كىتاب ئوقۇشنىڭ ئادەم بەدىنىگە پايدىسى
كىتاب ئوقۇشنىڭ ئادەم بەدىنىگە يەتتە تۈرلۈك پايدىسى بار.
ئۇزۇندىن بېرى كىتاب ئوقۇپ باقمىدىڭىز شۇنداقمۇ؟ كومپيۇتېر ۋە تېلفۇندا مىكرو بىلوگ يېڭىلاپ، توربەت كۆرۈش كۈندىلىك ئادىتىڭىزگە ئايلىنىپ قالدى شۇنداقمۇ؟ ناۋادا شۇنداق بولسا، ئۇنداقتا ھازىردىن باشلاپ كىتاب ئوقۇڭ. 6- ئايدا ئامېرىكا «ئوقۇرمەنلەردىن تەرمىلەر» ژۇرنىلىدا بېسىلغان خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كىتاب ئوقۇش ئادەمنىڭ بىلىمىنى ئاشۇرۇپلا قالماستىن، يەنە سالامەتلىككىمۇ كۆپ پايدىسى بار ئىكەن.
1. چوڭ مېڭە قېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. خۇددى بەدەندىكى مۇسكۇللارغا ئوخشاش، چوڭ مېڭىمۇ چېنىقىش ئارقىلىق تېخىمۇ ساغلام ھەم قاۋۇل بولۇشقا ئېھتىياجلىق. تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كىتاب ئوقۇش چوڭ مېڭىنى ئاكتىپلىقى ۋە ھەرىكەتچانلىقىنى ساقلايدىكەن، شۇنىڭ بىلەن قېرىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن.
2. بېسىمنى تۆۋەنلىتىش. ئەنگلىيە كىتاب ئوقۇش كۇلۇبى ساسسېكس ئونۋېرسىتېتىدىكى «پىسخىكا تەجرىبىخانىسى»غا ھاۋالە قىلغان تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، خىلمۇ خىل بېسىمنى تۆۋەنلىتىش ئۇسۇللىرى ئىچىدە، كىتاب ئوقۇشنىڭ ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى بولۇپ، ئالتە مىنۇتتا بېسىمنى %68 تۆۋەنلەتكەن، ئۇنىڭ ئۈنۈمى مۇزىكا ئاڭلاش ۋە سەيلە قىلىشتىكى ئۈنۈمدىنمۇ ياخشى بولىدىكەن. پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە، كىتاب ئوقۇغاندا ئادەملەرنىڭ خىيالى خەتكە مەركەزلىشىپ، جىسمانىي ۋە روھى جەھەتتىكى جىددىيلىكى شۇ سەۋەبتىن پەسلەيدىكەن.
3. ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش. كىتابتا مىليونلىغان ئۇچۇر نۇقتىلىرى بار بولۇپ، ھېكايە ئارقا كۆرۈنۈشى، پىرسوناژلارنىڭ نامى، تەپسىلاتلارنى بايان قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئوقۇۋاتقان چاغدا چوڭ مېڭە بۇلارنى ئاسانلا ئەستە ساقلىۋالىدۇ ھەمدە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىڭىزنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
4. تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ساغلاملاشتۇرۇش. ئامېرىكىدىكى بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كىتاب ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمنىڭ ئەمگەك قىلىش ۋە دەم ئېلىشى مۇۋاپىق بولۇپ، ئوزۇقلىنىش ئادىتى تېخىمۇ ساغلام بولىدىكەن. بىر تەرەپتىن ئۇلار كىتابتىن تېخىمۇ كۆپ ساغلاملىق توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئالالىسا، يەنە بىر تەرەپتىن كىتاب ئوقۇش ئۇلارنى تۇرمۇشنى تېخىمۇ سۆيىدىغان، ھاياتلىقنى قەدىرلەيدىغان قىلىپ ئۆزگەرتىدىكەن.
5. دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش. تور دەۋرىدە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلىشىمىز كېرەك: پوچتا يوللانمىسى كۆرۈش، بىرلا ۋاقىتتا كۆپ ئادەملەر بىلەن پاراڭلىشىش، تېلىفون قوبۇل قىلىش... بۇ خىل خىزمەت ئۇسۇلى ئادەمنىڭ دىققىتىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ. ئەمما كىتاب ئوقۇغاندا ئادەمنىڭ پۈتۈن دىققىتى كىتاب ئوقۇشقىلا مەركەزلىشىدۇ، بۇ سىزنىڭ تېخىمۇ كۆڭۈل قويۇش، ئىش بېجىرىش ئۈنۈمىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ياردەم قىلىدۇ.
6. ئاغرىقنى پەسەيتىش. ئىتالىيەدىكى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئاخىرقى باسقۇچتىكى راك كېسىلى بىمارلىرىنىڭ ئاغرىقىنى پەسەيتىشتە ياردىمى بولۇپ، ئازابنى ئۇنتۇلدۇرىدىكەن. نۆۋەتتە، دوختۇرلار كىتاب ئوقۇشنى ئاغرىقنى داۋالاشقا يادەم بېرىدىغان بىر خىل ئۇسۇل سۈپىتىدە سىناق قىلىۋاتىدۇ.
7. قايغۇ-ھەسرەتنى داۋالاش. ئەنگلىيە روھى كېسەل دوختۇرلىرى ئەسەبىيلىشىش كېسىلىنى داۋالايدىغان بىر يېڭى ئۇسۇلنى سىناق قىلىۋاتىدۇ، ئۇ بولسىمۇ بىمارنىڭ رېتسىپىغا ئوقۇيدىغان كىتابنىڭ تىزىملىكىنى يېزىپ بېرىشتىن ئىبارەت. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، كىتاب ئوقۇش يېنىك ياكى ئوتتۇرا ھال ئەسەبىيلىشىش بىمارلىرىدا ئاكتىپ تەسىر پەيدا قىلالايدىكەن.
بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، كىتابنى كۆپ ئوقۇيدىغانلار كىتاب ئوقۇمايدىغانلارغا قارىغاندا روشەن «ياشاش ئەۋزەللىكى» نى ھازىرلىغان بولىدىكەن.
يالې داشۆسىنىڭ ئاممىۋى ساغلاملىق مۇتەخەسسىسلىرى ئۇزۇن مەزگىللىك بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، ئۆتكەنكى 11 يىلدا تەتقىقاتچىلار 50 ياشتىن يۇقىرى 3600 ئەر-ئايالنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى ۋە كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى ئىز قوغلاپ خاتىرىلىگەن. تەتقىقاتتا مەلۇم بولۇشىچە، ئادەمنىڭ ھەر كۈنى كىتاب ئوقۇيدىغان ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، ئۆمرى شۇنچە ئۇزۇن بولىدىكەن. %20 تەتقىقات ئوبيېكتى ئىچىدە، دائىم كىتاب ئوقۇيدىغانلار كىتاب ئوقۇمايدىغانلارغا قارىغاندا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى يىلغا يېقىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن.
تەتقىقاتچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، نەچچە يۈز بەتلىك كىتاب ئوقۇش جەريانىدا، ئوقۇرمەن ئىزچىل يازغۇچىنىڭ تەپەككۇر يولى، پېرسوناژ ۋە ۋەقەلىك ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن، بۇنداق «چوڭقۇر ئوقۇش» قا سەرپ قىلىنغان زېھىن چوڭ مېڭىنى ئىزچىل جانلىق ھالەتتە ساقلايدىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، كىتاب يەنە ئادەمنىڭ «ھېسىداشلىقى، جەمئىيەتكە بولغان تونۇشى ۋە ھېسسىي تەپەككۇرى» نى ئاشۇرىدىكەن، بۇ ئۆمۈرنى ئۇزارتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن.
مەنبە: ھاياتلىق ۋاقىت گېزىتى

Facebook
Instagram
Youtube
ئېلخەت
ئەزا بومىسىڭىز ئەزا بولۇپ كىرىپ پىكىر-چۈشەنچىڭىزنى يېزىڭ.