ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خوش كەپسىز
دەرسلىك كىتابلار
پەلسەپە، پىسخولوگىيە ۋە لوگىكا
ئۇنىۋېرسال ئەسەرلەر
ئەدەپ ـ ئەخلاق، پەندى ـ نەسىھەت
تېبابەت ۋە ساغلاملىق
ئارخېئولوگىيە
ياش-ئۆسمۈرلەر
قانۇن-سىياسەت
دىنىي قېرىنداشلىق

دىنىي قېرىنداشلىق

تاھىرجان ئابباس 

ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلاردىن ئىخلاسمەن، چىدامچان، تەقۋادار، سەمىمى، ئىتائەتچان، پاك ۋە كەمتەر بولۇشنى تەلەپ قىلغىنىدەك، ئاللاھ يولىدا قېرىنداشلارچە سەمىمى دوست، ۋاپادار يولداش بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ سۈپەت ۋە ئۆزگىچە مەزىيەتلەر ئادەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ كىشىلىك تۇرمۇشى ۋە ئىجتىمائىي ھاياتىدا ئەخلاق ئۆلچىمى ۋە هەرىكەت مىزانى سۈپىتىدە رول ئوينايدۇ. بولۇپمۇ ئىسلام دىنى مۇسۇلمانلارنىڭ قان قېرىنداشلىقتىنمۇ ئۈستۈن ھالدا، ئاللاھ ئۈچۈن دىنىي قېرىنداش ۋە سەمىمىي يولداش بولۇشىنى تەكىتلەيدۇ. چۈنكى، قېرىنداشلارچە سەمىمى دۇستلۇق، ئىسلام دىنىنىڭ ئەخلاق قارىشىدىكى رەهىمدىللىك، مېهرىبانلىق ۋە ئىنسان پەرۋەرلىك ئىديىسىنى مەلۇم دەرىجىدە گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ. پەيغەمبىرىمىز مۇهەممەد ئەلەيهىسسالام 1400 يىل بۇرۇن (622 ـ يىلى) مەككىدىن مەدىنىگە هىجرەت قىلىپ بارغاندا، تۇنجى ئېلىپ بارغان پائالىيتى، مۇسۇلمانلارنىڭ بىر يەرگە جەم بولىشى، يەككە ئەمگەك ئەمەس، كوللىكتىپ ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن، شۇ دەۋرىنىڭ تەلىۋى ۋە ئېھتىياجى بويىچە بىردىن بىر ئاساسلىق مەركىزى ئورۇن مەسجىت بىنا قىلىش بىلەن باشلىغان بولسا، ئىككىنچى قىلىپ دوستانىلىق، ئىناقلىق، ئەپۇچانلىق ۋە ھەمكارلىق هېسسىياتى سىڭدۈرۈلگەن «دىنى قېرىنداش» لىق تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھەمدە قۇرئان كەرىمدە: ﴿مۆمىنلەر هەممىسى قېرىنداش﴾[1] دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئىسلام دىنىنىڭ ئىدىۋىي تەشەببۇسى بولغان ئاللاھ يولىدىكى بۇ دىنىي قېرىنداشلىق، شۇ زامانكى ئىسلام دۇنياسىدا ئومۇميۈزلىك ئىنكاس پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي هاياتىدىكى كۈچلۈك پىكىر ئېقىمىغا ئايلانغان. بۇنىڭ بىر تېپىك مىسالى: ئابدۇراهمان ئىسىملىك مەدىنىلىك بىر ساهابى پەيغەمبەر ئەلەيهىسسالام قېرىنداش قىلىپ قويغان مۇھاجىر دىنىي قېرىندىشى سەئىد ئىبنى رەبىگە ئۆزىنىڭ پۈتۈن مال – مۈلكىنىڭ يېرىمىنى بۆلۈپ بېرىدىغانلىقىنى ۋە ئىككى ئايالىنىڭ قايسىنى ئىختىيار قىلسا، شۇنى تالاق قىلىپ، ئىددىتى توشقاندىن كېيىن، ئېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتسا، يەرمۇك كۈنى، ئۇرۇشتا يارىدار بولغان هېشام ئىبنى ئاس قاتارلىق بىر نەچچە ساهابە كىرملارنىڭ بىر يۇتۇم سۇنى ئۆزئارا بىر ـ بىرىگە ئۆتۈنۈپ، ئاخىرى هېچ قايسى ئىچمەي هەممىسىنىڭ هاياتىدىن ئايرىلغانلىقى بۇنىڭ ئەمەلى رېئال پاكىتى بولالايدۇ.

ئىسلام دىنىنىڭ «مۇسۇلمانلار هەممىسى قېرىنداش» دېگەن تەلىمى، ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى جاهىلىيەت دەۋرىدە قەلبلىرى ئۆچمەنلىك بىلەن تولغان، روهىيىتىنى شەخسىيەتچىلىك قاپلىۋالغان، «سەن ئۆل مەن ياشاي» دەپ، باشقىلارنى ياشاتمايدىغان، هەتتا ئۆز پۇشتىدىن بولغان قىزلىرىنىڭمۇ ياشىشىغا رازى بولماي، تىرىك كۆمىۋېتىدىغان، روهى قارىلىق ۋۇجۇدىغا تاش نەقىش ئويغاندەك ئورناپ كەتكەن، ئۇنى ئويۇپ چىقىرۋېتىش تاش نەقىشچى ئۇستىلىرىنىڭمۇ تىرىشچانلىقى بىلەن مۇمكىن بولمايدىغان بىر مىللەتنىڭ روهى پسىخىكىسىغا سىڭىپ كىرىپ، ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلىسىز بىر ئىجتىمائىي جەمئىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

ئىسلام دىنىنىڭ: ﴿هەقىقەتەن ئەڭ تەقۋادار بولغانلىرىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاهىدا ئەڭ هۆرمەتلىك هېساپلىنىسىلەر﴾[2] دېگەن بۇ شۇئارى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يۇقۇرى تەبىقە، تۆۋەن تەبىقە ۋە قۇللار تەبىقىسى قاتارلىق تەبىقىچىلىكلەرنى قىرىپ تاشلاپ، كاپىتالىزىمغىمۇ ياتمايدىغان، ئىلمىي سوتسىيالىزىمغىمۇ ياتمايدىغان، هەر ئىككى تەرەپكە ئېغىپ كەتمەي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ، هەممە بارابەر بولىدىغان ئىسلام ئادالىتىنى تۇرغۇزغان.

ئىسلام دىنىنىڭ «سىلەر ئۆز نەپسىڭلار ئۈچۈن ياخشى كۆرگەن نەرسىنى قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن ياخشى كۆرمىگىچە (كامىل) مۆمىن بولالمايسىلەر»[3] دېگەن بۇ قارىشى ئۇلارنىڭ نەپسانىيەتچىلىك قامىقىغا ئىلىنىپ قالغان ئۆزەمچىلىك نەپسىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، «ئۆزەم ياشىمىساممۇ دىنىي قېرىندىشىم ياشىسۇن»؛ «ئەل ئۈچۈن ئەر بول، بولمىسا يەر بول» دېگەن بۇ هېكمەتلىك سۆزنىڭ مۇنەۋۋەر تەمسىلچىلىرىگە ئايلاندۇرغان.

ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر ئىككى كىشىنىڭ ئەمەلى پائالىيتىگە نەزەر دىققىتىمىزنى بېرىدىغان بولساق، بۇ ھەقتە مۇهەممەد ئىبنى ئىسهاق مۇنداق دەيدۇ: «مەدىنىدە بىر قانچىلىغان تۇل خوتۇن ۋە مىسكىن (يەنى كۈندىلىك تۇرمۇشىنى قامداپ بېرىدىغان بىرەر كىشىسى يوق ) ئادەملەر بار ئىدى. ئەمما ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى يەنىلا خاتىرجەم ئۆتەتتى. چۈنكى ئۇلارغا نامەلۇم بىر پىداكار كىشى تەرىپىدىن ئۈزلۈكسىز ئوزۇق – تۈلۈك كېلىپ تۇراتتى. لېكىن، ئۇلار بۇ پىداكار كىشىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى زادىلا بىلمەتتى. بۇ كۈنلەردە زېينۇل ئابىدىن ئىبنى هۈسەين ۋاپات بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇلارغا كېلىۋاتقان ئۇزۇقمۇ توختاپ قالىدۇ. ئاندىن ئۇلار شۇ چاغدىلا ئۆزلىرىگە ئۇزۇق يەتكۈزىپ بېرىۋاتقان – پىداكار، ئالىيجاناپ – كىشىنىڭ  زېينۇل ئابىدىن ئىبنى ھۈسەين ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتكەن.

بۇ زات ۋاپات بولۇپ غەسسال قىلىنغاندا، غەسسال قىلغۇچىلار  ئۇنىڭ ئىككى تاغىقىنىڭ (غېرىپ ـ مىسكىنلەرگە ئۇزۇق يەتكۈزۈپ بېرىش جەريانىدا تاغا يۈدىپ) يارا بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرگەن».[4] شۇنىڭدەك، ئابدۇللاه ئىبنى مۇبارەك (ئۇنىڭ ئاتىسى مۇبارەك بۈيۈك هەدىس ئىماملىرىنىڭ بىرى) ئۆز زامانىدا ئەڭ كۆپ سەدىقە قىلىدىغان كىشى ئىدى. ئۇنىڭ بىر يىلدا قىلىدىغان سەدىقىسى تەخمىنەن يۈز مىڭ دىناردىن ئاشىدىكەن. بۇ كىشى بىر قېتىم ئۆز يېقىنلىرى بىلەن هەج قىلىش ئۈچۈن يولغا چىقىدۇ، بىر يەرگە كەلگەندە يولنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر ئۆلۈك  قۇشنى ئۇچرىتىدۇ – دە، دەرھال ئەتراپىدىكىلەرگە ئۇنى يولدىن يىراق بىر يەرگە تاشلىۋېتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئارىدىن بىرى بېرىپ، ئۇنى يول بويىدىكى بىر ئەخلەتخانىغا تاشلىۋېتىدۇ. بۇ ئارىدا يەنە ئابدۇللانىڭ كۆزى، دەل شۇ ئۆلۈك قۇشنى ئەخلەتخانىدىن بىر قىزنىڭ ئېلىپ كېتىۋاتقانلىقىغا چۈشۈپ قالىدۇ ـ دە قىزنى توختۇتۇپ، بۇ ئۆلۈك قۇشنى نېمە قىلىدىغانلىقىنى سورايدۇ. قىز تەمتىرگەن هالدا ئۆزىنىڭ يېتىم ئىكەنلىكىنى، ئائىلىسىدە ئۆزى ۋە بىر ئىنىسى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدىن خەۋەر ئالغۇدەك بىرەر كىشىسىنىڭ يوقلىقىنى ئېيتىدۇ. قىزنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىغان ئابدۇللاه دەرھال قىزغا قولىدىكى ئۆلۈك قۇشنى تاشلىۋېتىشقا بۇيرۇپ، خەزىنىدارىدىن هەميانىدا قانچىلىك خىراجەت بارلىقىنى سۇرايدۇ، خەزىنىدار هەمياندا 1000 دىنار بارلىقىنى ئېيتىدۇ، ئابدۇللاه خەزىنىدارغا: «20 دىنار ئېلىپ قالغىن، ئۇ بىزگە مەرۋىگە يېتىپ بارغۇچە يېتىدۇ، قالغىنىنى بۇ قىزغا بەرگىن، بۇ بىزنىڭ بۇ يىلقى هەج قىلىشىمىزدىن ئارتۇق» دەپ هەج قىلماي قايتىپ كېتىدۇ."[5] مانا بۇلار ئۇلارنىڭ هايات كۈرنىشىدىن پەقەتلا بىر تامچە.

ئەمدى كۈنىمىزدىكى بىزنىڭ ئىنسانلىرىمىزغا دىققىتىمىزنى بېرىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن ئالىيجاناپ غېرىپپەرۋەر، مىسكىنسۈيەر كىشىلىرىمىز بولغىنىدەك، چۈشلۈك تامىقىنى ياكى كەچلىك غىزاسىنى مەخسۇس ئايرىپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە بېرىپ يەپ كېلىدىغان، ئايدا بىر قېتىم ھەرەمگە بېرىپ ئۆمرە – ھەج قىلىدىغان تەقۋاپەرۋەر ۋە گالخۇمارى بايۋەتچىلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس. ھەتتا كۈپۈنچىمىز مائارىپپەرۋەر مۇنەۋۋەر ئائىلە بولۇش ھەۋىسىدە باللىرىمىزنى چەتئەلگە بەسبەستە تالىشىپ يولغا سالدۇق، بىرىمىز ئامرىكىغا بىرىمىز ياپۇنيەگە يولغا سالغان بولساق، قالغانلىرىمىز تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردىن ئۇرۇن ئالدۇق. بۇ ئەسلىدە ياخشى ۋە تەقدىرلىشكە تېگىشلىك ئىلغارلىق بولسىمۇ، ئەمما نەتىجە ئېتىبارى بىلەن ئېلىپ ئېيتقاندا، بۇ ئىشلارنىڭ مېۋىسى بىزگە زەھەر زەققۇم بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھەممىمىزگە زىيان ئېلىپ كېلىۋاتقاندەك بىر شۇملۇقنى كۆرەۋاتىمىز. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ دېگەندە، بىزنىڭ پۇلدارلىرىمىزنىڭ تەقۋادارلىقى، مائارىپپەرۋەرلىكى ئاللاھ رازالىقىنى كۆزلەپ مىللەتنىڭ ئېڭىنى ئاقارتىش، سەۋىيەسىنى كۆتۈرۈش ۋە ئانا تۇپرىقىنى قەدىرلەپ خىزمەت قىلشتىن كۆپرەك خۇسۇسىي مەنپەئەتنى چىقىش قىلغانلىقى، يەنى تۈز قىلىپ ئېيتقاندا، پۇلمۇ مەندە بولسا، تەقۋالىقمۇ مەندە بولسا، موللا ۋە بىلىم ئىگىلىرىمۇ مېنىڭ ئائىلەمدە بولسا، ئاندىن پۈتۈن شان – شەرەپ ۋە ھۆرمەت ماڭا مەركەزلەشسىكەن دېگەن ئاڭنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، كۆككە كۆتۈرۈلگەنلىكى،  مال – دۇنياسى ۋە شان - شۆھرىتى بىلەن مەغرۇرلىنىپ بىچارە پېقىر – يوقسۇللارنى”دۇنيادىن بەھرىسى يوق، توغرا يولنى تاپالمىغان، ماھارىتى يوق، ئىقتىدارسىز ناتاۋانلار“ دەپ، پەس كۆرۈشلىرى، خۇسۇسەن ئىلىم تەھسىل قىلىش يولىدا يۈرگەنلەرگە ياردەم قولىنى سۇنماسلىقلىرى، موللا، ئالىم – ئۆلۈما دەپ، بىرىگە ماشىنا يەنە بىرىگە ئۆيۋاق سېتىۋېلىپ، خۇسۇسىي پەتىۋا ۋە خۇسۇسىي ئەھكامچى جانباقار دىن سودىگەرلىرىنى قولتۇقلىۋېلىشلىرىدەك ناخوش، پەس ۋە بەد مۇئامىلە قىلمىشلىرى خەلقىمىزنىڭ بېشىدا ئۇزۇندىن بېرى ئەگىپ يۈرگەن قارا بۇلۇت ۋە يامغۇرلۇق قىسمەت - قەدىرىنىڭ  شىۋرىغانلىق بوران – چاپقۇن ۋە زېمىستان قارا قىش تۈنلىرىگە ۋاقىتسىز گىرىپتار بولۇپ قېلىشىنىڭ نوقتىلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى بولىشى مۇمكىن. ھالبۇكى بىزگە ئوخشىغان بېلى بۆكۈك، كۆزى ياش، دىلى سۇنۇق بىر خەلقنىڭ رېئالىيەتتىكى ھال – ئەھۋالى ئۆتمىشىمىزدىن  ئىبرەت ئېلىپ باشقىلارنىڭ بەد مۇئامىلە قىلمىشلىرىدىن ساۋاق چىقىرىپ، ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتقان ئاجىز بەندىلەرنى، پېقىر يوقسۇللارنى، زەئىپ ھاجەتمەنلەرنى ھەرگىزمۇ «تۇرمۇش يولىنى بىلمىگەن، نامرات، كۈنى يورۇماس» دەپ مەسخىرە قىلماسلىق، ئۇلارنىڭ ھالىغا كۈلمەسلىك لازىم ئىدى. ياخشىلىقتىن قاچىدىغان، يامان ئىشلارغا بوزۇپ چاچىدىغان بولماي، ئوقۇ - ئوقۇتۇش، تەلىم – تەربىيە، مائارىپ ئىشلىرىغا چىقىم قىلىشلىرى، يۇرت، مەدرىسە، مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەت مەركەزلىرى قۇرۇپ مىللەتنىڭ كېلىچىكى، ئۇممەتنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇپ بەدەل تۆلەشلىرى كېرەك ئىدى. بۇ ھەقتە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، مەسىلىنى ئانالىز قىلىپ كۆرسەك بولىدۇ.

ئەرەبچىدە، بىر ئانا ۋە بىر دادىدىن توغۇلغان ياكى ئورتاق بىر ئەقىدىگە مەنسۇپ كىشىلەر، ئوخشاشلا «ئەخ، ئىخۋان » تەبىرى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ. بىر تۇققۇنۇم، قېرىندىشىم دېگەن هامان، قان بېغى بولغان قېرىنداشلىرىمىز، بىر قوساقتىن چىققان بىر تۇققانلىرىمىز كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. لېكىن بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئوخشاش دىنغا ياكى ئوخشاش بىر  ئىدىيەگە مەنسۇپ ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئېتىقاد – ئەقىدە قېرىنداشلىقىمۇ مەۋجۇت. ئىسلام دىننىڭ قېرىنداشلىق پرىنسىپى مانا بۇ بىر ئەقىدىگە مەنسۇب دىنىي قېرىنداشلىق ئاساسى ئۈستىگە قۇرۇلغان. جانابى ئاللاھ بۇ هەقتە مۇنداق دېگەن: ﴿مۆمىنلەر هەقىقەتەن (دىندا) قېرىنداشلاردۇر، (ئۇرۇشۇپ قالسا) قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ ئارىسىنى تۈزەڭلار، رەهمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھتىن قورقۇڭلار﴾[6] بۇ ئايەتنىڭ مەنە ئورامى بۇيىچە بولغاندا «قېرىنداشلىق» پەقەت بىر ئېتىقاد ئاساسىدا، بىر ئىدىيەگە مەنسۇپ، ئىمان نۇرىدا قەلبلىرى بىرلەشكەن مۆمىن – مۇسۇلمانلار جەمئىيىتىدە گەۋدىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن شۇ مەلۇم بولىدۇكى، كىشىلەر يەر شارىدا قايسى قىتئەدە ياشىسۇن، قايسى مىللەتتىن بولسۇن مۆمىن – مۇسۇلمان بولىدىكەن هەممىسى قېرىنداش، ھەممىسى يولداش ۋە سەمىمى دوست ـ ياراندۇر. بۇلار ئۆزئارا هەرقانداق قىيىنچىلىق ۋە خاپىلىقلاردا بىر – بىرىگە ياردەمدە بولۇشقا مەجبۇر بولغىنىدەك، سىرتقى دۈشمەننىڭ تاجاۋزچىلىقى، زوروۋانلىقى ۋە زۇلمىغا قارشى ئورتاق تاقابىل تۇرشقا، دىنىي قېرىنداشلىرىنى جېنى بىلەن، مېلى بىلەن قوغداشقا مەجبۇردۇر. بولۇپمۇ بۈگۈنكىدەك پۈتۈن كۇپۇر تەرەپتارلىرى ھەر ساھەدە ھەر تەرەپتىن سەلدەك بېسىپ كېلىۋاتقان بۇ جىددىي پەيتتە، بىز مۇسۇلمان ئەللىرى ئۆزىمىزنىڭ «دىنىي قېرىنداشلىق» مەسئۇلىيىتىمىزنى پەقەت قان قېرىنداشللىق ياكى ھوقۇق ۋە مەنپەئەت توقۇنۇشى ئاساسىدا نەزەرگە ئالماي، قۇرئاننىڭ تەلىۋى بويىچە «دىنىي قېرىنداشلىق» پرىنسىپىنى چىقىش قىلىپ ھەرىكەت قىلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. ئەمما بۈگۈنكى كۈنىمىزدە بۇ تۇيغۇ ۋە بۇ چۈشەنچىگە ئىگە ئەقىل كۆزى ئويغاق، ۋىجدان مۇختارىيىتىگە ئىگە مۆمىن ـ مۇسۇلمان رەھبەر – لىدەر ياكى شەخىسلەرنى ئۇچرىتىش ئەنقانىڭ تۇخۇمۇنى تېپىشتىنمۇ تەستەك قىلىدۇ. بۇ خۇسۇستا ئەرەب ۋە ئەجەم ھەممىمىز ئوخشاشلا بۇ تۈر ناخوش ئىللەتكە مۇبتەلا بىقۇل كىشىلەر بولۇپ قالدۇق. غەرەزلىك ھالدا بىر – بىرىمىزنى زورلاپ نوقتىلىق دۈشمەن قىلىۋېلىپ، «تەۋەللاھ – تەبەررا» نىڭ ھەقىقىتىنى تاشلاپ، ئەسلى دۈشمەن كىم، دوست كىم؟ غەزەپ – نەپرەت ئوبيېكتىبىمىزچۇ؟ بۇنى دىنىي ۋە ئېتىقادىي تەرەپتىن ئەمەس ماقام – مەنسەپ ۋە دۇنياۋىي پايدا – مەنپەئەت چىقىش نوقتىسى قىلىۋالدۇق.

قېرىنداشلارچە سەمىمى دوستلۇق نامايەندىسى، ئۆزىنىڭ دىنىي قېرىندىشىنىڭ خۇشالىقىغا جۈر بولۇش، غەم – قايغۇسىغا ئەمەلىي ئىپادە بىلدۈرۈش بىلەن گەۋدىلىنىدۇ. قۇرئان كەرىمدە ئىلگىرى سۈرۈلگەن قېرىنداشلىق مانا بۇ نوقتىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دىنىي قېرىنداشلىقنىڭ ئەڭ گۈزەل ئوبرازى ئەينىچاغدا تۇنجى ئەۋلاد مۇسۇلمانلىرى شەكىللەندۈرگەن ئەنسار ۋە مۇھاجىرلار جەمئىيىتىدە جانلىق مەنادا ئىپادىلەنگەن ۋە يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك ئۆزىنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسىگە كۆتۈرۈلگەن. ئۇلار ئۆز نەپسىدىن قېرىندىشىنىڭ نەپسىنى ئەۋزەل كۆرگەن. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئىمانىدا قانچىلىك سەمىمى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ئالىي جاناپلىق روھى ئىدى. ئۇلارنىڭ بۇ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى قۇرئان كەرىمدە مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: ﴿ئۇلاردىن (يەنى مۇهاجىرلاردىن) مەدىنىدە يەرلىك بولغان، ئىمانى كۈچلۈك بولغانلار (يەنى ئەنسارلار) يېنىغا هىجرەت قىلىپ كەلگەنلەرنى (يەنى مۇهاجىرلارنى) دوست تۇتىدۇ، ئۇلارغا بېرىلگەن نەرسىلەر ئۈچۈن ئىچى تارلىق قىلمايدۇ، ئۇلار مۇهتاج تۇرۇقلۇق (مۇهاجىرلارنىڭ مەنپەئىتىنى ئۆزلىرىنىڭ مەنپەئىتى) دىن ئەلا بىلىدۇ، ئۆز نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلانغانلار مەقسەتكە ئېرىشكۈچىلەردۇر﴾[7]. بۇ مەزمۇنغا ئالاقىدار پەبغەمبەر ئەلەيهىسسالام ئۆزىنىڭ بىر هەدىسى شەرىپىدە مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن هېچكىم ئۆزى ياخشى كۆرگەن نەرسىنى ئۆزىنىڭ ( دىنى قېرىندىشى ) ئۈچۈنمۇ ياخشى كۆرمىگىچە (مۇكەممەل) مۆمىن بولالمايدۇ» [8]. هەزرىتى ئەلى رازىياللاهۇ ئەنهۇ مۇنداق دەيدۇ: « ساڭا هەقىقى قېرىنداش ۋە سەمىمى يولداش بولالايدىغانلار، سەن ئۈچۈن ۋاقىت ئاجرىتالايدىغان (ۋاقتى كەلگەندە) سېنىڭ مەنپەئەتىڭ ئۈچۈن، ئۆز مەنپەئىتىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان، زاماننىڭ پالاكەتلىرىگە دۇچ كەلگەن چېغىڭدا، سېنىڭ ئۇ پالاكەت ۋە ناچار ئەهۋالىڭنى سەرەمجانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىنى پىدا قىلالايدىغان كىشىلەردۇر ».

قېرىنداشلىقنىڭ يەنە بىر خۇسۇسىيتى باشقىلارغا زۇلۇم قىلىش ۋە زۇلۇمغا قېلىشتىن قېرىندىشىنى ساقلاپ قېلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇ شەكىلدىكى قېرىنداشلىق مىللەت ۋە ئىرق ئايرىمىسىدىن ھالقىپ، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ بىر ئۈممەت ئىدىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇنىڭدەك ياخشى ئائىلە، ئىناق جەمئىيەت ۋە مەدەنىيەتلىك شەھەر قۇرۇپ چىقىشنىڭ كاپالەتچىسى بولالايدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ بىر هەدىسىدە مۇنداق دەيدۇ:«زالىم بولسۇن، مەزلۇم بولسۇن مۆمىن قېرىندىشىڭغا ياردەمدە بولغىن!»، زالىمغا قانداق ياردەم قىلىش توغرىلىق سورالغاندا، زالىمنى زۇلۇم قىلىشتىن تۇساپ قېلىش ئۇنىڭغا ياردەم قىلغانلىق بولىدىغنالىقىنى ئېيتقان.[9]

ئەينى چاغدا، مىلادىيە 9 - ئەسىردە ئابباسىيە خەلىپىلىرىدىن بولغان مۇئتەسىم بىللاھنىڭ خىلاپەت دەۋرىدە، رۇم دىيارلىرىنىڭ بىرىدە ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ، زۇلۇمغا يولۇققان بىر مۇسۇلمان – مۆمىنە ئايالنىڭ: « ۋا ئىسلاما، ۋا مۇئتەسىما» دېگەن بىر قېتىملىق نالە پەريادى، مەزكۇر خەلىپىنىڭ قۇماندانلىقىدا نەچچە مىڭ مىل ئوزاقلىقتىكى دۈشمەنگە قارشى ئەسكەرىي يۈرۈش قىلىپ، شۇ ئاسىي – جاپى ئەبلەخلەرنىڭ ئەدىپىنى بېرىشكە يېتىپ ئاشقان ئىكەن. ئەمدىلىكتە 50 نەچچە ئىسلام دۆلىتى نامىدا ئىككى مىلياردقا يېقىن مۇسۇلمان ئاممىسى ياشاۋاتقان دەۋرىدە، قان دېڭىزىغا ئايلانغان بۈگۈنكى سۇرىيەنىڭ ھۇمس رايۇنىدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق نامايىشتا بىر مەسۇم قىزىمىز پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمان رەھبەرلىرىگە خىتاپ قىلىپ: «ھەي مۇئتەسىم! سەن قەيەردە، ھەي ئوسمانىيلار يىگىتلىرى، ھەي سۇلتان ئىككىنچى ئابدۇل ھەمىدخاننىڭ ئوغۇللىرى بىزنى يالغۇز تاشلاپ قويماڭلار، بىز سۈرىيەدە بوغۇزلىنىۋاتىمىز، ھەي ئەردوغان سەن ھاياتتا تۇرۇغلۇق، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقسىزلارچە ئۆلتۈرۈلگەنلىكى تارىخقا يېزىلمىسۇن» دەپ نالە پەرياد قىلغان بولسا، بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ، ئىراقنىڭ ئەبۇ غەرىب تۈرمىسىدە ئامىرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ نومۇسسىزلارچە تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغان مىڭلارچا ئاچا – سېڭىل، خانىم – قىزلىرىمىزنىڭ نالە – پەريادى ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە زەرداپ بولۇپ ئاققان ئىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدىن پاتىمە نۇر قېرىندىشىمىزنىڭ «قېرىنداشلىرىم قەيەردە» ماۋزۇلۇق ئۇچۇق خېتى مونۇ مەزمۇندا باشلانغان ئىكەن: «قېرىنداشلىرىم! بۇ تۈرمىدە مەن بىلەن بىرگە يەنە 13 قىز قېرىندىشىم بار، بىز ھەممىمىز ھەر كۈنى نومۇسسىز ۋەھشى ھايۋانلارنىڭ ئىچى پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان ئويۇنچىغى بولۇپ قالدۇق. ناماز ئوقۇش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئاياللىق نومۇس ۋە ھايا پەرەنجىمىزنى كېيىشمۇ چەكلەنمەكتە. ئارىمىزدىن بىر قېرىدىشىمىز بىر ئامىرىكا ئىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن خورلۇقتىن تامغا بېشىنى ئۇرۇپ ئۆلىۋالدى.  مەن سىلەرنىڭ بىر دىنىي قېرىندىشىڭلار بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن، سىزلەردىن ئۆتىنىدىغىنىم شۇكى، ئەگەر مۇمكىن بولسا بىزنى بۇ تۈرمە بىلەن بىرگە قوشۇپ پاتلىتىپ، بىزنى بۇ خورلۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىڭلار!» دەپ يازغان. يەنە بۇندىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن پەلەستىندە سېھيونىست رادېكال كۈچلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بىر مەھبۇسنىڭ مەسۇم - غۇبارسىز قىزى پۈتۈن دادىلارغا خىتاپ قىلىپ: «ھەر كۈنى ئەتتىگەن – ئاخشام ئۇماق ئەركە باللىرىنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ ئەركىلىتىۋاتقان دادىلار خېجىل بولۇڭلار! چۈنكى مېنىڭ دادام قارا تۆمۈر تاپانلىقلارنىڭ قولىدا ئىڭرىماقتا» دېگەن ئېچىنارلىق كۆڭۈل زەردىسى نىدادا بولغان بولسا، بۆگۈنكى كۈند بىزنىڭ تۈمەنلىگەن خانىم قىزلىرىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە، تۈرمە – زىندانلاردا قىزىل بارماقلىقلارنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا چىدىماي ياڭرىۋاتقان نالە پەريادلىرى، ئاتىسى ياكى ئانىسى ياكىدە ھەر ئىككىسى تۈرمىگە تاشلىنىپ، يېتىم ۋە ئېگە – چاقىسىز قالغان نارەسىدە، مەسۇم بىغۇبارلارنىڭ ئاچچىق پىغانلىرى قۇلاق تۈۋىمىزدە چىللاۋاتىدۇ. بۇ دەرت – ئەلەم ۋە خورلۇقلار يەتمىگەندەك 25 – ئاغۇستۇستىن بېرى بۇددىست بىرما ئارمىيىسىنىڭ  ئۆز تەۋەلىكىدىكى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىنى بۇۋاق، قېرى – ياش، ئەر – ئايال دېمەي ئۆلتۈرۈپ، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىغا زەردە قىلىشلىرى دەرت ئۈستىگە دەرت، ئەلەم ئۈستىگە ئەلەم قوشاۋاتىدۇ.

بۇ تراگېدىيەلىك ھادىسىلەر ۋە پاجىئەلىك ئەلەملەر بىلەن بۈگۈنكى كۈندە  كىمنىڭ كارى؟ ھەممىسى ئۆز ئىشى، ئۆز دەردى بىلەن مەشغۇل، توغرىسىنى ئېيتساق ھەممىسى ئۆز خاپىلىقىدىن قانداق چىقىش كۇيىدا،  ھېچقانداق بىر دۆلەت ياكى دۆلەت بېشىدىكى رەھبەرنىڭ ئۆز مەسىلىسىدىن ئېشىنىپ باشقىلارنىڭ مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە نالە پەريادىغا قۇلاق سېلىشقا چۇلى تەگمەيدۇ. ھەممىسى ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش بىلەن مەشغۇل. ھەتتا قان بېغىڭ بىر، دىنىي ئېتىقادىڭ ئوخشاش بولسىمۇ ئۆز مەنپەئىتىگە چېتىشلىق ھەرقانداق مەسىلىگە كۆز يۇمالايدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا ئىككىلەنمەي دۈشمىنىڭگە ساتالايدۇ. بۇ بۈگۈننىڭ ئويۇنى ۋە رەڭۋاز سىياسىي قارارنىڭ كېرىكى بولسا كېرەك!

ئەسلىدە مۆمىن – مۇسۇلمانلارنىڭ ھەقىقى قېرىنداشلىق رىشتى، مۇستەهكەم ۋە پۇختا سېلىنغان بىناغا ئوخشايدۇ، ياكى پۈتۈن ئېلىمىنت ۋە ئۇنسۇرلىرى بىر – بىرىگە باغلىنىشلىق بىر پارچا ئەزاغا ئوخشايدۇ. قانداقكى بەدەننىڭ قايسى بىر ئەزاسىغا دەرت يەتسە، پۈتۈن بەدەن راهاهەتسىزلىك هېس قىلغىنىدەك، دۇنيانىڭ بۇ چېتىدىكى بىر مۆمىن – مۇسۇلمانغا يەتكەن دەرت – ئەلەمنى دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىكى مۆمىن – مۇسۇلمانلارنىڭمۇ ھېس قىلىشى، ئۇلارنىڭ دەردىنى ئۆزىنىڭ دەردىگە ئوخشاش دەرت بىلىپ ھەل قىلىشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك ئىدى. بۇ خۇسۇستا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن نۇرغۇن ھەدىس سۆزلەنگەن. بۇ ھەدىسلەر ئىچىدە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «مۆمىنلەر ئۆزئارا مۇستەهكەم بىر بىناغا ئوخشايدۇ»[10]دېگەن سۆزى بىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مەسىلىنىڭ قانچىلىك ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. هەزرىتى ئەبۇ مۇسا ئەلئەشەرى بۇ ھەدىسنى سۆزلىگەندە، تېخىمۇ جانلىق ئىپادىلەش ئۈچۈن، بارماقلىرىنى بىر – بىرىگە گىرەلەشتۈرۈپ تۇرۇپ، سۆزلەپ بەرگەنلىكى رىۋايەت قىلىنىدۇ. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «مۆمىننىڭ مۆمىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى بىر - بىرى  بىلەن گىرەلىشىپ كەتكەن بىناغا ئوخشايدۇ»[11] دېگەن بولسا، يەنە بىر سۆزىدە:«مۆمىنلەرنىڭ دوستانىلىق ۋە كۆيۈمچانلىق مۇناسىۋىتى بەدەنگە ئوخشايدۇ، قانداقكى بەدەننىڭ بىرەر ئەزاسىغا دەرت – ئەلەم يەتسە، پۈتۈن بەدەن قىزىپ، ئۇيقۇسىز – بىدار بولغىنىدەك (ئۇلارمۇ بىرەر مۆمىن قېرىندىشىغا دەرت – ئەلەم يەتكەندە ئۆزىگە يەتكەن دەرت – ئەلەمدەك) بىئارام بولىدۇ)»[12] دېگەن.

شەكسىزكى مۆمىنلەرنىڭ قەلبىنى بىر – بىرىگە باغلايدىغان ئەڭ مۇهىم ۋە ئەڭ كۈچلۈك ئامىل ئىمان ۋە تەقۋا ئاساسى ئۈستىگە قۇرۇلغان دىنىي قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىدۇر. بۇ جانابىي ئاللاھنىڭ مۆمىن – مۇسۇلمانلارغا ئاتا قىلغان ئەڭ مۇهىم ۋە قىممەتلىك نېمەتلىرىدىن بىرى. قۇرئان كەرىمدە  بۇ مەزمۇن مۇنداق تىلغا ئېلىنىدۇ: ﴿هەممىڭلار ئاللاھنىڭ ئاغامچىسىغا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) مەهكەم يېپىشىڭلار، ئايرىلماڭلار (يەنى سىلەردىن ئىلگىرى يەهۇدىيلار ۋە ناسارالار ئىختىلاپ قىلىشقاندەك، دىندا ئىختىلاپ قىلىشماڭلار). ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر ئۆزئارا دۈشمەن ئىدىڭلار، ئاللاھ دىلىڭلارنى بىرلەشتۈردى، ئاللاھنىڭ نېمىتى بىلەن ئۆزئارا قېرىنداش بولدۇڭلار، سىلەر دوزاخ چۇقۇرىنىڭ گىرۋىكىدە ئىدىڭلار، ئاللاھ سىلەرنى (ئىسلام ئارقىلىق) ئۇنىڭدىن قۇتقازدى. سىلەرنىڭ هىدايەت تېپىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ ئايەتلىرىنى سىلەرگە شۇنداق بايان قىلىدۇ﴾[13]. جانابى ئاللاھ بۇ ئايەتتە بىزلەرگە جاهىلىيەت دەۋرىدە ئۆزئارا قاتتىق دۈشمەنلىشىپ قالغان ئەۋس ۋە خەزرەج قەبىلىلىرىنى ئىمان ئاساسىدا قېرىنداشلىق يىپى بىلەن بىر – بىرىگە قانداق باغلىغانلىقىنى خاتىرلاتماقتا. ئىنسانلارنىڭ زالالەت قىرغىقىغا كېلىپ، دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە شۇم پىشانە بولۇپ، جەھەننەم گىردابىغا دۇچار بولۇشتىن قۇرتۇلۇشنىڭ بىردىن بىر يولى پەقەت ئاللاھنىڭ ئاغامچىسىغا مۇستەهكەم ئېسىلىپ، قېرىنداشلىق ئاغامچىسىنىڭ كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش شەرتىگە باغلىماقتا. شۇ سەۋەپلىك ئىسلام دىنىدا مۆمىنلەرنىڭ ئارىسىنى بۇزۇدىغان، قېرىنداشلىق يىپىنى ئۆزىدىغان هەر قانداق مەنپى ئۇنسۇر ۋە سەلبى هەرىكەتلەر هارام قىلىنغان. ئىرق، مىللەت ئايرىمىسىدىن ئىبارەت جاهىلىيەت ئادەتلىرىنى تاشلاپ تەقۋالىق پرىنسىپى بۇيىچە مىزان تۇرغۇزۇپ جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىق ۋە دوستانىلىقتىن ئىبارەت قېرىنداشلىق هاۋاسىنى بوزىدىغان پۈتۈن سەلبى قېلىپلارغا چەكلىمە قويۇلغان. جانابى ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:﴿ئى مۆمىنلەر! نۇرغۇن گۇمانلاردىن ساقلىنىڭلار (يەنى ئائىلىدىكىلىرىڭلارغا ۋە كىشىلەرگە گۇمانخورلۇق قىلماڭلار)، بەزى گۇمانلار هەقىقەتەن گۇناهتۇر، (مۆمىنلەرنىڭ ئەيىبىنى) ئىزدىمەڭلار، بىر – بىرىڭلارنىڭ غەيۋىتىنى قىلماڭلار، سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئۆلگەن قېرىندىشىڭلارنىڭ گۆشىنى يېيىشنى ياقتۇرامسىلەر؟ ئۇنى ياقتۇرمايسىلەرئاللاھتىن قورقۇڭلار ئاللاھ (تەۋبەقىلغۇچىلارنىڭ قىلغان) تەۋبىسىنى بەكمۇ قۇبۇل قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناهايىتى مېهرىباندۇر﴾[14] جانابى ئاللاھ بۇ مۇبارەك ئايەتتە مۆمىنلەرنى ئىنىق قىلىپ يامان گۇماندا بولۇشتىن، قېرىنداشلىرىنىڭ سىر ۋە مەخپىيەتچىلىكىنى ئاشكارا قىلىشتىن، غەيۋەت قىلىشتىن، ئالدى – ئارقىسىدا يامان گىپىنى قىلىشتىن ساقلىنىشنى بىلدۈرمەكتە. پەيغەمبەر ئەلەيهىسسالام بۇ هەقتە: «(سەۋەپسىز) يامان گۇماندا بۇلۇشتىن ساقلىنىڭلار، چۈنكى يامان گۇمان يالغان سۆزنىڭ ئەڭ يامىنىدۇر. بىر – بىرىڭلارنىڭ ئەيىبىنى كوچىلاش، پاش قىلىش ۋە ئاڭلاشقا ئۇرۇنماڭلار، بىر – بىرىڭلارنىڭ سىر ۋە مەهرەم هاياتىنى تەكشۈرۈپ يۈرمەڭلار! »[15] دېگەن بولسا، يەنە بىر ئايەتتە مۇنداق دېيىلىدۇ: ﴿ئى مۆمىنلەر! بىر قەۋم يەنە بىر قەۋمنى (يەنى بىر جامائە يەنە بىر جامائەنى، بىر ئادەم يەنە بىر ئادەمنى) مەسخىرە قىلمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغان قەۋم (ئاللاھنىڭ نەزىرىدە) مەسخىرە قىلغۇچى قەۋمدىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئاياللارمۇ ئۆزئارا مەسخىرە قىلىشمىسۇن، مەسخىرە قىلىنغۇچى ئاياللار (ئاللاھنىڭ دەرگاهىدا) مەسخىرە قىلغۇچى ئاياللاردىن ياخشىراق بولۇشى مۇمكىن، بىر – بىرىڭلارنى ئەيىبلىمەڭلار، بىر – بىرىڭلارنى يامان لەقەم بىلەن چاقىرماڭلار، ئىماندىن كېيىن پىسقى بىلەن ئاتاش (يەنى مۆمىننى پاسىق) دەپ ئاتاش نېمىدېگەن يامان! (مۇنداق نەهيى قىلىنغان ئىشلاردىن) تەۋبە قىلمىغانلار زالىملاردۇر﴾[16].

مەزكۇر ئايەت ۋە ھەدىس شەرىپلەردە تىلغا ئېلىنغان بۇ خىل ئىللىەتلەر ئادەتتە، مىكروپقا ئوخشايدۇ. قانداقكى مىكروپ  بەدەننى ھالسىزلاشتۇرۇپ يېقىتقىنىدەك، مەزكۇر ئىللەتلەرمۇ ئۈممەتنىڭ بىرلىك ئېڭىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، قېرىنداشلىق روھىنى ئۆلتۈرىدۇ، كىشىلىك پسىخىكىسىنى بۇزۇپ، ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنى يېرىكلەشتۈرىدۇ، ياردەمسۆيەر ۋە ھەمكارلىق رولىنى ئۇنۇتتۇرۇپ ئۆزئارا رەشكى ھەسەت ۋە نەپرەت تۇيغۇلىرىنى غىدىقلاپ بىخلاندۇرىدۇ ۋە نەتىجىدە، كۈنىمىزدىكىدەك بىرىمىزنى خاۋارىج، بىرىمىزنى ئەزھەرىي مۇرجىئىلەر، يەنە بىرىمىزنى مۇرتەد، يەنە بىرىمىزنى سەلەپى يەنە بىرىمىزنى خەلەپى دەپ توختۇماي تور دۇنياسىدا كاپشىپ ھارمايدىغان بىر قىسىم دىنپۇرۇشلار، ئەبكا زىيالىلار ۋە چەلپەكچى مائارىپچىلار، چولتەكچى ۋەز – نەسىھەتچىلەر ۋە ئەرزان قەھرىمان سىياسىيلار جېڭى توختىمايدۇ. چۈنكى مۆمىنلەرنىڭ ئۆزئارا چىقىشالماي دۈشمەنلىشپ قېلىشى، بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئورتاقلىشالماسلىقى،  پەقەت مەزكۇر ئىللەتلەرگە مۇبتەلا دىلخەستىلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ. قانداقكى بىر هەدىس شەرىپتە شەيتاننىڭ بۇ يوللار بىلەن مۆمىن – مۇسۇلمانلارنى يولدىن چىقىرىش ئۈمىدىنىڭ تېخى ئۈزۈلمىگەنلىكى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ: «شەيتان، قىبلىگە يۈزلەنگەن (مۆمىن – مۇسۇلمان) لارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىگە (چوقۇنۇپ) ئىبادەت قىلىشىدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنى تۈرلۈك پىتنە – پاسات ۋە ئىغۋا يوللىرى بىلەن ئۆزئارا بىر – بىرىگە سېلىپ، دۈشمەن ئوبيېكتى قىلىپ، ئۇلارنىڭ بىر ئۈممەت ئېڭىنى تامامەن پارچىلاپ يۇقۇتىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزگىنى يوق». [17] باشقا مىللەتلەر ھەتتا مىللەت ئۇقۇمىنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئىنسانىيەت ئۆلچىمى دېگەن شۇئار بىلەن ئۆزلىرىنى خېلى تۈزەپ كېتىۋاتقان بىر پەيتتە، بىز مۇسۇلمانلار قىلغانلىكى ئىشلىرىمىزدا ئۆز قېرىنداشلىرىمىزغا زەرەر ئۇرۇش، ئۆز بۇرادەرلىرىمىزنى خارلاش، ئۆز دوست بىلدىكلىرىمىزگە خىيانەت قىلىش، ئاداۋەت تۇتۇش ۋە زىيانكەشلىك قىلىشتەك بەختسىزلىك زۇلمى ئاستىدا ياشاۋاتىمىز .

زەرىف قارىھاجىم ئۆز زامانىسىدا مەزكۇر ئىللەت ۋە دىلخەستىلىككە مۇناسىۋەتلىك ھالدا، جامائەتكە  مۇنداق ۋەز – نەسىھەتتە بولغان ئىكەن: «ئى مۆمىن بۇرادەرلەر! شۇنى بىلىڭلاركى، دىلىڭلاردا ساقلانغان تۈرلۈك يامان نىيەتلىك، پەس ئەقىدىلىك ئىللەتلەر ھامان قىيامەتتە ئاشكارا بولىدۇ. مۆمىن بۇرادىرىڭلار بىلەن كۆرۈنۈشتە ساختا ئىناقلىقنى ئىپادىلەپ «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» نى دوڭغىيىپ تۇرۇپ ئېيتىپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە ئۆز بۇرادىرىڭلارنىڭ مەنپەئەتىگە خىيانەت قىلىدىغان، ئۇلارنى دۈشمەنگە سېتىۋىتىدىغان بۇزۇق نىيەتلىك ۋە سۇيىقەستلىك، ساتقىنلىق ئىشلارنى قىلغان شۇم نىيەتلىرىڭلارمۇ قىيامەت كۈنىدە ئاشكارا بولىدۇ، بۈگۈن خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا، ئۇلارنى ئالداش ئۈچۈن، ئۆزەڭلارنى ئاللاھ ئۈچۈن خەير – ئېھسان قىلىۋاتقاندەك كۆرسىتىپ قويۇپ، ئاستىرىتتىن، خۇپيانە ھالدا خەلقنى دۈشمەنلەرگە سېتىۋاتقان ئالدامچى كۆڭۈل، قارا نىيەتلىرىڭلارمۇ قىيامەتتە ئوپئوچۇق ئاشكارىلىنىدۇ. ھالبۇكى، بۇندىن كېيىن مۆمىن قېرىندىشىڭلار ئۈچۈن دىلىڭلاردا دۈشمەنلىك ساقلىماڭلار. دىلىڭلارغا ھېچقانداق بىر ئىنسانغا يامانلىق، خائىنلىق قىلىشنى پۈكمەڭلار. بۈگۈن دۇنيا مەنپەئەتىنى كۆزلەپ ئىبادەت پۇرۇشلۇق ۋە دىنىي ئىلىم پۇرۇشلۇق قىلغانلارنىڭ يۈرەكتىكى نىيەت – ئەمەللىرى قىيامەتتە ئاشكارا بولىدۇ. بۈگۈن كۆرۈنۈشتە پاك – سالىھ چاپىنىنى كىيىۋېلىپ، يۈرىكىنىڭ ئىچكى قاتلىمىدىن پاسكىنا مەينەتلىك قىلىپ، نامەرتلىك، بۇزۇقچىلىق، بۇزغۇنچىلىق ۋە ساتقىنلىق قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەقىقى ئەپتى – بەشىرىسىمۇ قىيامەت كۈنى ئاشكارا بولىدۇ. شۇڭا مەزكۇر ئايەتنىڭ مەزمۇنىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆزەڭلارنىڭ ئىچكى دۇنيايىڭلارنىڭ تازىلىقىغا، پاكلىقىغا، پاكىز ئېتىقادلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تىرىشىڭلار!»[18]

ئى مۆمىن قېرىنداشلار! مەزكۇر ئايەت، ھەدىس شەرىپ ۋە ۋەز - نەسىھەتلەرنى مەزمۇن ئېتىبارى بىلەن تەھلىل قىلىپ، ئۇنى ئۆز ئەھۋالىمىزغا تەڭلەپ كۆرەيلى. دىنداشلىرىمىزغا، مەسلەكداشلىرىمىزغا، خىزمەتداشلىرىمىزغا، سەپداشلىرىمىزغا قىلىۋاتقان مۇئامىلە ۋە سۆز - ھەرىكىتىمىزنىڭ مۇسۇلمانلىقنىڭ تەلىۋى بولغان دىنىي قېرىنداشلىق مەزمۇنىغا ئۇيغۇن كېلەمدۇ - يوقمۇ؟ بۇنى دەڭسەپ كۆرەيلى. ئەگەر ئۇيغۇن كەلمەيدىغان تەرىپى بولسا، ئاللاھ تائالانىڭ پەيغەمبەرلەرگە ئەمىر قىلغان بۇيرۇقلىرىغا قارشى تەرەپتە تۇرۇپ قېلىشتىن ساقلىنىپ، قېرىنداشلىرىمىز بىلەن مۇئامىلە، مۇناسىۋەت ۋە گەپ - سۆز قىلىشتا قاتتىقلىق ۋە قوپاللىق قىلىشتىن ساقلىنايلى. ئۇلارغا يۇمشاق سۆز ۋە مېھرىبانلىق يولىنى تۇتايلى. ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ دۈشمىنى بولغان پىرئەۋنغا ئۇلۇغ پەيغەمبەر مۇسا ئەلەيھىسسالامنى ئەۋەتكەن چاغدا: ﴿ئۇنىڭغا يۇمشاق سۆز قىلغىن﴾ دەپ بۇيرۇغانلىقىنى ھەممىمىز بېلىمىز. شۇنداق تۇرۇغلۇق نېمە ئۈچۈن بىز يەنە ئۆز دىنىي قېرىنداشلىرىمىزغا مۇئامىلە ۋە  گەپ - سۆزىمىزدە قوپاللىق ۋە قاتتىقلىق قىلىشنى راۋا كۆرىمىز؟ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «ئاللاھنىڭ ئەخلاقىنى ئۆزلەشتۈرۈڭلار، ئاللاھ ئۈگەتكەن ئەخلاق بىلەن ئەخلاقلىنىڭلار» دېگەن ھەدىسىنىڭ مەزمۇنى بويىچە ئەخلاقىمىزنى تۈزەتمەيمىز. بىز مۆمىنلەر خۇددى مۆمىن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئۈستىدىن نازارەت قىلىشقا ئەۋەتىلگەندەكلا، ئۇلارنىڭ ساقال بۇرۇتى، كېيىم –كېچىكىنى ئانالىز قىلىپ، بىكاردىن بىكار ”ئاداشقانلار، مۇرجىئىيلەر“ دەپ ئۇلارنى ئەيىبلەپلام يۈرىمىز. نېمىشقا ئۆز نەپسىمىزنى ئىسلاھ قىلىشقا، گەپ _ سۆزىمىزگە دىققەت قىلىشقا، ئىش – ئەمىلىمىزنى قۇرئان ۋە ھەدىسكە تەڭلەپ كۆرۈشكە ئەھمىيەت كۆرسەتمەيمىز. نېمىشقا ئەقىدە ۋە تەقۋا پرىنسىپىدا بىر ـ بىرىمىز بىلەن دوست ئىكەنلىكىمىزنى، ئومۇمنىڭ ئىككى دۇنيالىق بەخىت سائادىتى ئۈچۈن كوللىكتىپ ھەرىكەت ۋە ئىجتىماي پائالىيەت ئېلىپ بېرىشتا ئۇرتاق بىر گەۋدە بولۇپ ھەرىكەت قىلىشنىڭ زۆرۈر ۋە مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ جانابى ئاللاھنىڭ رەھمەت دائىرىسىگە كىرىپ ۋە مېھرىبانلىقىغا ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى، بۇ ھەمكارلىق ۋە ياردەملىشىشنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتتە ئىمان ۋە تەقۋادارلىقنىڭ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇهىم ئەهمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ، بۇ نىشان ۋە بۇ غايە يولىدا ھەرىكەت قىلىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيمىز!.

 

تاھىرجان ئابباس

2017

 



[1] ھۇجۇرات سۈرىسى، 10 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[2]. ھۇجۇرات سۈرىسى، 13 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.
[3] . ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[4] . ئابدۇلۇللا ناسىھ ئۇلۋان، "ئىسلام قېرىنداشلىقى" 52 ـ بەت.
[5]. ئابدۇلۇللا ناسىھ ئۇلۋان، "ئىسلام قېرىنداشلىق"  53 ـ بەت.
[6] سۈرە ھۇجۇرات، 10 – ئايەت.
[7].  ھەشىر سۈرىسى 9 – ئايەت.                                                                 
[8] .ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[9] .ئىمام بۇخارى رىۋايىتى.
[10].ئىمام بۇخارى، ئىمام مۇسلىم، تىرمىزى ۋە نەسەئى رىۋايىتى.
[11]. ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[12]. ئىمام بۇ خارى ۋە ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى.
[13]. سۈرە ئالى ئىمران، 103 – ئايەت.
[14]. سۈرە ھۇجۇرات، 12 – ئايەت.
[15] ئەللۇئلۇ ۋەلمەرجاندا رىۋايەت قىلىنغان
[16] سۈرە ھۇجۇرات، 11- ئايەت.
[17] ئىمام مۇسلىم ۋە ئىمام تىرمىزى رىۋايىتى.
[18]. زەرىف قارى ھاجىم، ”ئەممە پارە تەپسىرى“ 340 – بەت.

ئىنكاسلار
ئىنكاس يوللاش