ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم, ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتىگە خۇش كەپسىز
تەپسىرلەر دۇردانىسى (سەفۋەتۇتتەفاسىر-صفوة التفاسير)-2
ساقلىۋېلىش
كىتاب ئىسمى تەپسىرلەر دۇردانىسى (سەفۋەتۇتتەفاسىر-صفوة التفاسير)-2
كىتاب ئاپتورى مۇھەممەد ئەلى سابۇنىي-محمد على الصابوني
تۈرى مەشھۇر شەخىسلەر
تەرجىمە قىلغۇچى ئا.ئاقھۇن؛ مۇھەممەد يۈسۈپ مۇھەممەد تۇرسۇن؛ ئى. مۇھەممەد ئىمىن
تۈزگۈچى
كىتاب ھەجمى ‎4 MB  
بەت سانى 367
ھۆججەت شەكلى PDF
تورغا يوللىغۇچى ئۇيغۇر كىتاب
نەشر قىلغان ئورۇن تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى
نەشر قىلىنغان ۋاقتى
كىتاب تىلى ئۇيغۇرچە
كۆرۈلىشى: 351
تورغا يوللانغان ۋاقتى: ‎2022-05-15 22:52:45
چۈشۈرۈش
كىتاب ھەققىدە


سالام كىتابخان!
قۇرئان كەرىمنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا ساھابىلەرگە ئۆزى ئىزاھاپ چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. زاماننىڭ ئۆتۈشى بىلەن قۇرئان كەرىمنى ئىزاھاتچۈشەندۈرۈش ئېھتىياجى تۇغۇلدى، شۇنىڭ بىلەن ساھابىلەر كىتابۇللاھنى ئىزاھاپ تەپسىر قىلىشقا باشلىدى. قۇرئان كەرىمنى ئەڭ كۆپ تەپسىر قىلغان ساھابىلەر ئەبۇ بەكرى سىددىق، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب، ئوسمان ئىبنى ئەففان ۋە ئەلى ئىبنى ئەبۇ تالىپ، ئىبنى مەسئۇد، ئىبنى ئابباس،ئابدۇلاھ ئىبنى زۇبەير رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمار ئىدى. ئاندىن ساھابىلەردىن كېيىن كەلگەن تابىئىنلەر كىتابۇللاھنى تەپسىر قىلىشتى. شۇندىن باشاپ قۇرئان كەرىمنى تەرجىمە ۋە تەپسىر قىلىش ئىشى ھەر قايسى ئەللەردە بۈگۈنچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە.
قۇرئان كەرىم نازىل بولۇپ، 14 – ئەسىر ئۆتكەندىن كېيىن، كىتابۇللاھنىڭ تۇنجى ئۇيغۇرچە تۇلۇق تەرجىمىسى 1986 - يىلى ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئالىمى مۇھەممەد سالىھ دامولام تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنىپ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى بىلەن يۈز كۆرۈشتى. گەرچە قاراخانىيار زامانىسىدىن باشاپ، 20– ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان دامولام، شەمسىددىن دامولام، سابىت داموللاملارغىچە قۇرئان كەرىمنى تەرجىمە ۋە تەپسىر قىلىشقان بولسىمۇ بۇ تەرجىمە ۋە تەپسىرلەرنىڭ ھېچ بىرى نەشر قىلىنىپ، جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۆرۈشەلمىگەن. قۇرئان كەرىم ئەسىرلەردىن بۇيان مەسجىد، مەدرىسىلەردە ۋە جامائەت سورۇنلىرىدا ئۆلىمالار تەرىپىدىن ئاغزاكى تەرجىمە ۋە تەپسىر قىلىنىپ كېلىنگەن بولسىمۇ، مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ تەرجىمىسى بارلىققا كەلگەنگە قەدەر قۇرئان كەرىمنىڭ ئۆز تىلىمىزدا تەرجىمە ياكى تەپسىرى بولماي كەلگەن. تارىخ 21 – ئەسەرگە قەدەم قويۇشى بىلەن يەنى 2011 – يىلى ئىسام دۇنياسىدا ئەڭ مۆتىۋەر تەپسىر ھېسابلانغان «تەپسىرى قۇرئان ئەزىم » )تەپسىرى ئىبنى كەسىر دەپ مەشھۇر بولغان( تەپسىرنىڭ قىسقارتىلغان نۇسخىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئىستانبۇلدا ئۇيغۇر تەرجىمە مەركىزى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئۇنىڭدىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن مۇددەت ياشاپ ئۆتكەن ئۆزبېك ئالىمى مۇھەممەد زەرىپ قارىھاجى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا يېزىپ قالدۇرغان قۇرئان كەرىم تەپسىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا ئاغدۇرۇلۇپ، 2018 - يىلى سۇتۇق بۇغراخان نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. يەنە 2018 – يىلىدىن باشاپ مۇھەممەد ئەلى قارىھاجىم تەرىپىدىن ئۆزلەشتۈرۈپ تەرجىمە قىلىنغان «تەپسىرى شەئراۋى »نىڭ 1 – 2 – 3 – جۈزئىلىرى نەشر قىلىندى، ئىنشائاللاھ قالغان قىسىملىرىمۇ تاماملانغۇسى. قولىڭىزدىكى مەزكۇر تەپسىر ‐ «تەپسىر دۇردانىلىرى » ئىسام دۇنياسىدا تۇنۇلغان ئالىم مۇھەممەد ئەلى سابۇنى تەرىپىدىن 1970 – يىللىرى يېزىلغان «سەفۋەتۇتتەفاسىر » ناملىق تەپسىرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەزكۇر تەپسىرنىڭ ئەرەبچىسى ئىسام دۇنياسىدا كەڭ تارقالغان، نۇرغۇن مەكتەپ ۋە مەدرىسىلەردە دەرسلىك قىلىنغان، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگىمۇ تونۇشلۇق ئىدى. باشقا تىللارغىمۇ تەرجىمە قىلىنغان. مەزكۇر تەپسىرنىڭ تەرجىمىسى بۇنىڭدىن ئون ئىككى، ئون ئۈچ يىل بۇرۇن تاماملانغان بولسىمۇ، نەشر قىلىنىشى بۈگۈن نېسىپ بولغان ئوخشايدۇ.مەزكۇر تەپسىرنىڭ نەشر قىلىنىشىنىڭ مۇنداق ئۇزۇن كېچىكىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى بىرىنچىدىن، مەزكۇر تەپسىر ئۈچ -تۆت كىشى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولغاچقا، ئۇسلۇپ ۋە ئاتالغۇلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە تەھرىرلەش جەھەتتىكى قىينچىلىق، ئىككىچىدىن، ۋاقىتنىڭ قىسلىقى، ئادەم كۈچىنىڭ ئازلىقى، ئۈچىنچىدىن، ئىقتىسادىي مەنبەنىڭ كەملىكى قاتارلىق ئامىلار سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن.
مەزكۇر تەپسىرنىڭ مۇئەللىپى مۇھەممەد ئەلى سابۇنى 1930 – يىلى سۈرىيەنىڭ ھەلەب شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن، قۇرئان كەرىمنى تولۇق يادلاپ، 1952 – يىلى ئەزھەر ئالىي بىلىم يۇرتىنىڭ شەرىئەت فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن. تەپسىر، ھەدىس ۋە قۇرئان ئىلىملىرى ھەققىدە 57 پارچە كىتاب يازغان. سۈرىيە ئۆلىمالار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1962 – يىلىدىن باشاپ مەككىدە ئالى بىلىم يۇرتلىرىدا 30 يىل ئۇستاز بولغان. كېيىن مەككىدىكى «دۇنيا ئىسام ئىتتىپاقى »دا مەسلىھەتچى بولغان. 2007 – يىلى ئىسامغا قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرىپىدىن دۆلەت مۇكاپاتى بېرىلگەن. 2018 – يىلى ئائىلىسى بىلەن تۈركىيەگە كۆچۈپ كېلىپ تۈرك پۇقراسى بولغان. مۇھەممەد ئەلى سابۇنى 2021 – يىلى 3 – ئاينىڭ 19 – كۈنى 91 يېشىدا ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان. مەرھۇم مۇھەممەد ئەلى سابۇنىنىڭ «ئىسام شەرىئىتىدە مىراس تۈزۈمى » ناملىق كىتابى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، 2012 - يىلى ئىستانبۇلدا تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان. خوش، يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، مەزكۇر تەپسىر بۇنىڭدىن ئون نەچچە يىل ئىلگىرى ئۈچ - تۆت كىشى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، قايتا – قايتا تەھرىرلىك ۋە كوررىكتورلۇقتىن ئۆتكۈزۈلگەن بولسىمۇ، يەنىا سەۋەنلىك ياكى غاپىللقتىن نۇرغۇن كەمچىلىك ھەتتا خاتالىقلار كۆرۈلۈشى مۇمكىن، كەڭ كىتابخانلاردىن ئۈمىدىمىز شۇكى، ئۇچراتقان ھەرقانداق خاتالىق ياكى كەمچىلىكلەرنى كۆرسىتىپ بەرسە سەمىمىي رەھمەت ئېيتىمىز ھەمدە كېيىنكى نەشردە تۈزىتىپ كېتىدىغانلىقىمىزغا ئىشەنچىمىز كامىل.
ئەزىز كىتابخان!
سىلەر بۇ يىل يەنى 2022 – يىلى قولىڭىزلاردىكى مەزكۇر تەپسىردىن باشقا، پاكىستانلىق ئالىم سالاھىددىن يۈسۈپ دېگەن كىشىنىڭ ئۇردۇ تىلىدا يېزىپ چىققان «ئەھسەنۇلبايان » ناملىق تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا قىلىنغان تەرجىمىسىنى، يەنە پاكىستانلىق ئىسام مۇتەپەككۇرى، پاكىستان ئىسام جامائىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ۋە يېتەكچىسى ئىمام ئەبۇلئەئا مەۋدۇدىنىڭ «تەفھىمۇلقۇرئان » ناملىق تەپسىرىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى، مۇھەممەد يۈسۈپ قارىم تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ئون توملۇق «تەپسىر جەۋھەرلىرى » ناملىق تەپسىرنى، ھەممىدىن مۇھىمى شەھىد سەييىد قۇتۇبنىڭ «زىلالىلقۇرئان » ناملىق تەپسىرىدىن «ئەنئام سۈرىسى »نىڭ تەپسىرىنى ئوقۇغايسىلەر...! ئالاھ تەئالا ھەممىمىزنى قۇرئان كەرىم سايىسى ئاستىدا ياشاشقا نېسىپ قىلغاي، ئامىن

بىكەت ئەسكەرتمىسى

دىققەت:

1- بېكىتىمىزگە يوللانغان ئېلكىتابلارنىڭ بارلىق ھوقۇقى ئەسلىي ئاپتورى ياكى مۇناسىۋەتلىك نەشرىياتقا تەۋە: «نەشر ھوقۇقىغا دەخلى قىلىندى» دەپ قارىسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
2- بېكىتىمىزدىن چۈشۈرۈلگەن ئېلكىتابلارنى ھەر قانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ كىرىم مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇۋېلىشى توغرا ئەمەس ۋە بېكىتىمىز ھېچقانداق مەسئۇلىيەت ئۈستىگە ئالمايدۇ.

3-بېكىتىمىزگە تامغۇسى بىلەن يوللانغان كۆپىنچە كىتابلارنىڭ تامغۇسىز ۋە سۈزۈك نۇسخىسى بىزدە مەۋجۇت بولۇپ، تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭ پايدىلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ ئەسلىي نۇسخىسى تەمىنلىنىدۇ.
4-تور بەت ئەزالىرىنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئالاھىدە قوغدىلىدۇ.
5- قولىڭىزدا خەلقىمىز بىلەن ئورتاق پايدىلىنىشقا تېگىشلىك ياخشى ماتېرىياللار ياكى ئېلكىتابلار بولسا، بېكىتىمىزگە ئەزا بولۇپ، ئاۋۋال ئۇيغۇر كىتابتا بار يوقلۇقىنى ئىزدىۋەتكەندىن كېيىن بىزدە بولمىغان كىتابلارنى مۇناسىۋەتلىك تۈرگە يوللىۋېتىڭ ياكى uyghurkitap@outlook.com ئارقىلىق بىزگە يوللاپ بىرىڭ.
6- مۇمكىن قەدەر كىتابخانىدىن ئەسلىي نۇسخا كىتابنى سېتىۋېلىپ ئوقۇڭ.
ھۆرمەت بىلەن:
http://www.uyghurkitap.com
ئۇيغۇر كىتاب تور بېكىتى
ئۇيغۇرچە كىتابلارنىڭ يېڭى ئادرېسى

ئىنكاسلار
ئىنكاس يوللاش