كىتاب ئىسمى | تەجۋىد دەرسلىكى |
كىتاب ئاپتورى | |
تۈرى | قۇرئان ۋە تەپسىر |
تەرجىمە قىلغۇچى | مۇيەسسەر ئابدۇلئەھەد خەندان |
تۈزگۈچى | |
كىتاب ھەجمى | 13,69 mb MB |
بەت سانى | 162 |
ھۆججەت شەكلى | |
تورغا يوللىغۇچى | ئۇيغۇر كىتاب |
نەشر قىلغان ئورۇن | تور نەشرى |
نەشر قىلىنغان ۋاقتى | |
كىتاب تىلى | ئۇيغۇرچە |
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ
بارلىق ھەمدۇسانالار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا بولسۇن، دۇرۇت ۋە سالاملار پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا، ساھابىلىرىگە ۋە قىيامەتكىچە ياخشىلىقتا ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرگە بولسۇن، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەراھمەتۇللاھى ۋەبەراكەتۇھ:
ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەرھەمىتى بىلەن تەجۋىد كىتابىمىزنىڭ ئاساسلىق بابلىرىنى پۈتتۈرۈپ كىرىش سۆزگە قەلەم تەۋرىتىۋاتقان مۇشۇ دەقىقىلەردە تەجۋىد ئىشتىياقى قەلبىگە چۈشكەن ھەربىر ئوقۇرمەنگە ئاللاھدىن رەھمەت ۋە مۇستەھكەم ھىدايەت تىلەيمىز، بۇ خىزمەتنى ئىشلەش جەريانىدا خاتالىقلاردىن خالىي بولالمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن. ئىلىملىك قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈزىتىش بېرىشلىرىنى سورايمىز ۋە ئەڭ مەرھەمەتلىك ئاللاھقا سېغىنىپ مەغفىرەت تىلەيمىز، شەيتان ۋەسۋەسىسى، كىبىر ۋە رىيادىن ئەڭ قۇدرەتلىك ئاللاھقا سېغىنىپ پاناھ تىلەيمىز.
قەدىرلىك ئوقۇرمەن، ئاللاھ سۇبھەنە ۋەتەئەلا قۇرئاندا: ﴿أَوْ زِدْ عَلَيْهِ وَرَتِّلِ ٱلْقُرْءَانَ تَرْتِيلًا﴾ دەپ بۇيرىغان، [تەرجىمىسى: قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە-دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن (سۈرە مۇزەممىل 4- ئايەت)]. پەيغەمبىرىمىز (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) دىن كەلگەن ھەدىسلەردىمۇ قۇرئان كەرىمنى تەجۋىد بىلەن ئوقۇش بۇيرۇلغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئالىملار تەجۋىد ئىلمىنى ئۆگىنىش ھەربىر مۇسۇلمان ئەر-ئايالغا ۋاجىب (يەنى قىلسا ساۋاب، قىلمىسا گۇناھ بولىدىغان ئەمەل)، دەپ قارايدۇ. شۇنداق ئىكەن، ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يېتىشىچە تەجۋىد ئىلمىنى ئۆگىنىش مۇسۇلمانلىق دەۋاسى قىلىۋاتقان ھەربىرىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتىدۇر.
تەجۋىد ئىلمىنى كىتابتىن پايدىلىنىش بىلەنلا تولۇق ۋە توغرا ئۆگەنگىلى بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن ئۇستازنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۆگىنىش كېرەك. ئۇيغۇر تىلىدىكى تەجۋىد كىتابلىرىنىڭ يېتەرسىز بولۇشى نەزەردە تۇتۇلۇپ، بۇ تەجۋىد كىتابى ئۇستازلارنىڭ شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەجۋىد ئىلمىدە نوپۇزلۇق دەرسلىك ھېسابلىنىدىغان ئۇستازە كەرىمە كارول سىرپىنىسكىنىڭ شەيخ دوكتۇر ئەيمەن رۇشدىي ئەسسۇۋەيد مۇقەددىمىسىنى يېزىپ بەرگەن ئىككى قىسىملىق «تەجۋىد ئەھكاملىرى» دېگەن كىتابى ئاساسىدا، باشقا كىتابلار قوشۇمچە قىلىنىپ تۈزۈپ چىقىلدى. يانداش مەشق قوللانمىسى تەجۋىد ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ ئۆگەنگەنلىرىنى پىششىقلىشى ئۈچۈن سۇنۇلدى. ھەرپلەرنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئورۇنلىرى ناملىق مەزمۇنغا كىرگۈزۈلگەن رەسىملەر ئۆزبىكچە ئىسلامىي تور بەت www.islomolami.com نىڭ تەجۋىد سىن دەرسلىرىدىن ئېلىندى. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆگىنىشىگە قولايلىق بولۇشى ۋە ئۇيغۇر تىلىدىكى تەجۋىد ئاتالغۇلىرىنىڭ بىردەكلىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، تەجۋىد ئاتالغۇلىرىنى تەرجىمە قىلىشتا سەئىد ئۆمەر شاۋۇدۇننىڭ «يېڭى ئۇسلۇبتىكى تەجۋىد قوللانمىسى» ناملىق كىتابى بىلەن رەھمەتۇللاھ تۈركەش تۈزگەن «ئەرەب تىلىنى توغرا تەلەپپۇز قىلىش» ناملىق كىتابىدىن پايدىلىنىدى. بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، مەزكۇر كىتاپلاردىكى ئاتالغۇلارنىڭ چۈشەندۈرۈشلىرىدىن پايدىلىنىلغان بولسىمۇ، تەجۋىد ئاتالغۇلىرىنى ئاتاش جەھەتتە مەزكۇر كىتاپلاردىكى مەلۇماتلار كەڭ مۇسۇلمانلار ئاممىسىدا ئۇمۇملاشقان ئاتالغۇلار بىلەن بىردەك بولمىغاچقا، ئۇمۇملاشقان ئىسىملىرى بىلەن ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. بۇ كىتاپ بارلىق مۇسۇلمانلارغا ھەدىيە قىلىنىپ، ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن نامسىز تارقىتىلدى. ھېچقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ تىجارىي مەقسەتلەر بىلەن باستۇرۇپ سېتىشىغا رۇخسەت قىلىنمايدۇ. ئاللاھدىن قورقىدىغانلارغا ئاللاھ كۇپايە قىلىدۇ.
بۇ دەرسلىك ۋە مەشق قوللانمىسى ھەققىدىكى ھەرقانداق پىكىر-تەكلىپ بولسا iqratajweed@gmail.com ئارقىلىق ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز. «مۆئمىن مۆئمىننىڭ ئەينىكىدۇر» (ئىمام ئەبۇ داۋۇد توپلىغان ھەدس)، خاتالىقلىرىمىز ئۈستىدە ئەينەك بولۇڭ.
شەپقەت ئىگىسى ۋە پۈتۈن ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ سۇبھانە ۋەتەئەلا بىزنى رەسۇلۇللاھ (سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم) «ئەڭ ياخشى بولغىنىڭلار قۇرئاننى ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتگەن كىشىلەردۇر» دەپ سۈپەتلىگەن كىشىلەردىن بولۇشقا نېسىب قىلسۇن، قۇرئان بىلەن قەلبىمىزنى، دۇنيا ۋە ئاخىرىتىمىزنى نۇرلاندۇرسۇن، قۇرئان بويىچە ياشاشقا نېسىب قىلسۇن، بىزگە مەنپەئەتلىك ئىلىم ئاتا قىلسۇن ۋە ئىلمىمىزنى ئىسلام ئۈممىتى ئۈچۈن ئىشلىتىشكە، ئىلمىمىزنىڭ زاكىتىنى تولۇق ئادا قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلسۇن، ئامىن!
دىققەت:
1- بېكىتىمىزگە يوللانغان ئېلكىتابلارنىڭ بارلىق ھوقۇقى ئەسلىي ئاپتورى ياكى مۇناسىۋەتلىك نەشرىياتقا تەۋە: «نەشر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىندى» دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
2- بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن ئېلكىتابلارنى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ كىرىم مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشى توغرا ئەمەس ۋە بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئالمايدۇ.
3-بېكىتىمىزگە تامغۇسى بىلەن يوللانغان كۆپىنچە كىتابلارنىڭ تامغۇسىز ۋە سۈزۈك نۇسخىسى بىزدە مەۋجۇت بولۇپ، تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ ئەسلىي نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ.
4-تور بەت ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئالاھىدە قوغدىلىدۇ.
5- قولىڭىزدا خەلقىمىز بىلەن ئورتاق پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ياخشى ماتېرىياللار ياكى ئېلكىتابلار بولسا، بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ، ئاۋۋال ئۇيغۇر كىتابتا بار يوقلۇقىنى ئىزدىۋەتكەندىن كېيىن بىزدە بولمىغان كىتابلارنى مۇناسىۋەتلىك تۈرگە يوللىۋېتىڭ ياكى uyghurkitap@outlook.com ئارقىلىق بىزگە يوللاپ بىرىڭ.
6- مۇمكىن قەدەر كىتابخانىدىن ئەسلىي نۇسخا كىتابنى سېتىۋېلىپ ئوقۇڭ.
ھۆرمەت بىلەن:
http://www.uyghurkitap.com
ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتى
ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ يېڭى ئادرېسى