ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خۇش كەپسىز
دېڭىزنىڭ ئېيتقانلىرى (شېئىرلار)
ساقلىۋېلىش
كىتاب ئىسمى دېڭىزنىڭ ئېيتقانلىرى (شېئىرلار)
كىتاب ئاپتورى مۇتەللىپ سەيدۇللا
تۈرى شېئىرىيەت
تەرجىمە قىلغۇچى
تۈزگۈچى
كىتاب ھەجمى ‎4،6 MB  
بەت سانى 218
ھۆججەت شەكلى PDF
تورغا يوللىغۇچى
نەشر قىلغان ئورۇن دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2019-07-25
كىتاب تىلى ئۇيغۇرچە
كۆرۈلىشى: 2646
تورغا يوللانغان ۋاقتى: ‎2020-03-13 11:46:03
چۈشۈرۈش
كىتاب ھەققىدە

نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچە يېزىش ۋە كىتاب نەشىر قىلىش بىز ئۈچۈن تۇزدەك مۇھىم؟

ئاپتورى: فاتىمە ئابدۇلغەفۇر سەيياھ

بىر نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا ئىستانبۇلدا «دېڭىزنىڭ ئېيتقانلىرى» ناملىق بىر شېئىرلار توپلىمى نەشىردىن چىقتى. بۇ توپلام شائىر مۇتەللىپ سەيدۇللانىڭ چەتئەلدە ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان تۇنجى كىتابى بولۇپ، كىتابتىكى شېئىرلارنىڭ ئىستىتك گۈزەللىكى، مەزمۇنغا تولىمۇ ماسلاشقان ھالدا زامانىۋى لايىھەلەنگەن مۇقاۋىسى، ئىملا خاتالىقلىرىدىن خالى، رەتلىك ۋە پاكىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان مەزمۇنى ۋە جايىدا يېزىلغان كىرىش سۆز قاتارلىقلار بىلەن خەلقئارالىق ئۆلچەملەرگە تولۇق چۈشىدىغان بىر ئۇيغۇرچە توپلام بولۇشقا پۈتۈنلەي لايىق. بۇ توپلامنىڭ مەن ئۈچۈن ئەڭ سۆيۈملۈك نۇقتىسى ئۇنىڭ تىلى ئۇيغۇر ئانا تىلىمىز بولغانلىقى ئىدى. مۇتەللىپ سەيدۇللادەك ياۋروپادا ئۇزۇن يىل ياشىغان بىر خوتەن يىگىتى ئۈچۈن چەتئەل تۇپراقلىرىدا تۇيغۇلىرىنى ئانا تىلى بىلەن ئىپادىلەپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىگە سۇنۇش ئۇنىڭ ئىنسانىي مۇساپىسىدىكى چاقناپ تۇرىدىغان بىر ئابىدىدۇر.

«دېڭىزنىڭ ئېيتقانلىرى» نى تەكرار ئوقۇپ چىقتىم، بىرىنچى قېتىمدا بىر كوررىكتورنىڭ كۆزى بىلەن ئوقۇغان بولسام، ئىككىنچى، ئ‍ۈچىنچى ۋە تۆتىنچى قېتىملاردا ئوخشىمىغان تۇيغۇلارنىڭ شاھىدى بولۇپ ئوقۇدۇم. بەزىدە شائىرنىڭ تۇيغۇسىغا جۆر بولۇپ دېڭىزلاردا لەيلىگەن بولسام، يەنە بەزىدە شائىر يىراقلاردا قالغان مومىسىنى ئەسلىگەندەك مېنىمۇ ئەڭ گۈزەل بالىلىق ئەسلىمىلىرىمگە قايتۇردى. شائىر كۈتكەن «باھار» ماڭا كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدنى بېغىشلىسا، ئۇنىڭ قەلىمىدىكى ئۆزىگە بولغان ناتونۇشلۇق ۋە پەقەت شائىرلارلا كۆرەلەيدىغان يەنە بىر دۇنيا ماڭا شېئىرنىڭ ھېس قىلىشقىلا بولىدىغان ئەمما تەسۋىرلەش قىيىن بولغان تەمىنى تېتىتىپ ئ‍ۆتتى. مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرىدا ھاياتلىقنىڭ دېڭىزدەك كەڭرى، شاۋقۇنلۇق، تىنچسىزلىققا تولغان، باغرىدىكى قاتمۇ-قات ئېنىقسىزلىقلارنىڭ تېگىگە يېتىپ بولمايدىغان تونۇش تۇيغۇلار ئۇچراپ تۇراتتى. شائىر ئۆزىنىڭ خىيالى قەسىرىدىكى مەلۇم ۋە نامەلۇم بىرى بىلەن پاراڭلىشاتتى، ئۇنى «باھار» دەپ ئاتايتتى، ئۇنىڭ ۋىسالىغا يېتىشكە تەمشىلەتتى، ئۇنى چۈشىنەلمەي قىينىلاتتى. بۇ خىيالى دۇنيا ئۇنىڭ ئ‍ۈچۈن شۇنىڭ ئۈچۈن مەۋجۈت ئىدى: ئۇ بۇ دۇنيادا ئۆزىنى تاپاتتى، بارلىق شائىرلاردەك رېئال دۇنياغا ئەزەلدىن سىغىشى كېرەك بولمىغان تەسەۋۋۇرلار مۇتەللىپنىڭ بۇ دۇنياسىغا كەڭ-كەڭرى يېيىلىپ، ئۇنى دېڭىزنىڭ چەكسىزلىكىگە باشلىيالايتتى.

مۇتەللىپ نېمە ئۈچۈن بۇ تەسۋىرى دۇنيانى ئۆزى ياشاۋاتقان نورۋىگىيەنىڭ نورۋىگ تىلىدا يازمىدى؟ ئەجابا تەكلىماكان قۇملىرىغا مىلىنىپ چوڭ بولغان بۇ كىشى نورۋىگىيەنىڭ دېڭىز ساھىللىرىدىكى قۇملاردىن ئۆزىنى تاپالمايتتىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەس، مۇتەللىپ شېئىرلىرىنى نورۋىگ تىلىدا يازسا ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر نەچچە جەھەتلەردىن قولايلىق بولاتتى: كىتابى نورۋىگىيەدە نەشىر قىلىنىپ، مۇئەييەن ئىقتىسادى قىممەت يارىتالايتتى، ئۇنىڭ كىتابقا سىڭدۈرگەن ئەجرىگە لايىق بىر نەتىجە چىقاتتى. بەلكىم نورۋىگىيەلىك ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن ھۆرمەتلىنىپ، رېئ‍ال ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئالاقە قىلىش بىلەن ئۆزىنىڭ رېئاللىقىغا تېخىمۇ ئىشىنەلەيتتى ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ئاشاتتى. بەلكىم مۇتەللىپمۇ ياۋروپا شائىرلىرىنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ، ياۋروپادا ئۆتكۈزىلىدىغان ھەرخىل شېئىرى مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ مۇھىم تېمىلىرىغا ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى. يەنە بەلكىم مۇتەللىپنىڭ ئۇيغۇر بولۇش سالاھىيىتى ئۇنىڭغا بولغان قىزىقىشنى قوزغاپ، ئۇنىڭ مىللەت ئۈچۈن ئ‍ەمەس مىللەتنىڭ ئۇنىڭ ئۈچۈن قىلغان خىزمەتلىرىگە يول ئاچاتتى. ئەمما مۇتەللىپ ئۇنداق قىلمىدى، ھېچبولمىسا ھازىرچە ئۇنداق قىلىشنى تاللىمىدى، بۇنىڭ قانداق سەۋەبلىرى باردۇ؟

مەن بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى مۇتەللىپتىن سوراپ باقمىدىم، چۈنكى مەن زىيارەت خاتىرىسى يازمايۋاتىمەن. مەن مۇتەللىپنىڭ «دېڭىزنىڭ ئېيتقانلىرى» نى ئوقۇش جەريانىمدا ھېس قىلغانلىرىمنى قەلەمگە ئېلىپ قويىۋاتقان بىر ئوقۇرمەن خالاس. مەن ئ‍ۈچۈن مۇھىم بولغىنى مۇتەللىپنىڭ شەخسى تاللاشلىرى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ كوللىكىتپ ئۈچۈن تاللىغان يولى ۋە بۇ تاللاشنىڭ ئەمەلىيەتتە كۆرۈلگەن نەتىجىسىدۇر.

مۇتەللىپ شېئىرلىرىدا مەن چۈشىنەلەيدىغان ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئاجايىپ بىر غېرىپلىقنى، بىر ئۇنتۇلۇشنى، بىر تايانچسىزلىقنى، بىر رەڭسىزلىكنى تەسۋىرلەيدۇ. ئۇنىڭ قۇرلىرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرغان ھىجران گەرچە يىنىك ۋە ئاددىي سۆزلەرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنۇپ مۇتەللىپنى «ئىشىق» تىن باشقىنى كۆرمەيدىغان بىر ئەما رەسسام ۋە بارماقسىز شائىرغا ئايلاندۇرسىمۇ، بىز مۇتەللىپنىڭ ئەسلى ھالىتىنى شېئىرلىرىدىن ئاسانلا كۆرۈپ قالالايمىز: تەۋەسىزلىكنىڭ چارىسىزلىكى، ئايرىلىشنىڭ تەمسىزلىكى ۋە ۋىسالسىزلىقنىڭ دېڭىزدا ئېقىپ كېتىۋاتقان سۆزسىزلىكى.

شائىرنىڭ شېئىرلىرىدا ئۇ يېتەلمەيدىغان «باھار» بار، بۇ باھار قارىماققا قۇملۇقتا ئېچىلىۋاتقان گۈلگە ئوخشىسىمۇ، لېكىن ئۇ دېڭىزغا چۆكۈپ كېتىۋاتقان پەسىلسىزلىككە ئوخشايدۇ. مۇتەللىپنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكى كېچىگە تويۇنغان باھار ئۇنى يالىڭاچلايدۇ، ئۇنىڭغا ئۆزىنى تونۇتىدۇ، ئۇنىڭدىن ھېچكىم سوراپ باقمىغان سوئاللارنى سورايدۇ، ئۇنى ئۆزىگە ئىقرار بولۇشقا قىستايدۇ. مۇتەللىپ دېڭىزدەك قايناپ تۇرغان ئەمما تاشالمايدىغان قەلبىگە بۇ باھارنى يوشۇرماقچى بولىدۇ، دۇنيانىڭ غەۋغالىرىدىن باھار بىلەن يىراقلاشماقچى، باھارغا ئۆزىگە ئېيتالمىغان سىرلىرىنى ئېيتىپ بەرمەكچى بولىدۇ. باھار ئۇنى ياشاشقا قىستايدۇ، شۇنداقلا ئۇنى ئۆلۈمگە تەلپۈندۈرىدۇ.

مۇتەللىپ سەيدۇللا ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ۋاراق تىز سىزمىسى. ئۇنىڭدا ئۆزى بىلەن چىقىشالماسلىق بار. بۇ چىقىشالماسلىق ئۇنىڭ قىزىق ئاپتاپلىرى كۆيدۈرۈپ تۇرىدىغان تەكلىماكاننىڭ باغرىدىن مەجبۇرى يۇلۇپ ئېلىنىپ، شاماللىق دېڭىز بويىغا تاشلانغانلىقىدەك بىر ئەمەلىيەتتىن كېلىپ چىققان. ئۇنىڭ قايناپ تۇرىدىغان قېنى، تەكلىماكاندەك قىياس قىلماق تەس بولغان كەيپى بولسا دېڭىزنىڭ ئاساسەن كۆپ ئۆزگىرىش بولمايدىغان كېلىماتىدا قاتتىق قىينىلىدۇ. مۇتەللىپ تەكلىماكاننىڭ ئەركىكى، دېڭىز بولسا سوغۇققان ۋە ھاكاۋۇر. ئۇ ئۆز باغرىنى دېڭىزغا ئاچقان ھامان ئۇنىڭدىكى ئوتلارنىڭ ئۆچۈپ قېلىشى ئېنىقلا ئىدى. بىراق مۇتەللىپ دېڭىزدىن يىراقلاپ كېتەلمەيتتى، ئۇ ئاخىرىدا دېڭىزغا ئايلانماقچى، ئۇنىڭ قوينىدا تۇرۇپ ھېكايە ئېيتماقچى بولىدۇ. دېڭىز مۇتەللىپنىڭ تىلىدا سۆزلەرمۇ؟

شائىر دېڭىزنى شائىرنىڭ ئانا تىلىدا سۆزلەشكە مەجبۇرلايدۇ، ئۇنىڭدىكى تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش يوشۇرۇن ئىستىكى دېڭىزنى ئۆز ئىلكىگە ئۆتكۈزىۋېلىشقا كۈشكۈرتىدۇ. مۇتەللىپ قارىماققا سىپايە ئەمما بوران-چاپقۇن، قار-يامغۇرلۇق تەكلىماكاندەك خاراكتىرى بىلەن دېڭىزنى قۇملۇققا يۇتقۇزماقچى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەسەبىيلەرچە ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ تىپىك مىسالى ئۇنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا پىچىرلىغان دېڭىزنىڭ سۆزلىرىدە ئىپادىسىنى تاپىدۇ.

شۇنداق! مۇتەللىپ دېڭىزنى بويسۇندۇرغان ئىدى! بۇ بويسۇندۇرۇش قارىماققا ئامالسىزلىقتىن كېلىپ چىققان مۇتتەھەملىكتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما مۇتەللىپ ئۈچۈن بۇ ئۇنىڭ ئانا تىلىغا، ئانا تۇپرىقىغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنىڭ توساۋسىز دولقۇنلاردەك شىددەت بىلەن ھۇجۇم ياسىشى ۋە قۇملۇق قىرغاقلارنى يالماپ كېتىشى ئىدى. مۇتەللىپنىڭ شېئىرلىرىدا، ئۇنىڭ دانىمۇ-دانە ئۇيغۇرچە سۆزلىرىدە، دېڭىز بىلەن قۇملۇق ئاخىرى قۇچاقلىشىدۇ، بىر-بىرى بىلەن گىرەلەشمە جەڭگە چۈشىدۇ، بىر-بىرىنى سۆيىدۇ، تولۇن ئايلىق ۋە ئايسىز كېچىلەردە ئۆزلىرىنى ھېچ پەردىسىز يالىڭاچ ئاشكارىلايدۇ ۋە قۇملۇقتىكى باھار دېڭىزغا باشلىنىدۇ!

مۇتەللىپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن دېڭىزغا جەڭ ئېلان قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ ياۋايى تەبىئىتىنى ئۆزىنىڭ ياۋايىلىقى بىلەن بويسۇندۇرىدۇ! مۇتەللىپنىڭ بۇ شېئىرلار توپلىمى ئۇنىڭ مۇرەككەپ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى سىڭىپ كىرىش، كونتىرول قىلىش ۋە ئۈستۈنلۈكنى ئېگەللەشتەك ئەركەكلىكنى سۆزلەيدۇ. ئۇ نازۇك قۇرلىرى بىلەن دېڭىزنىڭ چوڭقۇرلىقىغا ئازادە ھۇجۇم قوزغىيالايدۇ، ئۇ ئەۋرىشىم ۋە نەپىس شېئىرلىرى بىلەن ئەرلىكىنى يوشۇرىدۇ ۋە دېڭىزنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىدۇ، دېڭىزغا پىچىرلاشلىرى بىلەن دېڭىزنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدۇ، بەلكى ئۇ دېڭىزنى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئىلكىگە ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كىيىن غەلىبە تۇغىنى لەپىلدىتىدۇ-دە، ئۆز ماكانى تەكلىماكاننىڭ قۇملۇقلىرىغا سىڭىپ كېتىدۇ، ياكى دېڭىزنى ئۆزى بىلەن بىللە تەكلىماكانغا باشلاپ كېتىدۇ.

مۇتەللىپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ چوڭقۇرلىقى، رەڭدارلىقى ۋە كۆپ قىرلىقلىقىنى ئۆز شېئىرلىردا نامايان قىلىدۇ، ئۇ بەلكى شېئىرلىرىدىكى ئ‍ۆزى تەلپۈنىدىغان ئايال ئۈچۈن بارلىقىنى قۇربان قىلماقچى بولغان ئاشىققا ئوخشايدۇ، لېكىن ئۇ ئاشىق ئەمەس، ئۇنىڭ ئاشىقى ھېچقاچان بىر ئايال ئەمەس بەلكى دەل قۇملۇق ۋە دېڭىزنىڭ كېلىشەلمەسلىكىدىن كېلىپ چىققان ئۆزىدىكى زىددىيەنىڭ جاۋابىنى ئىزدەشكە بولغان ئاشىقلىق ئىدى، ماھىيەتتە ئۇ ھەرقانداق بىر شائىرغا ئوخشاش ئۆزىگە ئاشىق ئىدى ۋە بۇ ئاشىقلىقنى ھېچ تەپتارتماستىن ئۆزىنىڭ تىلىدا، مەردانە ۋە غەمسىز ھالدا يېزىپ چىقىپ بىزگە سۇنغان ئىدى. مانا بۇ ئانا تىلنىڭ بىزگە ئەپكېلىدىغان ئەڭ چوڭ سوۋغاتلىرىنىڭ بىرى ئىدى: ئۆزىمىزگە ئاشىقلىقنىڭ چىگرىسىز ۋە باتۇرانە ئىپادىلىنىشى!

مۇتەللىپ نېمىشقا ئۇيغۇر تىلىدا يازدى؟ ئۇ يەنە ئۇيغۇر تىلىدا يازامدۇ؟ ئۇنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇيدىغان ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى بارمىدۇ؟ بۇلارنى بىز بىلمەيمىز، ئەمما شۇنى بىلىمىزكى، ئۇيغۇر تىلى ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈچۈن روھىنىڭ تىلى، بۇ تىل بىزنى چەكسىزلىكنىڭ قىرغاقلىرىغا، چوڭقۇرلىقىغا ئىتتىرىدۇ، بۇ تىل بىزنى خالىغاندا قۇملۇققا، خالىغاندا باھارغا، گاھىدا تۈنلەرگە، يەنە گاھىدا رەسساملارنىڭ پەلكۈشلىرىگە ھېچقانداق توسالغۇسىز ئەركىن ھالدا ئېلىپ بارالايدۇ، ئۇيغۇر تىلى دولقۇنلاپ تۇرغان ھايات دېڭىزىدا روھىمىزنىڭ قولۋاقلىرىنى قىرغاقلارغا بىخەتەر ئاپىرالايدىغان ئ‍ازادە پالاق! بىز ئۇيغۇرلار ھاياتلا بولىدىكەنمىز، بۇ تىلىمىز بىزنىڭ روھىمىزنى مەڭگۈ سۆزلەيدۇ.

شۇنداق، دېڭىز پىچىرلايدۇ، ئۇ تۇزلۇق پىچىرلايدۇ، خۇددى ئۇيغۇر تىلى بىز ئۈچۈن تۇزدەك مۇھىم بولغاندەك!

2019-يىلى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى

مەنبە: http://www.iughur.com

 

بىكەت ئەسكەرتمىسى

دىققەت:

1- بېكىتىمىزگە يوللانغان ئېلكىتابلارنىڭ بارلىق ھوقۇقى ئەسلىي ئاپتورى ياكى مۇناسىۋەتلىك نەشرىياتقا تەۋە: «نەشر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىندى» دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
2- بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن ئېلكىتابلارنى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ كىرىم مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشى توغرا ئەمەس ۋە بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئالمايدۇ.

3-بېكىتىمىزگە تامغۇسى بىلەن يوللانغان كۆپىنچە كىتابلارنىڭ تامغۇسىز ۋە سۈزۈك نۇسخىسى بىزدە مەۋجۇت بولۇپ، تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ ئەسلىي نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ.
4-تور بەت ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئالاھىدە قوغدىلىدۇ.
5- قولىڭىزدا خەلقىمىز بىلەن ئورتاق پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ياخشى ماتېرىياللار ياكى ئېلكىتابلار بولسا، بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ، ئاۋۋال ئۇيغۇر كىتابتا بار يوقلۇقىنى ئىزدىۋەتكەندىن كېيىن بىزدە بولمىغان كىتابلارنى مۇناسىۋەتلىك تۈرگە يوللىۋېتىڭ ياكى uyghurkitap@outlook.com ئارقىلىق بىزگە يوللاپ بىرىڭ.
6- مۇمكىن قەدەر كىتابخانىدىن ئەسلىي نۇسخا كىتابنى سېتىۋېلىپ ئوقۇڭ.
ھۆرمەت بىلەن:
http://www.uyghurkitap.com
ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتى
ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ يېڭى ئادرېسى

ئىنكاسلار
ئىنكاس يوللاش