ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خۇش كەپسىز
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلنىڭ ئىملا لۇغىتى
ساقلىۋېلىش
كىتاب ئىسمى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلنىڭ ئىملا لۇغىتى
كىتاب ئاپتورى مىرسۇلتان ئوسمانوف قاتارلىقلار
تۈرى لۇغەتلەر
تەرجىمە قىلغۇچى
تۈزگۈچى
كىتاب ھەجمى ‎32.7MB MB  
بەت سانى 982
ھۆججەت شەكلى PDF
تورغا يوللىغۇچى ئۇيغۇر كىتاب
نەشر قىلغان ئورۇن شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2009-09-03
كىتاب تىلى ئۇيغۇرچە
كۆرۈلىشى: 1268
تورغا يوللانغان ۋاقتى: ‎2020-01-05 12:55:29
چۈشۈرۈش
كىتاب ھەققىدە

يېزىق -سۆزلىگەن گەپ -سۆزنى خاتىرىلەيدىغان بەلگە. ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى زامان يېزىقى مىڭ يىلغا يېقىن ئۆزگەرمەي كەلگەن ئىدى، 1950- يىلىدىن كېيىن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ياساپ دۇنيا رېكورتىنى بۇزدى؛ يەنى 30 يىلدا نەچچە قېتىملاپ يېزىق ئالماشتۇرۇپ دۇنيا رېكورتىنى بۇزدى.
1920- يىللىرىنىڭ باشلىرىدا سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى چېگرىسى ئىچىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرىنىڭ پارىس ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىقلىرىدا ئاددىيلاشتۇرۇش باشلاندى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى لاتىنلاشتۇرۇش پەرمانى (the Decree on Romanization) غا سوڭدىشىپلا ئېلان قىلىنغان تۈركىيەدىكى يېڭى ئېلىپبە ئۆزبېك ، ئەزەربەيجان ، تۈركمەن ۋە قازاقىستان قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش لاتىن ئېلىپبەسىنى ئورتاقلىشاتتى ، بۇ ئۇلارنىڭ ئورتاق بىر يېزىق سۇپىسىدا مەدەنىيەت ،ئالاقە ۋە ئىلىم ئورتاقلىشىشىغا تۈرتكە بولاتتى. جوزېف ستالىن 1930-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەرگە رۇس تىلىنىڭ ئېلىپبەسىنى، قىرىل ھەرپلىرىنى قوللىنىشقا مەجبۇرلىغاندىن كېيىن ، بۇ ئورتاقلىق قىسقىغىنە ۋاقىت ئىچىدە غايىپ بولدى. يەنى 1940-يىلى قىرىل (سلاۋىيان) ھەرپلىرى لاتىن ئېلىپبەسىنىڭ ئورنىنى ئالدى. ئوتتۇرا ئاسىيا تىللىرىنىڭ يېزىقچىلىق سىستېمىسىنى رۇس تىلىغا بەك يېقىنلاشتۇرغان بۇ كېيىنكى ئۆزگىرىش ، تۈركىيىدە ئېلان قىلىنغان يېڭى ئېلىپبەدىن كېلىپ چىققان يېزىق يېقىنلىق مۇناسىۋەتىنى چورتلا ئۈزۈپ تاشلىدى. بىزدە جەڭگى جېدەل 1950- يىلدىن كېيىن باشلاندى.
تۆۋەندىكى ئېلىپبە - يېزىق يىللىرىغا قارايدىغان بولساق، مەيلى چوڭ نۇقتىدىن ئالغاندا تۈركىي تىللاردا سۆزلىشىدىغان خەلقلەرنى بولسۇن ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرى بىلەن بولسا مۇناسىۋەتتە بولسۇن، يېزىق جەھەتتىن ئايرىۋېتىش كۆزگە چېلىقماقتا. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلىغان تىلىدىكى ئاممىباب تىلغا ئۆتۈش دولقۇنى ھەممە تىلدا يۈز بەرگەن بولۇپ، كىشىلەرگە چۈشىنىشلىك، ئامما چۈشىنەلەيدىغان تىلغا ئۆتۈش دولقۇنىدىن ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز نۆۋىتىدە بەھر ئالغان، بۇ روشەنكى ، يېزىقتىمۇ ئۆز ئەكسىنى تاپقان ئىدى.
مانا ھازىرقى ئەھۋالىمىزغا قارايدىغان بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مۇئەييەن ساندىكىلەر ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئېلىپبەنى بىلسىمۇ يەنە قىسمەنلىرى قىرىل (سلاۋىيان) يېزىقىدا ئالاقە قىلغانلىقتىن يېزىقتىمۇ بىرلىككە كېلەلمەسلىكتەك مۇجىمەل ئىتتىپاقسىزلىقىمىزنىڭ ئاساسى بولۇپ قالماقتا . مەسىلەن : رۇسلان ئ‍ارزىيېف ئەپەندى 1996- يىلى يازغان «قۇتادغۇبىلىك ۋە ئۇنىڭ لېكسىكا-ئېستېتىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى »
»»ҚУТАДҒУ БИЛИК« вә униң лексика-стилистикилик алаһидиликлири«
دېگەن كىتابى ئۇيغۇر تىلىدا ئەمما قىرىل (سلاۋىيان) يېزىقىدا يېزىلغان بولۇپ قانچىمىز ئۇنى ئوقۇپ- پايدىلىنالىدۇق ياكى كۈتۈپخانىمىزدىن ئورۇن بېرىشكە مۇيەسسەر بولالىدۇق. مانا بۇ ئوخشاش تىل ئەمما ئوخشىمىغان يېزىقتىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەت. تىللىۋاتقان 1 مىليارت 400 مىليون خەلق تىللىرىدىكى ئوخشىماسلىققا (دىئالېكتتىكىلىق ئوخشىماسلىق تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان ئوخشىماسلىق ) قارىماي ، يېزىقى ئوخشىغانلىقى ئۈچۈن تىل جەھەتتىكى بىرلىكىنى ساقلاپ كېتىۋېرىپ بارىدۇ.
مانا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە يەنە ئارىمىزدىكى يېزىق ئىملا جېدىلى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى يۇرتىمىزنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئومۇمىي ئۇيغۇر توپىدىن ئايرىيدىغان ئۇلارنى يەكلەيدىغان، ئۇلاردىن بۆلۈپ چىقىدىغان بىئاقىلانە ھەرىكەتلەر كۆزلەرگە چېلىقماقتا.
كېيىنكى يۈز يىللىق تۈرك دۇنياسىغا تەئەللۇق تىل- يېزىق ئىملا ئىنقىلابلىرىدىن ، ئىسلاھاتلىرىدىن، ئۆزگىرىشلەردىن قارىغاندا بىر كۈچ بۇلارنى يېتىم قالدۇرۇش، بۆلۈش ۋە ئايرىۋېتىش ئۈچۈن كۆرەش قىلماقتا. بىزنىڭ ئارىمىزدىكى قىسمەن ئەھلى ئىلىم يا بىلىپ يا بىلمەي بۇ سەنەمگە ئۇسسۇل ئوينىماقتا.
يۈز يىللىق يېزىق -ئىملا يىللىرىغا قاراپ باقايلى.
ئەسلەتمە : «ئۇيغۇر يىلنامىسى»دىن ئېلىندى
1925- يىلى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالماتادا ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 1-قېتىملىق تىل-يېزىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، شۇ ۋاقىتقا قەدەر قوللىنىپ كەلگەن ئەرەب ئېلىپبەسى قىسمەن ئىسلاھ قىلىنىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە دەسلەپكى قەدەمدە لايىقلاشقان 27 ھەرپتىن تەركىب تاپقان ئېلىپبە قوللىنىلدى. (ئابدۇرېھىم راخمان، ئۆمەرجان) (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
1926- يىلىدىن باشلاپ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق بىر تۈركۈم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىنى لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېزىقىغا ئۆزگەرتىش ھەققىدە تەكلىپ-پىكىرلەرنى ۋە ھەرخىل لايىھىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بىرقانچە قېتىم مۇزاكىرە قىلىشتى. (ئابدۇرېھىم راخمان، ئۆمەرجان) (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
1928-يىلى 4-ئايدا ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا لاتىنلاشتۇرۇش پەرمانى (the Decree on Romanization) ماقۇللىنىپ ئېلان قىلىندى.
1928- يىلى4-ئاينىڭ 29-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 4-كۈنىگىچە ئۆزبېكىستاندا سەمەرقەند شەھىرىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن 1-قېتىملىق ئۇيغۇر تىل-يېزىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئېلىپبەسى ۋە ئاتالغۇلار مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ قېتىمقى يىغىندا سوۋېت ئۇيغۇرلىرى لاتىن يېزىقىنى ئىشلىتىش ھەققىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىپ، لاتىنلاشتۇرۇلغان بۇ ئېلىپبەنىڭ 32 ھەرپتىن تەركىب تېپىشى تەۋسىيە قىلىندى. (ئابدۇرېھىم راخمان، ئۆمەرجان) (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
1928-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى ، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى خەلقئارا رەقەملەرنى ئىشلىتىشنى بىردەك ماقۇللىدى.
1928-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ، مۇستافا كامال ئاتا تۈرك گۈلخان باغچىسىدىكى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيىسىنىڭ يىغىلىشىغا قاتناشقان ئاممىغا يېڭى ئېلىپبەسىنى تونۇشتۇردى. ئىككى كۈندىن كېيىن دولماباغچە سارىيىدا تۇنجى دەرس باشلاندى. شۇنداق قىلىپ يېڭى تىل ئىسلاھاتى دەۋرى باشلاندى. يېڭى ئېلىپبەنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئوخشاش ئۇسۇلدا ئوخشاش ئۇسۇلدا تانزىمات ئېلان قىلىنغاندىن 92 يىل كېيىن گۈلخان باغچىسىدا ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئوخشاش مۇھىملىقنى ئىپادىلىدى.
1930- يىلى5- ئايدا ئالمۇتا شەھرىدە «2- قېتىملىق ئۇيغۇر تىلى مۇھاكىمە يىغىنى» چاقىرىلىپ، 1- قېتىملىق يىغىننىڭ لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىققا كۆچۈش ھەققىدىكى قارارى ماقۇللاندى. (ئابدۇرېھىم راخمان، ئۆمەرجان) (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
1931- يىلى 5- ئايدا ئالماتا شەھرىدە «2- قېتىملىق ئۇيغۇر تىلى مۇھاكىمە يىغىنى» چاقىرىلىپ، 1- قېتىملىق يىغىننىڭ لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېزىققا كۆچۈش ھەققىدىكى قارارى ماقۇللاندى. (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
1936- يىلى يۇرتىمىزدىكى ئۇيغۇرلار سوۋېت ئۇيغۇرلىرىنىڭ 1930-1940-يىللاردىكى دەسلەپتە لاتىن يېزىقىنى قوللىنىشتىن تەدرىجىي سىلاۋيان يېزىقىغا كۆچۈش ھەرىكىتىگە ئەگەشمىدى. ھاشىم گۆھەر باقى دېگەن كىشى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ، غۇلجىدا ھۈسىيىن يۇنۇس مەتبەئەسىدە بېسىلغان ئىلى ۋىلايەتلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان «ئېلىپبە »دەرسلىكى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا بېسىلغانىدى. ئۇنىڭدا ئەرەب تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى يېزىشتا قوللىنىلىدىغان بەلگىلەر كىرگۈزۈلمىگەن. (ئابدۇرېھىم راخمان، ئۆمەرجان) (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
1937- يىلىيۇرتىمىزدىكى زىيالىيلارنىڭ ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى سان ۋە تەرتىپ جەھەتتىن سوۋېت ئۇيغۇرلىرى قوللىنىۋاتقان لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى بىلەن ئوخشاش قىلىشقا قوشۇلدى. (ئابدۇرېھىم راخمان، ئۆمەرجان) (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
1946 -يىلى ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن يېڭى ئېلىپبە تۈزۈپ ئېلان قىلدى. بۇ ئېلىپبە 27 ھەرپتىن تەشكىل تاپقانىدى. (ئابدۇرېھىم راخمان، ئۆمەرجان) (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ 1- يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن يېڭى ئېلىپبە تۈزۈپ ئېلان قىلدى. بۇ ئېلىپبە 27 ھەرپتىن تەشكىل تاپقانىدى. (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
1947- يىلى 2-ئاينىڭ 4- كۈنىدىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوۋېتىنىڭ قارارى بويىچە لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى ئېلىپبەگە كۆچۈرۈلدى. ئۇنىڭدا رۇس ئېلىپبەسىدىكى 33 ھەرپ تولۇق قوبۇل قىلىنغاندىن باشقا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس فونىمىلىرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن سەككىز ھەرپ ياسالغان. شۇنداق قىلىپ، سىلاۋيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسى 41 ھەرپتىن تەشكىل تاپقانىدى. ‘‘ (ئابدۇرېھىم راخمان، ئۆمەرجان) (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
1951- يىلى 5-، - 6-ئايلاردا ئالماتادا « مەسلىھەت يىغىنى »چاقىرىلىپ، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنى، ئىملا قائىدىسىنى ۋە ئېلىپبەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش مۇزاكىرە قىلىندى. (ئابدۇرېھىم راخمان، ئۆمەرجان) (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ئۆز دەۋرى ئۈچۈن ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ مۇكەممەل ئېلىپبە بولۇپ، تاشكەنت ۋە ئالماتادا كەڭ قوللىنىلدى. (ئابدۇرېھىم راخمان، ئۆمەرجان) (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
ئېلىپبە تەرتىپى جەھەتتە 1951- يىلى تۈزۈلگەن ئېلىپبەدە تاشكەنت ئۇيغۇرلىرى ئىشلەتكەن ئېلىپبە تەرتىپى قوللىنىلدى. (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
1954- يىلى بۇ يىلدىن باشلاپ تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 5- يىللىقىدا سلاۋىيان ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى يېزىقنى ئۆگىنىش يولغا قويۇلدى. (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
1956- يىلى قازاقلارمۇ لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى يېڭى يېزىق لايىھىسىنى ئىشلەپ چىقتى. (شۇئار ئومۇمى ئەھۋالىنى يېزىش گۇرۇپپىسى)
1957- يىلى خەنزۇ تىلىنىڭ لاتىنلاشتۇرۇلغان فونېتىكىلىق ئېلىپبەسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، سىلاۋيان يېزىقىنى قوللىنىش دۆلەتنىڭ بىرلىكىدىن ئايرىلغانلىق، دەپ قارالدى. (ئابدۇرېھىم راخمان، ئۆمەرجان) (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
1958- يىلى 5- ئايدا بېيجىڭدا مەملىكەتلىك مىللەتلەر تىل -يېزىق خىزمىتى يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا « جۇڭگۇدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر يېزىق ياراتماقچى بولسا ياكى يېزىقلىرىنى ئۆزگەرتمەكچى بولسا، پىرىنسىپ جەھەتتىن خەنزۇ تىلى فونىتېكىلىق ئېلىپبە لاھىيەسىنى ئاساس قىلىش كېرەك» دېگەن پىرىنسىپ بەلگۈلەندى. (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
1959- يىلى شىنجاڭنىڭ سابىق رەئىسى سەيپىدىن ئەزىزى « خەنزۇ تىلى سۆز ئاتالغۇلىرىنى قوبۇل قىلىش جۇڭگودىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئۆزئارا قوشۇلۇپ كېتىشى ئۈچۈن پايدىلىق، چەتنىڭ ئېلىپبەسى (سىلاۋيانچە) گىلا ئېسىلىۋېلىپ، خەنزۇچە ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشقا قارشى تۇرۇش يەرلىك مىللەتچىلىك »دەپ كۆرسەتتى. (ئابدۇرېھىم راخمان، ئۆمەرجان) (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
12-ئايدا ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايونلۇق 2- قېتىملىق تىل- يېزىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلدى. يىغىندا خەنزۇ تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبە لايىھىسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنىڭ لايىھىسى بىلەن قازاق يېڭى يېزىقىنىڭ لايىھىسى ھەم ئاتالغۇلارنى قوبۇل قىلىشنىڭ پرىنسىپلىرى مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ ئىككى مىللەتنىڭ يېزىق لايىھىسىنى ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە سىناق تەرىقىسىدە يۈرگۈزۈش ماقۇللاندى. (ئابدۇرېھىم راخمان، ئۆمەرجان) (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
كۈزگە كەلگەندە، «ھوقۇقدارلارغا قارشى كۈرەش » نىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى بىلەن شىنجاڭدىكى ئەمەلدارلار لاتىنلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشكە مەجبۇر بولدى. دەل مۇشۇ مەزگىلدە، جۇڭگو- سوۋېت مۇناسىۋىتى بۇزۇلۇشقا قاراپ يۈزلەنگەنىدى. مۇشۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا سىلاۋيان ئېلىپبەسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، لاتىن ئېلىپبەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، شىنجاڭدا سوۋېتنىڭ تەسىرىنى تۈگىتىش مەقسەت قىلىندى. (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
1963- يىلى شىنجاڭ تىل-يېزىق ئىسلاھ قىلىش كومىتېتى تەييارلىغان ئۇيغۇر لاتىن ئېلىپبەسى بېيجىڭ ۋە شىنجاڭدىكى تىلشۇناسلارنىڭ مۇزاكىرىسىگە سۇنۇلدى. يىغىندا ئاساسلىقى خەنزۇ تىلىدىن كىرگەن سۆزلەرنى ئىپادىلەشتە قوللىنىلىدىغان چ، ژ، ش قوشما ھەرپلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە بولدى. (ئابدۇرېھىم راخمان، ئۆمەرجان) (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
1964- يىلى 3-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 3-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11-قېتىملىق يىغىنىدا لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى رەسمىي يېزىق سۈپىتىدە قوللىنىش ھەققىدىكى قارار ماقۇللاندى. (ئابدۇرېھىم راخمان، ئۆمەرجان) (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
10-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى رەسمىي يېزىق سۈپىتىدە قوللىنىش ھەققىدىكى لايىھىنى گوۋۇيۈەن تەستىقلىدى. (ئابدۇرېھىم راخمان، ئۆمەرجان) (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
1965- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ لاتىن ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى رەسمىي يېزىق سۈپىتىدە ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش ھەققىدە بۇيرۇق ئېلان قىلدى. (ئابدۇرېھىم راخمان، ئۆمەرجان) (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
1970- يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدا چىقىدىغان ئۇيغۇر تىلىدىكى « كوممۇنىزم تۇغى »گېزىتى بۇ يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئەرەب ئېلىپبەسى بىلەن نەشر قىلىندى. (ئابدۇرېھىم راخمان، ئۆمەرجان) (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
1982- يىلى 9-ئايدا جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلىمىدىن كەلگەن، ئاساسلىقى يەنىلا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار لاتىن يېزىقىنىڭ ئۇيغۇر ئەرەب ئېلىپبەسىگە قارىغاندا تەس ئىكەنلىكىنى شىكايەت قىلىپ، ئۇنى ئىشلەتمەسلىكنى تەلەپ قىلدى. بۇ ئىش ئۇلغىيىپ ئاخىرى يېڭى يېزىقنى ئىشلەتمەسلىك رەسمىي قارار قىلىندى. (ئابدۇرېھىم راخمان، ئۆمەرجان) (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
11-ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى «ئۇيغۇر قازاق كونا يېزىقلىرىنى ئومۇمىي يۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى دوكلاتى»نى تارقاتقانلىق ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنى قوللىنىش توختىتىلىپ، ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر كونا يېزىقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى ۋە ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر. قازاق، قىرغىز يېزىقلىرى ۋە ئىملا قائىدىلىرىنى 1984 -يىلى 1- يانۋاردىن باشلاپ ئىشلىتىش قارار قىلىندى. (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
1983- يىلى 4- ئايدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ فونېما سىستېمىسى ۋە يېزىق ئەنئەنىسىگە ئاساسەن كەڭ كۆلەمدە مۇھاكىمە قىلىش، پىكىر ئېلىش ئارقىلىق، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسىنى ئىشلەپ چىقتى ۋە بۇ ئېلىپبە ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن تىل- يېزىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ماقۇللىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 1983-يىلى 9- ئاينىڭ 23- كۈنىدىكى تەستىقى ۋە 1984-يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئومۇميۈزلۈك قوللىنىش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشى بىلەن رەسمىي ئېلان قىلىندى. (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
4- ئايدا ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسى ئىشلەپ چىقىلدى. (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
9 -ئاينىڭ 23 -كۈنى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئېلىپبەسى» خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەستىقلاندى. (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)
1984-يىلى 1 -ئاينىڭ 1-كۈنى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر. قازاق، قىرغىز يېزىقلىرى ۋە ئىملا قائىدىلىرى ئىشلىتىشكە باشلىدى. (ئارسلان ئابدۇللا تەھۇر)

 

بىكەت ئەسكەرتمىسى

دىققەت:

1- بېكىتىمىزگە يوللانغان ئېلكىتابلارنىڭ بارلىق ھوقۇقى ئەسلىي ئاپتورى ياكى مۇناسىۋەتلىك نەشرىياتقا تەۋە: «نەشر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىندى» دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
2- بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن ئېلكىتابلارنى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ كىرىم مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشى توغرا ئەمەس ۋە بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئالمايدۇ.

3-بېكىتىمىزگە تامغۇسى بىلەن يوللانغان كۆپىنچە كىتابلارنىڭ تامغۇسىز ۋە سۈزۈك نۇسخىسى بىزدە مەۋجۇت بولۇپ، تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ ئەسلىي نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ.
4-تور بەت ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئالاھىدە قوغدىلىدۇ.
5- قولىڭىزدا خەلقىمىز بىلەن ئورتاق پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ياخشى ماتېرىياللار ياكى ئېلكىتابلار بولسا، بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ، ئاۋۋال ئۇيغۇر كىتابتا بار يوقلۇقىنى ئىزدىۋەتكەندىن كېيىن بىزدە بولمىغان كىتابلارنى مۇناسىۋەتلىك تۈرگە يوللىۋېتىڭ ياكى uyghurkitap@outlook.com ئارقىلىق بىزگە يوللاپ بىرىڭ.
6- مۇمكىن قەدەر كىتابخانىدىن ئەسلىي نۇسخا كىتابنى سېتىۋېلىپ ئوقۇڭ.
ھۆرمەت بىلەن:
http://www.uyghurkitap.com
ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتى
ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ يېڭى ئادرېسى

ئىنكاسلار
ئىنكاس يوللاش