ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خۇش كەپسىز
كىتاب ئوقۇش ۋە تەپەككۇر

كىتاب ئوقۇش ۋە تەپەككۇر

  

ئابدۇرېھىم دۆلەت

  

كونىلىقىدىن بىر قاراشقىلا ھېچكىمنى قىزىقتۇرالماس بولۇپ كەتكەن بۇ تېما، بىز ئۈچۈن مەڭگۈ ۋاقتى ئۆتمەس قىممىتى ۋە مۇھىملىقى بىلەن داۋاملىق دىققىتىمنى چېكىپ تۇرىدۇ، پەرىشانلىق ئىزتىراپلارغا باشلاپ تۇرىدۇ. كىتاب ئوقۇشتىن ئىبارەت ئەڭ ئاسان، ئەڭ مۇھىم ئىشنى تاشلاپ قويۇپ، مەرىپەتپەرۋەرلىكىمىزنى مىللەتنىڭ نادانلىقتىن قاقشاش بىلەن نامايەن قىلىپ يۈرۈشتەك مەنتىقىسىز ھالىتىمىز كىشىنى تېخىمۇ ئازابلايدۇ.

  

بىزدە كىتاب ئوقۇشنىڭ گېپى چىقسىلا، دەرھال «ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇمدۇ – ئوقۇمامدۇ؟» دېگەن سوئالنى تالىشىشقا چۈشۈپ كېتىمىز، بەزىمىز بىر قانچە پارچە كىتابنىڭ كۆپرەك سېتىلغىنىغا قاراپلا، ياكى يەكشەنبە كۈنى كىتابخانىدا كۆرگەن بىر قانچە دېھقان ياكى كىچىك بالىدىن ھاياجانلىنىپلا، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن كىتابنى سۆيىدۇ، كىتابخۇمار مىللەت دەپ دەۋا قىلىشساق، يەنە بەزىمىز ئىلمىي، پەننىي كىتابلارنىڭ بازارلىق بولمىغىنىدىن ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇمايدۇ دېگەن خۇلاسىگە ئالدىرايمىز. بۇ كىچىككىنە يازما پۈتۈن بىر مىللەت ئۇنداق، بۇنداق،  بۇنى قىلىدۇ، بۇنى قىلمايدۇ دېگەندەك گىگانت ھۆكۈملەرنى چىقىرىشتىن ئاجىز كېلىدۇ. بۇنداق تېمىلار تەسرات يېزىش بىلەن ئەمەس، تەتقىقات قىلىش بىلەن پۈتىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، كىتاب ئوقۇشنىڭ ئۇسۇللىرى ئەستە ساقلاش، كىتاب ئوقۇش خاتىرىسى يېزىش دېگەندەك كونكرېت مەسىلىلەرمۇ مەزكۇر مۇلاھىزىمىزنىڭ تېمىسى ئەمەس. مەزكۇر ھېسبايان پەقەت مېنىڭ كىتاب ئوقۇش بىلەن تەپەككۇرنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى شەخسىي تاسراتلىرىمدىن ئىبارەت. ھەرگىزمۇ ئىلمىي ماقالە دېگىلى بولمايدۇ. گەرچە كىتاب ئوقۇش، تەپەككۇر دېگەن ئۇقۇملارنى ئىلمىي نۇقتىدىن سىستېمىلىق يورۇتۇپ چىقىش زۆرۈر بولسىمۇ، بۇ يازمىنىڭ مەقسىتى ھازىرچە كىتاب ئوقۇشنىڭ تەپەككۇرغا كۆرسىتىدىغان مۇھىم تەسىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئەسكەرتىپ ئۆتۈشتىن ئىبارەت. شۇڭلاشقا، مۇھاكىمىمىز ئومۇمەن مۇشۇ مەركىزىي ئىدىيەنى چۆرىدەيدۇ.

  

ئەقىل ئاتا قىلىنغان ھەر بىر مەخلۇق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز كىچىكى تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش دېگەندەك، ئۇششاق ئىشلاردىن تارتىپ، شىركەت، ئارمىيە، دۆلەت باشقۇرۇش ۋە مۇرەككەپ ئىلمىي تەتقىقات، تەجرىبىلەرگە قەدەر ھەر قانداق ئىش ئۈستىدە ئويلىنىمىز، پىكىر يۈرگۈزىمىز. تەپەككۇر ئىنساننى ھايۋاندىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان ئەمەس، ئىنسان بىلەن ئىنساننىڭ رېئال دۇنيادىكى ئورنى قىممىتىنىمۇ پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدىغان شۇنداق بىر مۇھىم ئەڭگۈشتەر. دەرۋەقە، دۇنيا رېئاللىقىدىنمۇ، بوينىنىڭ ئۈستىنى ئىشلىتىۋاتقانلار بىلەن ئاستىنى ئىشلىتىۋاتقانلارنىڭ ئارىسىدىكى غايەت زور پەرقنىمۇ كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. ئەلۋەتتە، ئىنساننى ئىنسانلىق شەرىپىگە ئىگە قىلغان ئەقىل – تەپەككۇرنىڭ قىممىتى، رولى ھەققىدە يەنە ئەزمىمىزنى ئېزىشنىڭ ھاجىتى يوق، ھېلىمۇ بۇ ھەقتە جىق ئاڭلاپ كەتتۇق ھەم ئاڭلاۋاتىمىز. ۋەھالەنكى، شۇنداق تۇرۇقلۇق كۆپىنچىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال تەپەككۇرى يەنىلا مەزمۇنى پۈچەك، ئۇسۇلى مەنتىقىسىز، دائىرىسى تار، تېيىز ھالەتتە تۇرماقتا، ئوخشاش بېرىلگەن ئەقىل سەل قارىلىش، قېزىلماسلىق، جايىغا ئىشلىتىلمەسلىك دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن ئىسراپ قىلىنماقتا، زېرەك مېڭىلەر ئوزۇقلۇق تولۇقلاپ تۇرمىغانلىقتىن، ئەخلەت، كۆپۈك ئۇچۇرلار بىلەن داتلىشىپ كەتمەكتە. ئەقىلنى داۋاملىق مەدھىيەلەۋاتىمىز؛ ئاشقازىنىمىزنى كەپلەپ توشقۇزۇۋاتىمىزيۇ، مېڭىمىزنى ئاچ قويۇۋاتىمىز.

  

تېمىمىزغا قايتىپ كەلسەك، ئاۋۋال تەپەككۇرنىڭ نېمىلىكىنى چۈشىنىۋېلىش، ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇش بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ سۈزۈك ئاڭقىرىۋېلىشىمىزنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ. روشەنكى، تەپەككۇر ئەقىلنىڭ پائالىيىتى، بىز بۇنى يەنە ئويلىنىش دەپمۇ ئىپادىلەيمىز. ئويلىنىش بىلەن تەپەككۇر مەنىداش ئىبارىلەر، ئەمما مەنىسى بىر – بىرىدىن مەلۇم دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. بىز كەچتە نېمە يېيىشنى، ئەتە نېمە كىيىشنى ئويلىنىمىز، بۇ يەردە بىز كەچتە نېمە يېيىشنى تەپەككۇر قىلىۋاتىمىز دېيەلمەيمىز. كىتابتىن ئوقۇغانلىرىم توغرۇلۇق تەپەككۇر قىلىۋاتىمەن دېگەن جۈملىنى ئوقۇغانلىرىم توغرۇلۇق ئويلىنىۋاتىمەن دەپمۇ ئىپادىلەش مۇمكىن. بىراق تىل سەزگۈرلۈكى يۇقىرى كىشىلەر بۇ ئىككى ئىبارىدىكى ئىنچىكە دەرىجە پەرقىنى بايقىيالايدۇ. بۇ مىسالدىن شۇنداق يەكۈن چىقىرىش مۇمكىنكى، ئويلىنىش تەپەككۇرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كەڭ دائىرىلىك ئۇقۇم، يەنى ھەر قانداق تەپەككۇرنى چوقۇم ئويلىنىش دېگىلى بولىدۇ، ئەمما ھەرقانداق ئويلىنىشنى تەپەككۇر دېگىلى بولۇشى ناتايىن، بۇنىڭدىن قارىغاندا، تەپەككۇر ئويلىنىشنىڭ ئالىي شەكلى. بۇ يەردە ئويلىنىش كەلىمىسى بىلەن تەپەككۇر كەلىمىسىنى پەرقلەندۈرۈشتىن مەقسەت تەپەككۇرنىڭ مەنىسىنى تېخىمۇ روشەن گەۋدىلەندۈرۈش ئۈچۈندۇر.

  

تەپەككۇر ئۇقۇمىغا بېرىلگەن تەبىرلەر تولىمۇ كۆپ بولۇپ، مەن بۇ يەردە تۆۋەندىكى تەبىرنى كەلتۈرۈشنى مۇۋاپىق كۆردۈم. «تەپەككۇر دېگىنىمىز، مېڭىنىڭ مەلۇم بىر ياكى بىر قانچە ئوبيېكت ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىش ۋە پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدۇر»، بۇ جەريان گەرچە «تەپەككۇر»دىن ئىبارەت بىرلا ئىبارە بىلەن ئاتالسىمۇ، بىراق بۇ كۆزىتىش، ئەستە ساقلاش، تۈرگە ئايرىش، تاللاش، سېلىشتۇرۇش، ئانالىز قىلىش، بىرلەشتۈرۈش، ھۆكۈم چىقىرىش، قارار چىقىرىش … دېگەندەك ئوخشىمىغان باسقۇچلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىز تەپەككۇر يۈرگۈزگەندە، بۇ باسقۇچلار بىزنىڭ ئومۇمىي تەپەككۇر جاريانىمىزغا بىز ھېس قىلمايدىغان دەرىجىدە سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ.

  

ئەگەر بىز تەپەككۇرنى ئوبرازلىقراق ئىپادىلىسەك، بۇنى زاۋۇتتا مەلۇم مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقا ئوخشىتىش مۇمكىن. زاۋۇتلاردىمۇ ئاۋۋال كېتەرلىك خام – ئەشيالار تەييارلىنىدۇ، ئاندىن ئۇنى مۇئەييەن تېخنىكىلىق ئۇسۇل ئارقىلىق پىششىقلاپ ئىشلەپ، ،،،،،ئاخىرىدا خېرىدارلار ئىستېمال قىلىدىغان بىر مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرىدۇ. ئالايلۇق، ئەگەر ئۇن تارتماقچى بولساق، بىز ئاۋۋال ئۈگۈتنى ئەكىلىمىز، ئۇنى يۇيۇپ، چايقاپ دېگەندەك زۆرۈر باسقۇچلاردىن ئۆتكۈزۈپ تەييارلايمىز، ئاخىرىدا زاۋۇتقا سېلىپ ئۇنغا ئايلاندۇرىمىز. تەپەككۇرمۇ دەل مۇشۇنداق بىر جەريان بولۇپ، ئۈستىدىكى تەبىردە ئىپادىلەنگىنىدەك، ئاۋۋال مەلۇم بىر ئوبيېكىت – مەيلى ئۇ ئادەم، نەرسە دېگەندەك كونكرېت شەيئى بولسۇن، ياكى دۆلەت، شىركەت، پارتىيە دېگەندەك بىر ئورگان بولسۇن، ۋەياكى ئەركىنلىك، قۇللۇق، مۇھەببەت – نەپرەت دېگەندەك ئابستىراكت ئۇقۇم بولسۇن − ھەققىدىكى مەلۇم ئۇچۇر – مەلۇماتلارغا ئېرىشىمىز. ئاندىن مەزكۇر مەلۇماتلارغا تايىنىپ تۇرۇپ، ئۇشبۇ ئوبيېكتلار ئۈستىدە ئويلىنىش ئېلىپ بارىمىز، ئاخىرىدا مەزكۇر ئوبيېكت ھەققىدە مەيلى توغرا بولسۇن ياكى خاتا بولسۇن، مۇئەييەن بىر بىلىش – يەكۈننى كەلتۈرۈپ چىقىترىمىز. مانا بۇ يەكۈن ياكى ئاخىرقى خۇلاسە بىزنىڭ تەپەككۇر جەريانىمىز ئىشلەپچىقارغان مەھسۇلات ھېسابلىنىدۇ.

  

بىز يۇقاردىكى مىسالدىن تەپەككۇر جەريانىدا كەم بولسا بولمايدىغان بىر قانچە ئامىلنى كۆرەلەيمىز.

  

① − تەپەككۇر ئوبيېكتى.

  

② – ئوبيېكت ھەققىدىكى ئۇچۇر - مەلۇمات

  

③ − تەپەككۇر جەريانى.

  

④ – تەپەككۇر نەتىجىسى

  

شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، بۇ تۆت ئامىلدىن قايسىبىرى كەم بوپقالسا، ئۇ ھالدا تەپەككۇر جەريانى كەمتۈك پائالىيەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. تەپەككۇر نەتىجىسىمۇ خاتا ياكى مەنپەئەتسىز بولۇپ چىقىدۇ. ئەمدىكى بايانىمىز ئىككىنچى ئامىل، يەنى، تەپەككۇرنىڭ خام – ئەشياسى ھەققىدە بولىدۇ، چۈنكى بۇ باشقا ئۈچ ئامىلغا قارىغاندا، ماقالىمىزدىكى يەنە بىر تېما بولغان كىتاب ئوقۇش بىلەن تېخىمۇ زىچ، بىۋاسىتە مۇناسىۋەتكە ئىگە.

  

بىز شۇنى بىلدۇقكى، ئۇندىن ئىبارەت مەھسۇلاتقا .ئېرىشىش ئۈچۈن، بىز ئۈگۈتكە مۇھتاج بولغاندەك، بىز مەلۇم ئوبيېكت ھەققىدە تەپەككۇر  يۈرگۈزۈش ئۈچۈنمۇ زۆرۈر ئۇچۇر، مەلۇماتلارغا ئېھتىياجلىق بولىمىز. مەلۇم ئوبيېكت ھەققىدە كېرەكلىك ئۇچۇر – مەلۇماتتىن مەھرۇم ھالەتتە تەپەككۇر يۈرگۈزۈپ، توغرا بىلىشكە ئېرىشمەكچى بولۇش، تۈگمەنگە ئۈگۈت سالماي تۇرۇپ ئۇننى تاما قىلغاندەك ئەخمىقانىلىقتۇر. بىز تەپەككۇر ئۈچۈن كېرەكلىك بولغان ئۇچۇرلارنى ھەر خىل مەنبەلەردىن قوبۇل قىلىمىز. رادىيو – تېلېۋىزور، گىزىت – ژۇرنال، ئىنتىرنېت، كىتاب – دەرسلەر، ماقال – تەمسىل، ھېكايە – چۆچەك، ھەتتا كوچا – كويلاردىكى ئۆسەك سۆزلەر قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىزنى ھەر خىل مەسىلىلەر ھەققىدىكى تەپەككۇر خۇرۇچلىرى بىلەن تەمىنلەيدىغان مەنبە ھېسابلىنىدۇ. مانا بۇ تىلغا ئېلىنغان مەنبەلەرنىڭ ئىچىدە كىتاب تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، ئېرىشىش قولاي، تارقىلىشى ئەڭ كەڭ مەنبەلەرنىڭ بىرى بولۇپ، پەيدا بولغاندىن تارتىپ، ئىنسانلار تەپەكۇرنىڭ خاتىرىسى، خۇرۇچى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە.

  
  

ئۇنداقتا تەپەككۇرىمىزنىڭ مۇھىم مەنبەسى، شۇنداقلا ئۆز نۆۋىتىدە خاتىرىسى بولغان كىتاب تەپەككۇرىمىزغا قانداق ئىجابىي تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ؟ تۆۋەندە مەن مەزكۇر سوئالنى مەركەز قىلىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.

  

① – كىتاب ئوقۇش تەپەككۇرنى خۇرۇچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  

بىز يۇقىرىدا تەپەككۇرنىڭ تەبىرىنى سۆزلىگەندە، ئۇچۇر مەلۇمات دېگەن بىر سۆزنى تىلغا ئالغانىدۇق. كىتاب بولسا ئەنە شۇ ئۇچۇر – مەلۇماتلارنى تەمىنلەيدىغان مەنبەلەرنىڭ مۇھىمىدۇر. تۈگمەن – ئۈگۈت مىسالىنى ئەسلىسەك، بۇنى تېخىمۇ روشەن چۈشىنەلەيمىز. كىتابنىڭ باشقا ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن پەرقلىنىدىغان مۇھىم بىر نەرسە شۇكى، كىتاب باشقا مەنبەلەر تەمىنلەيدىغان سانلىق مەلۇمات، پاكىت، تەسۋىر دېگەندەك خام ماتېرىياللارنىلا تەمىنلەپ قالماستىن، بەلكى كىتابتا ئاپتورلار تەرىپىدىن مەلۇم دەرىجىدە پىششىقلاپ ئىشلىنىپ بولغان تەپەككۇر مېۋىلىرىنىمۇ تەمىنلەيدۇ. مۇقەررەركى، ئۇشبۇ تەييار تەپەككۇر نەتىجىلىرى بىزنىڭ تەپەككۇر  ئۇسۇلىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ ئاپتورلار مۇھاكىمە يۈرگۈزگەن تېما ھەققىدە ئويلىنىشىمىزنى قوزغايدۇ، غىدىقلايدۇ. كىتابتا ئۇلارنىڭ تەپەككۇر نەتىجىلىرىنىلا ئەمەس، يەنە شۇ نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان تەپەككۇر ئۇسۇللىرى بىلەنمۇ ئۇچرىشىمىز.

  

قىسقىسى، بىز كىتابتا ئۇچراتقان نۇقۇل خام ماتېرىيال بولسۇن، ياكى شۇ خام ماتېرىياللارنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىش جەريان – ئۇسۇللىرى بولسۇن، ۋەياكى شۇ جەريان – ئۇسۇللاردىن كېلىپ چىققان تەپەككۇر نەتىجىلىرى بولسۇن، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنى قىممەتلىك خۇرۇچ بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. مەيلى كىتابتىكى مەزمۇنلارغا قوشۇلايلى، ياكى ئېترازىي پىكىردە بولايلى، بۇ ئىنكاسلىرىمىزنىڭ ھەممىسى مېڭىمىزدىن بىر قاتار ئۆتىدۇ. كىتاب ئوقۇپ تۇرىدىغان ئادەمنىڭ مېڭىسى بىكار قالمايدۇ، داۋاملىق تەپەككۇر ھالىتىدە تۇرىدۇ.

  

ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ كىتاب ئوقۇش كەچۈرمىشلىرىمىزنى قايتا بىر ئەسلەپ كۆرگىنىمىزدە، ئوي – پىكىرلىرىمىزنىڭ دائىم كىتابتىكى مەلۇم دىتاللاردىن زەرەتلىنىدىغانلىقىنى، تەسەۋۋۇرلىرىمىزنىڭ قاناتلىنىدىغانلىقىنى، ياكى تېگى يوق ئويلارغا غەرق بولىدىغانلىقىمىزنى ئېتراپ قىلىمىز. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، بىر ئادەمنىڭ تەپەككۇرنىڭ چوڭقۇرلۇقى، كەڭلىكى ئۇنىڭ كىتاب ئوقۇش مىقدارى بىلەن ئوڭ تاناسىپتۇر. دەل ئەكسىچە، كىتابتىن ئايرىلغان كىشىلەرنىڭ تەپككۇرىنىڭ بولسا تېيىز، تار، يەكۈنلىرىمۇ ئاۋاق، جانسىز بولىدىغانلىقى بىر پاكىتتۇر.

  

تەپەككۇر خۇرۇچى شۇنىڭ ئۈچۈن مۇھىمكى، بىز پەقەت ئېرىشەلىگەن ئاشۇ ئۇچۇرلار ئاساسىدا، ئاندىن تەپەككۇرىمىزنى قانات يايدۇرالايمىز. ناۋادا ئۈگۈتىمىزنىڭ تايىنى بولمىسا، مەيلى سۇ تۈگمىنىدە ياكى زامانىۋى زاۋۇتتا بولسۇن، كۆپلىگەن ئۇننى تارتىپ ئالالمايمىز. خۇددى شۇنىڭدەك، ئۇن بولمىسا، نان ياقالمايمىز، ياغاچ، تاش، كېسەكلەر بولماي تۇرۇپ بىنا سالالمايمىز. مەلۇم پىشقان نەتىجىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، زۆرۈر خام ئەشيالارغا بولغان ئېھتىياج، ماددىي دۇنيانىڭلا ئەمەس، تەپەككۇر ئالىمىنىڭمۇ قانۇنىيىتىدۇر. دېمەك، تەسەۋۋۇرغا پىلتە، تەپككۇرغا خۇرۇچ بولمىسا، شەيئى – ھادىسىلەر ھەققىدە توغرا پىكىر يۈرگۈزگىلى، توغرا بىلىشكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ. ھالبۇكى، بىز مۇشۇ نۇقتىدىن ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇر ئەمەلىيىتىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇچۇر – مەلۇماتلارغا يېتەرلىك ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقىمىزنى تەن ئېلىشقا مەجبۇرمىز. سورۇنلاردا بىز داۋاملىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سىياسەت – ئىستراتېگىيەسى، خەلقئارا ۋەزىيەت ھەققىدە مۇنازىرە قىلىشقا خۇشتار. خۇددى ب د ت نىڭ باش كاتىپى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ مەسلىھەتچىسىدەك تولۇپ – تاشقان ئىشەنچ – جەزم بىلەن سۆزلەپ كېتىمىز، ئەپسۇسكى، ئاڭلاۋاتقانلارنىڭ ھېچقايسىسى سۆزلىگۈچىدە مۇشۇ سۆزلەۋاتقان تېمىغا ئالاقىدار ئىشەنچلىك مەلۇمات بارمۇ – يوق دېگەننى ئويلاپ ئولتۇرمايدۇ. بۇنداق چوڭ سىياسىي ئويۇن، خەقئارالىق مەسىلىەرنى گېزىت – خەۋەردىن كۆرگەن يۈزەكى ئۇچۇرلار بىلەنلا تەھلىل قىلغىلى بولمايدۇ. پەلەستىن – ئىسرائىلىيە مەسىلىسى ھەققىدە زوق – شوق بىلەن سۆزلەۋاتقان كىشى، ھېچبولمىغاندا يېقىنقى يۈز يىللىق ئەرەب – يەھۇدىي مۇناسىۋەت تارىخىنى؛ ئىككىلا مىللەتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئوخشىمىغان ئېقىملارنىڭ بەزى يادرولۇق قاراشلىرىنى؛ ئوتتۇرا شەرق، بولۇپمۇ پەلەستىن – ئىسرائىلىيەنىڭ تەبىئىي جۇغراپىيەسىنى؛ نوپۇس قۇرۇلمىسى؛ مەدەنىيەت سەۋىيەسى؛ چەت ئەللەردىكى يەھۇدىلار ۋە ئەرەبلەرنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەتتىكى ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي، سىياسىي ئورنى؛ باشقا ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى؛ پاتاخ، خاماس ۋە باشقا پەلەستىن كۈچلىرىنىڭ ئىدىئولوگىيەسى، ئەمەلىي كۈچى؛ … دېگەنلەرگە ئالاقىدار مەلۇم سانلىق كۆرسەتكۈچلەرگە ئىگە بولماي تۇرۇپ، ھەر قانچە تەسىرلىك، قايىل قىلارلىق سۆزلەپ كەتسىمۇ، خۇلاسىسى ھەرگىز ئىشەنچلىك بولمايدۇ. بۇ خىلدىكى تېمىلاردا سىزنىڭ لوگىكا يولىڭىز ھەر قانچە توغرا بولسىمۇ، مەلۇماتىڭىز خاتا، ياكى يېتەرسىز بولسا، يەنىلا مەزمۇت يەكۈنگە ئېرىشەلمەيسىز. بۇنداق مىساللارنى قويۇپ تۇرۇپ، كارخانا – شىركەتلەرنىڭ يېڭى مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىش، يېڭى تىجارەت ئۇسۇلىنى يولغا قويۇش… دېگەندەك تەدبىر كېتىۋاتىدۇ، بازار تەكشۈرۈش، خېرىدارلار قاتلىمىنى تەھلىل قىلىش … دېگەندەك زۆرۈر تەكشۈرۈشلەردىن قولغا كەلگەن سانلىق مەلۇماتلار ئاساسىدا ئىستراتېگىيە – تەدبىر بەلگىلەش تېخى ئومۇملىشىپ بولالمىدى.

  

بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىمەنكى، يۇقىرىقىلار پەقەت بىزنىڭ تەپەككۇر قىلغاندا، ئۇچۇرغا ئەھمىيەت بەرمەيدىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مىسال، خالاس. ئەلۋەتتە، بۇ خىل كەمچىلىك بىزنىڭ باشقا مەسىلىلەردىكى تەپەككۇرىمىزدىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ.

  

دېمەك، كىتاب بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنى خام ئەشيا بىلەن تەمىن ئېتىدىغان مۇھىم مەنبەلەرنىڭ بىرى، گەرچە بىز كىتابتىكى بارلىق ئۇچۇر – مەلۇماتلارنى توغرا، ئىشەنچىلىك دەپ كەسكىن ئېيتالمىساقمۇ، كوچا – كويلاردىكى مەنبەسى نائېنىق ئەپقاچتى گەپلەردىن ئىشەنچىلىك دېيەلەيمىز. يەنە بىر تەرەپنىڭ كىتابتا ئۇچرىغان مەلۇماتلارنىڭ خاتالىقىنى بايقاشمۇ بىر ئىلگىرلەش ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى خاتانى بىلگەندىلا توغرىنى تېخىمۇ ئوبدان بىلەلەيمىز، بولۇپمۇ ھەقىقەتنى لىباس قىلىۋالغان تۈرلۈك – تۈمەن سەپسەتىلەر ئارىسىدا ياشاۋاتقان بۈگۈنكىدەك كۈندە، خاتانى بىلەميدىغان ھەقىقەتچىلەرنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى تولىمۇ زەئىپ بولىدۇ، بۇنداق كىشىلەرنىڭ ھەقىقىتى، سەپسەتە بىلەن بولغان كۈرەشتە دائىم ئاجىز كېلىدۇ.

  
  

كىتاب ئوقۇش ۋە تەپەككۇر(2)

  
  

② – كىتاب ئوقۇش تىلنى تاۋلايدۇ، تەپەككۇرنى قانداق ئىپادىلەشنى ئۆگىتىدۇ.

  

تىلشۇناسلىقتا تىل بىلەن تەپەككۇرنىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە مۇھىم تېما بولۇپ، تىلشۇناسلار بۇ ھەقتە بىر – بىرىگە ئوخشىمايدىغان ھەر خىل قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان، بىز بۇ يازمىمىزدا بۇ خىل قاراشلار ھەققىدە بىر – بىرلەپ توختىلىپ ئولتۇرمايمىز. پەقەت ئوخشىمىغان قاراشتىكى ئالىملارنىڭ ھەممىسى ئورتاق ئېتراپ قىلىدىغان بىر مۇھىم ھەقىقەتنى تەكىتلەپ ئۆتىمىز: «تىل ئالاقە قورالى بولۇپلا قالماستىن، مۇھىمى يەنە تەپەككۇرنىڭمۇ قورالىدۇر». گەرچە بىز بىۋاسىتە تەجرىبىمىزگە ئاساسلىنىپ، تەپەككۇر جەريانىدا مېڭىمىزنى ئىشلىتىمىز دەپ قارىساقمۇ، يەنە بىر قەدەم ئىنچىكىلەپ ئويلىنىپ باقساق، بىز ئۆزىمىزنىڭ تەپەككۇر جەريانىنىڭ سانسىزلىغان سۆز – جۈملىلەردىن تەشكىل تاپىدىغانلىقىنى ئېنىق ھېس قىلالايمىز. يەنە شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەپەككۇرىمىزنى تىل ۋاستىسىدە ئىپادىلەيمىز. دېمەك، مەيلى تەپەككۇر جەريانىدا، ياكى تەپەككۇرنى ئىپادىلەشتە بولسۇن، تىل ئومۇمىي تەپەككۇر پائالىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر گەۋدىسىگە ئايلىنىپ كەتكەن بولىدۇ.

  

بۇ باياندىن شۇنداق دېيىش مۇمكىنكى، ئادەملەرنىڭ تىل جۇغلانمىسى بىلەن تەپەككۇر سەۋىيەسى زىچ سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتىگە ئىگە بولۇپ، كىشىلەرنىڭ تىل زاپىسى قانچە مول بولغانسېرى، تەپەككۇرى شۇنچە چوڭقۇر، كەڭرى، قايىل قىلارلىق بولىدۇ. مانا بۇ مول تىل جۇغلانمىسى بولسا، دەل زور مىقداردا كىتاب ئوقۇشتىن كېلىدۇ. بىز كىتاب ئوقۇش داۋامىدا، نۇرغۇنلىغان سۆزلۈك، تۈرلۈك جۈملە شەكىللىرى، رەڭگارەڭ ئۇسلۇپتىكى بايان، تەسۋىر، ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇچرىشىمىز، بۇلار بىلەن قانچە كۆپ ئۇچراشقانسېرى، بۇ ئۇچۇرلار بىزنىڭ مېڭىمىزدە، بىز ئاتايىن يادلىۋالمىساقمۇ، ئىستېخىيەلىك تەرزدە ساقلىنىپ قالىدۇ. مېڭىمىزدە ساقلانغان بۇ تىل زاپىسى بىزنىڭ تەپەككۇرىمىزنى مول بايلىق مەنبەسىگە ئىگە قىلىدۇ. بۇ خۇددى ھۈنەرۋەننىڭ ساندۇقىدىكى قورال – سايمانغا ئوخشاش، بىز تەپەككۇر يۈرگۈزگەندە ۋە ياكى ئۇنى نوتۇق – يېزىقتا ئىپادىلىگەندە دەرھال ئېلىپ پايدىلىنىدىغان تەييار قورالغا ئايلىنىدۇ. بالىلار ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان بەزى تەتقىقاتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بالىلار ئىگەللىگەن سۆزلۈك مىقدارى، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر سەۋىيەسى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولۇپ، سۆزلۈك مىقدارى كۆپ بالىلارنىڭ تەپەككۇر سەۋىيەسى، سۆزلۈك مىقدارى ئاز بالىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان. بىر قەدەر مۇرەككەپ سۆزلەرنى بىلىدىغان بالىلارنىڭ چۈشىنىش ئىقتىدارىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولغان.

  

بىز داۋاملىق كىشىلەرنىڭ مەنمۇ شۇنداق ئوليىغانتىم، قەلىمىم كۈچلۈك بولمىغاچقا يازالمىدىم، ئىچىمدىكىنى چىقىرالمىدىم دەيدىغانلىقىنى ئاڭلايمىز. ماھىيەتتە، بۇ دەل شۇ كىشىلەردىكى تىل نامراتلىقىدىن كەلگەن تەپەككۇر كېكەچلىكىدۇر. ئادەمنىڭ تىل بايلىقى قانچە مول بولغانسېرى، ئۇلارنىڭ نۇتقى ۋە قەلىمى شۇنچە راۋان، قايىل قىلارلىق، پاساھەتلىك كېلىدۇ. ئەكسىچە، كىتاب ئوقۇمايدىغان ياكى ئاز ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىڭ بولسا، گەپكە ناقىس، قەلىمى گال ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز. سۇ زاپىسى مول تاغلاردىن باشلانغان دەريالارنىڭ ئېقىنلىرى ئەگرى – بۈگرى، سۇلىرى دولقۇنلۇق، جەلپكار بولغىنىدەك، تىلغا باي كىشىلەرنىڭ جۈملىلىرىمۇ، ئەنە شۇنداق سۈيى مول دەريادەك ئويناق، جەلپكار، گۈزەل چىقسا، تىلغا گاداي كىشىلەرنىڭ جۈملىلىرىمۇ، سۇ زاپىسى كەمچىل دەريانىڭ ئېقىنلىرىدەك، كۈچسىز، بىچارە، ئاددىي چىقىدۇ. بىزگە تونۇش زىيالىيلىرىمىزنى مىسالغا ئالساقمۇ، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ھازىرقىلاردىن ئابدۇقادىر جالالىدىنلارنىڭ ئەسەرلىرىدىكى تىل بالاغىتى، ئۇلارنىڭ مول كىتاب ئوقۇش بىلەن شەكىللەنگەن تىل جۇغلانمىسىدىن كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ.

  

تەكىتلەش زۆرۈر بولغان ئالاھىدە بىر مۇھىم نۇقتا شۇكى، بۇنداق مول تىل جۇغلانمىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە، بالىلىقتىكى كىتاب ئوقۇش مىقدارى ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇن تۇتىدۇ. مۇتەخەسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بالىلىق مەزگىل بولۇپمۇ، يەتتە ياشقىچە بولغان ۋاقىت، تىل ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ھالقىلىق مەزگىلىدۇر. ئەلۋەتتە، بۇ مەزگىلدىن كېيىنمۇ باشقا تىللارنى ئۆگىنىش مۇمكىن بولسىمۇ، بۇ تىللار ئانا تىلىنىڭ ئورنىنى ھەرگىز ئالالمايدۇ، بەلىك ئانا تىلدا شەكىللەنگەن تىل تۇيغۇنلۇقى ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. دېمەك، تىل جۇغلانمىسىنىڭ شەكىللىنىشىدە، بالىلىقتىكى كىتاب ئوقۇشنىڭ، كېيىنكى مەزگىللەردىكى ئوقۇشقا قارىغاندا، تەسىرى ئۈزۈل – كېسىل ۋە چوڭقۇر بولىدۇ. ئادەمنىڭ قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىنكى ئوقۇپ چۈشىنىش ئىقتىدارى – مەيلى قايسى تىلدا ئوقۇسۇن – دەل بالىلىقتا قانچىلىك كىتاب ئوقۇغىنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. بىز كىشىلەرنىڭ كىتاب ئوقۇساملا ئۇيقۇم كېلىپ قالىدۇ؛ قايتا – قايتا ئوقۇپمۇ چۈشىنەلمىدىم؛ ئوقۇپ بولۇپ كاللامدا ھېچنېمە قالمايدۇ؛ دېگەندەك سۆزلىرىنى تولا ئاڭلايمىز. ئۆزىمىزمۇ كىتاب ئوقۇغاندا – بولۇپمۇ ئىلمىي، نەزەرىيەۋىي، پەلسەپەۋىي ئەسەرلەرنى – راۋان ئوقۇيالماي، تولا مۈدۈرۈپ، پۇتلىشىپ ماڭىدىغانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز. گەرچە كۆزىمىز كىتاب ئوقۇۋاتسىمۇ، مېڭىمىز شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ھەزىم قىلىپ، كۆزىمىزنىڭ سۈرئىتى بىلەن مېڭىمىزنىڭ سۈرئىتى ماسلاشماي قالىدۇ – دە، شۇنىڭ بىلەن كىتاب ئوقۇش بىزگە نىسبەتەن بىر ئازابلىق پائالىيەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ. بىزنىڭ كىتاب ئوقۇپ بولۇپ ھېچنېمە ئوقۇمىغاندەك بوپقېلىشىمىز، داۋاملىق ھازىرلا ئوقۇپ بولغان ئالدىنقى بەتنى ۋاراقلىشىمىز، ماھىيەتتە ئاشۇ ماسلاشماسلىقنىڭ ئالامىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇنى ئوقۇش كېكەچلىكى دەپ ئاتاش مۇمكىن. كېكەچلىك نۇتۇقتىلا ئەمەس، ئوقۇشتىمۇ بولىدۇ، ساۋاتلىقلارنىڭ ھەممىسى كىتاب ئوقۇيالمايدۇ. دەل بالىلىقتىكى كىتاب ئوقۇش، كۆپ ئوقۇش بىزنىڭ كەلگۈسىدە ساۋاتلىق كېكەچلەردىن بولۇپ قېلىشىمىزنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

  

مانا بۇ بايانلار بىزگە پەرزەنتلىرىمىزنى كىتاب ئوقۇشقا ئادەتلەندۈرۈشنىڭ نەقەدەر تەخىرسىز، مۇھىملىقىنى سەمىمىزگە سالىدۇ. ئاتا – ئانىلارنىڭ دەرسلىك نەتىجىسىگىلا ئېسىلىپ، بالىلارنى دەرستىن سىرتقى كىتابلارغا قىزىقتۇرماسلىق، بالىلارنىڭ كىتاب ئوقۇشىنى تازا مۇھىم بىلمەسلىك، بالىلارغا قىلىنغان ئېغىر زىيانكەشلىكتۇر. چۈنكى بالىلىقتا چالا قالغان ئوقۇشنى ئادەم كېيىنكى ھاياتىدا مەڭگۈ تولۇقلىيالمايدۇ. مىقداردا تولۇقلىيالىشى مۇمكىن، ئەمما سۈپەتتە تولۇقلىيالمايدۇ. چۆچەك – رىۋايەتلەردىكى ئاجايىپ – غارايىپ ۋەقەلەرنىڭ بالىلىق قەلبىمىزدە پەيدا قىلغان ھاياجانلىق تۇيغۇ – سېزىملىرىنى، چوڭ بولغاندا ئوقۇپ ھېس قىلىش مۇمكىنمۇ؟ چىن تۆمۈر باتۇرنى بالىمىز ئوقۇپ ئالغان تەم بىلەن بىز ئوقۇپ ئالغان تەم ئوخشاش بولامدۇ؟ بالىلارغا كىتاب ئوقۇتماسلىق ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇر قۇشلىرىنى بۇغۇزلىغان بىلەن باراۋەر. ئىنساننىڭ پەرزەنت پەرۋىشى ئۇلارنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويالىغاندا، ئاندىن، ھايۋانلارنىڭ پەرۋىشىدىن پەرقلىنەلەيدۇ. پەرزەنتلىرىمىزنى كىتابقا يېتەكلەش، دەل ئۇلارنىڭ مەنىۋىي دۇنياسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلىقتۇر.

  

بولۇپمۇ بالىلارغا كىتاب ئوقۇش پۇرسىتى بەرمەيدىغان ھازىرقى مائارىپتا، بالىلىرىمىزنى كىتابقا قىزىقتۇرۇش، كىتاب ئوقۇتۇش ئاتا – ئانىلارنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسىگە ئايلىنىپ قالدى. ئەگەر بىز بۇ ۋەزىپىمىزنى ياخشى ئادا قىلالمىساق، ھاۋالىگە تاپشۇرۇلغان پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بىر ئەۋلات روھى مۇبەددەل ئاينۇقلاردىن بولۇپ چىقىشىدىن گۇمان قىلمىساقمۇ بولىدۇ.

  

خۇلاسە قىلغاندا، تىلنىڭ تەپەككۇرنىڭ قورالى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم پاكىت، بىزنىڭ كىتاب ئوقۇش تىلنى تاۋلايدۇ دېگەن ھۆكۈمىمىزنى قۇۋۋەتلەيدۇ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ كېلىدىغان يەكۈن شۇكى، پەقەت ۋە پەقەت كىتابنى كۆپ ئوقۇغاندىلا، تىلىمىز مول بولىدۇ، تىلىمىز مول بولغاندىلا تەپەككۇرىمىز كۈچلۈك بولىدۇ.

  
  

③ – كىتاب ئوقۇش لوگىكىلىق تەپەككۇرنى كۈچەيتىدۇ.

  

روشەنكى، لوگىكىلىق تەپەككۇر بىزنىڭ شەيئىي – ھادىسىلەر ئۈستىدە توغرا بىلىشكە ئېرىشىشىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم قورال. مەيلى بىز ئېرىشكەن ئۇچۇرلار قانچىلىك كۆپ، ئىشەنچىلىك بولسۇن، ناۋادا توغرا ئۇسۇلدا پىششىقلىنىپ ئىشلەنمىسە، يەنلا بىزنى توغرا بىلىشكە باشلىيالمايدۇ. لوگىكا بىر يۈرۈش قائىدىلىرى ئارقىلىق، تەپەككۇرىمىزنىڭ ئۆز لىنيەسىدىن چەتنەپ كەتمەي، زىددىيەتتىن خالىي ئىزچىللىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، تەپەككۇر بىر جەريان، بۇ جەريان كۆزىتىش، تۈرگە ئايرىش، تەھقىقلەش، ھۆكۈم قىلىش … قاتارلىق ئوخشىمىغان ئەقلىي پائالىيەتلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. مانا مۇشۇ ئەقلىي پائالىيەتلەر پەقەت لوگىكىلىق قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش ئارقىسىدا، ئاندىن خاتالىقتىن خالىي بولالايدۇ. بۇنىڭدىن مەلۇم بولىدۇكى، ئاددىي ئېيتقاندا، لوگىكا دېگىنىمىز، بىز ئاشۇ تاشقى ئۇچۇر – مەلۇماتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەش داۋامىدا، رىئايە قىلىشىمىز زۆرۈر بولغان بىر قاتار قائىدىلەردۇر.

  

بىز كىتاب ئوقۇش داۋامىدا، بىز داۋاملىق ئاپتورنىڭ تەپەككۇر جەريانى بىلەن ئۇچرىشىمىز. ئۇلارنىڭ شەيئىلەر ھەققىدىكى ئوي – پىكىرلىرى، چىقارغان خۇلاسە – يەكۈنلىرىنى ئۇچرىتىمىز. مۇشۇ داۋامدا، گەرچە بىز لوگىكىنى مەخسۇس ئوقۇمىساقمۇ، بىلىپ – بىلمەي لوگىكا سەزگۈرلۈكىمىز يېتىلىدۇ. ئوقۇۋاتقان مەزمۇنلار ئەقىلگە ئۇيغۇنمۇ ئەمەسمۇ؟ ھۆكۈملەر پۇت تىرەپ تۇرالامدۇ – يوق؟ يەكۈنلەرنىڭ دەلىل ئىسپاتلىرى يېتەرلىكمۇ ئەمەسمۇ؟ … دېگەندەك سوئاللارنى ئۆزىمىزدىن سوراشقا ئادەتلىنىمىز. بۇ خىل سوئاللار كىتاب ئوقۇش داۋامىدا ئۆزلىكىدىن تاماملىنىدىغان تەپەككۇر مەشىقىدۇر. بولۇپمۇ، ئەدەبىي ئەسەرلەرگە قارىغاندا، پەلسەپەۋىي، ئىلمىي ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇشنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇرىمىزنىڭ  يېتىلىشىدە، ئالاھىدە مۇھىم رولى بار. چۈنكى لوگىكا بۇ خىل ئەسەرلەرنىڭ جېنى ھېسابلىنىدۇ. بۇلاردىن شۇنداق خۇلاسە چىقىرىش مۇمكىنكى، كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغانلارنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇرى، ئاز ئوقۇيدىغان ئادەملەرنىڭكىدىن كۈچلۈك بولىدۇ. چۈنكى كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغانلار ئاز ئوقۇيدىغان ياكى ئوقۇمايدىغانلارغا قارىغاندا، لوگىكا مەشىقىنى كۆپ قىلىدۇ. بەدەنلا ئەمەس، مېڭىمۇ مەشىققە مۇھتاج.

  

مېنىڭ بۇ يەردە لوگىكىلىق تەپەككۇرنى ئالاھىدە تەكىتلىشىمدىكى مۇھىم سەۋەب، لوگىكىنىڭ ئەسلى مۇھىملىقىلا ئەمەس، بەلكى لوگىكىلىق تەپەكۇرنىڭ نۆۋەتتە بىز ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە مۇھىم بولۇۋاتقانلىقىدا. مەن شۇنداق قارايمەنكى، ئۇيغۇرلار ھازىر ئېغىز لوگىكىسىزلىك ئاپىتىگە مۇپتىلا. گەرچە بۇ بىر تومتاقلا ھۆكۈم بولسىمۇ، مەن بۇنى بىزنىڭ ئومۇمىي تەپەككۇر رېئاللىقىمىزنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ دەپ قارايمەن.

  

بىز ھەركۈنى سانسىزلىغان لوگىكىسىز پىكىرلەرنىڭ قورشاۋىدا ياشاۋاتقان بولغاچقا، شۇنداقلا بۇ خىل ھالەت داۋاملاشقىلى بەك ئۇزۇن بولغاچقا، بىز بۇ كېسەلنى ھېس قىلالمايدىغان دەرىجىگە يەتكەن، كاللىمىز پۇت دەسسەپ تۇرالمايدىغان، بىر – بىرىگە زىت ھۆكۈم – خۇلاسىلەرگە توشۇپ كەتكەن. ئاخشىمى بىر سورۇندا بىرى ئۇيغۇرلار ھۇرۇن دەپ سۆزلىسىمۇ باش لىڭشىتساق، ئەتىسى بىراۋدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئەمگەكچان، تىرىشچان مىللەت ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ۋەزلەرنى ئاڭلىغاندا ئۇنىڭغىمۇ قايىل بولىمىز. بىر مەھەللە ياكى بىر شەھەردە ئەمەس، بىر دۆلەتتە ھەپتە ساياھەت قىلىپ كىرىپلا، شۇ دۆلەت خەلقىنىڭ ئىللەت – خىسلەتلىرى ھەققىدە كەسكىن ھۆكۈملەر بىلەن سۆزلەيمىز، ئۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىختىسادىي – مەدەنىيىتى، سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە مۇتەخەسىسلەر كەبى سۆلەيمىز. ۋەھالەنكى، ئاشۇ ھۆكۈملەرنى شۇ دۆلەتتىكى كەسپىي مۇتەخەسىسلەرمۇ ئالدىراپ چىقىرالماسلىقى مۇمكىن. ھۆكۈم – خۇلاسىدە دەلىل – پاكىتقا ئېتىبار بەرمەسلىك؛ دەلىللەرنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتە قىلماسلىق؛ ئاڭلىغانلا گەپكە ئىشىنىپ سۆزلەپ يۈرۈش؛ قارىقويۇق ئىشىنىش ۋە قارىقويۇق رەت قىلىش؛ نوپۇزغا بىر بولسا مۇتلەق چوقۇنۇش، بىر بولسا مۇتلەق رەت قىلىش؛ ھەممىدىن گۇمان قىلىش ياكى ھېچنېمىدىن گۇمان قىلماسلىق؛ … ساناپ كەلسەك بەك كۆپ. مانا بۇلارغا بىز كۈندە دېگۈدەك ئۇچراپ تۇرىمىز ۋە ئۆزىمىزمۇ سادىر قىلىپ تۇرىمىز. مۇشۇلارنىڭ ھەممىسى لوگىكىغا نامراتلىقنىڭ ئاسەرەت – ئالامىتىدۇر. لوگكىسىزلىق، ئاددىي تىل بىلەن ئېيتقاندا، دۆتلۈك، ھاماقەتلىك دېگەنلىكتۇر. بۇ كېسەلنىڭ ئالامىتى ئاۋامدىلا ئەمەس، ئەجەللىك يېرى، بىزنىڭ ئىلىمدارلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىدىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. لوگىكىسىز كىشىلەر ھەق – ناھەقنى؛ توغرا – خاتانى ئايرىيالمايدۇ؛ پاكىت بىلەن قاراشنى؛ تەسرات بىلەن تەتقىقاتنى؛ ئاسان بىلەن قىيىننى؛ مۇھىم بىلەن جىددىينى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ. ئۆزىنى دائىم گاھى پىل، گاھى قىل ئويلاپ قالىدۇ.…

  

قىسقىسى، لوگىكىسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاقىۋەت ئىنتايىن خەتەرلىك ۋە ئەجەللىك. لوگىكىسىزلىق دېگىنىمىز، توغرا تەپەككۇر قىلالماسلىق دېگەنلىك بولۇپ، توغرا تەپەككۇر قىلالمايدىغان ئادەم توغرا بىلىشكە ئېرىشەلمەيدۇ. چۈنكى توغرا بىلىش توغرا تەپەككۇرنىڭ نەتىجىسى. بۇنداق بولغانىكەن، توغرا بىلىشكە ئېرىشەلمىگەن ئادەملەر توغرا ھەرىكەت قىلالمايدۇ، توغرا ھەرىكەت قىلالمىغانلار غەلىبىگە ئېرىشەلمەيدۇ. دېمەك، ھەرقانداق بىر بىلىش، مۇئەييەن بىر ھەرىكەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ. ئىنساننىڭ بىلىمگە ئېرىشىشىدىن مەقسەت، شۇ بىلىم يېتەكچىلىكىدە ئۆزىگە پايدىلىق بىر نەتىجىگە ئېرىشىشتۇر. بۇنىڭدىن، بىز غەلىبىنىڭ شەرتى توغرا بىلىش ئاساسىدا توغرا قىلىش دېگەن خۇلاسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايمىز، يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ پىكىر يۈرگۈزسەك توغرا بىلىشنىڭ لوگىكىلىق تەپەككۇرنى شەرت قىلىدىغىنىنىمۇ بىلەلەيمىز. بەلكىم تۆۋەندىكى سېخىما بۇنى چۈشىنىشلىكرەك ئىپادىلىيەلىشى مۇمكىن:

  

لوگىكىلىق تەپەككۇر ← كىتاب ئوقۇش ← غەلىبە ← توغرا ھەرىكەت ← توغرا بىلىش← لوگىكىلىق تەپەككۇر.

  

④ – كىتاب ئوقۇش تەپەككۇرنى ئىزچىل ئادەتكە ئايلاندۇرىدۇ.

  

باشتا قەيت قىلغىنىمىزدەك، تەپەككۇرنىڭ ئۆزى بىز ئاڭلىق، مەقسەتلىك ئېلىپ بارىدىغان بىر جەريان، بۇنداق بولغىنىدەك ئۇ بىزدىن ئادەتلىنىشى، داۋاملىق تۈردە تەكرارلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇندىلا، تەپەككۇر بىزنىڭ دائىملىق ئادىتىمىزگە ئايلىنىدۇ. كىتاب ئۆزىدىكى مول مەلۇمات، قىزىقارلىق ۋەقە، جانلىق پېرسوناژ، چوڭقۇر ھېكمەتلەر بىلەن بىزنى داۋاملىق ئويلىنىشقا، تەپەككۇر قىلىشقا غىدىقلاپ تۇرىدۇ. ئۆزىمىزمۇ شۇنى ھېس قىلالايمىزكى، كىتاب ئوقۇشنىڭ ئۆزى، ماھىيەتتە ئۆز –ئۆزىمىز بىلەن دىيالوگ ئېلىپ بېرىش جەريانىدۇر. مانا بۇ دىيالاۇگ دەل تەپەككۇرنىڭ ئۆزىدۇر. كىتاب ئوقۇپ باققان ھەر قانداق بىر ئادەم بۇنداق كەچۈرمىشنى ئېنىق ھېس قىلالايدۇ. بەلكىم بەزى كىشىلەر بىز كىتاب ئوقۇپ تەپەككۇرغا ئادەتلىنىمىز دەپ يۈرمىسەكمۇ، تۇرمۇش، خىزمەت، سودا – سېتىقلىرىمىزدا بىز ئويلىنىدىغان سان – ساناقسىز مەسىلىلەر يېتىپ ئاشىدۇ دەپ ئويلىشى مۇمكىن. ئەپسۇسكى، ئۆزىمىزگە بۇنداق تەسەللىي بېرىپ ئالداش، بىر ھاماقەتلىكتىن باشقا بىر نەرسە ئەمەس. كىتاب قوزغاتقان تەپەككۇر بىلەن، كۈندىلىك ئۇششاق ئىشلار قوزغاتقان ئوينىڭ ئارىسىدا، سۈپەت – دەرىجە جەھەتتىن زور پەرق بار. بىز تۇرمۇشتىكى بۇ خىل ئۇششاق ئىشلار ھەققىدە باش قاتۇرۇشنى تەپەككۇر قىلىش دەپ ئاتىمايمىز، بەلكى ئويلىنىش دەپ ئىپادىلەيمىز. تەپەككۇر ئادەم ئاڭلىق ھالەتتە تاماملايدىغان مەقسەتلىك ئەقلىي پائالىيەت، كېيىنكىسى بولسا، بىزدە مەلۇم دەرىجىدە رېفلىكىسقا ئوخشاپ كەتكەن، ئىختىيارسىز تاماملىنىدىغان ئەقلىي پائالىيەت. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، مەن بۇ يەردە تەشەببۇس قىلىۋاتقان تەپەككۇر ئادىتى، ھەرگىزمۇ بىزنىڭ كۈندىلىك ئوي – خىياللىرىمىز ئەمەس، بەلكى مۇئەييەن ئوبيېكت ھەققىدە مەقسەتلىك، ئاڭلىق ئېلىپ بېرىلىدىغان ئويلىنىشتىن ئىبارەتتۇر. كىتاب ئوقۇش بولسا بىزنى ئاڭلىق تەپەككۇرغا يېتەكلەيدۇ، بىز يولۇققان شەيئىي، ھادىسىلەردىن ئاتلاپلا ئۆتۈپ كەتمەستىن، ئۇلار ھەققىدە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزىدىغان، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي تېگى – تەكتىدىن چۈشىنىشنى ئىستەيدىغان، داۋاملىق ئۆز – ئۆزىمىزدىن سوئال سوراپ تۇرىدىغان بىر تەپككۇر ئادىتىنى يېتىلدۈرەلەيدۇ. شۇڭلاشقا، ئوخشاش ئۇچۇرنىڭ تەپەككۇر ئادىتىگە ئىگە ۋە ئىگە ئەمەسلەر ئۈچۈن قىممىتى ئوخشاش ئەمەس. نيۇتۇن دەۋرىگە قەدەر سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ بېشىغا ئالما – نەشپۈتلەر چۈشكەن بولغىيدى، ئەمما بۇ نيۇتۇنغا نىسبەتەن بىر دەۋر بۆلگۈچ ئىلمىي بايقاشنىڭ يىپ ئۇچى بولدى. بىز بۇنى ھەرگىزمۇ نيۇتۇننىڭ ئەسلىدىكى بىلىم ئاساسى ۋە پىكىر قىلىش ئادىتىدىن ئايرىپ قارىيالمايمىز.

  

ئادەمنىڭ جىسمانىيىتى چېنىقىشقا مۇھتاج بولغىنىدەك، مېڭىمۇ چېنىقىشقا مۇھتاج. مېڭىگە نىسبەتەن كىتاب ئوقۇش ئەڭ ياخشى چېنىقىش ھېسابلىنىدۇ. بىز باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن ساۋاتلىق كىتاب كېكەچلىرىنىڭ مېڭىسى دەل موشۇنداق ھېنىقىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن، ياكى يېتەرلىك بولمىغان. بىزگە بېرىلگەن ھەر قانداق نەرسىنىڭ گەدىنىمىزدە ھەققى بار. ھەقىقەتنى كۆرمىگەن كۆزلەر، ئاڭلىمىغان قۇلاقلار، تەپەككۇر قىلمىغان مېڭىلەر ئۆز ھەققىنى ئۆزى دەپسەندە قىلغان خىيانەتچىدۇر. ھەر ئادەمنىڭ ماقامى تەپەككۇرى بىلەن يارىتىلىدۇ. تەپەككۇرگە ئادەتلەنگەن ئادەم بىلەن ئادەتلەنمىگەن ئادەم تامامەن ئىككى ماقام، ئىككى دۇنيادا ياشايدۇ. قۇرئاندىكى: «بىلگەنلەر بىلەن بىلمىگەنلەر باراۋەر بولامدۇ« (زۇمەر سۈرىسى 9 – ئايەت) دېگەن ئايەتنى تەپەككۇر قىلىدىغانلار بىلەن تەپەككۇر قىلمايدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ دەپمۇ شەرھىيلەش مۇمكىن. ئەگەر تەپەككۇرنى كىتابقا باغلىغىنىمىزدا، بۇ ئايەتنى يەنە كىتاب ئوقۇيدىغانلارب بىلەن ئوقۇمايدىغانلار باراۋەر بولامدۇ؟ دەپ شەرھلەش ھەم مۇمكىن. كۆز ئالدىمىزدىكى دۇنيا رېئاللىقمۇ بىلىدىغانلار بىلەن بىلمەيدىغانلارنىڭ ھەقىقەتەن باراۋەر ئورۇندا ئەمەسلىكىنى، بىلىدىغانلارنىڭ ھاكىم، بىلمەيدىغانلارنىڭ مەھكۇم ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئىنسان بىلىش بىلەن ھاكىم، بىلمەسلىك بىلەن مەھكۇم بولىدۇ.

  

تېمىغا قايتىپ كەلسەك، مېنىڭ تەپەككۇر ئادىتىنى شۇنچە كۈچەپ تەكىتلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، بىز ھازىر ئومۇميۈزلۈك تەپەككۇر ئېرىنچەكلىكىگە مۇپتىلا. بىزنىڭ بارلىق پائالىيىتىمىزدىن بۇنىڭ ئىپادىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بىز مەسىلىەرنى تېخىمۇ ئىنچىكە بۆلەكلەرگە پارچىلاپ ئانالىز قىلىشتىن ئېرىنىمىز، مەسىلە – ھادىسىلەر ھەققىدە تۈزۈك ئويلانمايلا پومىداقلاپ خۇلاسە چىقىرىمىز. چىگىش مەسىلىەردىن ئۆزىمىزنى قاچۇرىمىز. تەپەككۇر ئادىتىگە ئىگە ئەمەس كىشىلەر ئۈچۈن، قىلنى قىرىققا يېرىپ پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەتراپلىق ئىنچىكىلەش ناھايىتى زېرىكىشلىك، مۈشكۈل بىر ئىش بولۇپ تويۇلىدۇ. ۋەھالەنكى، ئەقلىمىزنى لال قىلىۋاتقان يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلار، ئىلىم – پەن نەتىجىلىرى، كەشپىياتلار، دۆلەتلەرنىڭ سىياسەت – ئىستاتېگىيەلىرى بىزنىڭ تەسەۋۋۇرىمىزغا سىغمايدىغان ئەنە شۇنداق ئىنچىكىلىك، ئەستايدىللىقنىڭ نەتىجىسىدۇر.ھازىر دائىم ئابستراكت، شۇئارسىمان ئۇلۇغ ھەقىقەتلەرنى توۋلاۋاتىمىز، ئەمما ئەنە شۇ ھەقىقەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرىدىغان كنكرېت قەدەم – ئۇسۇللارغا كەلگەندە دەرھال بېشىمىز ئاغرىيدۇ، ئەپلەپ – سەپلەپ ئۆتۈپ كېتىمىز. ماھىيەتتە، مەسىلىنىڭ جېنى دەل مۇشۇ يەردە. بىز تۈزۈك پىكىر يۈرگۈزمەستىنلا، دەرھال بىر توغرا خۇلاسىگە ئېرىشىشىنى خام – خىيال قىلىمىز. ئەپسۇسكى، جاھاننىڭ قانۇنىيىتى بۇنداق ئەمەس. كونكرېت ئۇسۇل، قەدەم – باسقۇچلارغا كەلگەندە، شۇئارۋاز ھەقىقەتچىلەرنىڭ دەسمايىسى دەرھال غالتەككە چىقىدۇ. ھەرقانداق ئىشتىكى كونكرېتلىق، ماھىيەتتە زېرىكمەي، ئېرىنمەي پىكىر يۈرگۈزۈش، توختاۋسىز جاھىللىق بىلەن تەپەككۇر قىلىشتىن كېلىدۇ. كونكرېتلاشتۇرۇلمىغان نەرسىنى ئىجرا قىلغىلى بولمايدۇ. ئىجرا قىلىنمايدىغان ھەقىقەتنى توۋلاپ يۈرۈشنىڭ بىزنىڭ بەزى پىسخىك ئېھتىياجلىرىمىزنى قاندۇرۇشتىن بۆلەك ھېچنېمىگە پايدىسى بولمايدۇ. مۆلچەر، تەخمىنگىلا تايىنىپ ئىش قىلىش، ھەممە نەرسە مىقدارلىشىۋاتقان بۈگۈنكى دۇنياغا ماس كېلىدىغان ئۇسۇل ئەمەس. تەپەككۇر ئادىتى بولغاندىلا، بىز مەسىلىەرنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن قورقۇپ كەتمەستىن، ئۇنىڭغا سوغۇققانلىق بىلەن يۈزلىنەلەيمىز، ئۆزىمىزنىڭ خۇلاسە – يەكۈنلىرىنى ئىنچىكە، مىقدارلىق ئانالىز ئۈستىگە قۇرالايمىز.ھالبۇكى، بۇ ئادەت ئىزچىل كىتاب ئوقۇش بىلەن شەكىللىنىدۇ ۋە كۈچىيىدۇ. كىتاب ئوقۇشنىڭ مېنىڭچە ئەڭ ماھىيەتلىك رولى، مەلۇماتىمىزنى موللاشتۇرۇشلا بولماستىن، بەلكى بىزنى ئاكتىپ، ئىزچىل تەپەككۇر ئادىتىگە ئىگە قىلىشتا. كىتاب ئوقۇيدىغان كىشىلەرنىڭ بىلمەيدىغىنى ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئەمما بىلمەيدىغىنى ئاز بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار تەپەككۇردىن ئېرىنمەيدۇ، جاۋابنى نەدىن، قانداق تېپىشنى بىلىدۇ.

  

ئەلۋەتتە، كىتاب ئوقۇشنىڭ تەپەككۇرغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەرگىزمۇ يۇقاردا بايان قىلىنغان تۆت نۇقتىدىلا چەكلەنمەيدۇ. بۇ پەقەتلا مېنىڭ ئويلىغانلىرىم، ئوقۇرمەنلەر چوقۇم باشقا تەرەپلىرىنىمۇ ھېس قىلالايدۇ

  

خاتىمىگە ئۆتۈشتىن بۇرۇن، بەزى كىشىلىرىمىزدىكى كىتابتىن ئۆزىنى بىھاجەت ساناشتەك بىچارە ھاكاۋۇرلۇق ھەققىدە سەل تەگەشكە توغرا كېلىدۇ. كىتاب ئوقۇش ئوقۇغۇچى، يازغۇچى ياكى كادىر – زىيالى ۋە ياكى ئالەم تەتقىقاتچىنىڭ ئىشى دەپ قاراش، ئادەمنىڭ ئىچىنى ئاغرىتىدىغان ئىپتىدائىي دۆتلۈك ھېسابلىنىدۇ. ئەمما بۇ دۆتلۈك ئارىمىزدىكى خېلى كىشىلەردە تېپىلىدۇ، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا ئارقا كۆرۈنۈش، مۇناسىۋەت بىلىم – ئىقتىداردىن ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان غەيرىي نورمال ئىجتىمائىي قورۇلمىغا ئىگە جەمئىيەتتە بىلىمنىڭ سەل قارىلىشى، تەبىئىي تۈردە كىتابنىڭ سەل قارىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بىزدە ھۈنەرۋەنلەر كىتاب بىلەن نېمە ئىشىم دەپ ئويلايدۇ، دۇكانچى دۇكىنىنى ئېچىشتا كىتابقا مۇراجىئەت قىلمايدۇ، ئاتا – ئانىلار بالىلىرىنى كىتاب ئوقۇپ تەربىيەلىمەيدۇ، كارخانىچىلار بولسا ئالدىراشلىقىنى كىتاب ئوقۇماسلىقىنىڭ باھانىسى قىلىشتىن ئۇيالمايدۇ. ھەتتا كىتاب ئوقۇشقا داۋاملىق ئېھتىياجى چۈشۈپ تۇرىدىغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ كەسىپنىڭ سىرتىدا كىتاب كۆرۈپ كەتمەيدۇ.… ئۇنداقتا مۇنۇ سوئاللارغا قانداق جاۋاب بېرىش مۇمكىن؟

  

ھۈنەرۋەن ھۈنىرىنى تېخىمۇ ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشتا، بىلىمگە مۇھتاج بولمامدۇ؟

  

دۇكان ئېچىش بىلىم تەلەپ قىلمامدۇ؟ كارخانا باشقۇرۇشچۇ؟ بالا تەربىيەلەشچۇ؟…

  

ئەلۋەتتە، ھېچكىم بۇ سوئالغا مۇھتاج ئەمەس دەپ جاۋاب بەرمەيدۇ، دېمەك، بىلىمنى ئېتراپ قىلغانكەنمىز، كىتاپ ئوقۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىدىنمۇ ئېتراپ قىلغان بولىمىز. ئەمما بىلىمنى ئېغىزىمىزدا مۇھىم دەپ قويۇپ، ئەمەلىيەتتە كىتاب ئوقۇمايدىغان رېئاللىقىمىز بىر مەسخىرىلىك زىددىيەتنى ھاسىل قىلىدۇ. سۇغا تەشنا ئادەمنىڭ بۇلاقنى ياقتۇرماسلىقى پەقەت شۇ كىشىدىكى نادانلىقنى ئېچىپ بېرىدۇ، خالاس.

  

بۈگۈنكى كۈندە، ئىلىم چۈشەندۈرمەيدىغان، جاۋاب بەرمەيدىغان تېما، مەسىلىلەر يوق دېيەرلىك ( بۇ ھەرگىزمۇ ئىلىم – پەن ساھەسىدە ھەممە سىرلارغا جاۋاب تېپىپ بولدى دېگەنلىك ئەمەس). يۇقارقىدەك دۇكان ئېچىش، ھۈنەر – كەسىپ، كارخانا باشقۇرۇش، پەرزەنت تەربىيەسى دېگەندەك ئاللىبۇرۇن مۇكەممەل كەسپىي پەنلىرى شەكىللىنىپ بولغان ئىشلارنى قويۇپ تۇرايلى، چامادانغا نەرسە – كېرەكلەرنى قانداق قاچىلاش، گالىستۇكنى قانداق تاقاش، … دېگەنگە ئوخشاش مۇشۇنداق ئۇششاق – چۈششەك ئىشلار توغرىلىقمۇ مەخسۇس تەتقىقات ئەسەرلىرىنى ئۇچرىتالايمىز. بىز ئۇچراۋاتقان ھەرقانداق چوڭ – كىچىك ئىش ئىلىم يۈكسەكلىكىدە مۇئامىلە قىلىنىۋاتىدۇ، ھەر بىر مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك پەنلەردىن جاۋاب ئىزدىلىۋاتىدۇ، ھالبۇكى، بىز پەقەت مىراس تەجرىبە، تەبىئىي ئەقىل – زېرەكلىكىمىزگە تايىنىپلا ئىش كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز. مەسىلىلەرگە دۈچ كەلسەك، ئاۋال كەسپىي پەنلەرگە مۇراجىئەت قىلىدىغان ئەقەللىي ساپامۇ بىزدە تېخى يېتىلگىنى يوق. گەرچە ئەقىل، زېرەكلىك ئىنتايىن مۇھىم ئامىل بولسىمۇ، ئۇنىڭغا بىلىمنىڭ قوشۇلماسلىقى ئەقىلنىڭ رول ئوينىيالايدىغان دائىرىسىنى تارايتىپ، چېكىنى تۆۋەنلىتىپ قويىدۇ. ئەقىللىق بىر ئادەم يۈزبېشى بولالىشى مۇمكىن. ئەمما مۇناسىۋەتلىك كەسپىي بىلىملەرنى ئىگەللىگەندىلا، ئاندىن گېنرال بولالىشى مۇمكىن. ئەقىللىق بىر سودىگەر بىر دوكاننى گۈلدەك ئاچالىشى مۇمكىن، ئەمما دۇكان ئۈچ بولسىچۇ؟ ئوتتۇر بولسىچۇ؟ ئۈچ ئادەمنى باشقۇرالىشى مۇمكىن، ئوتتۇز ئادەمنىچۇ؟ بىر دۇكاننىڭ ھېسابىنى تۇتالىشى مۇمكىن، ئون دۇكان، ئوتتۇز دۇكاننىڭچۇ؟ بۇلارنى نوقۇل زېرەكلىك بىلەنلا ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. كەسپىي بىلىملەرگە مۇراجىئەت قىلماي ئامال يوق. ئادەم دائىم كىچىك، ئاددىي ئىشلارنى قىلالىغاندىكى ئەقىل – پاراسىتىدىن مەست بولۇپ، ئۆزىگە ئالدىنىپ قالىدۇ، ئىستىداتىنى ئاتۇق مۆلچەرلەپ قويىدۇ. ھەرقانداق ئەقىللىق كىشىنىڭ كۆتۈرەلەيدىغان چېكى بار، شۇ چەكتىن ئاشقاندا، بىلىم قوشۇلمىغاندا، ئۇ ئەقىللىق كىشىلەرگىمۇ ئوكسىگېن يېتىشمەسلىككە باشلايدۇ. ئۆز – ئۆزىگە داۋاملىق بىلىم بىلەن ئېنىرگىيە تولۇقلاپ تۇرالايدىغان كىشىلەرلا ھەرقانداق ۋاقىتتا مەسىلىنى توغرا چۈشىنەلەيدۇ ۋە لايىق بىر چارە تاپالايدۇ. مانا بۇ دەل توختاۋسىز كىتاب ئوقۇشتىن كېلىدۇ. كېسىپ ئېيتىمەنكى، بۈگۈنكىدەك، ئوقۇش مىسلىسىز قولايلاشقان بىر دەۋردە، سىز مەيلى ئوقۇغۇچى بولۇڭ ياكى ھۈنەرۋەن – كاسىپ، سودىگەر – كارخانىچى بولۇڭ، ياكى ئائىلە ئايالى بولۇڭ كىتاب ئوقۇماسلىققا ھېچقانداق ئۆزرىڭىز يوق.

  

خاتىمە:

  

بىر مىللەت مەيلى كىرىزىس ئىچىدىكى ۋاقتىدا ياكى كىرىزىستىن قۇتۇلغاندىن كېيىن بولسۇن، ئىسلاھات روھى مەزكۇر مىللەت ھاياتىي كۈچىنىڭ جېنى ھېسابلىنىدۇ. ئىسلاھات روھىدىن ئايرىلغان مىللەت ھالاكەت يولىغا ماڭغان بولىدۇ. ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش قاتلىمى كۆپ خىل بولغاچقا ئىسلاھ قىلىشقا تېگىشلىك ساھەلەر بىرلا بولمايدۇ، بىز مائارىپنى ئىسلاھ قىلىش لازىم، ئىقتىسادىي ئىسلاھات، قانۇن ئۆزگەرتىش، تۈزۈلمە ئىسلاھاتى… دېگەندەك سۆزلەرنى تولا ئاڭلاپ كەتكەن. بۇ يەرلەردە تىلغا ئېلىنغان ئىسلاھات مەزكۇر ساھەلەردىكى نورمال تەرەققىياتقا توسالغۇلۇق قىلىۋاتقان ئامىللارنى ئۆزگەرتىپ، يېڭى چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى كۆرسىتىدۇ. ساھەنىڭ مۇھىملىقىنىڭ ئوخشىماسلىقى بىلەن ئىسلاھاتنىڭ تەرتىپىدىمۇ پەرق بولىدۇ. بەزى دۆلەتلەر ئاۋال ئىقتىسادىي تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىشى مۇمكىن. بەزى دۆلەتلەر بولسا مائارىپ ئىسلاھاتىنى باش ئورۇنغا قويۇشى مۇمكىن، ئەمما ھەممىسىگە ئورتاق بولغان بىر مۇھىم ساھە بار، بۇ ساھە ئىسلاھ قىلىنماي تۇرۇپ، باشقا ساھەلەرنى ئىسلاھ قىلىشى مۇمكىن بولمايدۇ. بۇ بولسىمۇ ئاڭ ئىسلاھاتىدۇر. چۈنكى ئاڭ ئۆزگەرگەندىلا، ئىنساننىڭ ھەرىكىتى، دۇنيا قەارىشى ئۆزگىرىدۇ، ئۆزىگە، دنياغا يېڭى بىر نەزەر بىلەن قارايدۇ. ئاڭدىكى ئىسلاھات بولىسا مېڭىمىزنىڭ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن كۆپلەپ ئۇچرىشىشى ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ. مانا بۇ تەبىئىي تۈردە كۆپلەپ ئوقۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

  

ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ گۈللىنىش تارىخىغا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئاقارتىشنىڭ ھەر قايسى گۈللىنىش ھەرىكەتلىرىدىكى ئورتاق ھادىسە ئىكەنلىكى كۆزىمىزگە چېلىقىدۇ. ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم بىر شەكلى بولغان ئاقارتىش ھەرىكىتى ئىچىدە ئوقۇش ئەڭ ماھىيەتلىك ئورۇن تۇتىدۇ. بىز ئىتالىيەدىكى ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى، سانائەت ئىنقىلابى، ياپونىيىدىكى يېڭىلىققا كۆچۈش، جۇڭگودىكى يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى دېگەنلەتنى مىسالغا ئالمىغاندىمۇ، ئۆز تارىخىمىزدىكى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ، مەمتىلى ئەپەندىلەرنىڭ ئىسلاھات ھەرىكىتىگە نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇلارنىڭمۇ ئىشنى ئوقۇشتىن باشلىغانلىقىنى كۆرىمىز. ھەتتا، ھەممىمىز بىلگىنىمىزدەك، مۇھەممەد پەيغەمبەرگە تۇنجى چۈشكەن ئىسلاھات چاقىرىقىمۇ «ئوقۇ!» (سۈرە ئەلەق 1 – ئايەت)دىن باشلانغان، ئوقۇشنى پەرز قىلغان. بۇ دىننىڭ ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ ئوقۇشتا باشقىلارنىڭ كەينىدە قېلىشى، ئۇلارنىڭ مەھكۇملۇقىنىڭ سەۋەبىنى مەلۇم نۇقتىدىن ئىما قىلسا، يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارنىڭ ئۆز دىنىغا قىلىۋاتقان ئاسىيلىقىنىڭ بىر پاكىتى سۈپىتىدە كۆزگە تاشلىنىدۇ.

  

قىسقىسى، بۈگۈنىمىزدە كىتاب ئوقۇش ھەر بىر ئۇيغۇرغا نىسبەتەن تۇز كەبى مۇھىمدۇر. كىتابنى تەرك ئېتىش، نادانلىقنى دوست تۇتقانلىقتۇر. بىزنىڭ ئەقلىمىز ئويغانماي تۇرۇپ، تەپەككۇرىمىز قۇۋۋەت تاپماي تۇرۇپ، ھېچبىر ئىشىمىزدا نەتىجە قازىنالمايمىز. شۇنداق دەيمەنكى، كىتابسۆيەرلىك ئەڭ ياخشى مىللەتسۆيەرلىكتۇر.

  

           شىنجاڭ ياشلىرى 2016-يىللىق 4-سان

 

ئىنكاسلار
ئىنكاس يوللاش