ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خۇش كەپسىز
«سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى»غا مۇشتەرى بولدىڭىزمۇ؟
ساقلىۋېلىش
كىتاب ئىسمى «سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى»غا مۇشتەرى بولدىڭىزمۇ؟
كىتاب ئاپتورى ئەۋلاد گۇرۇپپىسى
تۈرى سىيرەت
تەرجىمە قىلغۇچى ئەۋلاد گۇرۇپپىسى
تۈزگۈچى ئەۋلاد گۇرۇپپىسى
كىتاب ھەجمى ‎ MB  
بەت سانى 0
ھۆججەت شەكلى MP3
تورغا يوللىغۇچى ئۇيغۇر كىتاب
نەشر قىلغان ئورۇن ئەۋلاد نەشرىياتى
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2017-
كىتاب تىلى ئۇيغۇرچە
كۆرۈلىشى: 2471
تورغا يوللانغان ۋاقتى: ‎2019-04-04 09:28:02
ئاڭلاش
1- قىسىم
كىتاب ھەققىدە

تەبرىكنامىلەر

 

دوكتور، ئۇستاز ئابدۇلئەزىز رەھمىتۇللاھنىڭ تەبرىكنامىسى
(2017- يىلى)

«سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى» غا مۇبارەك!

ئۇزۇندىن بۇيان چەتئەللەردە تۇغۇلۇپ، ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزگە ئۇلار چۈشىنىدىغان ئاددىي تىلدا ئىسلام ئەقىدە-ئەخلاق ئىدىيەسى تۇرغۇزۇش، ئۆز ۋەتەن ۋە ئانا تىلغا بولغان مۇھەببەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئىنسانىي قەدىر-قىممەتلەر ئاساسىدا تەربىيەلەپ چىقىش مەسىلىسى ھەر بىر ئائىلە بېشىنىڭ مەسئۇلىيىتىگە چۈشۈۋاتقان چوڭ غەملەردىن بىرى ئىدى. 
مانا بۇ يىل ئەۋلاد گۇرۇپپىسى ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان «سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى» نىڭ 1-سانى رەڭلىك ۋە سۈرەتلىك كۆركەم سەھىپىلىرى بىلەن نەشردىن چىقتى. ئەۋلاد گۇرۇپىسىنىڭ تىرىشچانلىقىدا ۋۇجۇتقا چىققان بۇ ئىلمىي ئەمگەكنى يۇقىرىقىدەك بوشلۇقنى تولدۇرۇشتىكى ئەھمىيەتلىك بىر ئۇرۇنۇش دېيىشكە بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇرلارغا سۇنۇلغان ئىلمىي خىزمەتنىڭ تۈر ۋە سۈپەت جەھەتتىن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۆزگىچە بىر قەدەم ئالغانلىقىدىنمۇ دېرەك بېرىدۇ. 
ژۇرنالنىڭ تۈنجى نۇسخىسى قولۇمغا تەگكەندىن كېيىن ئانا ۋەتەندىن يىراق بىر ئەلنىڭ مائارىپىدا تەربىيە كۆرگەن بولۇشىغا قارىماي يېزىقىمىزنى راۋان ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان پەرزەنتلىرىمگە يېڭىچە بىر سوۋغا ئالغاندەك بولدۇم. بولۇپمۇ پەرزەنتلىرىمنىڭ تۈنجى قېتىم ئۆسمۈرلەرگە خاس تەييارلانغان ئۇيغۇرچە ژۇرنالنى بىر-بىرىدىن تالىشىپ قىزغىنلىق بىلەن ئوقۇۋاتقانلىقى مېنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇردى. ژۇرنالنىڭ مەزمۇنى قانچە ئېسىل بولسا، شەكلى كۆرۈنۈشىمۇ شۇنچە شاھانە، جەلىبكار ۋە سۈپەتلىك ئىدى. دەرۋەقە، مېنىڭچىمۇ ئانا تىل دەۋاسى قۇرۇق شۇئار توۋلاش، ھېسسي پىكىرلەر بىلەن رېئاللىقتىن قاخشاش بىلەن ئەمەس، مۇشۇنداق ئەمەلىي خىزمەتلەرنى روياپقا چىقىرىش بىلەن ئەمەلگە ئاشقۇسى!
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ژۇرنال ئۈچۈن ئەجىر قىلغان ۋە تەر ئاققۇزغان قېرىنداشلارغا تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرمەكچىمەن. ئەلۋەتتە، ژۇرنالنىڭ بۇندىن كېيىنكى سانلىرىنىڭ تېخىمۇ ياخشى چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ژۇرنالنىڭ بۇندىن كېينكى سانلىرىنىڭ تېخىمۇ جەزبىدار چىقىشى ئۈچۈن تەكلىپلەرنى بەرگۈم بار. مەسىلەن: بەزى شەخسلەر ۋە رەسىملەرنىڭ ئۇيغۇرچە بولۇشى ئىشقا ئاشۇرۇلسا، ئىسلام تارىخى ۋە بۈيۈكلىرى قاتارىدا ئەجداتلىرىمىزنىڭمۇ ئىش-ئىزلىرى، كاتتىلىرى تونۇشتۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلارغا ئەھمىيەت بېرىلسە.
ئاخىرىدا، ئەۋلاد تەربىيەسىنىڭ قىممىتىنى بىلىدىغان، ئانا تىل، ئانا ۋەتەن ۋە ئىسلامغا سۆيگۈسى بولغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ بۇنىڭدەك ئېسىل ئەمگەكنى قەدىرلىشى ۋە قوللاپ قۇۋۋەتلىشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە، ژۇرنالنىڭ كەڭ ئەۋلادلىرىمىزنىڭ قىزغىن سۆيۈپ ئوقۇيدىغان ئىزچىل ئوقۇشلۇقى بولۇپ قېلىشىغا تىلەكداشمەن. 
جانابى ئاللاھتىن بۇ كاتتا خىزمەتنى سۇنۇشقا ئۇل سالغان سىيرەت ۋەقفى قۇرغۇچىسى ئەزھەرىي ئۇستاز مۇھەممەد ئەلى يىلدىرىمغا، ئۇيغۇرچە نەشرىنى ئىشلەۋاتقان ئەۋلاد گۇرۇپپىسىدىكى قېرىنداشلىرىمغا ئۆزۈم ۋە بارلىق ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلار نامىدىن تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن. ھەق سۈبھانەھۇ ۋەتائالا ئەجرىڭلارنى كاتتا، قەدىمىڭلارنى مۇبارەك قىلغاي!

ھۆرمەت بىلەن: دوكتور ئابدۇلئەزىز رەھمەتۇللاھ

 

«مەرىپەت ژۇرنىلى» نىڭ تەبرىكنامىسى (2017- يىلى)

«سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى» غا مۇبارەك بولسۇن!

 

پەرزەنت تەربىيەسى ھازىرقى دۇنيادا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىۋاتقان، شۇنداقلا بارلىق ئاتا-ئانىلاردا كۈچلۈك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلىۋاتقان مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى.

يۇقىرى سۈپەتلىك ئۈن-سىن بۇيۇملىرى ۋە نەشر ئەپكارلىرى ئارقىلىق دەۋەت ساھەسىدە ئۆزىگە خاس يول تۇتۇپ كېلىۋاتقان «ئەۋلاد گۇرۇپپىسى» مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ يېشى ۋە سەۋىيەسىگە ماس كېلىدىغان ئوقۇشلۇق بولماسلىقتەك بوشلۇقنى ۋە مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانىلاردىكى مەزكۇر تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھېس قىلىپ، جاپالىق ئىشلەش نەتىجىسىدە پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە ئىنتايىن سۈپەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك بىر سوۋغات تەييار قىپتۇ. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەزكۇر گۇرۇپپىدىكى بارلىق جاپاكەش قېرىنداشلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن ئېھتىرام بىلدۈرىمىز، شۇنداقلا بۇندىن كېيىنمۇ مۇشۇنداق ئەھمىيەتلىك ئەمگەكلەرنى كۆپلەپ ۋۇجۇتقا چىقىرىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز...

ھۆرمەت بىلەن: «مەرىپەت ژۇرنىلى» تەھرىراتى

بىكەت ئەسكەرتمىسى

دىققەت:

1- بېكىتىمىزگە يوللانغان ئېلكىتابلارنىڭ بارلىق ھوقۇقى ئەسلىي ئاپتورى ياكى مۇناسىۋەتلىك نەشرىياتقا تەۋە: «نەشر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىندى» دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
2- بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن ئېلكىتابلارنى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ كىرىم مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشى توغرا ئەمەس ۋە بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئالمايدۇ.

3-بېكىتىمىزگە تامغۇسى بىلەن يوللانغان كۆپىنچە كىتابلارنىڭ تامغۇسىز ۋە سۈزۈك نۇسخىسى بىزدە مەۋجۇت بولۇپ، تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ ئەسلىي نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ.
4-تور بەت ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئالاھىدە قوغدىلىدۇ.
5- قولىڭىزدا خەلقىمىز بىلەن ئورتاق پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ياخشى ماتېرىياللار ياكى ئېلكىتابلار بولسا، بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ، ئاۋۋال ئۇيغۇر كىتابتا بار يوقلۇقىنى ئىزدىۋەتكەندىن كېيىن بىزدە بولمىغان كىتابلارنى مۇناسىۋەتلىك تۈرگە يوللىۋېتىڭ ياكى uyghurkitap@outlook.com ئارقىلىق بىزگە يوللاپ بىرىڭ.
6- مۇمكىن قەدەر كىتابخانىدىن ئەسلىي نۇسخا كىتابنى سېتىۋېلىپ ئوقۇڭ.
ھۆرمەت بىلەن:
http://www.uyghurkitap.com
ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتى
ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ يېڭى ئادرېسى

ئىنكاسلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەرەكاتۇھۇ سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژورنىلىنى ئاۋازلىق ئاڭلىيئاۋازلىقياكى چۈشۈرەلمىدىمغۇ قانداق ئاڭلاپ چۈشۈرىمىز

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم

سىيرەت ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلىنىڭ ئاۋازلىق نۇسخىسى يوق. ئۇنىڭغا يىللىق مۇشتەرى بولۇپ ياكى پەسىللىك سېتىۋېلىپ ئوقۇيسىز ۋە بالىلىرىڭىزغا ئوقۇپ بېرىسىز.

مۇشتەرى بولۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكى تېلېىفون نومۇرى ئارقىلىق WhatsApp تىن ئالاقىلىشىڭ ياكى تېلېفون ئورۇڭ: 

00905530707350

ئىنكاس يوللاش