىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلۇشى ۋاقىت ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئۇتوپىيەنىڭ ئەڭ غايىۋى شەكلى بولۇشقا قاراپ يول ئالىدۇ.

ئۇيغۇرلار خىتايلار بىلەن بىرلىكتە ياشاشقا مەجبۇر بولۇپ قالغاندىن بۇيان، سېكۇلارلىق ھادىسىسى بىلەن تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە تونۇشۇپ چىقتى، بۇ تونۇشۇشتا ئىچكى ئامىلدىن بەكرەك تاشقى ئامىلنىڭ تەسىرى كۈچلۈك بولدى. ياۋروپا دۆلەتلىرىگە ئوخشاش تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە سېكۇلارلىشىش ھادىسىسى جەمئىيەت تەرەققىياتنىڭ تەبىئىي مەھسۇلى بولغان بولسا، بىزدە بەكرەك خىتاينىڭ تېڭىشى بىلەن ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئىدېئولوگىيە ساھەسىدە يولغا قويغان ماركسىزىم، سوتسيالىزىم، ئاتېئىزىم، ماۋىزىم، ھازىرقى شىئىزىملىرى مائارىپ ساھەسىدە يولغا قويغان نوقۇل پەننىلا ئاساس قىلىدىغان ۋە ئىدېئولوگىيەلىك پۇرىقى كۈچلۈك تەلىم ۋە «تەربىيە»سىستېمىسى، سىياسىي جەھەتتە دىنى پۇرىقى كۈچلۈك ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە قارىتا يولغا قويغان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدىن ئىبارەتتۇر. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، جەمئىيەت ھاياتىمىزدىن دىننى تامامەن سىقىپ چىقىرىشنى مەقسەت قىلىپ يولغان قويغان تۈرلۈك سىياسەتلىرى، ئائىلە، ئەخلاق، ئۆرپ-ئادەتلىرىمىزگە تۈرلۈك مۇداخىلىسى قاتارلىقلار جەمئىيىتىمىزدىكى ھەر قايسى قاتلاملارنىڭ دىنى تۇرمۇشىغا پەرقلىق دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتتى. بۇ تەسىرلەرنىڭ قانچىلىك بولغانلىقى ئۈستىدە ئايرىم تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ، لېكىن ئېنىق بولغان نەرسە شۇكى، ئىسلامنىڭ جەمئىيەت ھاياتىمىزدىكى نوپۇزى ۋە تەسىرىنىڭ بارغانچە ئازىيىپ بېرىشى ۋە بارىدىغانلىقىدۇر.

سانائەت كاپىتالىزىمىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئەگىشىپ ئورگانىك ۋە قاتلاملىق بولغان ئەنئەنىۋى جەمئىيەتلەردە زور بۇرۇلۇش ھاسىل بولدى. تېخىمۇ كۆپ پايدىنىڭ كويىدا يۈرۈش، خۇسۇسىي مۈلۈككە ئىگىدارچىلىق قىلىش ھوقۇقى، ئىنساننىڭ ئارزۇ-ئىستەكلىرىنىڭ شەيتانى ھەۋەس سۈپىتىدە كۆرۈلمەسلىكى، رىقابەت ۋە ئەركىن بازار ئىقتىساد تۈزۈلمىسى ، ھەسسىلەپ ئىشلەپچىقىرىشنى مەركەز قىلغان زاۋۇتلارنىڭ كۆپلەپ قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار دىن بىلەن چەمبەرچەس باغلىنىپ كەتكەن بېكىنمە ھالەتتىكى ئەئئەنىۋى جەمئىيەت تۈزۈلمىسىنىڭ يىمىرىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كاپىتالىزىم دىنلارنىڭ كۈچلۈك تەسىرى ئاستىدىكى ئەنئەنىۋى جەمئىيەت قۇرۇلمىسىغا ماس كەلمىگەنلىكتىن، بۇ ئەھۋال كاپىتالىزىمدىن بۇرۇنقى ئىجتىمائىي چۈشەنچىلەر، ئېتىقاد سىستېمىلىرى ۋە كونا قىممەت قاراشلىرىنىڭ شەكىل ۋە ماھىيەت جەھەتتىن ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولدى. ھەسسىلەپ ئىشلەپچىقىرىشنى مەركەز قىلغان چوڭ تىپلىق زاۋۇتلار، ئىش تەقسىماتى، ماشىلىنىشىش، كەسپىيلىشىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، چاغداش مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشى ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى، ئوتتۇرىچە تۇرمۇش ئۆلچىمىنىڭ ئۆسۈشى، بوۋاق ئۆلۈملىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئازىيىشى، يۇقۇملۇق كېسەللىكلەردىن ئۆلۈش نىسبتىنىڭمۇ كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىشى، ئاممىۋى ئۇچۇر-ئالاقە ۋاسىتىلىرىنىڭ ئومۇملىشىشى تۈرتكىسىدە ئۇچۇر-ئالاقەنىڭ ئاسانلىشىشى ۋە تېزلىشىشى، قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ ئىلغارلىشىشى، يۇقىرى تېخنىكىلارنىڭ ئىجاد قىلىنىشى، بانكىچىلىق سىستېمىسىنىڭ تەرەققىي قىلىشى،  مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدە مۇھىم رول ئوينىدى. مەسىلەن، ئۆسۈم دىنىمىزدا ھارام دەپ قارىلىدۇ. لېكىن بانكىسىز نۇرغۇن ئېھتىياجىمىزنى ھەل قىلىش تەس بولۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۆسۈمگە كىرمەي تۇرۇپ نورمال ھاياتىمىزنى داۋاملاشتۇرۇش قىيىن بولماقتا. ئۆي، ماشىنا ياكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئۆسۈمگە كىرمەي تۇرۇپ سېتىۋېلىشىمىز تولىمۇ مۈشكۈل.

سېكۇلارلىشىشنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپىى بولسا شەھەرلىشىش ھادىسىسى بولۇپ، شەھەرلىشىش تۈرتكىسىدە بۇرۇن پەرقلىق كەچمىشلەرگە ئىگە بولغان شەخسلەر يىزا-قىشلاقلاردىكى ئاددىي ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ بىر قىسمى بولۇشتىن چىقىپ، شەھەردە مۇرەككەپ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانماقتا. كوكسنىڭ دېگىنىدەك، شەھەردە دىنى ئېتىقادلار، ئېتنىك مەنسۇبىيەتلەر، ئەنئەنە ۋە ئۆرپ-ئادەتلەر يېزا-قىشلاقلارغا سېلىشتۇرغاندا نىسبەتەن ئاز رولغا ئىگە. شەھەر ھاياتىدا شەخسلەر كەسپى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنىڭ تەقەززاسى بويىچە مەلۇم ئىجىمائىي رولنى ئۆتەيدۇ. شەھەر ھاياتىدا شەخسلەرنىڭ دىنى كىملىكىدىن بەكرەك ئۇنىڭ كەسپىي كىملىكى (دوختۇر، ئادۋوكات، بانكا خادىمى، ئوقۇتقۇچى، ساقچى، تېخنىكا خادىمى) گەۋدىلىنىدۇ. شەھەرلىشىشكە ئەگىشىپ ئەنئەنىۋى ئەخلاقىي كونترول ۋە جازالارنىڭ ئورنىغا، ئوخشىمىغان دىنى ئېتىقادلارغا مەنسۇپ كىشىلەرنى بىر يەرگە جەم قىلالايدىغان چاغداش قانۇن تۈزۈملەر دەسسەيدۇ. بۇنىڭغا قوشۇمچە ھالدا، شەھەردىكى يېڭى ئىش ساھەلىرى ۋە شەھەر ھاياتىدىكى ئىجتىمائىيلىشىش شارائىتلىرى دىنى ئىبادەتلەر، پائالىيەتلەر ۋە دىن ئۈچۈن ئاجرىتىلغان زاماننىڭمۇ قىسلىشىشىغا سەۋەب بولىدۇ .

ئەلى ئىززەت بېگوۋىچ شەھەر ھاياتى توغرىسىدا مۇنۇلارنى دەيدۇ: «شائىرلار چوڭ شەھەرلەرنى«دوزاختىن قىلچە پەرقى يوق» دېيىشسە، ماركىسىزىمچىلار «يېزىدا ياشاش ساراڭلىق» دېيىشىدۇ. شەھەرنىڭ رەت قىلىنىشى گەرچە غەيرى فۇنكىسىيەلىك بىر ئەھۋال بولسىمۇ، يەنىلا ئىنسانى بىر ئىنكاس، خالاس. دىندارلىق شەھەرنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاجىزلىشىپ ماڭىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئاجىزلىشىش ئىنسانغا ياتلايدىغان؟( ياتلىشىدىغان؟) شەكىلدە تەسىر كۆرسىتىدىغان شەھەرچىلىك ئامىللىرىنىڭ بىرىكىشى بىلەن بىرلىكتە مەيدانغا كېلىدۇ. چۈنكى شەھەر چوڭايغانسېرى، ئۈستىدىكى ئاسمانمۇ شۇنچە كىچىكلەيدۇ. تەبىئەت، گۈل ۋە ئايدىڭلىق شۇنچىلىك ئاز، سمونت، تېخنىكا ۋە تۇمان بولسا شۇنچىلىك كۆپ. بىز بولساق ئۆزلۈكىمىزدىن ئايرىلىپ، ئاۋامغا ئايلىنىمىز. شەھەر قانچىلىك چوڭايسا، جىنايەتلەرمۇ شۇنىڭغا پاراللىل ھالدا كۆپىيىدۇ. دىندارلىق شەھەرنىڭ چوڭلۇقىغا زىت بىر ئەھۋال بولسا، جىنايەتلەر ئەكسىچە پاراللىل بولىدۇ. بۇ ئىككى ھادىسەنىڭ سەۋەبى ئەمەلىيەتتە ئوخشاش. يېزىدا ئىنسان يۇلتۇزلار بىلەن زىننەتلەنگەن ئاسمان، گۈل- چىچەكلەر بىلەن پۈركەنگەن دالىلار، ئېقىن سۇلار، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلار ھەققىدە ئويلىنىشقا پۇرسەت تاپالايدۇ. ھەر كۈنى تەبىئەت ۋە ئۇنىڭ ئىشارەتلىرى بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشالايدۇ. مول فولكلور، توي مۇراسىملىرى، قوشاقلار ۋە ئويۇن تاماشالاردا يېزا خەلقى يالغۇز تاماشىبىنلا بولۇپ قالماستىن، ئەينى ۋاقىتتا ئورۇنلىغۇچى ۋە ئىشتىراك قىلغۇچىدۇر. بۇلارنىڭ سايىسىدا يېزا خەلقى كۈلتۈر ۋە ئىستېتىك تۇرمۇشقا ئېرىشىدۇ. شەھەرلىكلەر بولسا بۇنىڭدىن تامامەن مەھرۇمدۇر. چوڭ شەھەرنىڭ ئادەتتىكى ئاھالىسى گۈزەل ۋە چىن بولغان ھەر نەرسىدىن ئاستا-ئاستا ئايرىلىپ قالماقتا. ئومۇمەن، شەھەر خەلقى ئېگىز سېلىنغان بىنالاردا ياشايدۇ، ھەسسىلەپ ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنىڭ ئەبجەش تاۋارلىرى بىلەن قورشىلىپ، كاللىسى ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرى تەرىپىدىن سۇنۇلغان پاسسىپ مەلۇماتلار بىلەن تولدۇرۇلغان بولىدۇ. بارلىق ئىپتىدائىي مىللەتلەردە كۆرۈلىدىغان «رېتىم» تۇيغۇسىدىن زامانىۋى ئىنسان ئاساسەن دېگۈدەك مەھرۇم ھالدا ياشىماقتا. شەھەرلىكلەرنىڭ سەنئەت ۋە ئىستېتىك تۇرمۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەتكە ئېرىشكەنلىكىنى ئويلىۋېلىشى كۈنىمىزدىكى ئەڭ چوڭ خاتالىقلاردىن بىرى. شەھەر ئاھالىسىنىڭ ئىنتايىن ئاز بىر قىسمى بەھرىمەن بولالايدىغان كونسېرت، مۇزېي ۋە كۆرگەزمىلەر يېزا خەلقىنىڭ ھەر كۈنى قۇياشنىڭ پېتىشى ياكى باھاردا تەبىئەتنىڭ ئويغىنىش مەنزىرىسى ئالدىدا، غەيرى ئىختىيارى بېشىدىن ئۆتكەن ئەڭ چوڭ ئىستېتىك ھاياجىنىنىڭ ئورنىنى ئازراق بولسىمۇ تولدۇرالمايدۇ. شەھەر ئاھالىسىنىڭ كۆپىنچىسى ئەڭ كۈچلۈك ھاياجاننى پۇتبول ۋە بوكس مۇسابىقىلىرىدا تاپالايدۇ. يېزا خەلقىنىڭ ئەتراپىدا ھەر نەرسە جانلىق ۋە چىن بولسا، ئىشچىلارنىڭ ئەتراپىدا ئۆلۈك ۋە مېخانىك. يېزا خەلقىنىڭ دىندارلىقى بىلەن ئىشچىلارنىڭ ئاتېئىستلىقىنىڭ ئىزاھىنى ھەرخىل تۇرمۇش شارائىتلىرى ياكى مەدەنىيەت سەۋىيىسىدىن ئەمەس، بەلكى ئوخشىمىغان مەنىۋى ھاۋادىن ۋە تاشقى دۇنيانى ئوخشىمىغان شەكىلدە كۆرۈشىدىن ئىزدىشىمىز لازىم. دىن ھاياتقا، سەنئەتكە، كۈلتۈرگە تەۋە بولغان بولسا، ئاتېئىزىم تېخنىكا ۋە مەدەنىيەتكە تەۋە» .

ئەنئەنىۋىي دۇنيانى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ يېڭىچە دۇنيا يارىتىش ئىدىيەسىنىڭ مەھسۇلى بولغان مودېرىنلىشىش مۇساپىسىغا ئەگىشىپ، جەمئىيەتلەر ۋە توپلۇقلار ئۆزلىرى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ۋە قىيىنچىلىقلارنى دىندىن باشقا ئۇسۇللار بىلەنمۇ ھەل قىلالايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىشتى. بىرۇس تەكىتلىگەندەك، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئەسىردە ياۋروپادا بىلىم، سەنئەت، پەلسەپە، سەھىيە ۋە مائارىپتا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغان ئەڭ نوپۇزلۇق كۈچ ھېسابلىنىدىغان دىن، مودېرىلىشىشقا ئەگىشىپ، يەنى ئىنسانلارنىڭ يېزا-قىشلاقلارنى تاشلاپ شەھەرلەرگە كۆچۈشى، فېئودال كۈلتۈرگە ئىگە بېكىنمە ھالەتتىكى كىچىك توپلۇقلارنىڭ مۇرەككەپ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلىق جەمئىيەتكە ئايلىنىشى، مىللىي دۆلەت تۈرتكىسىدە پۇقرالىق ھوقۇقىنىڭ پەيدا بولۇشى، دېموكراتىك ۋە تەڭ باراۋەر قۇرۇلمىنىڭ كۈچىيىشى، ئىجتىمائىي ئورگانلارنىڭ ئەقلىيلىشىشى، بىيۇروكراتىك باشقۇرۇش تۈزۈمىنىڭ شەكىللىنىشى قاتارلىقلار تۈپەيلى ئىجتىمائىي ساھەدىكى نوپۇزىدىن مەلۇم دەرىجىدە ئايرىلىپ قالدى. بۇ ئۆزگىرىش يەنى مودېرىنلىشىشنىڭ دىنغا دۇئېل قىلىپ زور مەسىلە پەيدا قىلىشى دىنى توپلۇقلارنىڭ، ئورۇنلارنىڭ، دىنى چۈشەنچە شەكلىنىڭ ۋە دىنى تەجرىبىلەرنىڭ جەمئىيەتكە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، دىننى ئىستېمال جەمئىيەتلىرىدە يەنە بىر ئىستېمال قىلىنىدىغان تاۋار بۇيۇمىغا ھالىتىگە كەلتۈرۈپ قويدى .

قىسقىسى، سېكۇرلارلىشىش جەمئىيەت قۇرۇلمىلىرىنىڭ مۇرەككەپلىشىشىگە ئەگىشىپ دىنى ئورگانلارنىڭ كۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئەنئەنىۋى دىنى قائىدىلەرنىڭ ۋە سىمۋوللارنىڭ رولىنىڭ يېڭىدىن پەيدا بولغان يېڭى قۇرۇلمىلار تۈرتكىسىدە سۇسلىشىشى، مۇقەددەس نەرسىلەرگە بولغان گۇماننىڭ كۈچىيىشى، ئەنئەنىنىڭ ئاجىزلىشىشى، ئىلىم-پەننىڭ مېتافىزىكىدىن يىراقلىشىشى ۋە ئۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرى ئورنىغا بۇ دۇنيانىڭ نېمەتلىرىگە بولغان مايىللىقنىڭ كۈچىيىشى دەپ تەرىپلەشكە بولىدۇ.

لېكىن شۇ ئېنىق بولۇش كېرەككى، سېكۇلارلىشىش دەپ تەرىپلگەن ئۆزگىرىشلەر دىنسىزلىشىش ياكى ئېتىقادسىزلىشىش مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ. ئەكسىچە، سېكۇلارلىشىش دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانىنىڭ ئېشىشى ياكى ئازىيىشىغا مەركەزلەشمەيدۇ. بىر ئىنسان كۈندىلىك تۇرمۇشىدا دىنىنىڭ پىرىنسىپلىرى بويىچە ياشىماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئاللاھقا ئىشىنىدۇ . خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىن ئىسلامنى سىقىپ چىقىرىش ئۈچۈن ئۇزۇندىن يىللاردىن بۇيان ھەر خىل بېسىم سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇپ، سېكۇلار ئىدىئولوگىيەلەرنى تەشۋىق قىلىشى بىلەن ئۇيغۇرلار دىنسىزلىشىپ كەتكەن بولسا بولاتتى، لېكىن ئىسلام ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا يەنىلا مەلۇم دەرىجىدە رول ئوينىماقتا. سېكۇلارلىشىشنىڭ كۈنىمىزدىكى ئىنسانلاردىكى ئىپادىسىنى نوپۇزلۇق دىن جەمئىيەتشۇناسى دېيىۋ مۇنداق ئىپادىلەيدۇ: «ئىشىنىمەن، لېكىن دىنغا تەۋە ئەمەسمەن».سېكۇلارلىشىش ئۇقۇمىغا نىسبەتەن مۇھىم بولغىنى دىنغا ئىشىنىدىغان ياكى ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرنىڭ سانىدىكى ئۆزگىرىش بولماستىن، بەلكى دىننىڭ شۇ كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا تەسىر قىلىش كۈچىدۇر.

لايىكلىق

لايىكلىق ئۇيغۇرچىغا «ئىلمانىزم» دەپ تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئەرەبچىگە ئاساسەن قوبۇل قىلىنغان، لېكىن بىز ماقالىمىزدە لايىكلىق كەلىمىسىنى ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق،چۈنكى بۇ ئۇقۇمنىڭ ئېتىمولوگىيەسى، تارىخى ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى بىزگە تامامەن يات، بۇ ئۇقۇملارنى تەرجىمە ۋاسىتىسى بىلەن قوبۇل قىلغان تەقدىردىمۇ ئەسلىدىكى مەنىسىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ، شۇڭا ئەسلىنى ئېلىش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولۇشى مۇمكىن. لايىك كەلىمىسى لاتىنچىدىكى دىن ئىشلىرى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان « لايكۇس» laicus)) كەلىمىسى بىلەن گرېكچىدىكى «خەلققە تەۋە»مەنىسىدىكى «لايكوس» (laïkos)كەلىمىلىرىدىن تۈرلەنگەن . دىن-جەمئىيەت ئارىسىدىكى دولقۇنسىمان مۇناسىۋەتنى ئىزاھلاش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن سېكۇلارلىق ئۇقۇمىنىڭ ئەكسىچە، لايىكلىق دىن بىلەن دۆلەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەيدىغان سىياسىي ۋە ئاساسىي قانۇنلۇق پىرىنسىپ ۋە لايىھەنى كۆرسىتىدۇ. لايىكلىق كەڭ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، دىن ۋە دىن ئىشلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلىشىنى؟؟، دۆلەتنىڭ ھەر دىنى جامائەت ۋە توپلۇققا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىنى، دۆلەتنىڭ تىزگىنىدىكى مائارىپ، سەھىيە، خەۋپسىزلىك، قانۇن، ئىقتىسادقا ئوخشاش ساھەلەرنى ھەر قانداق بىر دىنى جامائەت ياكى توپلۇقنىڭ مونوپول قىلىۋالماسلىقىنى، دۆلەتنىڭ تاشقى ۋە ئىچكى سىياسىتى ئۈچۈن چىقىرىلىدىغان قارارلاردا مەلۇم بىر دىنى جامائەت ياكى توپلۇقنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئاساس قىلماسلىق، شەخسنىڭ ئېتىقادى تۈپەيلى دۆلەت ئورۇنلىرىدىن چەتكە قېقىلماسلىقىنى، قىسقىسى دۆلەتنىڭ بارلىق دىنى جامائەت ۋە توپلۇققا ئادىل ۋە باراۋەر مۇئامىلە قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئېنىقلىما لايىك دۆلەتنىڭ دىن دۈشمىنى ئىكەنلىكى، پۇقرالارنى ئىبادەت ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرىدىغانلىقى، پۇقرالارنى دىنسىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدىغانلىقى ياكى دىننى كونترول قىلىدىغانلىقى مەنىسىنى بىلدۈرمەيدۇ. لايىكلىق دېگەندە دۆلەت ئىشلىرى بار يەردە دىننىڭ ھەر قانداق ئەھۋالدا چىقىش نۇقتىسى ياكى پايدىلىنىش مەنبەسى بولالمايدىغانلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

كۈنىمىزدە لايىكلىق تىلغا ئېلىنغاندا بولۇپمۇ ئىككى سەۋەبتىن تۈپەيلى تولۇق ئېنىقلىما بېرىش ۋە ئىزاھلاش تەسكە توختىماقتا. بىرىنچى سەۋەب تارىخىي، ئىككىنچى سەۋەب ئېتىمولوگىيەلىكتۇر. تۆۋەندە بۇ ئىككى سەۋەب ئۈستىدە توختىلىمىز.

تارىخىي نۇقتىدىن، مەيلى 1789-يىلدىكى فرانسىيە ئىنقىلابى بولسۇن مەيلى تۈركىيەدىكى 1923-يىلدىكى كامالىست ئىنقىلاب بولسۇن، لايىكلىقنىڭ يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئېنىقلىمىسىدىن پەرقلىق بىر لايىكلىق تەجرىبىسى مەيدانغا كەلدى. يەنى نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت ئارىسىدا ماس كەلمەسلىك يۈز بەردى. فرانسىيە ۋە تۈركىيەدە لايىكلىق قانداقتۇر دىن ۋە دۆلەت ئايرىمى تەرىقىسىدىلا ئەمەس، دۆلەتنىڭ دىننىڭ ئۈستىدىكى نوپۇزىنىمۇ ئىپادىلەپ بېرىدىغان ھالەت شەكىللەندى. فرانسىيەدە ئىنقىلاپنى قىلغۇچىلارنىڭ مەقسىتىمۇ ئىنسانلارنى دىنغا ئەمەس دۆلەتكە چوقۇندۇرىدىغان قىلىش ئىدى. بۇ يەردىكى ئاساسلىق مەقسەت، دۆلەت بىلەن دىن ئىشلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىش ئەمەس دىننى يوق قىلىش، يوق قىلغىلى بولمىسا ئۇنى دۆلەتنىڭ كونتروللۇقىغا تۇتۇپ بېرىش ئىدى. فرانسىيەدە ئىنقىلاب يۈز بەرگەندىن كېيىن، بۇرۇنقى ھاكىمىيەتكە يېقىن ئۆتكەن پوپلار يا ئۆلتۈرۈلدى، يا زىندانلارغا تاشلاندى، ياكى مېيىپ قىلىندى (سولۋاي، 1923). چېركاۋلار چېقىلدى، دىن سىمۋوللىرى ۋەيران قىلىندى. دىن ئۆلىمالىرى بارلىق ھوقۇقىدىن مەھرۇم قالدۇرۇلدى. ئىنقىلابقا قارشى چىقىپ يېڭى ھاكىمىيەتكە ساداقەتمەنلىكىنى بىلدۈرمىگەن دىن ئۆلىمالىرى ئۆلۈم بىلەن تەھدىت قىلىندى. ئىنقىلاب قانۇنلىرى دىن، ئىنقىلابنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچىلار بولسا يېڭى «پەيغەمبەرلەر»ھالىتىگە كەلدى (بۇننېر، 1991:76). قىسقىسى، فرانسىيە ئىنقىلابچىلىرى «لايىك»كەلىمىسىدە بىلدۈرۈلگىنىدەك دىن ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىمىدى،  بەلكى دىننى بىۋاسىتە يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇشۇپ دىن ئورنىغا دۆلەتنى دەسسىتىشكە تىرىشتى.

فرانسىيە ئىدىيە سىستېمىسى ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان مۇستاپا كامال ئاتاتۈرك بىلەن جۇمھۇرىيەتنىڭ سىياسەت ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە نوپۇزلۇق ھېسابلىنىدىغان زىيالىلار تۈركىيە دۆلىتى ئۈچۈن فرانسىيەنىڭ دۆلەت قۇرۇلمىسىنى قوبۇل قىلىشتى. ئۇلار فرانسۇزلارنىڭ لايىك دۆلەت قۇرۇلمىسىنى ئاساس قىلغان مەركىزى بىر قۇرۇلما بىلەن تۈركىيە جەمئىيىتىنى ئىنژېنېرغا ئوخشاش قايتىدىن لايىھەلەپ چىقىشماقچى بولۇشتى. فرانسۇزلارغا ئوخشاش ئاتاتۈركمۇ بەرپا قىلماقچى بولغان يېڭى دۆلەت ۋە جەمئىيەتتە لايىكلىق نامى ئاستىدا دىن ۋە دۆلەت ئىشلىرىنى بىر-بىرىدىن ئايرىشتىن بەكرەك، دىنى سىمۋوللارنى ھاياتتىن يىراقلاشتۇرۇش ۋە دىنىي بولغان ھەر نەرسىنى دۆلەت كونتروللۇقىغا ئالماقچى بولدى. 1938-يىلغىچە 15 يىللىق ھاكىمىيىتى دەۋرىدە تۈرك جەمئىيىتىنى غەربتىكى چاغداش جەمئىيەتلەرگە يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىسلامىي سىمۋوللارغا چېقىلدى. ئاتاتۈركنىڭ مەقسىتى لايىك بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىشلا ئەمەس، ئۇ يەنە سېكۇلار بىر جەمئىيەتمۇ بەرپا قىلىشنى ئويلايتتى. ھەم دۆلەتنى لايىكلاشتۇرۇش ھەمدە دىننىڭ جەمئىيەتتە نوپۇز تېپىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن (سېكۇلارلىشىش)قانۇنلارنى چىقاردى. 1922-يىلى ئەنقەرە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن پادىشاھلىقنىڭ بىكار قىلىنىشى بەلكىم ياش جۇمھۇرىيەتنىڭ لايىكلىشىش يولىدا تاشلىغان تۇنجى قەدىمى ھېسابلىنىدۇ. ئارقىدىن دىن ئۆلىمالىرىنىڭ دىنى كىيىملىرىنى جامىلەردىن باشقا يەرلەردە كىيىشى چەكلەندى. 1924-يىلى خەلىپىلىك ۋە شەيخۇلئىسلام ماقامى بىكار قىلىندى. مەدرىس ۋە مەكتەپ ئايرىمى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ سېكۇلار مائارىپ تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. دەرسلىكلەر دىنى ئىلىملەردىن خالىيلاشتۇرۇلدى ۋە ياۋروپالىق مائارىپ مۇتەخەسسىسلىرى تەكلىپ قىلىندى. 1925-يىلى دەرگاھلار ۋە مەقبەرەلەر تاقالدى، 1926-يىلى شىۋېتسارىيە ھەق-تەلەپ قانۇنى، ئىتالىيە جىنايى ئىشلار قانۇنى ۋە گېرمانىيە تىجارەت قانۇنى يېڭى جۇمھۇرىيەتنىڭ دىندىن مۇستەقىل ۋە خالىي بولغان قانۇنلىرىنى تەشكىل قىلدى. 1928-يىلى ئاساسىي قانۇندىن «دۆلەتنىڭ دىنى ئىسلامدۇر»دېگەن ماددا چىقىرىپ تاشلاندى. يېزىق ۋە تىل ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىلدى، ئەرەب ئېلىپەسى ئورنىغا لاتىنچە قويۇلدى، تۈركچىدىكى نۇرغۇن پارسچە ۋە ئەرەبچە كەلىمىلەرنىڭ ئورنىغا ئەسلى تۈركچە بولغان كەلىمىلەر قويۇلدى ياكى يېڭى كەلىمىلەر ياسالدى. 1933-يىلى دىنى تەلىم-تەربىيە بېرىدىغان بارلىق ئورۇنلار تاقىلىپ، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى دىنى دەرس چەكلەندى .1937 -يىلى لايىكلىق پىرىنسىپى رەسمىي ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلدى، شۇنداق قىلىپ پادىشاھلىق ۋە خەلىپىلىكنىڭ بىكار قىلىنىشى بىلەن باشلىغان بۇ مۇساپە مائارىپ، قانۇن، سودا، سىياسەتكە ئوخشاش ساھەلەردە ۋۇجۇدقا چىققان ئىنقىلاب خاراكتېرلىك قارارلار بىلەن 1937-يىلى لايىكلىق پىرىنسىپىنىڭ دۆلەتنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزۈلۈشى نەتىجىسىدە رەسمىيلەشكەن بولدى .

لايىكلىق ئۇقۇمىنىڭ ئېنىقلىمىسى توغرىلىق ئىككىنچى مەسىلە بولسا ئېتىمولوگىيەلىكتۇر. نېمىس تىللىرىنى (ئىنگلىزچە، نېمىسچە، فىلىمەنچە،دانىيەچە) ئىشلىتىدىغان خەلقلەر دىن ۋە دۆلەت ئايرىمىنى ئىپادە قىلىش ئۈچۈن لايىكلىق ئۇقۇمى ئىشلەتمەيدۇ، نېمىس تىللىرىدا دىن ۋە دۆلەت ئايرىمى بولسا «سېكۇلارىزىم»كەلىمىسى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. سېكۇلارىزىم سېكۇلار ھايات ئەندىزىسى ۋە سېكۇلار دۆلەت تۈزۈمىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدىغان ئىدېئولوگىيەنىڭ نامىدۇر. نېمىس تىللىرىغا تەۋە بىرى « لايكىتى»ئۇقۇمىنىڭ چوقۇم فرانسۇزچەدە روشەن ئايرىلغان چېركاۋ ۋە دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. دەرۋەقە، نېمىس تىللىرىدا نەشىر قىلىنىدىغان گېزىت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشتا «لايكىتې» (laicite)كەلىمىسىدىن تۈرلەنگەن كەلىمىلەر ئىشلىتىلمەيدۇ. لاتىن تىللىرىدىن بولغان فىرانسۇزچىدىكى «لايكىتې»، نېمىس تىل گۇرۇپپىسىغا تەۋە ئىنگىلىزچىدە «سېكۇلارىزىم» (sekulrism)، نېمىسچىدە «ساكۇلارىسمۇس» (sakularsmus)، دانچە ۋە نورۋېچىدە «سېكۇلارىسمە»(sekularhsme)، فىلمەنچىدە «سېكۇلارىسمې»(sekularisme)دۇر.

تۈركىيە ۋە فرانسىيە لايىك دۆلەت تۈزۈمى بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان بولسا، دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانىنىڭ ئوخشاشلا چېركاۋنىڭمۇ ھۆكۈمرانى ئىكەنلىكى، دۆلەتنىڭ رەسمىي دىنى بولغان ئەنگلىيە، دانىيە، شىۋېتسىيە (2000-يىلغىچە)، نورۋېگىيە ئوخشاش دۆلەتلەر لايىك تۈزۈم بىلەن ئەمەس بەلكى سېكۇلارىزىم بىلەن باشقۇرۇلماقتا. دۆلەتنىڭ سىمۋوللۇق بولسىمۇ بىر دىنى بولغانلىقى ئۈچۈن لايىك ھېسابلانمايدۇ. دۆلەتنىڭ ھەر بىر دىنى جامائەت ۋە توپلۇققا باراۋەر مۇئامىلە قىلىدىغانلىقى، بىراۋنىڭ دىنى ئېتىقاد تۈپەيلى دۆلەت ھاكىمىيىتىدىن يىراقلاشتۇرۇلماسلىقى ياكى بيۇروكراتىيەدە ئۆرلىيەلىشىشى قاتارلىقلار سېكۇلارىزىم بىلەن باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. خانلىق تۈزۈمى بولسىمۇ لېكىن پارلامېنتلىق تۈزۈم بىلەن قانداق باشقۇرۇلغان بولسا، ئوخشاشلا لايىك تۈزۈمگە ئىگە ئەمەس-دۆلەتنىڭ دىنى بولغانلىقى ئۈچۈن-لېكىن سېكۇلارىزم بىلەن باشقۇرۇلىدۇ. بۇ ئېتىمولوگىيەلىك ئوخشىماسلىق ۋە مۈجمەللىكنى يوق قىلىش ئۈچۈن كۇرۇ (2007) «چەتكە قاققۇچى» ۋە «پاسسىپ»ئۇقۇملارنى ئىشلىتىدۇ. موھانتىي بۇ پەرقلىق سېكۇلارىزىملىق قۇرۇلمىلار ئۈچۈن «ھۆكۈمران سېكۇلارىزىم» ۋە «دېموكراتىك سېكۇلارىزىم»ئۇقۇملىرىنى ئىشلىتىدۇ.

بۇ ئەھۋالدا لايىكلىق دەپ تەرىپلەنگەن ئېنىقلىمىنى «دېموكراتىك لايىكلىق ياكى دېموكراتىك سېكۇلارىزىم» تەرىقىسىدە، ياكى «پاسسىپ لايىكلىق ياكى پاسسىپ سېكۇلارىزم»تەرىقىسىدە ئىپادە قىلىش تېخىمۇ مۇۋاپىق بولىدۇ. كۇرۇ ۋە مونھانتېينىڭ قارىشىچە، تۈركىيە ۋە فرانسىيەگە ئوخشاش دۆلەتلەر چەتكە قاققۇچى ياكى ھۆكۈمران سېكۇلارىزم (لايىكلىق)بىلەن باشقۇرۇلىدىغان بولسا، غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرى پاسسىپ ياكى دېموكراتىك لايىكلىق (لايىكلىق)بىلەن باشقۇرۇلىدۇ دېسەك بولىدۇ.

سېكۇلارلىشىش بىلەن لايىكلىق ئارىسىدىكى پەرقلەر

دىن بىلەن دۆلەت ئىشلىرىنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلىشىنى بىلدۈرىدىغان لايىكلىق بىلەن، دىننىڭ جەمئىيەتتىكى نوپۇزى ۋە ئورنىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى، ئۆتمۈشكە نىسبەتەن تېخىمۇ ئاز كىشىگە تەسىر كۆرسىتىشىنى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ جەمئىيەتتىكى ئاساسلىق كۈچ ۋە پايدىلىنىش مەنبەسى بولۇش ئالاھىدىلىكىدىن مەھرۇم قېلىشىنى بىلدۈرىدىغان سېكۇلارلىشىش ئۇقۇمى بىر-بىرىنىڭ ئورنىغا ئارىلاش ئىشلىتىلمەسلىكى كېرەك. ئۆزدەننىڭ دېگىنىدەك، لايىكلىقنىڭ مەلۇم بىر جەمئىيەتتە دىننىڭ بىر ئېتىقاد، ئىلىم ۋە ئىش-ھەرىكەتنىڭ ئاساسى سۈپىتىدە ئومۇملىشىپ ئومۇملاشمايدىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. ھالبۇكى سېكۇلارلىق بىر جەمئىيەتتە دىننىڭ كەڭ ئومۇملىشىپ ئومۇملاشماسلىقى ۋە دىننىڭ ئاساس قىلىنىپ قىلىنماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. بۇ سەۋەبتىن لايىكلىقنىڭ پىرىنسىپ بېكىتىشتەك ئالاھىدىلىكى شەخسنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، لايىكلىق سىياسىي-ئىجتىمائىي ساھەنى، سېكۇلارلىق بولسا شەخسنىڭ خۇسۇسىي تۇرمۇشىنى تېما قىلىدۇ.»

تۈركىيەچە لايىكلىق پىرىنسىپىنى قوبۇل قىلغۇچىلار «دىنى ئېتىقاد ۋە شەكىللىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا، سىياسەتتە ياكى دۆلەت ئورۇنلىرىدا كۆرۈلۈشىنى لايىكلىققا قارشى ئەھۋال دەپ قارايدۇ. سېكۇلارلىق بولسا پەقەت شەخسنىڭ ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك ئەھۋالدۇر. سېكۇلارلىشىش بىر جەرياننىڭ ئىسمى بولۇپ، دۆلەت ياكى جەمئىيەتتىن بىر نەرسە كۈتمەيدۇ. لايىكلىق دۆلەت ساھەسىدە كۆرۈلىدىغان ئۆزگىرىشنى ئىپادە قىلسا، سېكۇلارلىشىش مەۋجۇت ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشنى كۆرسىتىدۇ. لايىكلىق سىياسىي-قانۇنىي پىرىنسىپ بولسا، سېكۇلارلىشىشنىڭ دىننىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆككە كۆتۈرۈش ياكى ئەيىبلەش ۋەزىپىسى يوق بولۇپ، دىن ۋە جەمئىيەت مۇناسىۋىتىگە مەركەزلىشىدۇ.

قىسقىسى، سېكۇلارلىشىش تۈركىيە ۋە فرانسىيەدىكى لايىكلىق چۈشەنچىسىگە ئوخشاش جەمئىيەتكە مەجبۇرىي تېڭىلىدىغان سىياسىي ئىدىيە ئەمەس. ئەكسىچە، ئۆزىنىڭ ھەرىكەتچان كۈچى بولغان، تەبىئىي ئۆزگىرىش نەتىجىسىدە مەيدانغا كەلگەن، مەيدانغا كېلىپ بولغاندىن كېيىن قايتىش ئىمكانىيىتى بولمىغان جەرياندۇر. لايىكلىق دىن بىلەن دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى، سېكۇلارلىشىش دىن بىلەن جەمئىيەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىپادىلەيدۇ.

كاراكاش سېكۇلارلىشىش بىلەن لايىكلىق ئارىسىدىكى پەرقنى ئىزاھلىغاندا گېرمانىيە، گوللاندىيە ۋە بۈيۈك بىرىتانىيە مىساللىرىنى بېرىدۇ. كاراكاشنىڭ قارىشىچە، بۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ سېكۇلار قانۇن تۈزۈمىگە ئىگە بولۇشى ئۇلارنىڭ لايىك دۆلەت ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمەيدۇ. دەرۋەقە، كاراكاش لايىكلىق دىن سىنىپىغا قارشى بولغان دۇنيا قارىشىدۇر دەپ قارايدۇ. سېكۇلارلىشىش بولسا قاراش بولماستىن مەلۇم زامان ۋە ماكان ئىچىدە دىن ۋە جەمئىيەت ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىزاھلاپ بېرىدىغان ئۇقۇمدۇر.

لايىكلىق لاتىن-كاتولىك ئەنئەنىسىدە پەيدا بولغان «لاتىن كاتولىك تەرىقىسىدىكى دۇنياۋىلىشىش»ئەندىزىسى بولۇپ، مەزمۇن جەھەتتىن «دۇنيا ھاياتىنى تەرتىپكە سالىدىغان قانۇن ۋە نىزاملارنىڭ دىننى چىقىش قىلىپ ئەمەس، دۇنيانىڭ ئۆزىنى ئاساس قىلىپ تۈزۈشنى مەزمۇن قىلىدىغان جەمئىيەت تەرتىپى»دۇر. لايىكلىق قانداقتۇر ماتېرىيالىزىم ۋە ئاتېئىزىمۇ ئەمەس بەلكى دىن بىلەن قانۇن ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى ئايرىش ۋە دىننى قانۇنغا ئارىلاشتۇرماسلىقنى كۆرسىتىدۇ. سېكۇلارلارلىشىش بولسا پروتستانت ئەنئەنىسىدە پەيدا بولغان بولۇپ، دىن، ئېتىقاد شەكىللىرى ۋە مېتافىزىكىلىق كۈچلەرنىڭ جەمئىيەتتىكى نوپۇزىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كۆرسىتىدۇ.

خۇلاسە

ماقالىمىزنىڭ مەقسىدى سېكۇلارلىشىش ئۇقۇمىنىڭ زادى قانداق مەنىگە كېلىدىغانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش ئارقىلىق، بۇ ئۇقۇمنىڭ داۋاملىق ئارىلاشتۇرۇلۇپ قويۇلىۋاتقان لايىكلىق ئۇقۇمى بىلەن بولغان پەرقنى ئايدىڭلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئىدى. مەلۇم بىر زامان ئىچىدە دىننىڭ ياكى مېتافىزىكىلىق دۇنيانىڭ جەمئىيەتتىكى نوپۇزىنىڭ ۋە جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىنىڭ نىسپىي دەرىجىدە ئاجىزلىشىشىنى بىلدۈرىدىغان سېكۇلارلىشىش بىلەن، دىننىڭ دۆلەت ئاپپاراتىدىن يىراقلاشتۇرۇلۇشىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان لايىكلىق ئۇقۇمى ھەم تارىخىي كېلىپ چىقىش مەنبەسى، ھەم ئېتىمولوگىيەسى ھەمدە ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى جەھەتتىن بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئۇقۇملاردۇر. ئۇقۇملار دۇنيا، جەمئىيەت ۋە ئىنساننىڭ ئەينىكى بولۇشتەك فۇنكىسىيەلىك رول ئۆتىگەنلىكتىن مۇۋاپىق ئىشلىتىلىشى زۆرۈردۇر. ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئىسلام دىنى بىلەن ھاياتى چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن بىر مىللەتكە نىسبەتەن، كېلىپ چىقىش مەنبەسى دىنىي بولغان بۇ ئىككى سەزگۈر ئۇقۇمنىڭ پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش مۇھىمدۇر. قىسقىسى، سېكۇلارلىشىش دىن-جەمئىيەت مۇناسىۋىتىنى، لايىكلىق بولسا دۆلەت-دىن مۇناسىۋىتىنى ئىپادىلەيدۇ، ھەر سېكۇلار ئىنسان لايىك بولىدۇ، لېكىن ھەر لايىك ئىنسان سېكۇلار بولۇشى ناتايىن.

پايدىلانمىلار

AKŞİT, B. (2005) Laikleşme Tipolojisi ve Türkiye’de Laiklik Deneyimi. ÖNCÜ, A. ve TEKELİOĞLU, O. (der.) Şerif Mardin’e Armağan, İstanbul: İletişim Yayınları.

BAŞDEMİR, H. Y. (2011) Optimum Değerler Olarak Laiklik ve Din Özgürlüğü.

BERGER, P., DAVIE G. ve FOKAS E. (2008) Religious America, Secular Europe? A Theme and Variations, Burlington: Ashgate Publishing Company.

CASANOVA, J. (1994) Public Religions in the Modern World. Chicago: The University of Chicago Press.

COX, H. (1965) The Secular City. New York: Pelican.

DAVIE, G. (1990) Believing without Belonging: Is this the Future of Religion in Britain. Social Compass. [Online] 37(4). s. 455469. http://scp.sagepub.com.proxy.ubn.ru.nl/content/37/4/455. [Erişim Tarihi: 22. 10.2012]

GENCER,Bedri, (2015)islamda Modernleşme, Doğu Batı Yayınları.

İNCE, Ö. (2012, 4 Mart). Laikleşme Süreci Dindarlaşma Süreci. Hürriyet Gazetesi.

İZZETBEGOVİÇ, Aliya (2015),Doğu Batı Arasında İslam, Klasik Yayınları.

MERİÇ,Nevin. (2005)Değişen Kentte Dini Hayat ve Fetva Soruları,Kapı Yayın Yayınları, İstanbul.

KARAKAS, C. (2007). Turkey: Islam and Laicism Between the Interest of State, Politics, and Society. Peace Research Institute Frankfurt Reports. [Online] No. 78, s. 1-40. http://www.hsfk.de/ downloads/prif78.pdf. [Erişim Tarihi: 03.04. 2010]

KÜÇÜK, A. (2011) Laikliğe İlişkin Tartışmalar ve İki Laiklik Modeli. BAŞDEMİR,

WEBER, M. (2001). The Protestant Ethic and The Spirit of Capitalism. PARSONS, T. (çev.) London: Routledge.

Volkan Ertit. Birbirinin Yerine Kullanılan İki Farklı Kavram: Sekülerleşme ve Laikli, Akademik İncelemeler Dergisi (Journal of Academic Inquiries) Cilt/Volume: 9, Sayı/Issue: 1, Yıl/Year: 2014

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە 2018-يىلى 6-ئۆكتەبىردە فارابى تەلىم-تەربىيە، مەدەنىيەت ۋە ئىلمىي تەتقىقات جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىستانبۇل فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەقپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئىسلامىي ئىلىملەر پاكۇلتىتىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان «تۇنجى نۆۋەتلىك ئۇيغۇر ئىسلام تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»دا ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

ئىنكاسلار
ئىنكاس يوللاش