ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خۇش كەپسىز
ئىسمائىل غاسپىرالى
ساقلىۋېلىش
كىتاب ئىسمى ئىسمائىل غاسپىرالى
كىتاب ئاپتورى نەجىپ ھابلەمىتئوغلۇ
تۈرى مەشھۇر شەخىسلەر
تەرجىمە قىلغۇچى
تۈزگۈچى
كىتاب ھەجمى ‎1 MB  
بەت سانى 71
ھۆججەت شەكلى PDF
تورغا يوللىغۇچى ئۇيغۇر كىتاب
نەشر قىلغان ئورۇن تور نەشرى
نەشر قىلىنغان ۋاقتى 2014-9-11
كىتاب تىلى ئۇيغۇرچە
كۆرۈلىشى: 334
تورغا يوللانغان ۋاقتى: ‎2019-12-26 14:54:12
كىتاب ھەققىدە

ئىسمائىل غاسپىرالى

(1914-1851)

قىرىملىق ئىدىئولوگ، مائارىپچى ۋە نەشىرىياتچى

ئىسمائىل غاسپىرالى 1851 -يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى قىرىم باغچە سارايغا يېقىن بولغان ئوۋچى يېزىسىدا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، دادىسى-مۇستاپا ئەلى ئوغلى گاسپىرىنىسكىي، قىرىمنىڭ ساھىل بۆلىكىدىكى گاسپىرا يېزىسىدا تۇغۇلغان چار رۇسىيە ئارمىيسىنىڭ پىنسىيەگە چىققان گېنرالى، ئانىسى-فاتىمە سۇلتان خانىم بولسا نوپۇزلۇق بىر ۋەزىر ئائىلىسىنىڭ قىزى ئىدى. ئىسمائىل ئەپەندى مەھەللىسىدىكى بىر دىنىي مەكتەپتە باشلىغان ئوقۇشىنى، ئاق مەسجىد ئوغۇللار گىمنازىيسىدە داۋاملاشتۇرغان. گىمنازىيەدىكى ئوقۇشىنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن، ئاۋۋال ۋورونەژدىكى بىر ھەربىي مەكتەپكە ئوقۇشقا كىرگەن،  كىيىن يەنە موسكوۋادىكى يەنە  ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغان. ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئۇ موسكۇۋادا ئوقۇش جەريانىدا، دەۋىرنىڭ ئىلغار پىكىر-ئېقىملىرى ۋە مۇتەپەككۇرلىرى بىلەن تونۇشۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. ئەينى چاغدىكى ئۇنىڭدىكى جەمئىيەت مۇتەپەككۇرلىرىغا بولغان ھۆرمەت تۇيغۇسى ۋە مەكتىۋىدىكى پانسىلاۋىسىتىك «كەيپىيات»، ئۇنىڭدا رۇسىيە ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى تۈرك خەلقلىرىنى ئويغۇتۇش چۈشەنچىسىنى شەكىللەندۈرگەن. گىرىت ئىسيانىدا رۇم قوشۇنلىرىغا قارشى جەڭ قىلغان ئوسمانلى ئەسكەرلىرىگە قوشۇلۇپ، يېقىن دوستى لىتۋانىيە تاتارلىرىدىن مۇستاپا مىرزا داۋىدوۋىچ بىلەن بىرگە يوشۇرۇنچە تۈركىيەگە كىرمەكچى بولغىنىدا، ئودىسادا تۇتىۋېلىنغان. چار روسىيەدىكى ھەربىي ئوقۇغۇچىلىق ھاياتى بۇنىڭ بىلەن ئاياغلاشقان غاسپىرالى، 1868-يىلى باغچە سارايغا قايتىپ بېرىپ، زەنجىرلى مەدرىسىدە رۇسچە دەرس بېرىشكە باشلىغان. بۇ جەريانىدا ئۇ رۇس ئەدەبىي ۋە پەلسەپىۋى ئەسەرلىرىنى زور ئىشتىياق بىلەن ئوقۇپ چىققان. 1872-يىلى قىرىمدىن ئايرىلىپ ئىستانبۇل، ۋىيانا، مىيۇنخىن ۋە سىتۇتگارىت ئارقىلىق پارىژغا بارغان. پارىژدا تۇرغان ئىككى يىل ئىچىدە مەشھۇر رۇس يازغۇچىسى تۈرگىنىۋنىڭ ياردەمچىسى بولۇپ، نۇرغۇن تەجرىبە توپلىغان. 1874-يىلى ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئوسمانلى ئىمپىرىيسىدە خىزمەت قىلىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا بارغان. قايتا-قايتا ئىلتىماس يېزىپ، بىر يىلغا يېقىن كۈتكەن بولسىمۇ، قوبۇل قىلىنالمىغانلىقى تۈپەيلىدىن قىرىمغا قايتىپ كەتكەن.

بىكەت ئەسكەرتمىسى

دىققەت:

1- بېكىتىمىزگە يوللانغان ئېلكىتابلارنىڭ بارلىق ھوقۇقى ئەسلىي ئاپتورى ياكى مۇناسىۋەتلىك نەشرىياتقا تەۋە: «نەشر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىندى» دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
2- بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن ئېلكىتابلارنى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ كىرىم مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشى توغرا ئەمەس ۋە بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئالمايدۇ.

3-بېكىتىمىزگە تامغۇسى بىلەن يوللانغان كۆپىنچە كىتابلارنىڭ تامغۇسىز ۋە سۈزۈك نۇسخىسى بىزدە مەۋجۇت بولۇپ، تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ ئەسلىي نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ.
4-تور بەت ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئالاھىدە قوغدىلىدۇ.
5- قولىڭىزدا خەلقىمىز بىلەن ئورتاق پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ياخشى ماتېرىياللار ياكى ئېلكىتابلار بولسا، بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ، ئاۋۋال ئۇيغۇر كىتابتا بار يوقلۇقىنى ئىزدىۋەتكەندىن كېيىن بىزدە بولمىغان كىتابلارنى مۇناسىۋەتلىك تۈرگە يوللىۋېتىڭ ياكى uyghurkitap@outlook.com ئارقىلىق بىزگە يوللاپ بىرىڭ.
6- مۇمكىن قەدەر كىتابخانىدىن ئەسلىي نۇسخا كىتابنى سېتىۋېلىپ ئوقۇڭ.
ھۆرمەت بىلەن:
http://www.uyghurkitap.com
ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتى
ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ يېڭى ئادرېسى

ئىنكاسلار
ئىنكاس يوللاش