ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خوش كەپسىز
دەرسلىك كىتابلار
پەلسەپە، پىسخولوگىيە ۋە لوگىكا
ئۇنىۋېرسال ئەسەرلەر
ئەدەپ ـ ئەخلاق، پەندى ـ نەسىھەت
تېبابەت ۋە ساغلاملىق
ئارخېئولوگىيە
ياش-ئۆسمۈرلەر
قانۇن-سىياسەت
مىللى روھ ۋە دەۋا ئادىمى

مىللىي روھ ۋە دەۋا ئادىمى

 

مىللەت - ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات باسقۇچىدا شەكىللەنگەن ئورتاق تىل ، ئورتاق زېمىن ، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە ئورتاق مەدەنىيەتتە ئىپادىلىنىدىغان ئورتاق پسىخولوگىيىلىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە كىشىلەر توپىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا،ئۇيغۇرلار مەركىزى ئاسىيانىڭ بەلبېغى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قەلبى تۈركىستان تۇپراقلىرىدا، يەنى بۈگۈنكى ”شەرقى تۈركىستان“ زېمىنىدا ياشاپ كەلگەن، شانلىق مەدىنىيەتلەرنى بەرپا قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ئەنئەنىسى، ئېتىقاد قارىشى، تىل ۋە ئۆرپ - ئادەت مەدىنىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، دۇنيا مەدىنىيىتىگە شانلىق تۆھپىلەرنى قوشقان، مەزكۇر مىللەت كاتېگورىسىگە ئۇيغۇن ياشاپ كەلگەن، بىر نەچچە مىڭ يىللىق يازما تارىخقا ئىگە قىدىمىي ئۇلۇغ مىللەت.

ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرىشى، شۇ مىللەتنى شەكىللەندۈرگەن شەخىسلەرنىڭ روھىيىتىدىكى  مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي ئەنئەنە ۋە مىللىي خۇسۇسىيىتى بىلەن گەۋدىلىنىدۇ.
مىللىي  ئاڭ - شەخىسلەرنىڭ روھىدا ئىدىيە بىرلىكى، مىللەت سۆيگىسى، ۋەتەن مۇھەببىتى ۋە تارىخى قىممەت قاراش تۇيغۇسى يىتىلىپ، چوڭقۇرلاشقاندا ھاسىل بولىدۇ.بولۇپمۇ، ياش ئەۋلادلارنىڭ مىللىي روھىي تەپەككۇر مىخانىزىمىغا ئايلىنىشى تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مىللىي روھ دېگىنىمىزدە،  مىللىي خاسلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ. مىللىي خاسلىق - ئۇ بىر مىللەتنىڭ تارىختىن  بويان ياراتقان ماددىي ۋە مەنەۋى بايلىقلىرى، ئۆرپ –ئادەتلىرى ۋە قائىدە – يوسۇنلىرىنىڭ ئومۇمى يىغىندىسىنى كۆرسىتىدۇ.  

مىللەتلەرنىڭ مەۋجۇدىيىتىنى ساقلاپ قالىدىغان ئامىللارنىڭ ئەڭ مۇھىمى مىللىي خاسلىقتۇر. ئىنساننىڭ قۇرۇلما بىناسىدا ئۆپكە، جىگەر، يۈرەك ۋە مېڭە قاتارلىق تۆت ئاساسى ئورگاننىڭ قىممىتى قانچە زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولسا، مىللەتلەرنىڭمۇ، ئۆز مىللىي ئەسكىرى، مۇستەقىللىقى تىلى ۋە مىللىي خاسلىقى شۇنچە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.  

بىر مىللىەت ئۆزىنىڭ مىللىي ئەسكىرىدىن، ھەتتا مۇستەقىللىقىدىنمۇ ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن؛ لېكىن ئانا تىلىنى ساقلاپ قالغان بولسا، ئۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇتلىقى يۇقالمايدۇ. ئەمما تىلىنىمۇ يۇقاتقان بىر مىللەت ئۆلۈك ھېساپلانسىمۇ، مىللىي تۇيغۇ ۋە مىللىي خاسلىقىنى يۇقاتمىغان بولسىلا، ئۇ مىللەت ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ ھەقىقى كىملىكىنى كەشپ قىلىپ، ئۆز تىلىنى قايتىدىن ئۆگۈنۈپ ئەسلىگە قايتالايدۇ.

مىللىي روھ مەسىلىسىنىڭ جانلىق ياكى ئۆلۈك بولىشى مىللەتلەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان شاللاش ياكى شاللىنىش دەۋر تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر قانۇنىيەتلىرىنىڭ بىرى. بۇ مەنىدىن ئالغاندا، مىللىي روھ بىر مىللەتنىڭتاشقى بېزىكى ئەمەس، بەلكى ئۇنى بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلغۇچى يادرولۇق ئامىل ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خۇسۇسقا مۇناسىۋەتلىك مۇنداق بىر مۇھىم ۋەقەلىكنى سۆزلەپ ئۆتۈشنى ئۇيغۇن دەپ قارايمەن:

تۈركىيە، گازى ئۇنىۋېرسىتېسى سەنئەت ۋە تارىخ بۆلۈمى ئاكادىمىيە تەتقىقاتچىسى تالھا ئۇغۇرلۇئەل ئۆزىنىڭ ”چاناققالە ساياھەت رەھبىرى“ ناملىق ئەسىرىدە: 1984 - يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى تۇرغۇت ئۆزالنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن تۈركىيەدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان ياپۇنيەلىك پېداگوگ – تەتقىقاتچى بىر ئۆمەكنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىدە، تۈرك ياش ئەۋلادلىرىنىڭ مىللىي روھ ۋە مىللىي ئاڭدىن يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى، ئۆزلىرىنىڭ بولسا ياپۇنيە خەلقىنىڭ مىللىي روھ ۋە مىللىي ئېڭىنى جانلىق ۋە ئاكتىپ ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، ئۆسمۈر بالىلارنى باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ، تارىخىي مۇزىيلارنى، ئۇرۇش خارابىلىرىنى، پەن – تەخنىكا ۋە زاۋۇت كارخانىلارنى، بولۇپمۇ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئامرىكا تەرەپتىن ئېتىلغان ئاتوم بومبىسى سەۋەپلىك كۈلگە ئايلىنىپ كەتكەن ھىروشىما رايۇنىغا ئاپىرىپ ئېكىسكۇرسىيە قىلدۇرىدىغانلىقىنى، بۇ رايۇننىڭ ھازىرمۇ ھەم شۇ پېتى ساقلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ  قورقۇنۇشلۇق مەنزىرىنى كۆرگەن بالىلارغا، ۋەقەلىكنىڭ نەزەرىيە قىسمىنى جانلىق تىلدا سۆزلەپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئاندىن كېرىشتۈرۈلگەنسىنالغۇ پىلىملەرنى قايتا - قايتا كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئاندىن ئۇلارنىڭ بۇنداق قىلىشىدا ئۆسمۈر بالىلارنىڭ بۇنداق تارىخىي ۋەقەلىكلەرنىڭ زېھنىدە داۋاملىق ساقلىنىپ تۇرىشى بۇ ئارقىلىق، دۈشمەنگە بولغان غەزەپ –نەپرىتىنىڭ قەلبىدىن ئۈچۈپ كەتمەسلىكى، شۇنىڭدەك ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيگۈسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە مىللىي روھ تۇيغۇلىرىنىڭ يىلدىز تارتىشى ئۈچەن شۇنداق قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، ئاندىن ئۇلارغا: ئەگەر سىلەر تىرىشمىساڭلار، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرمىسەڭلار، ۋەتىنىڭلارنى مانا مۇشنىڭدەكدۈشمەنلەر بومبىلايدۇ، كۆيدۈرىدۇ، ھېچ بىر جانلىق ياشىمايدىغان خارابىلىققا ئايلاندۇرىدۇ. تىرىشساڭلار، سىلەر چىققان ئۇ تېز سۈرئەتلىك پويىزدىنمۇ ئىلغار قاتناش ۋاستىلىرىنى، تېخىمۇ يۇقۇرى سەۋىيەدە زاۋۇت كارخانىلارنى بارلىققا كەلتۈرەيسىلەر. يۇقۇرى تىپلىق قۇرال – ياراق ئەسلىھەلىرىگە ئىگە بولالايسىلەر، شۇنداق بولغاندا، ھېچ قانداق بىر دۈشمەن ۋەتىنىڭلارغا ھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالمايدۇ. دۆلىتىڭلار تەرەققى قىلىدۇ، مىللىتىڭلار دۇنيا مىللەتلىرى ئالدىدا ھۆرمەت ۋە شەرەپكە سازاۋەر بولدۇ. مانا ئەمدى تىرىشىش ياكى تىرىشماسلىق ئۆزۈڭلارنىڭ شورى. تىرىشىپ ئوقۇپ، كەلگۈسىدە بىلىم ئادىمى بولۇپ، ۋەتىنىڭلارغا پايدىلىق خەلقىڭلارغا پەخىرلىك نەسىل بولۇپ يېتىشىپ چىقىش چىقماسلىق ئۆزۈڭلارغا قاراشلىق، شۇڭاسىلەر ھازىردىن باشلاپ بىر قارارغا كېلىشىڭلار كېرەك!ۋەتىنىڭلارنى، مىللىتىڭلارنى ئەقىل پاراسىتىڭلار بىلەن سۆيۈش مەسئۇلىيىتىڭلارنى، مىللىي ئاڭ ۋە مىللىي ھېس –تۇيغۇ بىلەن ياشاشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىڭلارنى بىلىپ ياشىشىڭلار لازىم، - دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئاكتىپ خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق تەربىيە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى يازغان.  

ياپۇنلىقلارنىڭ بۇ پائالىيەتى قارىماققا ئاددىيلا بىر ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، لېكىن كەلگۈسى ئەۋلادلارغا مىللىي روھ، مۇستەقىللىق، ھۆرلۈك ۋە تېنىچلىقنىڭ خاسىيىتىنى، ئىتتىپاقلىق ۋە مىللىي بىرلىكنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنى تونۇتىدۇ، بۇ يولدا جان پىدا قىلغان قەھرىمانلارغا بولغانسېغىنىشىنى كۈچەيتىدۇ. مىللەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ۋە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن قان كېچىپ كۈرەش قىلىش ئېڭىنى چىڭىتىدۇ. قاچانكى ۋارىس ئەۋلادلار ئەجدادلىرىغا قەلب تۆرىدىن ئورۇن بەرسە، ئۇلارنى سېغىنسا، قەلبىدە ئۇلارنىڭ روھىنى جارى قىلدۇرۇش ئىستىكى ئويغانسا، ۋۇجۇدى ھاياتى كۈچكە تولىدۇ. دېمەك ئاشۇنداق پائالىيەتلەر ئۆز نۆۋىتىدە ۋەتەن ۋە مىللەت ئۈچۈن جان تەسەددۇق قىلىدىغان مىليۇنلىغان پىداكارلارنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئەگەر ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئۇلار خاتىرلەنمەي، ئۇنتۇلۇپ كەتسە، ئەجدادلارغا ئاسىيلىق قىلغانلىق بولىدۇ. بۇ خىل يامان ئاينىش بىلەن كىشىلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا ساداقەت ۋە ۋاپادارلىق يالقۇنى ئۆچۈشكە يۈزلىنىدۇ. مىللىي بىرلىك، ئۇيۇشۇشچانلىق ئورنىنى نىزا – ئاداۋەت، دۈشمەنلىك قاپلايدۇ. نەتىجىدە شۇ مىللەت ئۆزىنىڭ قۇدرەت تېپىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم قالىدۇ.

شۇڭا بىز مۇھاجىرەتتىكى پۈتۈن ئاتا – ئانا، دىنىي ئۆلىما، قەلەمكەش زىيالى، مائارىپچى رەھبەرلىرىمىز، جۈملىدىن ھەممىمىز ياش ئەۋلادلىرىمىزغا ئۆسمۈرلۈك يېشىدىن باشلاپ، ئاتا – ئەجدادىمىزنىڭ مىلادىيدىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى بىر نەچچە مىڭ يىللىق شانلىق ئۆتمىشىنى، 1680 – يىلدىن باشلاپ ھاكىمىيەت ئۇيغۇرلادىن جۇڭغارلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپكەتكەنلىكىنى، تا شۇ كۈندىن بۈگۈنگۈچە بۇ مۆجىزىدار زېمىندا  ھاكىمىيەت تالىشىش كۈرىشىنىڭ توختىمىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش لازىم. بولۇپمۇ، بۇ بىر ئىككى ئەسىرلىك قاباھەتلىكتارىخىمىزنى، بۇنىڭ ئىچىدە 1949 – يىلدىن باشلاپ قىزىل كوممۇنىست خىتايلارنىڭ سىياسىي بېسىمى، ئىجتىمائىي زۇلمىنىڭ كۈنسايىن ئېشىشىغا ئەگىشىپ، دىنىي، مەدەنىي مىراسلىرىمىز، مىللىي ئەنئەنە ۋە قائىدە – يوسۇن ئۆرپ ئادەتلىرىمىزنى تامامەن يۇقۇتۇپ، مىللەتنىڭ روھى ھالەت فۇنكسىيسىنى ئۆزگەرتىپ خەنچە پسىخىك، خەنچە تەپەككۇر، خاراكتېر – مىجەز سىڭدۈرۈشكە كۈچەۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ رەزىل مەقسىدىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن رەزىل ۋە بىشەم ۋاسىتىلارنىڭ ھەممىسىنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ روھىدىكى دۈشمەنگە بولغان غەزەپ – نەپرەت ۋە ئىنتىقام تۇيغۇسىنى غىدىقلاش، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مىللىي روھىيەت مەشئىلىنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرۇپ، ۋەتەن، مىللەت، دىن ۋە دەۋا ئۈچۈن يالقۇنلاپ كۆيىدىغان گۇلخانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

فارابى، مەھمۇد قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋائى، مۇللا مۇسا سايرامى، ئابدۇقادىر داموللام، سابىت دامۇللام ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەزرەتلىرىدەك مىللىتىمىزگە مىللىي قىممەت ئاتا قىلغانداھىيلىرىمىز، بابا رەھىم مەشرەب، مۇھەممەد سىدىق زەلىلى، مۇھەممەد بىننى ئابدۇللاھ خاراباتى، مەمەت ئېلىي ئەپەندى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، لۇتپۇللاھ مۇتەللىپتەك پۈتۈن ۋۇجۇدى مىللىي روھ بىلەن سۇغۇرۇلغان ئىرپان بۇلاقلىرىمىزنىڭ تۆھپىلىك ئىش ئىزلىرىنى، قەھرىمانلىق تەزكىرە ۋە دەستانلىرىنى قىسقا ۋە مېغىزلىق قىلىپ، ئاسان ۋە سادە سۆز – ئىبارەلەر بىلەن ئۆسمۈر ۋە ياش پەرزەنتلىرىمىز ئۈچۈن ھەر سەۋىيە بويىچە دەرسلىك كىتابلارنىڭ تۈزۈلىشى ۋە بۇ كىتابلارنىڭ تۈركىيە مەركەز  مۇھاجىرەتتىكى پۈتۈن مەدرىسە ۋە مەكتەبلىرىمىزدە ئالدىنقى پىلاندا دەرسلىك قىلىپ ئوقۇتۇلىشى، بولۇپمۇ 1933 – ۋە 1945 – يىلقى ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ جانلىق ئەكىس ئەتتۈرلىشى، بارىن جىھادى، غولجا قەتلىئامى، 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى قاتارلىق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ۋەقەلىكلەرنىڭ ھەر يىلى كەڭ كۆلەملىك خاتىرلىنىشى ، ئىمكان يار بەرسە ئۆسمۈر بالىلىرىمىز ئۈچۈن قورچاق پىلىم شەكلىدە سېنارىيەلەشتۈرۈپ تىۋى – مېديالىرىمىزدا تارقىتىلىشى كېرەك. مانا بۇ خىل پائالىيەت ۋە تەشۋىقاتلارنىڭ كەڭرى قانات يېيىشى ياش ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭلا ئەمەس، ھەممىمىزنىڭ مىللىيروھىمىزنى ئۇرغۇتىدۇ، تارىخ ئالدىدا، ۋەتەن ۋە مىللەتكە بولغان مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىزنى ۋە مىللىي قىممىەت قارىشىمىزنى يۇقۇرى كۆتۈرىدۇ.

ھەر بىر مىللەتنىڭ ئۆز داھىلىرىغا، قەھرىمانلىرىغا كەشپىياتچى – تۆھپىكار ئالىملىرىغا، دىنىي ئۆلىما، يازغۇچى زىيالىي ۋە سىياسىي ئەربابلىرىغا ھۆرمەت بىلدۈرۈش، قەدىرلەش قوغداش ۋە ئەسلەش قائىدە - يۇسۇنى بولىدۇ. بۇ ئومۇمىي مەنىدىن ئالغاندا شۇ مىللەتنىڭ مىللىي روھىيىتىنىڭ سەۋىيەسىنى بەلگىلەيدۇ. 

ئەپسۇسكى بىز ئۇيغۇر مىللىتى بەش ئەسىرلىك قىسمەت ـ تەقدىرىمىزنىڭ زاۋاللىق قوينىدا تاشلىنىپ قالغانلىقىمىز ئۈچۈن، مىللىي روھىيىتىمىزنىڭ سەۋىيەسى چۈشۈپ كەتتى. شۇڭا، ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەد ئىمىن ئۆزىنىڭ”يىپەك يولىدىكى توققۇز ھېكمەت“ ناملىق كىتابىدا تىلغا ئېلىپ ئۆتكىنىدەك، بۇ مۆجىزىدار زېمىندا بۆلۈنمە ھاكىمىيەتچىلىك ئۇرۇشلىرى، ئىشانچىلىق ئەسەبىيلىكلىرى، كىتاب كۆيدۈرۈش، ئىنسان پەرۋەر مۇتۇپەككۇرلارنى دارغا ئېسىش، نەچچە ئونلاپ كاللا مۇنارى ياساش، ئابدۇقادىر داموللامغا قەست قىلىش، مەمتىلىي ئەپەندىنى كۆيدۈرۈش، ئابدۇخالىق ئۇيغۇرغا قازا چىللاش ۋە زىيالىلار خۇسۇمەتخورلىقىدىن باشقا بىزدە بىر نادىر چېچەك ئېچىلمىدى. شۇڭىمۇ ھازىرغىچە ئىچىمىزدە بىر نوپۇزلۇق رەھبەرلىك يادرۇسى يوق.

ئەسلىدە بىزگە ئوخشاش ئۆز تەقدىرىنى باشقىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ پەرىيات چېكىۋاتقان دىلى سۇنۇق، كۆزى ياش، روھى ئىزىك خەلقنىڭ رېئالىيەتتىكى تەقەززاسى بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى. ئەكسىچە، مىللىي ئەنئەنە، مىللىي خۇسۇسىيەت روھىيەت كەۋسىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان، ۋۇجۇدىنى گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتلەر بىلەن بېزىگەن، كۈرەش ئىرادىسىگە ئىگە ھەقىقىي ۋىجدان ئىگىسى، ئىسمى جىسمىغا لايىق ۋەتەن ئوغلانلىرىنىڭ كۆپلەپ چىقىشىنى تەلەپ قىلاتتى. ئۇ شۇنداق ئەركسۈيەر ۋەتەن ئوغلانىكى، ھەقىقەت يولىدا پۇچۇلۇنۇپ تۇرىدىغان، چوڭ سۆزلەپ، لاپ ئۇرۇشتىن كۆپرەك ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن ياشايدىغان، ئىچكى دۇنياسى مۇقەددەس دىنى، ئەزىز خەلقى، مۇبارەك ۋەتىنى يولىدا ھەر زامان يالقۇنلۇقتونۇر كەبى كۆيىدىغان، ئەمما ”كۆيدىم“ دەپ ئەسلا نالە - پەريات چەكمەيدىغان، بەلكى ئۆزىنى بىلمەي تەمتىرەپ قالغۇچىلارنىڭ زەئىپ روھىغا دىنى چۈشەنچە، ۋەتەن مۇھەببىتى، مىللىي ئاڭ جۇلالىنىپ تۇرىدىغان نۇرانە ئېنىرگىيە تەقدىم قىلىدىغان، ئۆزىنىڭ ھەرىكەت لايىھىسىنى دائىم تارىخنىڭ ئىبرەتلىك ئەسلىمىلىرىگە قاراپ تۈزىدىغان، قەلبى داۋاملىق ”دىن، ۋەتەن، مىللەت“ دەپ سۇقىدىغان، بۇ يولدا ھەرقانداق بىر ۋەزىپە ئاساسلىق تېما بولغاندا خۇشاللىق بىلەن پۈتۈن ئارزۇ ـ ئىستەكلىرىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان، ھەممىگە باغرىنى ئاچالايدىغان، ھەممىنى قۇچاقلىيالايدىغان، ھەممە كىشى بىلەن قېرىنداشلارچە سەمىمى دوست، ۋاپادار يولداش بولالايدىغان، ھېچ كىمبىلەن جىدەل ـ ماجراغا كىرمەيدىغان، ھېچكىمگە قارشى دۈشمەنلىك قىلمايدىغان، ئۆز كۆز قارىشى، ئۆز چۈشەنچىسى، ئۆز مەسلەك ۋە ۋەزىپىسىگە كۆرە بىر قىسىم تاللاش ۋە ئىختىيارلاردا بولغان بولسىمۇ، قەتئىيباشقىلار بىلەن رىقابەتكە، سۈركىشىشكە كىرمەيدىغان، بەلكى دىنى، ۋەتىنى، خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولىدىكى ھەممە كىشىنى ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئۇلارنىڭ پۈتۈن مۇسبەت ۋە بولۇشلۇق پائالىيەتلىرىنى قىزغىن ئالقىشلايدىغان، ھەمدە ئۇلارنىڭ رەيى، كۆز ـ قارىشى، پىكىر ۋە خىزمەت پىرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغان، بىر يولدا يۈرۈپ، بىر پىكىردە ئورتاقلاشقانلار بىلەن ئەسلا سۈركىلىشمەيدىغان، ئۇلانىڭ ھەر قانداق ئارتۇقچىلىقى ۋە ئۇتۇقلىرىغا قەتئىي قىزغانمايدىغان، بەلكى قولىدىن كېلىشىچە ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ تۆھپە يارىتىپ قابىلىيەتلىك تالانت ئىگىلىرىدىن بولۇشىغا ياردەملىشىدىغان، ماقام - مەنسەپ، شان ـ شۆھرەت خىيال قىلمايدىغان، ئۆزىنىڭ يولداشلىرىنى، مەسلەكداشلىرىنى ۋە سەپداشلىرىنى ئومۇمەن ھەر ئىشتا ۋە ھەرقانداق يەردە ئۆزىدىن ئارتۇق كۆرىدىغان، دىن، ۋەتەن ۋە مىللەتكە خىزمەت قىلىش ئېڭىغا مەنسۇپ ھەرقانداق مەزھەب، جامائەت، تەشكىلاتلارنىڭ مۇسبەت ئۇتۇقلىرىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغان، ئۆزىنىڭ ھەر قانداق ئۇتۇق ۋە مۇۋەپپىقىيەتلىرى مۇقابىلىگە باشقىلاردىن تەنتەنە، ئالقىش ـ ساداسى كۈتمەيدىغان،بەلكى بۇ دۇنيانىڭ خىزمەت، ۋەزىپە ۋە ئىش ـ ھەرىكەت ئورنى ئىكەنلىك ئېڭى بىلەن، ئۆزىنى چىن ئىنسانلىق مەسئۇلىيىتىنى مۇكەممەل ئىجرا قىلىشقا مەجبۇر ۋەزىپىدار بىلىپ، ئەجىرىنى پەقەت جانابى ئاللاھتىن كۈتىدىغان،مىللەتنى ئەقىل پاراسىتى بىلەن سۆيىدىغان، ۋۇجۇدى مىللىي روھ بىلەن يۇغۇرۇلغان ئەھلى ئۆلىما، سىياسىي ئەرباب دەۋا ئادىمى، يېتەكچى رەھبەرلەردىن ئىبارەتتۇر.

تاھىرجان ئابباس

2018 – يىلى، 23 - ئېيۇل

ئىستانبۇل

(بۇ ماقالە، مەرىپەت ژورنىلىنىڭ 2018 - يىللىق 4 - سانىد ئېلان قىلىنغان)

 

 

ئىنكاسلار
ئىنكاس يوللاش