ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خوش كەپسىز
دەرسلىك كىتابلار
پەلسەپە، پىسخولوگىيە ۋە لوگىكا
ئۇنىۋېرسال ئەسەرلەر
ئەدەپ ـ ئەخلاق، پەندى ـ نەسىھەت
تېبابەت ۋە ساغلاملىق
ئارخېئولوگىيە
ياش-ئۆسمۈرلەر
قانۇن-سىياسەت
ئاھ ۋاپا، سەن قەيەردە!

ئاھ ۋاپا، سەن قەيەردە!
ۋاپا _ ئىنساننىڭ كۆڭۈل باغچىسىدا يېتىشكەن، گۈل – گۈلۈستان ئىچىدە ئېچىلغان خۇشپۇراق بىر غۇنچىدۇر. ئۇ، ھېس – تۇيغۇ، كۆز – قاراش، چۈشەنچە ۋە پىكىر ئىقلىمىدا بىرلەشكەن سۈزۈك ۋە ساپ روھلارغا ئۆزىنىڭ خۇش ھىدلىرىنى چېچىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى ئۆچمەنلىك، نەپرەت ۋە ھەسەتكە ئوخشىغان ئاپەتلەردۇر. بۇ خىل ئاپەتلەر ئۇنى ھايالسىز قىرىپ تاشلايدۇ ۋە ئەسلا ياشاتمايدۇ. شۇنداق، ۋاپا سۆيگۈ ۋە مۇھەببەت باغرىدا كۆكلەپ، بوي تارتىدۇ، ئۆچمەنلىك ۋە ھەسەت ئىقلىمىدا تەخىرسىز قۇرۇپ نابۇت بولىدۇ.
بىر قىسىم تەسەۋۋۇف ئەھلى ۋاپانى «قەلب كامالىتىنىڭ نامايەندىسى» شەكلىدە تەرىپلىگەن. بۇ ئىپادە قارىماققا يېتەرسىزدەك بىلىنسىمۇ، مۇلاھىزىمىزنى چوڭقۇرلاشتۇرغىنىمىزدا، مۇناسىپ ۋە ئورنىغا كەلگەن بىر تەرىپتۇر. چۈنكى قەلبىي تەكامۇللۇقتىن مەھرۇم، روھى خام شەخىسيەتلەردىن ۋاپادارلىق كۈتكىلى بولمايدۇ. راسچىللىق، سەمىمىلىك ۋە ۋاپادارلىققا ئوخشىغان سۈپەتلەر ئادەتتە ئىنساننىڭ كۆڭۈل ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك خۇسۇسىيەتلەردۇر. شۇڭا ھەر ۋاقىت قىلغان سۆزى ۋە بەرگەن ۋەدىسىگە مۇخالىپ ھەرىكەتتە بولغان ۋە داۋاملىق مەسئۇلىيەتتىن قاچىدىغان ئىككى يۈزلۈك ۋە رىياكار شەخسىيەتلەرنىڭ كۆڭۈل ھاياتى بارلىقىغا ئېھتىماللىق بەرگىلى بولمايدۇ. بۇ تىپتىكى ئىنسانلاردىن ۋاپادارلىق كۈتۈش تامامەن غەپلەت، ياكى سېپى ئۆزىدىن ساپلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر.
شۇنداق، ۋاپاسىزغا كۆڭۈل بەرگەنلەر ھامان بىر كۈنى نادامەتتە، سەپەرگە چىققانلار يولدا، رەھناما بىلگەنلەر ھەسرەتتە قالىدۇ.
ئىنسان، ۋاپا تۇيغۇسى ۋە ئىشەنچ بىلەن ياشىغاندا قەلبى تەسكىن تاپىدۇ ۋە ھۇزۇرغا ئېرىشىدۇ. رەھبەرلەر خەلققە، خەلق رەھبەرلەرگە، ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىگە، پەرزەتلەر ئاتا – ئانىلارغا ۋاپادار بولغاندا ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزئارا ئىشەنچ ۋە پىداكارلىق روھى يېتىلىدۇ. بەخىتلىك ئائىلە، ئىناق جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەتلىك شەھەر بارلىققا كېلىدۇ. ئىچكى مۇناپىق ۋە تاشقى دۈشمەنگە قارشى بىردەك ھەمنەپەس بولالايدۇ. خۇددى 15 - ئىيول تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ھەربىي ئىنقىلاپقا قارشى تۈرك خەلقىنىڭ دۆلەت رەئىسى ئەردۇغاننىڭ سىكايفتا قىلغان چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، تانكا ۋە ف 16 تىپلىك ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرىغا قارشى كۆكرىكىنى قالقان قىلىپ، مەيدانغا تۆكۈلگەنلىكى، ھەتتا بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزدىنمۇ بىر قانچىسى شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ماشىنىغا ئولتۇرۇشقا ئۈلگۈرمەي، ساپا كۆيدىن يۈگۈرگەن ھالدا تاملاردىن ئاتلاپ، ئايدۇرۇمغا بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ۋاپا بۇرچىنى ئادا قىلغانلىقى ھەممىمىزگە مەلۇم. ئۇلارنىڭ بۇ خىل ۋاپادارلىق روھى ۋە پىداكارلىق جاسارىتى بىزنى ئەمەس پۈتۈن دۇنيا خەلقىنى ھەيرەتتە قالدۇردى. مانا بۇ تۈرك خەلقىنىڭ ئۆز رەھبىرىگە بولغان ۋاپادارلىق روھىنىڭ كۈچى ۋە ئاخىرقى توچكىسى!. ئەگەر تۈرك خەلقى ئۆز رەھبىرىگە، ۋەتىنىگە ۋە خەلقىگە بولغان ئەنە ئاشۇنداق ۋاپا بۇرچىنى ئادا قىلمىغان، 300 گە يېقىن كىشى ئىسسىق قېنى بىلەن دەستان يازمىغان بولسىدى، بۈگۈنكى تۈركىيەنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى.
ۋاپا شەخىسلەرنىڭ ئۆزئارا بىرلىشىپ پۈتۈنلىشىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. ۋاپا سايىسىدا جۈزلەر كۇل، پارچىلار بىرلىشىپ، ئۈملۈك ھاسىل بولىدۇ. بىر ئىدىيەگە قايىل بولۇپ، ئۇنى قۇبۇل قىلدىڭمۇ، بىر غايە ۋە بىر ئىدېئالغا كۆڭۈل بەردىڭمۇ، بىر يولدا بىرلىرى بىلەن بىرگە يولغا چىقتىڭمۇ، بىرلىرى بىلەن دوست – ئەھباب بولدۇڭمۇ، ئۇنداق بولسا كەل، جان دېسە جان، مال دېسە مال بېرىپ ئۆزۈڭنىڭ كۆڭۈل ئىقلىمىدا يېتىشكەن ۋاپا بۇرچۇڭنى ئادا قىل!
ئەينى ۋاقىتتا، ئادەم ئاتىمىز ئۆزىگە يېپىلغان پۈتۈن رەھمەت ئىشىكىنى قەلبىدىكى سىرلىق ۋاپا ئاچقۇچى بىلەن بىر – بىرلەپ ئاچتى ۋە "غۇپران"بۇلاقلىرىغا ئۇلاشتى. شۇ ئوخشاش ھادىسىدە ئىبلىس رەھمەت ئىشىكىدىن قوغلاندى بولۇپ، ۋاپاسىزلىق تۇپانىدا غەرق بولدى.
قۇدسىيلەرنىڭ ئالدىنقىسى، كەلگەن ۋە كېلىدىغان پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئەبزىلى بىزنىڭ پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مەۋجۇدات ئالىمىدە ھېچ كىمگە نېسىپ بولمىغان كۆك يۈزى ساياھىتىگە دەۋاسىغا بولغان ۋاپا تۇيغۇسى بىلەن ئېرىشكەنلىكى شەكسىز. شۇنداق ئۇ زات ئۆزىنىڭ بۇ ساياھىتىدە پەرىشتىلەر، ھەتتا جەبرائىل ئەلەيھىسسالاممۇ يېتەلمىگەن نوقتىغا يېتىپ، ھېچ بىر پانى ئېرىشەلمىگەن شەرەپكە ئېرىشكەنتى. ئەمما ئۇ زاتنىڭ ئەنە ئاشۇ دۆلەتمەن شەرەپكە ئېرىشىپ، بېشى پەلەككە يەتكەن قۇتلۇق ۋە سائادەتمەن بىر زاماندىمۇ، ئۆزىنىڭ پۈتۈن مەنەۋىي ھۇزۇر ۋە خۇشنۇدلىقىنى تاشلاپ، جاپا - مۇشەققەتكە تولغان بۇ پانى ئالەمگە قايتىشى، ئۈممىتىگە بولغان ۋاپا تۇيغۇسىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىنى تەشكىل قىلىدۇ!.
قەلب دۇنياسىدا پۈتۈنلىشىپ، مەنىۋىي ئالىمىنىڭ قەھرىمانلىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن پۈتۈن يۈكسەك روھلارنىڭ ياخشىلىق دەپتەرلىرى ۋاپا توچكىسى بىلەن نوقتىلانغان بولسا، يولدا قالغانلارنىڭ ۋاپاسىزلىق تامغۇسى بىلەن پېچەتلەنگەن.
ئەسلىدە، ھەر خەلقنىڭ ئۆز رەھبەرلىرىنى، قەھرىمانلىرىنى، كەشپىياتچى – تۆھپىكار ئالىملىرىنى، دىنىي ئۆلىما، يازغۇچى زىيالىي ۋە سىياسىي ئەربابلىرىنى ھۆرمەت قىلىش، قەدىرلەش، قوغداش ۋە ئەسلەش ۋاپا بۇرچى بولىدۇ. بۇ ئومۇمىي مەنىدىن ئالغاندا شۇ خەلقنىڭ مىللىي روھىيىتىنىڭ سەۋىيەسىنى بەلگىلەيدۇ.
شۇنداق، كۈنۈمىزدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ، بولۇپمۇ بىز خەلقنىڭ بۇ تۈر خىسلەت ۋە ۋاپا تۇيغۇسى بىر قانچە ئەسىرلىك ئاسارەت ۋە جاھالەت قاباھەتلىرى بىلەن كۆمۈلۈپ قالغانلىقى ئۈچۈن، كۆڭۈل بېغىمىزدا ۋاپانىڭ ئىزى ئەمەس، ھىدىمۇ قالمىغاندەك قىلىدۇ؛ قارايدىغان بولساق بۈگۈنكى مۇسۇلمان دۇنياسى ياكى ئىسلام ئالىمىنىڭ ھەممىسى بىخۇد، مۇسۇلمان قېرىندىشىنىڭ دەردىگە دەرمان، ھالىغا مۇڭ بولالايدىغان ھېس - تۇيغۇدىن مەھرۇم، ھەممە ئۆز دەردى - ئەھۋالى بىلەن مەشغۇل؛ خەلق ئۆز رەھبەرلىرىگە، رەھبەرلەر ئۆز خەلقىگە ئىشەنمەيدىغان، بىر نىيەت ۋە بىر مەقسەتكە كېلەلمەيدىغان، ھەتتا ئۆز سايىسىدىنمۇ ئۈكۈدىغان سوغۇق ۋەزىيەت شەكىللەندى. شۇ سەۋەپلىك بولسا كېرەك، ئائىلىدە بەخىت، جەمئىيەتتە ئىناقلىق يوق، ھەممىمىزنىڭ پىشانىسىگە زىللەت تامغۇسى بېسىلىپ، تېخى دۇنيادا تۇرۇپ ئەسپەلى ساپىلىنغا تاشلاندۇق.
ئەسلىدە مۇسۇلمانلىق نام بىر سۈپەت ئەمەس، بەلكى ئۇ، مۇسۇلمانلىقنىڭ كېرىكىدىن ئىبارەت ئۆزى، ئائىلىسى، خەلقى، ۋەتىنى، بولۇپمۇ دىنىي مەجبۇرىيىتى ئالدىدىكى پۈتۈن مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئېلىش، شۇنىڭدەك ئۆز ۋاقتىدا رۇزى مىساقتا جانابى ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىش رۇھىنى يېڭىلاش ئەھدىنامىدۇر. مانا بۇ خىل ۋاپا روھى بىلەن بىزەلگەن مۇسۇلمانلىق، شۇ ئىنسانغا نىسبەتەن ئىلاھى ئېھساندۇر. بۇنداق ئىلاھى ئېھسانغا مەزھەر بولۇش ھەممە ئادەمگە نېسىپ بولمايدۇ، بەلكى قەلبىدە ئاشۇ ئىلاھى ئېھسانغا قارىتا ۋاپا بۇرچىنى ھېس قىلالايدىغان ئەرلەر ئەرى مۇستەسنا شەخسىيەتلەرگە مەنسۇپ بولسا كېرەك! ئەينى ۋاقىتتا مۇبارەك ساھابە كىراملار ۋە ئۇلارنىڭ ئىزىدا ماڭغان مۇستەسنا شەخسىيەتلەر تەرىپىدىن ئەڭ گۈزەل شەكىلدە تەمسىل قىلىنغان بۇ ۋاپادارلىق روھى، بۈگۈنكى كۈندە ئەنقانىڭ تۇخۇمىدەك تېپىلماسنىڭ دورىسى بولۇپ قالدى.
ھەقىقىي ۋاپا ئادىمىنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، ئۆز داۋاسىغا بولغان ساداقىتىدۇر. ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر ۋە ھەزرىتى ئۆمەرگە ئوخشىغان مۇبارەك زاتلارنى ئانالىز قىلىش بىزنىڭ ھەددىمىز ئەمەس، ئەمما ئۇلارنىڭ يۈرەك قانلىرىنىڭ ھەر بىر تامچىسى "ۋاپا" ، "ۋاپا" دەپ سوقاتتى. ئالىدىغان بولساق، ئەينى ۋاقىتتا ھەزرىتى ئەبۇ بەكىر ھىجرەت قىلغاندا، ئائىلىسى مەككىدە قالغانتى، شۇنىڭدەك ھەزرتى ئۆمەرنىڭ كىچىك ئوغلى ئابدۇللاھ يېنىدا ئەمەستى. توغرىسى ئۇ دەۋرىدە ھىجرەتكە ئاتلانغانلارنىڭ كۆپۈنچىسى كۆڭۈل بەرگەن داۋاسىغا بولغان ۋاپا تۇيغۇسى بىلەن بارلىقىنى، ھەتتا قېنىنى پىدا قىلىشتىن باش تارتمىغانتى. شۇڭا ئۇلار ئازغىنا ۋاقىتتا دۇنيا مىللەتلىرى ئىچىدە ئەڭ شەرەپلىك ئۈممەت بولۇپ تاللاندى.
مانا بۈگۈن "ۋاپا" ئاشۇلاردەك يېڭى نەسىل ۋە كۆڭۈل ئەرلىرىنى كۈتمەكتە. ئۇلار شۇنداق كۆڭۈل ئەرلىرىكى، خورما ياغىچىدەك ئىچ – ئىچىدىن يىغلىيالايدىغان ، ئۇھۇد تېغىدەك دىر دىر تىترەلەيدىغان ، رىزۋان كۈنىدىكىدەك ھەزرىتى ئوسماننىڭ كەبىنىڭ ئالىدىغىچە كېلىپ: "ئاللاھ رەسۇلى تاۋاپ قىلماي تۇرۇپ، مەن تاۋاپ قىلامەنمۇ" دېگەن تۇيغۇ بىلەن، كەبىنى تاۋاپ قىلماي قايتالايدىغان، شېھىد قىلىنىدىغان كۈنى چۈشىدە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئۇسمان! بۈگۈن بىزمۇ رۇزىدار، سېنى ئىپتارغا ساقلايمىز» دېگەن دەۋىتىگە "لەببەي" دەپ، ۋىسالغا تەشنا قەلبى بىلەن بوينىنى قىسىپ، ئۆلۈمنى كۈتەلەيدىغان، ھەزرىتى بىلالدەك پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن قايتا ئەزان ئوقۇيالمايدىغان، ئەبۇ زەردەك رەبزىدە ئۆزى يالغۇز ۋىسال تەشنالىقىنى چېكەلەيدىغان ۋاپا ئەھلى ئەرلەردۇر. ۋاپا مانا مۇشۇنداق ۋاپا ئابىدىلىرىنىڭ بۇلاقلىرىدىن سۇغۇرۇلغىنىدا ئاندىن كۆڭۈللەر ئىقلىمىدا پورەكلەپ ئېچىلالايدۇ. ئاللاھ ئاشىقى، پەيغەمبەر سەۋداسى ۋاپانىڭ جان تۇمۇرى بولىشى، قەلبلەرنىڭ بۇ ھېس - تۇيغۇلار بىلەن سوقۇشى، كۆڭۈللەرنىڭ رىتىمى بۇ مۇڭ بىلەن تۈزىلىشى كېرەك.
ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى ئۈستۈن قىلىش، ئىمانىي ئاساسلارنىڭ، قۇرئانىي ھەقىقەتلەرنىڭ ۋە نەبەۋىي پرىنسىپلارنىڭ لايىقىدا چۈشۈنۈلۈپ ئاڭلىتىلىشى، قۇبۇل قىلىنىپ، تەتبىقلىنىشى ۋە دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىگە تارقىلىپ، مۇھتاچ كۆڭۈللەرگە ھېس قىلدۇرلىشى ۋە بۇ شەكىلدە ئىسلامنىڭ يېڭىدىن تىرىلىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى بۈگۈنكى ئۈممەتنىڭ قەلبىدە ۋاپا تۇيغۇسىنىڭ يېڭىدىن بىخلىنىشىغا قاراشلىق.
بۇ خىل ئاڭ ۋە چۈشەنچىنىڭ كۈچىتى، هەزرىتى ئەلىنىڭ سۆزى بويىچە، "هەقىقىي قېرىنداش ۋە سەمىمى يولداش بولالايدىغان، ئۆزئارا بىر – بىرىگە ۋاقىت ئاجرىتالايدىغان، ۋاقتى كەلگەندە قېرىندىشىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن، ئۆز مەنپەئىتىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان، زاماننىڭ پالاكەتلىرى ئەۋج ئالغاندا، ئۇ پالاكەت ۋە ناچار ئەهۋاللارنى سەرەمجانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىنى پىدا قىلالايدىغان"، بار ئىمكانلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ئاللاھنىڭ كەلىمىسىنى پۈتۈن دۇنيادا ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلىشنى ئۆزىنىڭ دەردى ۋە ئارمانى دەپ بىلەلەيدىغان كىشىلەرنىڭ روھىدا يېتىلىدۇ.
شۇنداق، ھەر قانداق ئادەمىنىڭ ئۆز دەۋاسىغا بولغان ساداقىتى دەۋاسى يولىدا كۆرسەتكەن پىداكارلىقى نىسبىتىدە بولىدۇ. كۈنىمىزدە تەنتەربىيە دۇنياسىدا تۈرلۈك لوڭقا تالىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ. گەرچە مۇسابىقە قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ھېچ بىرى لوڭوقىغا شەخسەن ئۆزى ئېرىشەلمىسىمۇ، لېكىن كوماندادىكى سەپداشلىرىنىڭ ئورتاق خۇشاللىقىغا جور بولۇش ئۈچۈن بار تىرىشچانلىقى بىلەن، لوڭقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەرىكەت قلىدۇ، ئەمما بىز مۇسۇلمانلار كۆڭۈل بەرگەن داۋايىمىز ئۈچۈن ئاشۇ ئويۇنچىلارغا ئوخشاش زوقمەنلىك بىلەن كۆڭۈل باغلاپ، ئورتاق ھەرىكەت قىلالىغان بولساق كاشىكى، ئىسلام ئۈممىتى بۈگۈنكىدەك ئېچىنارلىق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالمىغان بولاتتى. ھالبۇكى بىز مۇسۇلمانلار ئېرىشىدىغان لوڭقىنىڭ بىر ھالقىسى بىزنىڭ قولىمىزدا، يەنە بىر ھالقىسى پەرۋەردىگارىمىزنىڭ رەھمەت قولىدا ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئەپسۇسكى بۈگۈنكى ئىسلام ئۈممىتىدە بۇ خىل روھ قالمىغانلىقى ئۈچۈن پۈتۈن مۇقەددىساتلىرىمىزدىن ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق. دەردىمىزگە دەرمان، ھالىمىزغا ھال بولىدىغان بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچكىمىمىز قالمىدى!. ئامرىكا، غەرب دۇنياسى، تۈركىيە، ياكى "ئىتتىپاقلاشماسلىققا ئىتتىپاقلىشىۋالغان"ئەرەپ ئەللىرى، ياكى بولمايدۇ "كېلىشەلمەسلىككە كېلىشىۋالغان" نامدا ئىسلام دۇنياسى دېگەن بىلەن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە يېتىپ ئاشقۇدەك ئىشى، ھەل قىلمىسا بولمايدىغان ئىچكى ۋە تاشقى بىرمۇنچە مەسىلىسى بار. شۇڭا بۇلارنىڭ ھازىر بىزگە قاراشقا، مەسلىمىزگە كۆڭۈل بۆلۈشكە پايدا ئېلىشقا كۆزى يەتمىسە چۇلى تەگمەيدۇ. شۇ سەۋەپلىك بىز ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ سۆزى بويىچە، ھاياتلىق مەشغۇلاتىمىزنى تەنھا ئۆزىمىز، ھەمدە ئۆزگىچە يول بىلەن ئېلىپ بېرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىمىزنىڭ بىردىن ـ بىر جاۋاپكارى پەقەت ئۆزىمىز، ئۇنداقتا قۇرتىلىشىمىز ھەم ئۆزىمىز بىلەن بولىدۇ. چىشىمىزنى چىشلەپ، ئۆز مەشئىلىمىزنى ئۆزىمىز يۇرۇتۈپ، پەقەت ئاللاھنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ، بۇ يۆنىلىشنى سۆز ۋە ئەمەلىي ئىش ـ ھەرىكىتىمىز بىلەن قانچىلىك ئەمەلىلەشتۈرۈپ، ئىلگىرى سۇرەلىسەك شۇنچىلىك نۇر ئىشىكلىرى ئېچىلىدۇ. رەھمەت قولى بىزنى بىز ئىچىدە بوغۇلۇپ قالغان بۇ قورقۇنۇشلۇق ئېقىن قاينىمىدىن تارتىپ، قۇرتۇلۈش قىرغاقلىرىغا ئېلىپ چىقىدۇ، ئىنشائاللاھ .
ئىنسان نەسلىنىڭ تا رۇزى مىساقتىن بېرى پەرۋەردىگارىغا بەرگەن رۇبۇبىيەتلىك ئەھدىۋاپاسى بار ، ئەنە شۇ ئەھدىۋاپانىڭ كېرىكى بويىچە پەرۋەردىگارىنىڭ بىرلىك ۋە بارلىقىغا تەسلىم بولغان مۆمىن - مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈستۈنلىكى مەزكۇر تەسلىمىيەت يەنى مۇسۇلمانلىقنىڭ تەلىۋى بويىچە ياشاش ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشىغا قاراشلىق، قاچانكى ئىنسان ئۆزىنىڭ ئاشۇ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلالىسا، ئاندىن جانابى ئاللاھمۇ ئۇلارنى باشقا تائىپىلەردىن ئۈستۈن قىلىش ۋەدىىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بېرىدۇ. مانا جانابى ئاللاھ: {ۋەدەڭلارغا ۋاپا قىلىڭلار، مەنمۇ سىلەرگە قىلغان ۋەدەمگە ۋاپا قىلىمەن} دېگەن ئايەتتە بۇ نوقتىنى يۇرۇتۇپ بەرگەن. ئەھدىگە ۋاپا قىلماسلىقنىڭ خەتىرى ھەققىدە ھەزرىتى ئىبنى ئابباستىن رىۋايەت قىلىنغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «جانابى ئاللاھ ئەھدىسىگە ۋاپا قىلمىغان كىشىلەرنىڭ ئۈستىگە دۈشمەنلىرىنى مۇسەللەت قىلىپ قويىدۇ» دېگەن بولسا، ئىبنى ئۆمەردىن رىۋايەت قىلىنغان يەنە بىر ھەدىستە: «قىيامەت كۈنى جانابى ئاللاھ ئىنسانلارنى مەھشەرگە يېققان چاغدا، ۋاپاسىزلارنى ئايرىپ تۇرىدىغان بىر بايراق تىكىلىدۇ ۋە: "بۇ پالانىنىڭ ئوغلى پالانىنىڭ ۋاپاسىزلىقىدۇر" دېيىلىدۇ» دېگەن.
دېمەك، ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، بولۇپمۇ جانابى ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىمىزگە ۋاپا قىلىش ئۈستىمىزدىكى ئەڭ ئېغىر مەسئۇلىيەتلەردىن بىرىدۇر. ئىنسان بۇ مەسئۇلىيەتنى ۋاقتى كەلگەندە ھاياتى بەدىلىگە بولسىمۇ ئادا قىلىشقا كۈچىشى لازىم. جانابى ئاللاھنىڭ مۆمىنلەردىن كۈتىدىغىنىمۇ بۇ تۇيغۇدىكى ۋاپا روھىدىن ئىبارەتتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ قۇرئان كەرىمدە مۇنۇ ئايەت نازىل قىلىنغان: {شۈبھىسىزكى، ئاللاھ مۆمىنلەردىن ئۇلارنىڭ جانلىرىنى، ماللىرىنى ئۇلارغا جەننەتنى بېرىپ سېتىۋالدى. ئۇلار ئاللاھنىڭ يولىدا ئۇرۇش قىلىپ (دۈشمەنلەرنى) ئۆلتۈرىدۇ ۋە ئۆلتۈرۈلىدۇ (يەنى دۈشمەنلەر بىلەن جىھاد قىلىپ شېھىت بولىدۇ)، (جىھاد قىلغۇچىلارغا جەننەتنى ۋەدە قىلىش) تەۋراتتا، ئىنجىلدا ۋە قۇرئاندا زىكرى قىلىنغان (ئاللاھنىڭ) راست ۋەدىسىدۇر، ۋەدىسىگە ئاللاھتىنمۇ بەك ۋاپا قىلغۇچى كىم بار؟ (يەنى ئاللاھتىنمۇ ۋاپادار ئەھەدى يوق) قىلغان بۇ سوداڭلاردىن خۇشال بولۇڭلار ، بۇ زور مۇۋەپپەقىيەتتۇر»، شۇڭا «ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، (قىيامەت كۈنى) ئەھدە ئۈستىدە (يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ـ قىلمىغانلىق ئۈستىدە) ئەلۋەتتە سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر} .
بۇ مەنىدىن ئالغاندا، ئىنسان ئوغلى جانابى ئاللاھقا بەرگەن ۋەدىسىگە ئاسىلىق قىلمىغان مۇددەتچە جانابى ئاللاھ ئەسلا ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلمايدۇ.
بۈگۈن زاماننىڭ پالاكەت چاقى ئايلىنىپ كېلىپ بېشىمىزغا چۈشتى، دىيارلىرىمىز چۆلدىرەشكە، كۆڭۈل بوستانلىرىمىز قۇرۇشقا دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىمىز يوقۇلۇشقا ۋە نەسلىمىز مۇنقەرز بولۇشقا باشلىدى. دېمەككى بىز بۈگۈنكى دەۋرىنىڭ ئەڭ بەخىتسىز ئىنسانلىرى بولۇش سۈپۈتىمىز بىلەن، ئىنسانلىقنىڭ ئىزناسى قالمىغان بىر دۇنيادا، قەلبىدە زەررەىچىلىك ۋاپا تۇيغۇسى بولمىغان ئۆلۈك روھلار، خام ئەرۋاھلار ئالىمىدە ياشاۋاتىمىز. بۇنداق زۈلمەتلىك كۈنىمىزدە، ئەڭ ساغلام ۋاپا تۇيغۇسى بىلەن قەدەم ئېلىپ، جوشقۇن روھ، تەۋرەنمەس ئىراد، ۋە مۇستەھكەم قەدەم بىلەن چىشىمىزنى چىشلەپ دىنىمىز، ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىز ئالدىدىكى ۋاپا بۇرچىمىزنى ئۇنۇتماسلىقىمىز لازىم. دەرھەقىقەت دۈشمەن بىزنى بىخۇدلاشتۇرۇپ، قەلبىمىزگە ئەڭ زەھەرلىك نەشتىرىنى سوقتى. قەلبىمىزگە ئۇرۇلغان بۇ نەشتەر پۈتۈن ۋۇجۇدىمىزنى قاپلىدى، پۈتۈن ئورگان ۋە ئەزالىرىمىز كاردىن چىقىش ئالدىدا، ئىڭراۋاتىمىز، جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىنىڭ جىددىي كېلىشىگە تەشنا بولۇپ، كۆزلىرىمىز خىرەلىشىپ، كۆڭۈل ئاسمىنىمىزنى بۇلۇتلۇق تۇمانلار قاپلاپ كەتتى.
ئاھ ۋاپا نەدە قالدىڭ! بەزدىك شۇ ھەر كۈنى قانچىلىغان قەسەم ۋە ئەھدۇپەيمانىنى بوزۇپ، ۋەدىسىدە تۇرمايدىغان ناكەسلەردىن؛ ھەر سۆزى مۇبالىغە، ھەر ھال – ھەركىتى ياسالما نامەرتلەردىن؛ ۋاپا تۇيغۇسىدىن مەھرۇم دىلى بۇزۇق نائەھلىلەردىن!. قەيەردە سىلەر ئى ۋاپا ئىقلىمىدا يېتىشكەن ۋاپادار دوستلار! قەيەردە سىلەر روھى بىلەن پۈتۈنلەشكەن ۋاپا ئابىدىسى ئەر ئوغلى ئەرلەر!.. سىلەر نەدە؟... كېلىڭلار بىزنىڭ بۇ ۋاپاسىزلىققا تولغان روھى ئالىمىمىزنى قامچىلاڭلار، نېمە بولسا مەيلى ھەممىنى سۆكۈپ ئېلىپ، ئورنىغا بىزلەرنىڭ بۇ يېڭىدىن تىرىلىش يولۇمىزدا ۋاپاسىزلىقتىن قاغجىراپ كەتكەن كۆڭۈل بېغىمىزغا ۋاپا بۇلىقىدىن كەۋسەر ئېقىتىڭلار!.
ۋاپا سۆز ۋە ئەمەلىيىتىمىز، بەدەن ۋە روھىيىتىمىز بىلەن يۇغۇرلىشى لازىم. گەرچە ۋاپاردارلىقنىڭ ئالامىتى ئىنساننىڭ سۆز ۋە ھال - ھەركىتى بىلەن نامايەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ماھىيەتتە كىشىنىڭ قەلب ئالىمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. كۈنىمىز مۇسۇلمانلىرىنىڭ، خۇسۇسەن بىزدەك كۆزى ياش، دىلى سۇنۇق ئىنسانلارنىڭ ۋاپاسىزلىققا تاقىتى يوق. بولۇپمۇ دىنىي قېرىنداشلىقى ۋە ئىرقىي تۇققانچىلى بولغان كىشىلەرنىڭ ۋاپاسىزلىقى تىرىسىنى تەتۈر سويۇپ، ئۈستىگە تۇز سەپكەندىنمۇ ئاچچىق ئەلەم قىلىدۇ. شۇڭا «الجزاء من جنس العمل» (يەنى ئىش – ئەمەللەرنىڭ جازاسى ئۆز جىنسىدىن) دېگەن قائىدىگە ئاساسەن، ھەر ئادەم باشتا ئۆزىگە: "ۋەپا مېنىڭ ئىنسانىي پىترەتىمدۇر، ئېتىقادىي مەجبۇرىيەتىمدۇر، مېنىڭ باشقىلاردىن پەرقىم ۋاپادارلىقىمدا، كىم كىمگە نېمە دېسە دېسۇن، قانداق ئەسلىسە ئەسلىسۇن، لېكىن مېنى ئەسلىگىنىدە: "ۋاپا ئەھلىدى" دېيىشى كېرەك، مەن بۇ ئەھلىيەتتىن ئايرىلىپ قالماسلىقىم لازىم، بۇ مېنىڭ كىملىكىم ۋە ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىم» دېگەن تەلەپنى قويماي تۇرۇپ، باشقىلاردىن ۋاپادارلىق كۈتۈش ۋە ۋاپاسىزلىقىدىن ئاغرىنىش ھەققى بولمايدۇ.
ئەنە ئاشۇنىڭدەك ۋاپا شەربىتى بىلەن سۇغۇرۇلغان قېرىنداشلىق مەھشەردە ئەرشىنىڭ سايىسىدىن بەھرىمەن بولۇش سالاھىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ. بۇ سالاھىيەتكە ئىگە بولغانلارنىڭ يەنە بىر ئەۋزەللىكى شۇكى، ئۇلار دۇنيادا ئاللاھ يولىدىكى دوسلۇق شەربىتىنى قانغۇچە ئىچىپ، مەست بولغان، ۋاپاتىنى ۋاپا بىلەن زىينەتلەپ، كۆز ياشلىرى بىلەن ھىجران ئەلىمىنى ھېس قىلغان، يىلدا بىر نۆۋەت "ۋاپا كېچىسى" ئۆتكۈزۈپ قويۇپ، ئارقىدىن ئۇنتۇپ كەتمەي، ھايات چېغىدا سەۋداسى بولغان دەۋا ۋە ئىدېئالىنى ئۆلۈمسىزلەشتۈرگەن، ھەتتا جەننەت دەرۋازىسى ئالدىدىمۇ "باشتا سىز مەرھەمەت قىلىڭ" دېيەلەيدىغان سەۋىيەدە سەۋدالانغان ۋاپا ئابىدىسى شەخسىيەتلەردۇر. مانا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «اَلْمَرْؤُء مَعَ مَنْ أَحَبَّ» (ئىنسان ئۆزى ياخشى كۆرگەن كىشىسى بىلەن بىرگەدۇر) دېگەن مۇبارەك سۆزىنىڭ سىرىمۇ بۇ بولسا كېرەك، ئەلبەتتە.
ۋاپادارلىق ئەسلىدە سۈيۈملۈك پەيغەمبىرمىزنىڭ كۆز ئالدىدا يېتىشكەن بۈيۈك ۋاپا ئابىدىلىرىنىڭ مىراسى ئىدى، لېكىن بۈگۈنكى ئۈممەتتە بۇ خاراكتېرنىڭ ئىزىنى قېزىپمۇ تاپقىلى بولمايدۇ، ھەتتا ئۆز پۇشتى – جەمەتىگە يەتكەن دەرت - ئەلەم ۋە مۇسىبەتلەرگە قارىتا قىلى تەۋرەپ قالمايدىغان، ئەمما بىر تىيىنلىق مەنپەئىتىگە زىيان يەتسە يۈرەك كېسىلى قوزغۇلۇپ تەۋرەپ كېتىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدى. شۇڭا بىز دەسلەكى ئەۋلاد مۇسۇلمانلىرىدىن قالغان بۇ مىراسىنى كۆڭۈل ئىقلىمىمىزدا قايتىدىن جانلاندۇرىمىز دەيدىكەنمىز، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئاللاھ ۋە ئاللاھ رەسۇلىغا بولغان ۋاپا بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشقا، ۋاپا بىلەن سەبىر، ۋاپا بىلەن تەۋەككۇل، ۋاپا بىلەن رازى ۋە مەرزى بولۇش روھىنى يېتلدۈرۈشكە، شۇنىڭدەك، جانابى ئاللاھنىڭ {ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار، (قىيامەت كۈنى) ئەھدە ئۈستىدە (يەنى ئەھدىگە ۋاپا قىلغان ـ قىلمىغانلىق ئۈستىدە) ئەلۋەتتە سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر} دېگەن ئايىتىنىڭ ئاگاھلاندۇرىشىنى كۆڭۈل ئىكرانىمىزدا داۋاملىق ئەكسەتتۈرۈپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ روھى تەكامۇللىقىمىزنى پۈتۈنلەشكە كۈچىشىمىز لازىم.
تاھىرجان ئابباس
2019. 10. فېۋرال
ئىستانبۇل

 

 

ئىنكاسلار
ئىنكاس يوللاش