ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خۇش كەپسىز
مۇھەممەد ئەلىي خەلپىتىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
ساقلىۋېلىش
كىتاب ئىسمى مۇھەممەد ئەلىي خەلپىتىمنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى
كىتاب ئاپتورى نامەلۇم
تۈرى مەشھۇر شەخىسلەر
تەرجىمە قىلغۇچى
تۈزگۈچى نامەلۇم
كىتاب ھەجمى ‎54 MB  
بەت سانى 54
ھۆججەت شەكلى PDF
تورغا يوللىغۇچى ئۇيغۇر كىتاب
نەشر قىلغان ئورۇن قوليازما
نەشر قىلىنغان ۋاقتى
كىتاب تىلى ئۇيغۇرچە
كۆرۈلىشى: 368
تورغا يوللانغان ۋاقتى: ‎2021-09-13 10:41:11
چۈشۈرۈش
كىتاب ھەققىدە

مەمەت ئېلى خەلپىتىم
مەرىپەتپەرۋەر مەمەت ئېلى خەلپىتىم خوتەننىڭ چىرا ناھىيىسى چىرا كەنتىدە تۇغۇلغان، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ باشلانغۇچ دىنى بىلىملەرنى چىرىدىكى مەھەللە ئىمامىدىن ۋە كېيىن قەشقەردىكى ئاتاقلىق ئۆلمالاردىن زەيدىن ئابىدىن مەۋلەۋى، ئابدۇرەشىد قارىھاجىم قاتارلىق ئۆلمالاردىن ئىلىم تەھسىل قىلغان. دىنى ئىلىملەر بويىچە دەۋرىگە نىسبەتەن بىرقەدەر يۇقۇرى دىنى مەلۇماتلىق بولغان مەمەت ئېلى خەلپەتھاجىم قەشقەردىكى مەدرىسە ئۆيىدىن مەرھۇم مەمتىمىن بۇغرا يازغان شەرقى تۈركىستان تارىخى ناملىق كىتاپ چىققان دېگەن دىلو بىلەن تۈرمىگە تاشلىنىپ تاكى 1979-يىلغا قەدەر 20 يىل ئەتراپىدا زىنداندا ياتقان، تۈرمىدىن چىقىپلا ئوقۇ -ئوقۇتۇش ۋە دىنى مائارىپقا ئۆزىنى بېغىشلىغان خەلپىتىم 80- يىللاردىن 2000- يىلغا قەدەر خوتەن ئىلچى نەھىيىسىگە قاراشلىق گۇجەنباغ ئاھالە كومېتىتى دوڭۋاغ مەھەللىسىدە تالىپ ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللانغان ۋە2004-يىلى تومۇز ئېيىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
مەندە مۇشۇ خەلپىتىمنىڭ قالدۇرغان ئۆچمەس ئىزلىرى بار،مەرھۇمنىڭ كېچىنى-كۈندۈزگە ئۇلاپ دەرس ئۆتۈشلىرىنى ئويلىسام،ئۆزەمنى تولىمۇ نانقېپى ھېس قىلىپ قالىمەن.
بىركۈنى خەلپىتىم،خوتەن شەھەردىن 300 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ بىرنەچچە كۈن تۇرغان ۋە مەن ئائىلىمىزدىكى ئېشەك ھارۋىسى بىلەن يېزىدىكى بىرقىسىم جايلارنى ئايلاندۇرغىنىم ئېسىمدە ،دادام رەھمەتلىك ئۆلىمالارنى،ئوقۇمۇشلۇق ئىنسانلارنى بەك ئىززەتلەيدىغان بولۇپ،مەھەللىدىكى ئۆلىمالارنىمۇ قولىدىن كېلىشىچە يۈلەپ تۇراتتى ،خەلپىتىمنىڭمۇ ئىززىتىنى قىلىپ ئۇزاپ ماڭىدىغان كۈنى يېزىمىزنىڭ ئادىتى بويىچە پەتنۇسقا بىرنەچچە يۈز يۈئەن پۇلنى قويۇپ ئاز بولسىمۇ يوللۇقلىرى بولسۇن،دېسە خەلپىتىم پۇلنى زاكات دەپ ئويلاپ قىلغانمۇ قەتئى ئالغىلى ئۇنىماي،مېنىڭ چەتئەلدە ئوقۇيدىغان تالىپلىرىم بار،شۇلار مېنىڭ نامىمدىن تىجارەت قىلىپ ھالىمدىن خەۋەر ئېلىپ تۇرۇۋاتىدۇ،ماڭا دۇرۇس كەلمەيدۇ ..دەپ رەت قىلغان ئىدى.
مەدرىسە دېسە كۆپلىرىڭلار يۇغان دەرۋازىسى بار،ھەشەمەتلىك قورۇ بولغىيمىدى؟ دەپ قالماڭلار،نەچچە مىڭ تالىپ خوتەندىكى ئاقكۆكۈل خەلقىمىزنىڭ قورولىرىدىكى بىرەر ئېغىز ئۆيلىرىدە ھەقسىز يېتىپ قوپۇپ،مەمەت ئېلى خەلپىتىم،ئابدۇلئەھەت مەخسۇم،مەمەت زاكىر خەلپىتىم،مەمەتقۇربان داموللام قاتارلىق خىتاي زىندانلىرىدىن ساق-سالامەت قۇتۇلۇپ چىققان ئۆلىمالاردىن ئالدىن-ئالا ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئۆيلەرگە جەم بولۇپ دەرس ئالاتتى. خىتاي ساقچىلىرى چارلاشقا كېلىدىغان ۋاقتىنى ئۇيغۇر ساقچىلار ئالدىن مەزكۇر ئۇستازلارغا خەۋەر قىلىپ قويىدىغان بولغاچقا،كۆپ ھاللاردا قۇتۇلۇپ قالاتتۇق،بەزىدە تۇتۇلۇپ قالىدىغان چاغلىرىمىزمۇ بۇلاتتى.
خەلپىتىمنىڭ دۆڭۋاغدىكى ئۆيىنىڭ كەينىدە كىچىككىنە ئېتىزلىقى بار ئىدى،سەي-كۆكتات تېرىيتتى.بىز يىلدا بىرنەچچە كۈنلا قاچانىكى ياردەملىشىپ ئىشلىشىپ بەرسەك،چوقۇم ئېسىل تاماقلارنى ئەتكۈزۈپ غىزالاندۇرماي ياتىقىمىزغا قايتقىلى قويمايتتى.

بىكەت ئەسكەرتمىسى

دىققەت:

1- بېكىتىمىزگە يوللانغان ئېلكىتابلارنىڭ بارلىق ھوقۇقى ئەسلىي ئاپتورى ياكى مۇناسىۋەتلىك نەشرىياتقا تەۋە: «نەشر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىندى» دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
2- بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن ئېلكىتابلارنى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ كىرىم مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشى توغرا ئەمەس ۋە بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئالمايدۇ.

3-بېكىتىمىزگە تامغۇسى بىلەن يوللانغان كۆپىنچە كىتابلارنىڭ تامغۇسىز ۋە سۈزۈك نۇسخىسى بىزدە مەۋجۇت بولۇپ، تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ ئەسلىي نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ.
4-تور بەت ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئالاھىدە قوغدىلىدۇ.
5- قولىڭىزدا خەلقىمىز بىلەن ئورتاق پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ياخشى ماتېرىياللار ياكى ئېلكىتابلار بولسا، بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ، ئاۋۋال ئۇيغۇر كىتابتا بار يوقلۇقىنى ئىزدىۋەتكەندىن كېيىن بىزدە بولمىغان كىتابلارنى مۇناسىۋەتلىك تۈرگە يوللىۋېتىڭ ياكى uyghurkitap@outlook.com ئارقىلىق بىزگە يوللاپ بىرىڭ.
6- مۇمكىن قەدەر كىتابخانىدىن ئەسلىي نۇسخا كىتابنى سېتىۋېلىپ ئوقۇڭ.
ھۆرمەت بىلەن:
http://www.uyghurkitap.com
ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتى
ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ يېڭى ئادرېسى

ئىنكاسلار
ئىنكاس يوللاش