ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خۇش كەپسىز
كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىمىز ۋە پوزىتسىيىمىزدىكى سەۋەنلىكلەر ھەققىدە

كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىمىز ۋە پوزىتسىيىمىزدىكى سەۋەنلىكلەر ھەققىدە
زۇلپىقار بارات ئۆزباش


مەن ئۇزۇن مۇددەت كۆزىتىش ۋە بەزى مۇتەپەككۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىنى چۈشىنىش ئارقىلىق كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلىمىز ۋە كىتابقا تۇتقان پوزىتىسىيىمىزدە ئېغىر مەسىلە باركەن دەپ ئويلىدىم. مەسىلەن،بۇنىڭ بىرىنچىىسى، كىتابنى ئېلىپ قويۇپ، كېيىن ئوقۇيمەن دەپ ئۆزىمىزنى گوللاپ ئوقۇماسلىق. جىق كىشلەردە بۇ خاھىش ئېغىر ئىكەن. بۇ ئەمەلىيەتتە بىر خىل شۆھرەتپەرەسىلكىنىڭ ئىپادىسى. يەنى پىكىر قىلىدىغانلارنى كۆرگىنىمىزدە ياكى بىر كىتابنىڭ داڭقىنى ئاڭلىغاندا ئۇنى ئېلىپ قويىدىكەنمىز. ئەمما ئۇنى ئوقۇش پىلانىمىزغا كىرگۈزمەيدىكەنمىز، كېيىن باشقا ئىشلار چىقىدىكەن-دە، ئوقۇشقا ۋاقىت چىقمايدىكەن. كونىلارنىڭ «قالغان ئىشقا قار ياغار» دېگەن گېپىدە ھېكمەت باركەن. راست شۇنداق بولىدىكەن.
ئىككىنچىسى، كىتابنى ئوقۇپ پىكىر قىلماسلىق. مەسىلەن، نۇرغۇن ئادەم «يۈز يىل غېرىبلىق» نى ئوقۇدى، كافكانى ئوقۇدى، ئەمما ئۇ ئەسەرلەر ئۆزىگە سىغدۇرغان، ئىنساننىڭ مەڭگۈلۈك تەقدىرى بولغان غېرىپلىق ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىش قىلمىدى. ھازىرقى زامان ئادەملىرى دۇچ كېلىۋاتقان غېرىبلىق تۇيغۇسى ئەمەلىيەتتە ئىنسانىيەتكە ئورتاق. راست، بىز ئىنسانلارنىڭ ئورتاق غايىسى ھەققىدىكى ئەسەرلەرنى ئوقۇدۇق، ئەمما ئوقۇپلا قوپۇپ كەتتۇق. چۈشەنچىمىز ئۇ ئەسەر «داڭلىق ئەسەر» دېگەن بىر ئىپتىدائىي چۈشەنچىدىلا قالدى. قالتىس ئەسەرلەرنى تولۇق ئوقۇماي، ھەزىم قىلماي تۇرۇپلا يېڭى ئەسەرلەرنى ئوقۇشقا كۆچتۇق. شۇنىڭ بىلەن «شۆھرەتپەرەس ئوقۇرمەن»، «رىياكەش ئوقۇرمەن»، «چالا ئوقۇرمەن» لەرگە ئايلاندۇق.
ئۇيغۇرنىڭ خېلى جىق ئوقۇرمەنلىرى چالا ئوقۇرمەلەرگە ئايلىنىپ ۋاقتىنى زايە قىلىۋاتىدۇ، يەنى كىتابنى ئوقۇپ ھەزىم قىلمايۋاتىدۇ. كىتاب ئوقۇيدىغانلار ئاز، ئەستايىدىل ئوقۇيدىغانلار تېخىمۇ ئاز. بۇنداق بولسا، بىزنىڭ 60-، 70-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان ئوقۇرمەنلىرىمىز مىللەتنىڭ ئەقىل خەزىنىسگە ئەخلەت ۋە ئەبجەق بىلىم تەقدىم قىلىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ. بۇ بىر قەۋم ئۈچۈن پاجىئە.
ئۈچىنچىسى، كىتاب ئوقۇپ خاتىرە قالدۇرماسلىق، پىكىر تەمەچلىرى خاتىرىسى تۇتۇپ ۋاقتىدا ئىلھامنى پەرۋىش قىلماسلىق. بۇنداق بولغاندا، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ ئوقۇغان نەرسىلەر خىرەلىشىدۇ- دە، بىز نېمە ئوقۇپ،نېمە نەپ ئالغانلىقىمىزنى ئەسلىيەلمەيمىز.
تۆتىنچىسى، ئۆزىمىز ئوقۇغان كىتابقا پۈتۈنلەي ئەل بولۇپ كېتىش. رومان ئوقۇغان ئادەم روماندىن باشقىنى ئوقۇمىسا، دىنىي كىتاب ئوقۇغان ئادەم باشقا ئېسىل كىتابلارنىڭ بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تىللىسا، پەلسەپىۋى كىتاب ئوقۇغانلار مۇقەددەس كىتابلارغا دىماغ قاقسا ھەم ئۆزىنىڭ ئۇقۇغىنىنى دۇنيانى تونۇشنىڭ بىردىنبىر يولى دەپ قارىۋالسا، بۇ بىر ئەپسۇسلىنارلىق ئىش ئەمەسمۇ؟ بىر خىل تونۇش شەكلى پەقەت بىر خىللا رېئاللىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ، يەنە بىر ئوخشىمايدىغان رېئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا ھازىر مەلۇم بىر پەندىكى نەزەرىيىۋى سىستېملارمۇ نەچچىگە پارچىلىنىپ كەتتى. شۇڭا بىر خىل بىلىش شەكلىنى، مەلۇم بىر كىتابنى دۇنياغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ بىردىنبىر ۋاستىسى قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ.
بەشىنچىسى، پارتىزانلارچە كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى بولۇپ، ئالدىغا نېمە كەلسە ئوقۇش، ئۆزىنىڭ پىلانى ۋە سىستېمىسى بولماسلىق.
ئالتىنچىسى، ئەدەبىي كىتابلارنىلا، تارىخي رومانلارنىلا ئوقۇپ، ئىلمىي ئەسەر ئوقۇماسلىق. ئەمەلىيەتتە يېقىنقى ئون نەچچە يىل ئىچىدە ئىلمىي كىتابلار ئاز چىققان بولسىمۇ، ئوقۇغۇدەك ئىلمىي ئەسەر ۋە ئىلمىي ماقالە يوق ئەمەس.
ھازىر تورغا كۆنگەن نۇرغۇن بالىلار بىر تەرەپلىمىلىكە يول قويۇپ كىتاب ئوقۇماس بولۇپ كەتتى ھەم ھەممە بىلىم توردا بار دەپ قارايدىغان بولۇپ قالدى. بۇ خاتا. ئەڭ چوڭقۇر بىلىم يەنىلا كلاسسىك كىتابلاردا. ئۇنىڭدىن باشقا، يېقىندىن بۇيان تۈزۈك كىتاب چىقمايۋاتقانلىقى پاكىت. ئەمما، بۇنىڭلىق بىلەنلا مەتبۇئاتلىرىمىزنى، نەشرىياتچىلىقىمىزنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ. نېمىلا بولسۇن، ئۇلارنى قوللىشىمىز، كىتابلارنى چامىمىز يەتكەن دائىرىدە سېتىۋېلىشىمىز، ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇشىمىز لازىم. چۈنكى، ئۇنىڭدا چىقىۋاتقىنى بىزنىڭ ئانا يېزىقىمىز. مىللىتىمگە ساداقىتىم بار دەپ قارايدىغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ كىتاب سېىۋېلىش، ژۇرناللارغا مۇشتەرى بولۇش مەجبۇرىيىتى بار. تازا چوڭقۇر يېرىدىن سۈرۈشتۈرۈپ كەلسەك، بۇ ـــ ئانا تىل يېزىقىىزنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك بىر ئىش.
بۇ دېگەنلىك نەشرىيات ۋە مەتبۇئات نېمىلا باسسا سۈكۈت قىلىش دېگەنلىك ئەمەس. ئۇلارنى قوللاپ كىتابلىرىنى، ژۇرناللىرىنى ئالغانىكەنمىز، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە تېلېفون، خەت ئارقىلىق خاتا كەتكەن يەرلەرگە، ياخشى بولمىغان يەرلەرگە پىكىر بېرىشىمىز لازىم. يەنى ئاۋۋال قوللايلى، ئاندىن تەلەپ قويايلى. تەھرىرلەر ۋە نەشرىياتچىلارمۇ خەلقىنىڭ ھېسسىياتىدىن ئايرىلىپ قېلىپ تۇرۇپ، جان باققىلى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەنسۇن!

ئىنكاسلار

ماقالە ياخشى يېزىلىپتۇ،مىنى ماقالىدىكى بەشىنچى خىل كىتاب ئوقۇش ئۇسۇلى بىرئاز ئويغا سالدى،چۈنكى ھەممىمىزنىڭ ئۆزىگە يارىشا ھەرخىل ساھەلەردە ئىشىمىز بار،قايسى ساھەلەردىكى كىشى قانداق-قانداق تۈردىكى كىتابلارنى ئۇقۇش ھەققىدە ماقالە بولسا يوللاپ قويغان بولساڭلا.... رەھمەت

بولىدۇ، شۇ ھەقتە يېزىلغان ماقالە بولسا يوللاپ قويايلى