ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خۇش كەپسىز
قارىيلارنىڭ ئەدەب-قائىدىلىرى (التبيان في آداب حملة القرآن)
ساقلىۋېلىش
كىتاب ئىسمى قارىيلارنىڭ ئەدەب-قائىدىلىرى (التبيان في آداب حملة القرآن)
كىتاب ئاپتورى شەيخۇلئىسلام ئىمام نەۋەۋىي
تۈرى قۇرئان ۋە تەپسىر
تەرجىمە قىلغۇچى ئاتاۋۇللاھ سەئىد
تۈزگۈچى
كىتاب ھەجمى ‎11 MB  
بەت سانى 227
ھۆججەت شەكلى PDF
تورغا يوللىغۇچى ئۇيغۇر كىتاب
نەشر قىلغان ئورۇن ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2020-11-15
كىتاب تىلى ئۇيغۇرچە
كۆرۈلىشى: 1022
تورغا يوللانغان ۋاقتى: ‎2020-11-26 20:20:19
كىتاب ھەققىدە

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن:
جىمى ھەمدۇسانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر! دۇئا ۋە سالاملىرىمىز ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەد مۇستافا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە، ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ۋە ئەسھابىغا، شۇنداقلا تا قىيامەتكىچە ئۇنىڭ توغرا يولىغا ئەرگەشكەنلەرگە بولسۇن!
«قۇرئان كەرىم» پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ﴿ياراتقان پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئىسمى بىلەن ئوقۇ﴾(ئەلەق: 1) دېگەن بۇيرۇق بىلەن نازىل بولۇشقا باشلىغان ۋە 23 يىل جەريانىدا تولۇق تاماملانغان ئىلاھىي كىتابتۇر. ئۇ ھەرقانداق ئۆزگەرتىلىش ياكى بۇرمىلىنىشلاردىن خالىي، تاكى قىيامەتكىچە ئاللاھ تائالا قوغداشقا كاپالەتلىك قىلغان ساپ ۋەھىيدۇر. شۇنداقلا ئۇ پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئەڭ كاتتا مۆجىزىسى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنى تۈزەيدىغان ھايات قانۇنى، ئەقىدە، ئەخلاق، ئىبادەت، مۇئامىلە قاتارلىق ھەرقايسى ساهەلەردە يېتەكچى رەھبەر، ساماۋى دەستۇردۇر.
ئۇنىڭ ساماۋىيلىقىنىڭ يارقىن ئىپادىسى شۇكى، يەر يۈزىدە «قۇرئان كەرىم»دىن باشقا ساپ ۋەھىي ياكى ئىلاھىي كىتاب دېيىشكە يارايدىغان بىرەر كىتابنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن، جانابىي ئاللاھ قۇرئاننىڭ بېشىدىلا ﴿بۇ كىتابتا ھېچ شەك يوق﴾(بەقەرە: 2) دېيىش ئارقىلىق بۇ ھەقتە ھەرقانداق بىر ئېھتىماللىققا يول قويمىغان.
دەرۋەقە، بۇ كىتاب ئاللاھنىڭ سۆزىدىن باشقا ھېچبىر مەۋجۇداتنىڭ سۆزى ئارىلىشىپ قالغان ياكى پىكرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ قالغان ئەمەس، بەلكى ئۆزى ھەققىدە ئېيتقىنىدەك ﴿ئۇ بىباھا كىتابتۇر. ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيەگە لايىق زات تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان﴾(فۇسسىلەت: 41 - 42) كىتابتۇر.
دېمەك «قۇرئان كەرىم» ئاللاھ تائالانىڭ بىزگە نازىل قىلىپ بەرگەن ھىدايەت كىتابى ۋە بىزگە تاشلاپ بەرگەن قۇتقۇزۇش ئارغامچىسى بولغاچقا، ئۇنىڭغا چىڭ ئېسىلغان ۋە ئەمەل قىلغانلار نىجاتلىققا ئېرىشىدۇ. شۇڭا، «قۇرئان كەرىم»نىڭ مەزمۇنىنى ئۆگىنىش ۋە ئۇنى باشقىلارغا ئۆگىتىش ھەربىر مۇسۇلمان ئۈچۈن ئەڭ ئەۋزەل ئىبادەتتۇر.
قۇرئاندىن قالسا ئەڭ سەھىھ كىتاب بولغان «سەھىھۇل بۇخارىي» ناملىق كىتابتا ئىمام بۇخارىي رىۋايەت قىلغان پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: «سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار قۇرئان ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن كىشىلەردۇر»(«بۇخارىي»، 5027 - ھەدىس.) دېگەن سۆزىمۇ قۇرئاننىڭ ئەقىدە، ئەھكام ۋە بارلىق مەزمۇنلىرىنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشنى كۆرسىتىدۇ.
ئەلۋەتتە، قۇرئاننى ئۆگىنىش، تىلاۋەت قىلىش، يادلاش ۋە توغرا تىلاۋەت قىلىشنى ئۆگىتىشمۇ ئەۋزەل ئىبادەت دائىرىسىگە كىرىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان ئەمەللەر قاتارىدا ﴿قۇرئاننى تەرتىل( ) بىلەن ئوقۇغىن﴾(مۇززەممىل: 4) دېگەن بۇيرۇقمۇ بار بولۇپ، ھەربىر مۇسۇلمان بۇ ئەدەب - قائىدىگە رىئايە قىلىشى، بولۇپمۇ قارىيلار بۇنىڭغا ئىزچىل ئەمەل قىلىپ مېڭىشى كېرەك.
ھەربىر ئەمەل - ئىبادەتنىڭ ئۆز ئالدىغا ئەدەب - قائىدىسى، ئەھكاملىرى بولغىنىدەك، «قۇرئان كەرىم»نى ئوقۇش، ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشكە ئالاقىدار، بولۇپمۇ «قۇرئان كەرىم»نى تولۇق يادلىغان قارىيلارغا خاس ئەدەب - قائىدىلەرمۇ، ئەھكاملارمۇ بار. بۇلارنى پەيغەمبىرىمىز ساھابىلىرىگە، ساھابىلىرى تابىئىنلارغا، ئۇلار بولسا ئۆزىدىن كېيىنكىلەرگە ئەۋلادمۇئەۋلاد مىراس قالدۇرۇپ كەلگەن. دىيارىمىزدىكى نۇرغۇن قارىيلارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان ئاتاقلىق ئۇستازلارنىڭ تىلاۋەت ۋە تەجۋىد سەنەدلىرى پەيغەمبىرىمىزگە تۇتاشقىنىدەك، ئۇلار قارىيلىقتا ئوقۇغۇچىلارغا ئۆگىتىپ كەلگەن ئەدەب - قائىدە، ئەھكاملارمۇ پەيغەمبىرىمىزدىن يېتىپ كەلگەن ئىلىم ئىدى. پەيغەمبىرىمىز زامانىدا «قارىي» دېگەن نام قۇرئان كۆرسەتمىلىرىنى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەڭ كۆپ ئەمەل قىلىدىغان زاتلارنى كۆرسىتەتتى. تېخى يېقىنقى زامانلارغا قەدەر دىيارىمىزدىكى ئۇستازلارمۇ قىرائەت ۋە تەجۋىد بىلەنلا كۇپايىلىنىپ قالماي، ئۇنىڭغا يانداشتۇرۇپ قارىيلارغا خاس ئەدەب - ئەخلاق، قائىدە - يوسۇن، تەقۋادارلىق ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەھكاملارنىمۇ بىللە ئوقۇتاتتى.
ئەپسۇسكى، قۇرئانچە ياشايدىغان، ئۇنىڭ تىلاۋىتىنى ھەر كۈن دېگۈدەك ئۈزۈپ قويماي داۋاملاشتۇرۇپ تۇرىدىغان رەببانىي ئۇستازلارنىڭ بىر - بىرلەپ دۇنيادىن كېتىشى بىلەن قارىيلىق پەقەتلا يادلاشنى بىلىدىغان، ئەمما ئۇنىڭ ئەدەب - قائىدىلىرىگە رىئايە قىلمايدىغانلارنىڭ نام - ئاتىقىغا، ئۇنى ئوقۇش بەزىلەر ئۈچۈن بولسا تىرىكچىلىك يولىدىكى ئاددىي ۋاسىتىغا، ئۇنىڭ تىلاۋىتى بولسا بەزىبىر مۇراسىملاردا ئىجرا قىلىنىدىغان ئادەتكە، شەكىلگە، ئالۋانغا ئايلىنىپ قالدى. ھەتتا ئۇنىڭ تىلاۋىتى تىرىكلەرنىڭ ھاياتىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ، ئاساسەن ئۆلۈكلەرگىلا ئاتاپ ئوقۇيدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇلدى. ھالبۇكى، قۇرئان تىلاۋىتى ئۆلۈكلەر ئۈچۈن رەھمەت بولۇشتىن بەكرەك ھاياتلارنىڭ روھىيىتىنى تىرىك تۇتقۇچى بىباھا ئىكسىر، قەلبلەرنىڭ ھاياتلىقى ئۈچۈن شىپالىق يامغۇر ئىدى. ھەممىدىن مۇھىمى، قۇرئان تىلاۋىتى مۇسۇلمان ئۈچۈن كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرۇشى ۋە ئۈزۈلدۈرمەي داۋام قىلىشى تەرغىب قىلىنغان ئالاھىدە ئىبادەت ئىدى.بۇ سەۋەبتىن، «ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى» ساغلام ئىسلام چۈشەنچىسىنى قانات يايدۇرۇش ۋە قارىيلىقتىن ئىبارەت پەزىلەتلىك مەرتىۋە ۋە ۋەزىپىنى توغرا يۆنىلىشتە جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇشىنى كۆزلەپ، ئۇيغۇر خەلقىگە «ياخشىلار باغچىسى» (رياض الصالحين) ئاتلىق ئەسرى بىلەن تونۇلغان بۈيۈك ئالىم، ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھنىڭ بۇ خۇسۇستىكى «التبيان في آداب حملة القرآن» ئاتلىق ئەسىرىنى «قارىيلارنىڭ ئەدەب - قائىدىلىرى» نامى بىلەن ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى نەشرگە تەييارلاپ ئەزىز ئوقۇرمەنلەرگە سۇندى.ئەسەر ئون بۆلۈمدىن مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، «قۇرئان كەرىم» نى ئوقۇپ، يادقا ئېلىشنىڭ پەزىلەتلىرى، قۇرئان ئۆگەتگۈچى ۋە ئۆگەنگۈچىلەر رىئايە قىلىشى كېرەك بولغان ئاساسلار، شەخسنىڭ قۇرئانغا قارشى ۋەزىپىلىرى، قۇرئاننىڭ مەلۇم ۋاقىت ۋە شارائىتلاردا ئوقۇلۇشى ساۋاب بولغان ئايەت ۋە سۈرىلەر دېگەندەك خۇسۇسلار قەلەمگە ئېلىنغاندۇر.
ئەسەر «دارۇل مىنھاج نەشرىياتى» تەرىپىدىن ھىجرىيە 1432، مىلادى 2011 - يىلى لىۋان ئەرەب جۇمھۇرىيىتى بېيرۇت شەھرىدە چاپ ئېتىلگەن نۇسخىسىغا ئاساسەن، ھىجرىيە 1440، مىلادىيە 2019 - يىلى 5- ئايدا تۇنجى ئۇيغۇرچە تەرجىمە نەشرى ئېلان قىلىندى.
ئەسەرنىڭ تۇنجى نەشرى قىسقا ۋاقىتتا تۈگەپ، ئىھتىياجغا بىنائەن ئىككىنچى قېتىم نەشرگە تەييارلاندى. بۇ قېتىم ئەسەرنىڭ تۇنجى نەشرىدە كۆزدىن قاچقان بەزى ئىملا خاتالىقلىرى تۈزۈتىلدى.
ئەسەردە كەلتۈرۈلگەن سۇرە ۋە ئايەتلەر دەلىل ماھىيىتىدە بولغانلىقى ۋە ئانا تېما «قۇرئان كەرىم» بولغانلىقى يۈزىدىن ئىستىسنالار سىرتىدا ھەم ئەرەبچە ھەم ئۇيغۇرچە مەنە تەرجىمىسى بىرگە بېرىلدى. ھەر ئايەتنىڭ ئۇيغۇرچە مەنە تەرجىمىسىنىڭ ئاخىرىغىلا شۇ ئايەت كەلگەن سۇرە نامى ۋە ئايەت نومۇرى بېرىلدى (مەسىلەن، ﴿وَاخْفِضْ جَنَاحَكَ لِلْمُؤْمِنِينَ﴾ يەنى ﴿مۇئمىنلەرگە كەمتەر بولغىن﴾(ھىجىر: 88)).
بۇ ئۇيغۇرچە تەرجىمىدىن پەقەت قارىيلارلا ئەمەس، قۇرئان ئىلمىگە قىزىققۇچى باشقا ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ پايدىلىنىشىغا قولاي بولسۇن ئۈچۈن بۇ قېتىم ئەسەردە ئۇچرايدىغان بەزى دىنىي ئاتالغۇلارغا كىتابنىڭ بېشىدا ئىزاھ بېرىلدى.
كىتابنىڭ ئاخىرىدا ئەسەردە تىلغا ئېلىنغان بەزى مۇھىم شەخسلەر ھەققىدە ئۇيغۇر كونا يېزىق ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە قىسقىچە تەرجىمھال بېرىلدى.
ئەسەرنىڭ ئەرەبچىسىدە بېرىلگەن ھىجرى يىل بىلەن بىرگە ماس ھالدىكى مىلادىيە يىلىمۇ "ھ. / م. " شەكلىدە بېرىلدى.
ئەسەردە ئېھتىياجقا قاراپ تەرجىمان نامىدىن ياكى ساجىيە ئىسلام تەتقىقات مەركىزى تەرىپىدىن بېرىلگەن ئىزاھلار «_ ت» شەكلىدە ئەسكەرتىلدى.
جانابىي ئاللاھ ئۆزىنىڭ ئۇلۇغ كىتابى بولغان «قۇرئان كەرىم»نى ھۆرمەتلەش، ئوقۇش ۋە يادلاشقا ئالاقىدار ئەدەب - قائىدە ۋە ئەھكاملارنى توپلاپ قەلەم تەۋرەتكەن ئىمام نەۋەۋىي رەھىمەھۇللاھقا، ئۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغۇچىغا، نەشرگە تەييارلىغۇچىغا، بېسىپ تارقاتقۇچىغا ۋە بۇ ئىشلارغا كۈچ چىقارغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزغا ئۆز لايىقىدا ئەجىر ئاتا قىلغاي، ئامىين!
دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ
ھىجرىيە 1441 ـ يىل، زۇلقەئدە.
مىلادىيە 2020 - يىل، ئىيۇن.

http://www.sajiya.biz/?p=6453

بىكەت ئەسكەرتمىسى

دىققەت:

1- بېكىتىمىزگە يوللانغان ئېلكىتابلارنىڭ بارلىق ھوقۇقى ئەسلىي ئاپتورى ياكى مۇناسىۋەتلىك نەشرىياتقا تەۋە: «نەشر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىندى» دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
2- بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن ئېلكىتابلارنى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ كىرىم مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشى توغرا ئەمەس ۋە بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئالمايدۇ.

3-بېكىتىمىزگە تامغۇسى بىلەن يوللانغان كۆپىنچە كىتابلارنىڭ تامغۇسىز ۋە سۈزۈك نۇسخىسى بىزدە مەۋجۇت بولۇپ، تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ ئەسلىي نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ.
4-تور بەت ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئالاھىدە قوغدىلىدۇ.
5- قولىڭىزدا خەلقىمىز بىلەن ئورتاق پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ياخشى ماتېرىياللار ياكى ئېلكىتابلار بولسا، بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ، ئاۋۋال ئۇيغۇر كىتابتا بار يوقلۇقىنى ئىزدىۋەتكەندىن كېيىن بىزدە بولمىغان كىتابلارنى مۇناسىۋەتلىك تۈرگە يوللىۋېتىڭ ياكى uyghurkitap@outlook.com ئارقىلىق بىزگە يوللاپ بىرىڭ.
6- مۇمكىن قەدەر كىتابخانىدىن ئەسلىي نۇسخا كىتابنى سېتىۋېلىپ ئوقۇڭ.
ھۆرمەت بىلەن:
http://www.uyghurkitap.com
ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتى
ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ يېڭى ئادرېسى

ئىنكاسلار
ئىنكاس يوللاش