ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خوش كەپسىز
دەرسلىك كىتابلار
پەلسەپە، پىسخولوگىيە ۋە لوگىكا
ئۇنىۋېرسال ئەسەرلەر
ئەدەپ ـ ئەخلاق، پەندى ـ نەسىھەت
تېبابەت ۋە ساغلاملىق
ياش-ئۆسمۈرلەر
ھاياتىڭىزغا ئەڭ تەسىر قىلغان كىتاب قايسى؟

ھاياتىڭىزغا ئەڭ تەسىر قىلغان كىتاب قايسى؟
ئوقيا كۈندىلىك خاتىرىسىدىن

80- يىللىرىنىڭ ئاخىرقى يىللىرى، بىر ئوقۇغۇچۇم سورىغان ئىدى. مەن شۇ زامانلاردا جاۋاپ بېرەلمەي قالغان ۋە ئويلىنىپ جاۋاب بېرەي دېگەن ئىدىم. شۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە كۈن شۇ سوئالغا جاۋاپ تېپىش ھەلەكچىلىكىدە ئۆتتى دېسەم يالغان بولماس. كلاسسىك ئەسەرلىرىمىزنى تىلغا ئالماي تۇراي ، ئويلاپ باقسام مەن ئوقۇغان ئەسەرلەر ئىچىدە بىلىپ بىلمەي، يۈرۈش- تۇرۇشۇمغا، گەپ- سۆزۈمگە ۋە ئوي- پىكىرلىرىمگە ھەر تەرەپلىمە تەسىر قىلغان كىتابلار كۆپكەن. بۇنى ھاياتىڭىزغا ئەڭ تەسىر قىلغان كىتاب دەپ بىر كىتابنى بېكىتىۋېتىش ھەقىقەت مۈشكۈل ئىكەن.
ئۇ كىتابلارنىڭ ئارىسىدا دۇردانىلىرمىزدىن مۇھەممەد خۇزەرى مۇھەممەد سالىھنىڭ «مۇھەممەد ئەلەيھسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»، مۇستاپا.ئەمىننىڭ «سەھىلبۇخارى جەۋھەرلىرى»
تۇردى سامساقنىڭ «ئاخىرەتتىن كەلگەنلەر»ى، ئابدۇللا تالىپنىڭ «چالا تەككەن ئوق»ى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز»ى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر شېئىرلىرى، ئابدۇشۈكۈر تۇردىنىڭ « نەسىردىن ئەپەندى لەتىپىلىرى»، خېۋىر تومۇرنىڭ «موللا زەيدىن ھەققىدە قىسسە »سى ۋە «ئابدۇقادىر داموللا ھەققىدە قىسسە»سى، ئايشەم ئەخمەتنىڭ «ئۆچمەس ئىزلار»ى، قەييۇم تۇردى «كۈرەشچان يىللار »ى، زوردۇن سابىر «ئىزدىنىش»ى، ئابدۇراخمان قاھارنىڭ «ئىلى دولقۇنلىرى»، ئابدۇللا ساۋۇتنىڭ «دات باسماس قىلىچ»ى، مۇھەممەتئېلى زۇنۇننىڭ «قوش مەسچىت»ى ، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئويغانغان زېمىن»ى، سەمەت دۇگايلىنىڭ « قاچقۇن كارۋان»ى، ئابدۇللا قادىرىنىڭ «ئۆتكەن كۈنلەر» ۋە «مېھراپتىن چايان»ى.
ئاجايىپ چوڭ تەربىيىۋى ئەھمىيەتكە ئىگە ئوبۇلھەسەن ئابدۇللا مۇقەففانىڭ «كەلىلە ۋە دېمنە»سى، شەمسۇلمائالى قابۇسنىڭ «قابۇسنامە»سى، شەيخ سەئىدىنىڭ «بوستان» ۋە «گۈلىستان»ى
ناھايىتى ئىشتىياق بىلەن ئوقۇغان رافائېللو جوۋەنىئۇلىنىڭ « سپارتاك »ى، نىكولاي ئوستروۋسكىي «پولات قانداق تاۋلاندى»سى، كوسمودىميانىسكايانى «زويا ۋە شۇرا توغرۇلۇق ھېكايە»سى، ۋۇينىچنىڭ «كۆكۈيۈن »ى، فۇچىكنىڭ «ئۆلۇم ئالدىدىكى سۆز»ى ھومېرنىڭ «ئىليادا »سى
ئا. ن. كوروپاتكىننىڭ «قەشقەرىيە»سى، ۋ.گ.يان «چىڭگىزخان»ى، ياشار كامالنىڭ «مەمەت ئاۋاق»ى، ئادىل ياقۇپۇۋنىڭ «ئۇلۇغبەگ غەزىنىسى»، مىرزا ئىبراھىموۋنىڭ «شۇنداق بىر كۈن كېلىدۇ»سى، پىرىمقۇل قادىروۋنىڭ «يۇلتۇزلۇق تۈنلەر»ى، نۇرىخان فەتتاخنىڭ «ئىدىل دەرياسى ئۆركەشلىمەكتە»سى
چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ «ئەسىردىن ھالقىغان بىر كۈن» «ئەلۋىدا، گۈلسارە» «تۇنجى مۇئەللىم» «ئاق پاراخوت» ۋە « جەمىلە»سى ، جورجى زەيداننىڭ « رامزاننىڭ ئون يەتتىسى ».
شى نەيئەن «سۇ بويىدا»سى، ياۋ شۇېيىن «باھادىرشاھ لى زىچېڭ»ى، جاڭ ياڭ «ئىككىنچى قېتىم كۆرۈشۈش»سى، لوگۇەنجۇڭ «ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە»سى
ل.ن.تولستوينىڭ «ھاجى مۇرات» «ئاننا كارېنىنا» «تىرىلىش» « ئۇرۇش ۋە تىنچلىق» ۋە « سەرسانلىق-سەرگەردانلىقتا »قاتارلىق ئەسەرلىرى .راسپۇتىننىڭ «ياشا ھەم ئېسىڭدە ساقلا »سى، ماكسىم گوركىينىڭ «ئانا» «كىشىلەر ئىشىكىدە»سى، مىخايىل شولوخوپنىڭ «تىنچ دون»ى، فلوبېرنىڭ «بوۋارې خانىم»ى، ستېندالنىڭ « قىزىل ۋە قارا »سى ، ئالېكساندىر ديۇمانى «گراف مونتې-كرىستو»سى، سېرۋانتېسنىڭ «دون كىخوت »ى دېفونىڭ «دېڭىز سەرگەردانى روبىنزون كرۇزى»
ژۇلى ۋېرننىڭ «كاپتان گراتنىڭ پەرزەنتلىرى» «سۇ ئاستىدىكى سەكسەن مىڭ كىلومېترلىق سەپەر»، «ئون بەش ياشلىق كاپىتان» ۋە «سىرلىق ئارال» ئارال قاتارلىق ئەسەرلىرى
ھەتتا ھېزىم قاسىمنىڭ كالتەكلىرىدىن «دەرۋازا ئالدىدىكى خىياللار» بىلەن دالى كارنېگىنىڭ «قايغۇرماڭ باتۇرلارچە ياشاڭ» قاتارلىق بىر يۈرۈش كىتابلار كۆز ئالدىمدىن ئۆتتى.
بۇلارنىڭ ئىچىدىن بىرنى تاللاش ھەقىقەت مۈشكۈل ئىدى، شۇ سوئال دەستىدىن نەچچە كېچە ئۇيقۇسىز ئۆتتى. ھەر قېتىم ئۇ ئوقۇغۇچۇمنى كۆرسەم، جاۋابىنى ئىزدەۋاتىمەن دېگەنچىلاپ ، بېشىمنى لىڭشىتىپ، كۈلۈمسىرەپ قوياتتىم. دەرس تۈگىشى بىلەنلا ھاپىلا-شاپىلا- كىتابلىرىمنى يىغىشتۇرۇپ سىنىپتىن تېزلا چىقىپ كېتەتتىم.
شۇنچىۋالا جەبر - جاپالىق ئويلىنىشتىن كېيىن ، ئاخىرى ماڭا ئەڭ تەسىر قىلغان كىتابنى تاپتىم. مانا شۇ كۈندىن بېرى ، بىرسى ماڭا « ھاياتىڭىزغا ئەڭ تەسىر قىلغان كىتاب قايسى ؟» دەپ سورىسا ئۇدۇللا «ئېلىپبە» دەپ جاۋاب بېرىدىغان بولدۇم.

مۇشۇ ئېلىپبە:

http://www.ewlad.biz/uyghurkitap/%D9%8A%D8%A7%D8%B4-%D8%A6%DB%86%D8%B3%D9%85%DB%88%D8%B1%D9%84%DB%95%D8%B1/%D8%A6%DB%90%D9%84%D9%89%D8%A8%D8%A8%DB%95.pdf

ئىنكاسلار
ئىنكاس يوللاش