ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خوش كەپسىز
دەرسلىك كىتابلار
پەلسەپە، پىسخولوگىيە ۋە لوگىكا
ئۇنىۋېرسال ئەسەرلەر
ئەدەپ ـ ئەخلاق، پەندى ـ نەسىھەت
تېبابەت ۋە ساغلاملىق
ئارخېئولوگىيە
ياش-ئۆسمۈرلەر
قانۇن-سىياسەت
پەرزەنتلەرگە ئانا تىلنى ئۆگىتىش ئاتا-ئانىنىڭ بۇرچىدۇر

پەرزەنتلەرگە ئانا تىلنى ئۆگىتىش ئاتا-ئانىنىڭ بۇرچىدۇر
مۇھەممەد يۈسۈپ
شەكسىزكى، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئىماندىن قالسا، ئۆگىتىش ئەڭ زۆرۈر بولغان نەرسە ئۆزلىرىنىڭ ئانا تىلى بولغان ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەتتۇر. بالىلارغا ئۇيغۇر تىلىنى ئۆگىتىش خۇددى ئۇلارغا قۇرئان ئۆگىتىش زۆرۈر بولغاندەك زۆرۈردۇر.
چۈنكى ئانا تىلى يوقىلىپ كېتىش خەۋپى ئاستىدا قالغان بىر مىللەتنىڭ، ئۆز ئانا تىلىنى خۇددى دىنىنى قوغدىغاندەك مەھكەم تۇتۇپ قوغدىشى، تەبىئىي زۆرۈرىيەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلامدا مىللەتچىلىك يوق. ئەمما ئىسلامدا مىللەتلەرنىڭ تىلىنى، ئۆزگىچىلىكىنى ساقلاپ قېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش بار. ئەمما بىر مۇسۇلمان مىللەتنىڭ تىلى مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭ تىلى ئاستىدا ئاستا-ئاستا ئىستېمالدىن قېلىش، ھەتتا يوقىلىپ كېتىش خەۋپىگە ئۇچرىغان ۋاقىتتا بۇ تىلنى قوغداپ قېلىشنى پەرز دەرىجىسىدىكى زۆرۈرىيەت دېسەك ھەرگىز ئاشۇرۇۋەتكەن بولمايمىز.
چۈنكى مەزكۇر مۇسۇلمان مىللەت ئەگەر ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى قوللىنىش ئورنىغا، مۇسۇلمان ئەمەس مىللەتلەرنىڭ تىلىنى قوللىنىشقا ئۆتكەن ۋاقتىدا، ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ۋە ئىسلامىي ئەخلاقىنىمۇ ئاستا-ئاستا قولدىن بېرىپ قويۇشقا قاراپ يول ئالغان بولىدۇ. مۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان بىر مىللەتنى ۋە ئۇنىڭ تىلىنى ساقلاپ قېلىش شۇ مىللەت خەلقى ئۈچۈن دىنىي ۋە مىللىي مەجبۇرىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
دىنىنى ۋە ئانا تىلىنى جان تىكىپ قوغداش مەسىلىدە چەتئەللەردە، خۇسۇسەن ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا ئوخشىغان خەلقى مۇسۇلمان ئەمەس دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە ۋەزىپىسى ھەقىقەتەن ئېغىردۇر. ئۇيغۇر نەدە بولمىسۇن، ئۇيغۇر بولۇپ ياشىشى ۋە ئەجدادلىرىنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىشى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادى بىلەن ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشى ئىنتايىن زۆرۈردۇر.
تىلىمىز بىزنى قوغدايدۇ
بىر مىللەتنىڭ تىلى شۇ مىللەتنىڭ يەرشارىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ كاپالىتىدۇر. بىز ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن، ئانا تىلىمىزنى ساقلاپ قالغانلىق ھەم مىللىتىمىزنى، ھەم دىنىمىزنى قوغداپ قالغانلىقتۇر. ئانا ۋەتەندىكى خەلقىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ شۇنداق.
ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ تىلى بىلەن تونۇلىدۇ ۋە ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ. شۇنىڭدەك تىل ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ روناق تېپىشىغا، ياكى ئەكسىچە دۇنيا يۈزىدىن غايىب بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىلدۇر.
تىل—مىللەت دېمەكتۇر. مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەرنىڭ شەكىللىنىشىمۇ تىل ۋاسىتىسىگە مۇناسىۋەتلىك. ئۆز ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان بالىنىڭ مىجەز-خۇلقىمۇ ئۆزى سۆزلىشىپ يۈرگەن تىلدىكى غەيرى مىللەتنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە ماس شەكىللىنىدۇ. دېمەك، ئۆز ئانا تىلىنى بىلمىگەن بالا ئۆز خەلقىنىڭ دىنىنى، مىللىي ئەنئەنىسىنى، ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ۋە بارچە ئۆزگىچىلىكلىرىنى تونۇمايدىغان بولۇپ ئۆسىدۇ. كىچىك بىر مىسال: مۇنداق بالا كىچىكنى ئاسراش، چوڭغا ھۆرمەت قىلىش دېگەندەك مىللىي ۋە دىنىي قائىدە-يوسۇنلاردىنمۇ پەرۋاسىز ئۆسىدۇ. بۇ ئىشتىكى چوڭ مەسئۇلىيەت ۋە جاۋابكارلىق يەنىلا ئاتا- ئانىلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلىنىدۇ.
كۆپ تىل بىلىش كىشىنىڭ بىلىم-سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى بولۇشىغا تۈرتكە بولىدىغانلىقىدا شەك يوق. ئەلۋەتتە، ئۇنى ئالقىشلاشقا ئەرزىيدۇ. لېكىن باشقا تىلنىڭ ھورىغا جىمىقىپ، ئۆز ئانا تىلىنى ئۇنتۇپ كېتىش، ياكى ئۇنى ئۆگەنمەسلىك ئۆز مىللىتى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەچۈرگۈسىز جىنايەتتۇر.
بىزنىڭ ئاجىز نۇقتىمىز
چەتئەللەردە مەن ئۇچراتقان مىللەتلەر ئىچىدە بىز ئۇيغۇرلادەك ئۆز تىلىدىن ئاسانلا ياتلىشىپ كېتىدىغان بىر مىللەتنى كۆرمىدىم. بۇ مېنىڭلا پىكرىم ئەمەس، باشقا ئۇيغۇرلارمۇ شۇنداق دەيدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تائىف، مەككە، جىددە ۋە مەدىنە قاتارلىق جايلىرىدا ياشايدىغان تۇڭگانلاردىن ئىككىنچى، ئۈچىنچى، ھەتتا تۆتىنچى ئەۋلاد تۇڭگانلارنىڭمۇ ئۆز تىلىنى (خىتاي تىلىنى) راۋان سۆزلەۋاتقانلىقىنى، چەتئەللەردە ياشايدىغان ۋە چەتئەللەردە تۇغۇلغان تۈركلەرنىڭ ئۆز ئارىسىدا تۈركچىدىن باسقا تىلدا سۆزلەشمەيدىغانلىقىنى، چەتئەللەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ئۆزبېك پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى راۋان سۆزلەۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمزدە، بىزنىڭ ئۇغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا ئەپسۇسلىنىمەن. سەئۇدى ئەرەبىستاندا ياشايدىغان ئۇيغۇرلاردىن ئىككىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇر تىلىنى چالا سۆزلەيدۇ (يەنى تۇڭگان ئۇيغۇرچە سۆزلىگەندەك سۆزلەيدۇ)، ئۈچىنچى ئەۋلاد ئۇيغۇرچىدىن بىر سۆزنىمۇ بىلمەيدۇ، تۆتىنچى ئەۋلاد ئۆزىنى ئەرەب دەيدۇ. چۈنكى بۇلاردا ئۇيغۇرلارغا خاس لەغمەن، چۆچىرە ۋە سۇيۇقئاشتىن باشقا ھېچ نەرسە قالمىغان. ئۇلانىڭ تولىسى ئۇيغۇرچە تاماق يەيدۇ، بەس.
تۈركىيەگە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50- 60- يىللىرى كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى ئۇيغۇر تىلىدىن بىر كەلىمىنىمۇ بىلمەيدىكەن. 80- يىللاردىن كېيىن كەلگەنبلەرنىڭ ئەۋلادلىرى ئاز-تولا بىلىدىكەن، ئەمما ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىمەيدىكەن. 90- يىللاردىن كېيىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەۋلادلىرى كۆپىنچە ئۇيغۇرچىنى تۈركچىگە ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەيدىكەن. ئەھۋال مۇشۇنداق كەتسە، بىر قانچە ئون يىلدىن كېيىن، تۈركيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلىسىدە ئۇيغۇر تىلى ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغاندەك تۇرىدۇ. مەن 2010- يىلى ئاۋۇسترالىيەگە زىيارەتكە بارغىنىمدا ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز ئارىسىدا ئىنگىلىزچە سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بىر تەرەپتىن ھاياجانلانغان، يەنە بىر تەرەپتىن ئازابلانغان ئىدىم. ھاياجانلانغىنىم بىزنىڭ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىمىزنىڭ چەتئەل تىلىنى راۋان ئۆگىنىپ، ئىنگىلىزدەك سۆزلىگەنلىكى، ئازابلانغىنىم بۇ بالىلارنىڭ ئۆز ئارىسىدا (يەنى ئۇيغۇر ئۇيغۇر بىلەن) باشقا تىلدا سۆزلەشكەنلىكى ئىدى. سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە تۈركىيەدىكى دوستلىرىمنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆيدە ئەرەبچە ۋە تۈركچە راۋۇرۇس سۆزلىسە ئۇلارنىڭ بۇ ئىشتىن پەخىرلىنىپ، ھۇزۇرلىنىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. بۇ خۇددى مەن ئاۋۇسترالىيەدە ئىنگىلىزچە سۆزلىشىۋاتقان ئۇيغۇر پەرزرنتلىرىدىن پەخىرلەنگەندەك. بۇندان ھاياجان ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىن باشقا بىر تىلنى راۋۇرۇس سۆزلىيەلمەيدىغان كىشىلەردە پەيدا بولىدىغان ھاياجان بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئورۇندا بېشىمدىن ئۆتكەن بىر قىسسىنى سۆزلەپ ئۆتكۈم كەلدى. مەن 1997- يىلى قازاقىستان سەئۇدى ئەرەبىستانغا ھەجگە كەلگەن چېغىمدا، مەككىنىڭ مەسفەلە دېگەن يېرىدە بىر ئۆزبېك ئادەمنىڭ دۇكىنىغا جايناماز ئالغىلى بېرىپ قالدىم. بۇ ئادەم مېنى ھۆرمەتلەپ چاي قۇيۇپ بەردى، مەن بىلەن پاراڭلاشقۇسى كېلىپ گەپ باشلىدى. بىز سۆزلىشىپ ئولتۇرساق، ئۇنىڭ 10 ياشلار ئەتراپىدىكى بىر بالىسى (ياكى نەۋرىسىمۇ سورىمىدىم) دۇكانغا كىرىپ، ئۇچىدىكى سومكىسىنى يەرگە تاشلاپ قويۇپ ئۇ كىشىگە بۇلبۇلدەك ئۆزبېكچە سۆزلەپ كەتتى. مەن بىزنىڭ تىلىمىزدىن پەرقلەنمەيدىغان بۇ گۈزەل ئۆزبېكچە سۆزلەرنى ئاڭلاپ ھاياجانلىنىپ كەتتىم. ئۆزۈمنى تۇتالماي ھېلىقى كىشىگە «ماشائاللاھ! بۇ بالا ئۆزبېكچىنى ئوبدان سۆزلەيدىكەن» دېۋىدى. ئۇ ئادەمنىڭ ئېغىزى ئېچىلدى ۋە ماڭا ئارام بەرمەي سۆزلەپ كەتتى: «قارىكە! سىز نەمە دەيسىز؟ بۇ بالا ئۆزبېك! ئۆزبېكچە گەپ بەرمەي نەمە قىلسۇن! باشقا يولى يوق بۇ ئىشنىڭ. چۈنكى بىز بالىلارغا ئايتىمىزكى، بۇ ئۆي بىزنىڭ مەملىكەتىمىز، سەن بۇ ئۆيدە خولىس ئۆزبېكچە گەپ بەرەسەن، ئەمما مەكتەپتە خاھلىساڭ ئەرەبچە، خاھلىساڭ ئىنگىلىزچە گەپ بەرسەڭ بولادى، بۇ سەنىڭ ئەركىنلىكىڭ، ئەمما ئۆيدە ساڭا بۇ ئەركىنلىك يوق. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ پەرزەنتلەر ئۆزبېكچە گەپ بەرەدى. بىر ئۆزبېك ئۆزبېكچە گەپ بەرەمەسە، ئۇنى قانداي ئۆزبېك دەيسىز؟». مەن بۇ دەمنىڭ سۆزىدىن قاتتىق تەسىرلەنگەن ئىدىم. شۇ يىلى مېنىڭ چوڭ پەرزەنتىم بىر ياشتا ئىدى. ئايالىم رۇس تىلىدا سۆزلەپ چوڭ بولغان ئۇيغۇر ئىدى. ئايالىم بىلەن ئۆيدە ئۇيغۇر تىلىدىلا سۆزلىشىشكە، بالىلارغىمۇ ئۇيغۇرچە ئۆگىتىپ ئائىلىمىزدە ھەمىشە ئۇيغۇر تىلىدىلا سۆزلىشىدىغان قىلىشىقا كېلىشتۇق. ئەمەلىيەتتە شۇنداق قىلدۇق. ئەمدى ئويلىسام، مەن بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھەم ئۆزۈمنى ھەم پەرزەنتلىرىمنى رۇس تىلىنى ئۆگىنىشتىن مەھرۇم قىلغان بولدۇم. لېكىن ئۆز تىلىمىز ساقلىنىپ قالغان ئىكەن، بىزگە يەنە چاتاق يوق. چۈنكى بالىلار ئۆگىنىدىغان تىلنى مەكتەپتە ئۆگىنىدۇ. بىزنىڭ رۇس تىلىنى بىلمىگەنلىكىمىز مۇسىبەت ئەمەس، ناۋادا ئۇيغۇر تىلىنى پەرزەنتلىرىم سۆزلىيەلمىگەن بولسا بۇ چوڭ مۇسىبەت ئىدى. بىز ئۆي ئىچىدە ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىمىز، ئەڭ مۇھىمى ئەر-ئايال ئىككىمىز ساپ ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىمىز. ئاز ساندىكى ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، بىز ئۇيغۇر تىلىغا ئەرەبچە ياكى تۈركچە ۋە ياكى رۇسچە سۆزلەرنى قەتئىي ئارىلاشتۇرۇپ قويمايمىز. چوڭ قىزىم ئۇنىۋېرستېتتا ۋەتەندىن چىققان قىزلارغا ئۇيغۇر تىلىدا لېكسىيە بەرگەن ئىكەن، ئۇلار قىزىمدىن «سىز چەتئەلدە تۇغۇلغان تۇرۇقلۇق، ئۇيغۇر تىلىنى بۇنداق راۋان سۆزلەشنى نەدىن ئۆگەندىڭىز؟» دەپ سوراپ كېتىپتۇ. قىزىم تولۇپ تاشقان خۇشاللىق بىلەن مەغرۇرانە ھالدا «ئۆيدە» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. توغرا، ئۆيدە ئۆگەندى. ھەممە ياخشىلىق ئۆيدىن باشلىنىدۇ، ئانا تىل ئۆيدىن باشلىنىدۇ، دىنىي ۋە مىللىي تەربىيە ئۆيدىن باشلىنىدۇ، ئەخلاق ئۆيدىن باشلىنىدۇ. 2018- يىلى6- ئايدا ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر قىزلارغا ئۇيۇشتۇرۇلغان سەمىنەردە قىزىم ئىنگىلىزچە نۇتۇق سۆزلىگەن ئىكەن، قىزلار ئۇنىڭدىن «سىز ئىنگىلىزچىنى نەدىن ئۆگەنگەن؟»دەپ سوراپتۇر. قىزىم «مەكتەپتە» دەپ جاۋاب بېرىپتۇر. بۇ مىسالنى كەلتۈرۈشۈمدىكى سەۋەب شۇكى، ئۆيدە ئانا تىلدا مۇكەممەل بولسا، مەكتەبتە ئۆگەنگەن تىلدىمۇ مۇكەممەل بولالايدۇ. ئانا تىل باشقا تىللارنى مۇكەممەل بىلىشكە توسقۇن بولمايدۇ، بەلكى ياردەمچى بولىدۇ.
بىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئەرەبچە ياكى تۈركچە ۋە ياكى ئىنلىگىزچە تىلدا بۇلبۇلدەك سايراپ كەتكىنىگە قاراپ ھاياجانلىنىپ، ئۆزىمىزنى بەختلىك ھېس قىلىشىمىز مۇمكىن. بالىلارنىڭ بۇنداق سۆزلەشنى ئۆگىنىسى ناھايىتى ياخشى ئىش. ئەمما ئۇيغۇر تىلىنىمۇ شۇنداق سۆزلىيەلەمدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا چاتاق يوق. ئەمما ھەقىقىي رىئاللىق شۇكى، مەن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ۋە تۈركىيەدىكى دوستلىرىمنىڭ چەتئەل تىلىدا بۇلبۇلدەل سايرىغان پەرزەنتلىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا «نۆل» ئىكەنلىكىنى كۆردۈم. باشقا دوستلىرىممۇ ماڭا شۇنداق دەپ بەردى. بۇ توغرا ئەمەس، بۇ بىر ئالدىنىشتۇر. چۈنكى بالىلارغا قايسى تىلنى ئۆگەتسە، ئۇنى راۋان سۆزلىيەلەيدۇ، بۇنىڭدا ئەجەبلىنىدىغان ۋە ھاياجانلىنىپ كېتىدىغان بىر ئىش يوق. ئادەتتە شاتۇتىغىمۇ نېمىنى ئۆگەتسە شۇنى دوراپ سۆزلىيەلەيدۇ. بىز پەرزەنتلىرىمىزنىڭ شاتۇتى بولۇشىنى ئارزۇ قىلىمىزمۇ ياكى ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى بىلىدىغان ۋە ئۆزىنى «مەن ئۇيغۇر» دەپ پەخىر بىلەن ئېيتالايدىغان بولۇشىنىمۇ؟ بۇ ئىشتىكى ئەڭ چوڭ چاتاق ئىش نەدە دېسىڭىز، ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى بىلمەيدىغان بالىلار ئۆزىنىڭ ئۆزگىچىلىكىنى ئۆزى سۆزلىشىۋاتقان تىلنىڭ ئىگىسى بولغان مىللەتنىڭ ئۆزگىچىلىكىگە يەم قىلىۋېتىپ، يا ئۇلاردەك بولالماي ياكى تۈزۈك ئۇيغۇر بولالماي ئارىدا قالىدىكەن. ئارىدا قالغان ئىنسانلارنىڭ جەمئىيەتتە ھېچبىر قىممىتى بولمايدىغانلىقى ئېنىقتۇر. چۈنكى ھەر مىللەت ئۆزىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ۋە مىللىي ئەنئەنىسى بىلەن قىممەتلىكتۇر. سىز ئۇنىڭدىن ئايرىلغاندىن كېيىن باشقىلارنىڭكىنى قوبۇل قىلسىڭىزمۇ ئۇلاردەك بولالمايسىز ھەم ئۇلارمۇ سىزنى قوبۇل قىلمايدۇ. بۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن نومۇس قىلىپ، ئۇيغۇرچە گەپ سورىسا ئەرەبچە جاۋاب بېرىدىغان، ئۆزىنى «مەن سەئۇدى ئەرەبىستانلىق» دەۋالغان بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەرەبلەر تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق شەكىلدە يەكلىنىۋاتقانلىقىغا ئوخشاش بىر ئىشتۇر. شۇڭا سىز ئۆزىڭىز بولۇڭ. ئۆز مىللىتىڭىز ۋە ئۆز تىلىڭىز بىلەن پەخىرلىنىڭ. شۇ چاغدا سىزنىڭ قىممىتىڭىز بولىدۇ، سىزنى باشقىلارمۇ ھۆرمەتلەيدۇ. ئەگەر سىز پەرزەنتلىرىڭىزنى باشقىلار تەرىپىدىن خورلانمىسۇن، كەمسىتىلمىسۇن، ھەمىشە بېشى ئۈستۈن بولۇپ، ئەزىز ياشىسۇن، دېسىڭىز، ئا.ئىلىڭىزدە ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلىشىشنى ئادەت قىلىڭ.بالىڭىز سىزدىن ئەرەبچە ياكى تۈركچە بىر نەرسە سورىسا ، سىز جاۋاب بەرمەڭ. «بالام سەن ئۇيغۇر، شۇڭا ئۇيغۇرچە گەپ قىلغىىن، ئاندىن مەن جاۋاب بېرەي» دەڭ. سىز شۇنداق قىلىپ كۆرۈڭ. ئەلۋەتتە نەتىجىسىنى كۆرىسىز.
بالىلارغا ئۆز ئاتا تىلىنى ئۆگىتىش قۇرئان ئۆگىتىشكە ئوخشاش زۆرۈرىيەتتۇر. بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىز تولىمۇ قىممەتلىك ۋە قەدىرلىك بىر تىلدۇر. چۈنكى ئۇ بىزنىڭ ئانىمىزنىڭ تىلى. شۇڭا ئۇنى«ئانا تىل» دەيمىز. بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىز دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارغا ئوخشاشلا ھۆرمەتلىك تىلدۇر. بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىز دۇنيادىكى داڭلىق تىللاردىن ھەرگىز قېلىشمايدۇ.
ئانا تىلىمىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ مىراسىدۇر
ئانا تىلىمىزنى قوغداش ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلغانلىقتۇر. بىزنىڭ ئۇيغۇر تىلىمىز ھېچبىر زامان ئۆزىنىڭ ئەھمىيىتىنى يوقاتقان ئەمەس. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ نەمۇنىلىرىدىن بولغان ئەلشىر نەۋائىي 15- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدىلا، ئۆز زامانىسىدىكى ئۇيغۇر-تۈرك تىلىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تىل ۋە ئەدەبىيات ساھەسىنى كونترول قىلىۋالغان پارس تىلىدىن ھېچبىر قالغۇچىلىكى يوق، بەلكى سۆزلۈك خەزىنىسى، ئىپادىلەش ئىقتىدارى ۋە قوللىنىش ئەپچىللىكى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخى پارس تىلىدىن ئەۋزەل بىر تىل ئىكەنلىكىنى پاكىت ئارقىلىق ئىسپاتلاش ئۈچۈن «مۇھاكەمەتۇل لۇغەتەين» دېگەن شانلىق ئەسىرىنى يېزىپ چىققان ۋە پۈتكۈل خەلقى ئالەمگە جاكارلىغان.( )
بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇلۇغ تىلشۇناس بوۋىمىز مەھمۇت قەشقەرىمۇ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نى كىشىلەرنىڭ ئەرەب، پارس تىللىرىغىلا بېرىلىپ كېتىپ ئۆز تىلىنى ئۇنتۇپ كەتمەسلىكى، يەنە بىر تەرەپتىن باشقا خەلقلەرنىڭمۇ ئۇيغۇر-تۈرك تىلىنى ئۆگىنىشىگە ياردەمچى قوللانما بولۇشى مەقسىتىدە يېزىپ چىققان.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە 11- ئەسىردە، ئاتاقلىق دانىشمەن بوۋىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەسەرلەرنى ئەرەب ۋە پارس تىللىرى بىلەن يازمىسا ئەسەر ھېساب قىلىنمايدىغان شۇنداق بىر شارائىتقا ئەمەل قىلماي دۇنياغا داڭلىق « قۇتادغۇبىلىك» ئەسىرىنى ساپ ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ چىققان. «قۇتادغۇبىلىك»نى تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان ئالىملار شۇنى جاكارلىدىكى، بۇ ئەسەردە تۈرك تىلىدىن باشقا تىللاردىن كىرگەن سۆزلەر يوقنىڭ ئورنىدا. شۇ يۆنىلىش تەسىرىدە 14- ئەسىرنىڭ ئاخىرى ۋە 15- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ماۋارەئۇننەھردە ئىجادىي پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغان لۇتفى، ئاتائىي ۋە سەككاكىيلارنىڭ غەزەللىرىمۇ ساپ ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىدا يېزىلغان. دېمەك، شۇ دەۋر شارائىتىدىمۇ ئەجدادلىرىمىز ئانا تىلىمىزنى كۆز قارچۇغىدەك قوغداپ كەلگەن.
ئەمدى بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە، بىز ئۇنى قوغدىمىساق بولامدۇ؟ (پېقىرنىڭ «پەرزەنتلىرىمىزنى قانداق تەربىيەلەيمىز» ناملىق كىتابىدىن).

ئىنكاسلار
ئىنكاس يوللاش