ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خوش كەپسىز
دەرسلىك كىتابلار
پەلسەپە، پىسخولوگىيە ۋە لوگىكا
ئۇنىۋېرسال ئەسەرلەر
ئەدەپ ـ ئەخلاق، پەندى ـ نەسىھەت
تېبابەت ۋە ساغلاملىق
ئارخېئولوگىيە
ياش-ئۆسمۈرلەر
قانۇن-سىياسەت
غۇربەت كوچىلىرىدا ئۇنتۇلۇپ كەتكەنلەر

 

 غۇربەت كوچىلىرىدا ئۇنتۇلۇپ كەتكەنلەر

مۇھەممەد يۈسۈپ

بۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىدىن ھىندىستانغا ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن چىقىپ، تەھسىلىنى تاماملىغاندىن كېيىن، ۋەتەنگە قايتالماي، بىرى پاكىستاندا، يەنە بىرى بېنگالدا قېلىپ، بىر ئۆمۈر ۋەتەن ھەسرىتىدە كۆيۈشكە مەھكۇم بولغان ۋە شۇ جايلارنىڭ غۇربەت كوچىلىرىدا ئالەمدىن ئۆتكەن ئىككى ئالىمنىڭ ھېكايىسىدۇر.

ئىككى كۈن ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرىدە، بېنگالدا ۋاپات بولغان خوتەنلىك ئالىم مۇھەممەد نىياز مەخدۇمنىڭ «معارف الختني على سنن الترمذي» يەنى (ئىمام تىرمىزىنىڭ ھەدىس كىتابىغا خوتەنلىك ئالىمنىڭ يازغان شەرھى) دېگەن ئەرەبچە كىتابنىڭ رەسىمىنى كۆرۈپ قالدىم ۋە قاتتىق ھاياجانلاندىم. شۇنىڭدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى بەزى چوڭلارغا ئۇچۇر يوللاپ بۇ كىتابنى سۈرۈشتە قىلىش جەريانىدا، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدىكى «خوتەن ۋەقپى»نىڭ نازىرى ئۇستاز ئابدۇللا دۆلەت بۇ كىتابنىڭ ئۆزىدە بارلىقى، ئەگەر كېرەك بولسا يەتكۈزۈپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يوللاپتۇ. كىتابنى ئۇ كىشىدىن جىددىي تەلەپ قىلدىم، 2018 –يىلى 26- دېكابىر كۈنى ئۆزى جىددە شەھىرىگە ئۇيغۇرلاردىن بىرىنىڭ تويىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن بولۇپ، كىتابنى ئالغاچ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ماڭا ئۇچۇر قىلدى. تويغا بىللە قاتناشتۇق ۋە سۆھبەتلەشتۇق. شۇ ئاخشىمى كىتابنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ كېچىچە ئۇنى قىزغىنلىق بىلەن ۋاراقلاپ چىقتىم، مۇقەددىمىسىنى تولۇق ئوقۇپ چىقتىم. ئەتىسى ئۇستاز ئابدۇللا دۆلەت ماڭا جەلىل ئەھمەد ئاخۇننىڭ تېلېفون نومۇرىنى بەردى، مەن ئۇ كىشى بىلەن ئالاقىلىشىپ بۇ ئىككى ئالىم ھەققىدىكى بەزى سوئاللىرىمغا جاۋاب تاپتىم، ھەمدە ئۇ كىشى بۇ ئىككى ئالىمنىڭ رەسىملىرى بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ كىتابنىڭ مۇقەددىمىسدە يېزىلىشىچە، بۇ ئىككى ئالىمنىڭ ئىسمى ۋە تەقدىرى ئوخشاش ئىكەن. چۈنكى ھەر ئىككىسىنىڭ ئىسمى مۇھەممەد نىياز بولۇپ، بىرى، مۇھەممەد نىياز سابىت خوتەننىڭ شورباغ دېگەن يېرىدە 1916-يىلى تۇغۇلغان ، يەنە بىرى، مۇھەممەد نىياز مەخدۇم مۇھەممەد خوتەننىڭ ئىلچى دېگەن يېرىدە 1919- -يىلى تۇغۇلغان . مۇھەممەد نىياز سابىت ھىندىستانغا 1934- يىلى چىققان، مۇھەممەد نىياز مەخدۇم بولسا 1935- يىلى چىققان ئىكەن. بۇ ئىككى ئالىمنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇق –تۇغقانچىلىق بار بولۇپ، ئۇلار ئىككى بىر تۇغقاننىڭ بالىلىرى ئىكەن. ھەر ئىككىلىسى ھىندىستاننىڭ دىيۇبەند دارۇلئۇلۇم بىلىمگاھىدا ئوقۇغان. ئۇلار ئوقۇشىنى پۈتتۈرۈپ، مۇھەممەد نىياز سابىت 1944- يىلى پاكىستاننىڭ باھاۋۇلنىگار دېگەن يېرىگە، مۇھەممەد نىياز مەخدۇم 1945- يىلى بېنگالغا بېرىپ ماكانلىشىپ قالغان. ئەللامە مۇھەممەد نىياز سابىت 1992- يىلى 6- يانۋار كۈنى ۋاپات بولغان، ئەللامە مۇھەممەد نىياز مەخدۇم 1986- يىلى ۋاپات بولغان.

بۇ كىتابنى ئەللامە مۇھەممەد نىياز مەخدۇم يېزىپ قالدۇرغان بولۇپ، بۇ قوليازمىنى بىر قانچە ئون يىلدىن كېيىن، ئەللامە مۇھەممەد سابىتنىڭ ئوغلى جەلىل ئەھمەد ئاخۇن مەرھۇمنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تاپشۇرۇپ ئېلىپ، ئۇنى كىتاب ھالىغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىگەن ۋە 2018- يىلى 4- ئايدا پۈتتۈرۈپ چىققان. يېقىندا بۇ كىتاب پاكىستاندا بېسىلىپ تارقىتىلغان ھەمدە ئالىملار بۇ كىتابقا ناھايىتى يۇقىرى باھا بەرگەن.

ئەمدى بۇ ئىككى ئالىم بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى:

1. ئەللامە مۇھەممەد نىياز سابىت

ئەللامە مۇھەممەد نىياز سابىت پاكىستاننىڭ باھاۋۇلنىگار دېگەن يېرىدە پاكىستانلىق ئايالغا ئۆيلىنىپ بالا-چاقىلىق بولغان ۋە شۇ جايدا ھاياتىنىڭ ئاخىرغا قەدەر مەدرىسىلەردە ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان. 1980 – يىللاردىن كېيىن، ۋەتەندە سىرتقا چىقىش يولى ئېچىلغاندىن كېيىن، دىنىي ئىلىم – تەھسىل قىلماقچى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرى تۇنجى چىققان دۆلەت پاكىستان ئىدى. شۇ چاغلاردا پاكىستانغا چىقىپ، پاكىستاننىڭ مەدرىسلىرىدە ئىلىم – تەھسىل قىلغان قېرىنداشلىرىمىز ئىچىدىن بەزى دوستلىرىم ماڭا ئۆزلىرىنىڭ پاكىستاننىڭ باھاۋۇلنىگار دېگەن يېرىدە خوتەنلىك بىر ئالىم بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. دېمەك، دەسلەپ پاكىستانغا چىققان قېرىنداشلار ئۇ كىشىنى كۆرگەن ئىكەن. بۇنىڭدىن بىر قانچە يىل ئىلگىرى مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە زىيارەتتە بولغان كۈنلىرىمنىڭ بىرىدە «خوتەن ۋەقپى» نىڭ نازىرى ئۇستاز ئابدۇللا دۆلەت مېنى ۋەقپىگە تەكلىپ قىلدى ۋە مۇھىم ئادەم بىلەن كۆرۈشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەن شۇ ئاخشىمى ۋەقپىگە بارسام، ئەللامە مۇھەممەد نىياز سابىتنىڭ مېدىتسىنا ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان جەمىل ئەھمەد ئاخۇن ئىسىملىك بىر ئوغلى پاكىستاندىن كەلگەن ئىكەن، ئۇنىڭ بىلەن تونۇشتۇم. ئۇ كىشى پاكىستاندا مەشھۇر كىشىلەردىن ئىكەن. ئۇلار بىر قانچە قېرىنداش بولۇپ ھەممىسى دىنى ۋە پەندە ئوقۇغان، بىلىملىك كىشىلەر ئىكەن. ئۇلار ئائىلىسىنىڭ ئىسمىنى «ئاخۇن» دەپ ئاتىۋالغان بولۇپ، ئاتىسىنىڭ يۇرتىنى ئۇنۇتماسلىق ئۈچۈن شۇنداق ئاتىغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى. ئۇ كىشى دادىسى دادىسى ھەققىدە سۆزلەپ بەردى. كېيىن جىددە شەھىرىدىكى بىر ئولتۇرۇشتا ئەللامە مۇھەممەد نىياز سابىتنىڭ چوڭ ئوغلى جەلىل ئەھمەد ئاخۇن بىلەن تونۇشتۇق. ئۇ كىشى ھەدىس ئىلمىدە پاكىستان بويىچە تونۇلغان ئۆلىمالاردىن ئىكەن، ئۇنىڭ يېنىدا تالىپلىرى ۋە مۇرىدلىرى بىللە يۈرىدىكەن. بۇ ئولتۇرشتىمۇ ئۇنىڭ يېنىدا يەتتە- سەككىز مۇرىدى بىللە ئىدى. بۇ كىشىنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، دادىسى ئەللامە مۇھەممەد نىياز سابىت پاكىستاننىڭ باھاۋۇلنىگار دېگەن يېرىدە ئۇزۇن يىل مۇدەررىسلىك قىلغانلىقتىن، ئالاھىدە تونۇلغان مەشھۇر كىشىلەردىن بولۇپ قالغان ئىكەن. شۇڭا ئۇ كىشى ۋاپات بولغان كۈننى باھاۋۇلنىگار خەلقى ماتەم كۈنى ۋە دەم ئېلىش كۈنى دەپ ئېلان قىلىپ، تا ھازىرغىچە ھەر يىلى شۇ كۈندە ئۇ كىشىنى ئالاھىدە خاتىرىلەيدىكەن ۋە ھەققىدە دۇئا-تىلەپ قىلىدىكەن.

2. ئەللامە مۇھەممەد نىياز مەخدۇم سىددىق

ئەللامە مۇھەممەد نىياز مەخدۇم خوتەندە ئۆلىما ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، دادىسى مۇھەممەد سىددىق ئاخۇنۇم ۋە بوۋىسى مۇھەممەد ئاخۇنۇملار ئىكەن، تاغىسى ئەھمەد قازى خوتەندە تونۇلغان قازى ئىكەن. ئۇ كىشى ئاتا- ئانىسىدىن كىچىك ۋاقتىدىلا ئايرىلىپ قالغان بولۇپ، ئاۋۋال خوتەندە، ئاندىن قەشقەردە ئىلىم تەھسىل قىلغان. 1935- يىلى ھىندىستانغا چىقىپ، دىيۇبەند دارۇلئۇلۇم بىلىمگاھىدا ئوقۇپ، 1944- يىلى خەلقئارالىق دىپلومغا ئېرىشكەن ۋە 1945- يىلى بېنگالنىڭ سەرسىنە دېگەن يېرىگە بېرىپ، شۇ جايدىكى داڭلىق مەدرىسە «دارى سۈننەت» مەدرىسىسىگە ھەدىس ئىلمىدە مۇدەررىس بولۇپ تەيىنلەنگەن ئىكەن.

ئەللامە مۇھەممەد نىياز مەخدۇم بېنگالنىڭ شۇ جايدا بىر بانگاللىق قىزغا ئۆيلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭدىن يەتتە قىزى بولغان ئىكەن. ھازىر بۇ قىزلارنىڭ ھەممىسى ئۆيلۈك – ئوچاقلىق بولغان. ئۇستاز ئابدۇللا دۆلەت بۇ قىزلارنى بىرقانچە قېتىم يوقلاپ بارغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭمۇ ھەج قىلغىلى كەلگەنلىكىنى ئېتىپ بەرگەن ئىدى.

بۇ كىتابنى قوليازما ھالىتىدىن كىتاب ھالىغا كەلتۈرگەن ۋە نەشرگە تەييارلىغان كىشى جەلىل ئەھمەد ئاخۇن بولۇپ، بۇ كىشى پاكىستاندا تونۇلغان كاتتا ھەدىس ئالىملىرىدىن بىرىدۇر.

كىتابنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەپ يېزىلغان:

ئەللامە مۇھەممەد نىياز سابىت ناھايىتى تەقۋادار، ئىسلامىي ئىلىملەردە، خۇسۇسەن ھەدىس ئىلمىدە ئالاھىدە يېتىشكەن مەشھۇر ئالىملاردىن بىرى ئىدى. ئۇ كىشى ھاياتىنى ئوقۇش، ئۆگىتىش، كىتاب يېزىش ۋە ئىبادەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئۇ كىشى مەشھۇر ئالتە ھەدىس كىتابىغا ئالتە توملۇق شەرھ يازغان، يەنە بىر قانچە پارچە كىتاب يازغان بولۇپ، «ئىمام تىرمىزىنىڭ تەرجىمىھالى ۋە ئىلمىي خىزمەتلىرى» دېگەن كىتابقا يازغان شەرھىدىن باشقا كىتابلىرىنىڭ ھېچقايسىسى نەشر قىلىنمىغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى قوليازما بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇتلەق كۆپ سانلىقى زايە بولۇپ كەتكەن.

ھۆرمەتلىك كىتابخان! قولىڭىزدىكى بۇ «معارف الختني على سنن الترمذي» دېگەن كىتابنىڭ قوليازمىسىنى مەرھۇمنىڭ چوڭ قىزى خالىدە خانىم بەرگەن بولۇپ، دەپتەرگە يېزىلغان، خەتنىڭ ئارىلىقى ناھايىتى تار ھەم ئەتراپىدا شەرھىلىرى بار بولۇپ، ئۇنى كومپىيۇتېرغا ئېلىشقا خېلى كۆپ ۋاقىت كەتتى.

دادام مەرھۇم بىر قېتىم ماڭا: «بىز مەكتەپنى بىللە پۈتتۈرگەن ۋە مەن بىلەن ئىسىمداش بىر يۇرتدىشىم بار بولۇپ، ئۇ مېنىڭ تۇغقىنىم ئىدى. ئۇ كىشى بېنگال تەرەپكە كەتكەن» دېگەن ئىدى. شۇ چاغدىن تارتىىپ ئاشۇ كىشىنى بىر تاپسام دېگەن ئارمان مەندە بولۇپ كەلدى. ئارىدىن كۆپ يىللار ئۆتۈپ كەتتى. سۈرۈشتە قىلىپ باقساممۇ ئۇ كىشىنىڭ ئىز-دېرىكىنى تاپالمىدىم. 2010- يىلى مەدرىسىمىزنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مەن بېنگال دۆلىتىنىڭ سەلھەت دېگەن شەھىرىگە يىغىنغا باردىم. سۇ يەردىكى دوستلىرىم ئارقىلىق ئۇ كىشىنى ئىزدەشكە كىرىشتىم. ئەمما ئۇچۇر ئالالمىدىم. يىغىن تۈگەپ پايتەخت داكا شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن، سۇ جايدىكى ئىسلام مەركىزىدىكى تونۇشلىرىم ئارقىلىق ئىزدىدىم. ئاخىرى ئۇ كىشىنىڭ دېرىكىنى تاپقان بولدۇم. ئۇلار ‹بۇنىڭدىن بىر قانچە يىللار ئىلگىرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن شەرقىي تۈركىستانلىق بىر ئالىم بار ئىدى، كىشىلەر ئۇنى "شەيخ خوتانى"، بەزىدە "شەيخ چىنى" دەپ ئاتايتتى› دېدى. مەن ئىزدىگەن كىشىنىڭ شۇ ئىكەنلىكىگە جەزم قىلغان بولدۇم. ئاندىن بىز ھەر خىل يوللار بىلەن ئىزدەپ ئۇ كىشىنىڭ قىزلىرىنى تاپتۇق، بىر قىزى چوڭ بىر گېنېرالغا ياتلىق بولغان ئىكەن. بىز گېنېرالنى مەركەزگە چاقىرتتۇق، ئۇ كىشى بىزنى مەرھۇمنىڭ بارلىق قىزلىرى بىلەن ئۇچراشتۇردى. مەن ئۇلارنى كۆرۈپ ھاياجاندىن ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتىم، ئۇ قىزلارمۇ يىغلاشتى. بىز بېنگالدىن ئايرىلىش ئالدىدا مەرھۇمنىڭ قىزلىرى بىزگە ئۇنىڭ قوليازمىلىرىنى بېرىپ ‹بىزنىڭ ئوغۇل قېرىندىشىمىز يوق، ھەممىمىز قىز بالىلار، شۇڭا بىز دادامنىڭ ئىلمى مىراسلىرىنى قوغداپ قالالمىدۇق› دېدى. بۇ گەپ ماڭا بەك تەسىر قىلدى. مەرھۇمنىڭ بارلىق ئەسەرلىرىنى نەشر قىلدۇرۇش ئويىغا كەلدىم.

مەرھۇمنىڭ بۇ كىتابى يازغىنىغا 70 يىل بولغان بولۇپ، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىدا يېزىلغان ئىكەن. قوليازمىنى كومپىيوتېرغا ئېلىش ئىشلىرىنى ئوقۇغۇچىلىرىم ئۆز ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ئۇلار دىققەت بىلەن بۇ ئىشنى تاماملىدى. بۇ كىتاب مەرھۇمنىڭ قىزى خالىدە خانىم بىلەن ئۇستاز ئابدۇللا دۆلەتنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن بېسىپ تارقىتىلدى».

بۇ ۋەقەلىتىكى ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدىغان ۋاپادارلىق خىسلىتى شۇكى، مۇھەممەد نىياز ئىسىملىك بۇ ئىككى ئالىم بىر يەردە تۇغۇلغان ۋە بىر مەدرىسىدە ئوقۇغان بولسىمۇ، ھايات ھەلەكچىلىكى ۋە مۇساپىرلىق دەردى بىلەن ئىككىسى ئىككى دۆلەتكە ئايرىلىپ كېتىدۇ ۋە بىر- بىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز قالغان پېتى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. بۇلار ئالەمدىن ئۆتۈپ يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، بۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بىر-بىرى بىلەن تونۇشىدۇ. ئەللامە مۇھەممەد نىياز مەخدۇمنىڭ يازغان كىتابىنى يەتمىش يىلدىن كېيىن، ئۇنىڭ ساۋاقدىشىنىڭ ئوغلى جەلىل ئەھمەد ئاخۇن نەشرگە تەييارلايدۇ ۋە نەشر قىلدۇرۇپ كىشىلەرگە تونۇشتۇرىدۇ. بۇنى مەن ئاتىدىن ئەۋلادقا ئۆتكەن ۋاپادارلىق خىسلىتى دەپ ئاتايمەن.

مەنبە: https://www.facebook.com/mai.maiti1/posts/2215554218475429

ئىنكاسلار
ئىنكاس يوللاش